ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
قايسى خىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە رېئاكسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ۋاقتى : 2017-09-08 14:57:01  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

    دېڭىز ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى: گەرچە دېڭىز ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەملىك بولسىمۇ، لېكىن ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا رېئاكسىيە قىلىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ماككېرېل بېلىقى، تۇننۇس بېلىقى، سالمون بېلىقى قاتارلىق گۆشى قىزىل بېلىق تۈرلىرى ۋە راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىق قاسراقلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە رېئاكسىيە قىلىدىغان ئېلېمېنت نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، ئۇنى قورۇپ ياكى پىشۇرۇپ يېگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئادەم بەدىنىگە رېئاكسىيە قىلىدىكەن. بۇلاردىن باشقا، دېڭىز ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاسانلا ئادەم بەدىنىگە رېئاكسىيە قىلىشى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ چىرىتكۈچى مىكرو ئېلېمېنتلار بىلەن يۇقۇملىنىپ، سېسىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
    كالا سۈتى: كالا سۈتى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىدا ئاسانلا ئادەم بەدىنىگە رېئاكسىيە قىلىدىغان چىرىتكۈچى ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، بوۋاقلار ۋە ياشلار – ئۆسمۈرلەرگە ئاسانلا تەسىر قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان بوۋاقلار كالا سۈتى ياكى سۈت تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىچكەندىن كېيىن ھۆل تەمرەتكە ياكى دەم سىقىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، ھەتتا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلاپ، قۇسۇش، قورسىقى ئاغرىش، غەلۋە قىلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. خەلقئارادىكى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاقلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىشى كالا سۈتىنىڭ بوۋاققا رېئاكسىيە قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. كالا سۈتى تەركىبىدىكى لاكتالبۇمىن ئەڭ كۈچلۈك رېئاكسىيە ئېلېمېنتى بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاينىتىپ بىر تەرەپ قىلىنسا، رېئاكسىيە قىلىش دەرىجىسى تۆۋەنلەيدىكەن.
    يەر ياڭىقى، سېرىق پۇرچاق، كۈنجۈت قاتارلىق مايلىق زىرائەتلەر: بۇ خىل مايلىق زىرائەتلەرنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، قەنت ماددىسى قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە رېئاكسىيە قىلىدىغان تەركىبلەر مول بولىدىكەن. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى % 5 كىچىك بالىغا يەر ياڭىقى رېئاكسىيە قىلىدىكەن، ھەر يىلى يېمەكلىك سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى %60 ئاغرىقنىڭ ئۆلۈمى يەر ياڭىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. كىلىنىكىلىق داۋالاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئادەتتە يەر ياڭىقى ئادەم بەدىنىگە بەكرەك رېئاكسىيە قىلىدىكەن. لېكىن يەر ياڭىقى، سېرىق پۇرچاق ۋە كۈنجۈتتىن ياسالغان مايلىق يېمەكلىكلەر پىششىقلاپ ئىشلەنسە، ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى نىسبەتەن تۆۋەنلەيدىكەن.
    تۇخۇم تۈرىدىكىلەر: تۇخۇم ۋە تۇخۇمدىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنىڭ ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەرگە بولغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدىكەن، ئادەتتە تۇخۇم ئېقىنىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرى كۈچلۈك، تۇخۇم سېرىقىنىڭ تەسىرى بىر قەدەر ئاجىز بولىدىكەن. بۇلاردىن باشقا بۆدۈنە تۇخۇمى، ئۆردەك تۇخۇمى، غاز تۇخۇمى قاتارلىقلارمۇ ئادەم بەدىنىگە رېئاكسىيە قىلىدىكەن. ئادەتتە تۇخۇمنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئۇزاق ۋاقىت پىشۇرغاندا، ئادەم بەدىنىگە رېئاكسىيە قىلىدىغان تەركىبلەرنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
    مەلۇم ئاشلىق تۈرىدىكى زىرائەتلەر: ئادەتتە بۇغداي، قوناق، ئارپا قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرمۇ ئادەم بەدىنىگە رېئاكسىيە قىلىدىكەن، بولۇپمۇ ئۇننىڭ تەركىبىدىكى كانا تىپىدىكى قۇرتلار ئادەم بەدىنىگە رېئاكسىيە قىلىدىغان ئاساسلىق تەركىبلەر بولۇپ، ئۇنى ئادەتتە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاينىتىش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
    قۇرۇق مېۋە تۈرىدىكىلەر: ياڭاق مېغىزى، ئۆرۈك مېغىزى، قارىغاي ئۇرۇقى، كاشتان قاتارلىقلار ئادەم بەدىنىگە ئاسان رېئاكسىيە قىلىدىكەن. ئادەتتە قۇرۇتۇلغان مېۋىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان رېئاكسىيەسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، دائىم ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
    مېۋە – چىۋە تۈرىدىكىلەر: ئادەتتە شاپتۇلنىڭ تەركىبىدىكى ئېلېمېنتلار ئادەم بەدىنىگە بەكرەك تەسىر قىلىدىغان بولۇپ، كالپۇكنىڭ سۇلۇق ئىششىپ قېلىشى، قىچىشىش، پۈتۈن بەدەن تېرىسى زەخىملىنىش، بوغۇزنىڭ سۇلۇق ئىششىپ قېلىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئالما، ئۈزۈم، ئەبنوس، بانان، ماڭگو، سىترۇس تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، ئۆرۈك، چىلان، بولو، بۆلجۈرگەن قاتارلىق مېۋە – چىۋىلەرنىڭ ئۇرۇقى ۋە پوستى ئادەم بەدىنىگە ئاسان رېئاكسىيە قىلىدىكەن. كۆپ قىسىم مېۋە – چىۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى رېئاكسىيە ئېلېمېنتلىرى ئىسسىقلىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، ئۇلار پىششىقلاپ ئىشلىنىپ قۇتىلارغا قاچىلانسا ياكى قۇرۇتۇلسا، ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلىدىغان تەركىبلىرى ئاجىزلايدىكەن.
    مەلۇم گۆش تۈرلىرى ياكى گۆشتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر: سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار (قوي، كالا) ۋە قۇشلار(توخۇ، غاز، ئۆردەك) ئادەملەرنىڭ ئاساسلىق گۆش مەنبەسى بولۇپ، بۇلارمۇ ئادەم بەدىنىگە رېئاكسىيە قىلىدىكەن، بولۇپمۇ سۈپىتى بۇزۇلغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن گۆش ۋە گۆش مەھسۇلاتلىرى ئادەم بەدىنىدە بەكرەك ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىكەن، ئېغىر بولغاندا ھەرخىل كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
    مەلۇم كۆكتاتلار: ئادەم ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. مەسىلەن، پەمىدۇر، بەرەڭگى، كۈدە، سەۋزە، كەرەپشە قاتارلىق كۆكتاتلارنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قورۇپ يېگەندە، ئادەمگە تەسىر قىلىدىغان رېئاكسىيە تەركىبىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
    ئالاھىدە تەمگە ئىگە يېمەكلىكلەر: غولپىياز، سامساق، مۇچ، باشپىياز، زەنجىۋىل، تەم تەڭشىگۈچلەرنىڭ تەركىبىدىمۇ ئادەم بەدىنىگە رېئاكسىيە قىلىدىغان تەركىبلەر بولىدىكەن.
    باشقا يېمەكلىكلەر: قەھۋە، شاكىلات، پىۋا، ھاراق، ھەسەل، گۈل چېڭىدىن ياسالغان ساغلاملىق بۇيۇملىرى قاتارلىقلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلىدىغان رېئاكسىيە تەركىبلىرى بولىدىكەن.
يېمەكلىك خۇرۇچلىرى: تۇرمۇش رىتىمىنىڭ بارغانسېرى تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، تەييار تاماق ۋە باشقا يېمەكلىكلەر كىشىلەر دائىم سېتىۋالىدىغان مەھسۇلاتقا ئايلاندى. لېكىن بۇ خىل يېمەكلىكلەرگە ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىدا يېمەكلىك خۇرۇچلىرى، چىرىشتىن ساقلىغۇچى خۇرۇچ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى خۇرۇچلار كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا رېئاكسىيە قىلىدىكەن.