ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
نېمە ئۈچۈن نەم كۆمۈر قۇرۇق كۆمۈرگە قارىغاندا ياخشى كۆيىدۇ؟
ۋاقتى : 2017-08-29 12:50:44  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   نەم كۆمۈرنىڭ قۇرۇق كۆمۈرگە قارىغاندا ياخشى كۆيۈشىدىكى سەۋەب نەم كۆمۈردىكى سۇ مولېكۇلاسىدا بىر دانە ئوكسىگېن ئاتۇمى بىلەن ئىككى دانە ھىدروگېن ئاتۇمى بار، سۇ چوغدەك قىزىق كۆمۈر بىلەن ئۇچراشقاندا، سۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھالىتىدىكى كۆمۈر بىلەن رېئاكسىيەلىشىدۇ – دە، كاربون چالا ئوكسىد بىلەن ھىدروگېن گازى ھاسىل قىلىدۇ. كاربون چالا ئوكسىد بىلەن ھىدروگېن گازىنىڭ ھەر ئىككىلىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆيۈشچان گاز. بۇنىڭ ئىچىدە ھىدروگېن گازىنى راكېتا يېقىلغۇسى، كەپشەرلەش، ئاپتوموبىل يېقىلغۇسى قاتارلىق ساھەلەردە ئۈنۈملۈك يىقىلغۇ گازى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بىراق كۆمۈر بەك نەم بولۇپ كەتسە، كۆمۈر يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھالىتىدىكى كۆيۈش ھالىتىگە يەتمەيدۇ – دە سۇ بىلەن تەسىرلىشىپ كاربون چالا ئوكسىد بىلەن ھىدروگېن گازىنى ھاسىل قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەك نەم كۆمۈر ياخشى كۆيمەيدۇ. نەم كۆمۈرنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھالىتىدىكى كۆمۈر چۇغىغا سالغاندىلا ئاندىن ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.
   سانائەتتە نەم كۆمۈرنىڭ قۇرۇق كۆمۈرگە قارىغاندا ياخشى كۆيۈش پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، سۇ ھورىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھالىتىدىكى چوغدەك قىزىق كۆمۈر قاتلىمىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كاربون چالا ئوكسىد بىلەن ھىدروگېننىڭ ئارىلاشما گازىغا، يەنى سۇ – كۆمۈر گازىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. سۇ – كۆمۈر گازى سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم گاز يېقىلغۇسى بولۇپلا قالماي خىمىيە سانائىتىنىڭمۇ مۇھىم خام ئەشياسىدۇر. مېتىل ئىسپىرت ئادەتتە شۇلاردىن ياسىلىدۇ.