ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
ئېكراندىن يۇقۇملىنىش
ۋاقتى : 2017-08-24 16:45:33  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد ۋە پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلانغان ئېكران ئەسەرلىرى كىنو – تېلېۋىزىيە، تورلارنىڭ جەلپكارلىقى گېزىت – ژۇرنال، كىتاب – ماتېرىياللارنىڭكىدىن ئاشماقتا. بۇنداق ئەسەرلەر كىشىلەرنى ھۇزۇرلاندۇرۇش، ئېستېتىك تۇيغۇ بەخش ئېتىش، تەربىيەلەش مەقسىتىگە يېتىشتە زور ئۈنۈم ياراتقان بولسىمۇ، ئانچىكىم ئىشلار قاتارىدا سەل قارىلىۋاتقان بەزى سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ نازۇك، ئىنچىكە تەرەپلىرىدىكى ئەكس تەسىرى كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرىنى مۇنداق يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
    1 . ‹‹سىزنى سۆيىمەن››. يېقىنقى نەچچە يىل مابەينىدە ئېكران ئارقىلىق ئەل – ئاۋام بىلەن يۈز كۆرۈشۈۋاتقان تەرجىمە فىلىملەر، ئانا تىلىمىزدا ئىشلەنگەن بىر قىسىم كىنو – تېلېۋىزىيە ۋە تور ئەسەرلىرىدە كۆپرەك ئۇچرايدىغان، بولۇپمۇ يات جىنىسلىقلار ئارا مۇناسىۋەتتە كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ‹‹سىزنى سۆيىمەن›› دېگەن ئىبارە ۋە شۇنداق مەنىدىكى ھەرىكەتلەر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئەجىر قىلغان سەنئەتكارلارنىڭ نەزەرىدە تولىمۇ جايىدا قوللىنىلغاندەك قىلغىنى بىلەن، بۇ ئەسەردىن بەھرىلەنگۈچىلەرنى ئىختىيارسىز ئۇيالدۇرىدۇ. بۇ ھەقتىكى ھاياسىز، بىمەنە ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى دېمەي تۇرايلى. تىلىمىزدا ‹‹ياخشى كۆرۈش، سۆيۈش›› دېگەن سۆزلەر بىر – بىرىگە مەنىداش سۆزلەر. بىراق، مەنىداشلارنىڭ كونكرېت مەنىلىرىدە ئىنچىكە پەرق بار. ‹‹ياخشى كۆرۈش›› دېگەن سۆز‹‹خۇش كۆرۈش، ئامراق بولۇپ قېلىش، كۆنۈپ قېلىش، ياقتۇرۇش...›› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرسە، ‹‹سۆيۈش››دېگەن سۆز شۇنداق مەنىلەرنى بىلدۈرگەندىن باشقا، يەنە ‹‹مۇھەببەت ياكى ھۆرمەت ئىزھار قىلىش يۈزىسىدىن لەۋنى بىرەر كىشىنىڭ لەۋ، قول، يۈز ياكى بىرەر يېرىگە تەگكۈزمەك›› دېگەن مەنىسىمۇ بولۇپ، تىل ئادىتىمىزدە شۇنداق مەنە بويىچە قوللىنىش ئومۇملاشقان.
    كىشىلىك مۇئامىلىدە پەردىشەپلىك بولۇش ھۆرمەت ۋە ئىززەت تېپىشنىڭ ئاساسى دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق نازۇك تۇيغۇنى غەيرىي تەسىرلەرنىڭ زەخمەتلىرىدىن ساقلاش ئارقىلىق ئىپپەت ئاڭلىقلىقىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ. ئېكران ئەسەرلىرىدە قانداقتۇر مەنىداش سۆزلەرنىڭ بۇنداق ئىنچىكە تۈس مەنىسى ئېتىراپقا ئېلىنماي، چوڭ – كىچىك، ئەر – ئايال، قىز – ئوغۇللارنىڭ تىلىدا بىر خىل ئىپادىلىنىدىغان ‹‹سۆيۈش›› سۆزى خەلقىمىزنىڭ ئەخلاق ۋە ھايانى گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدىغان ئادىتىگە زىت. بىر قىسىم سەنئەتكارلارنىڭ بۇنداق نازۇك مەسىلىلەرگە پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولۇشىنىڭ تەسىرىدە ‹‹سۆيۈش›› سۆزىنىڭ ‹‹ياخشى كۆرۈش›› دېگەن مەنىسىدىن كۆرە‹‹لەۋنى ئۆزئارا تەگكۈزۈش››دېگەن مەنىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە قانداق بولغىنى؟! ‹‹سۆيۈش›› سۆزى تىل لۇغىتىمىزدە مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما زۆرۈر بولمىغاندا نازۇك تۇيغۇنى غىدىقلايدىغان بۇنداق سۆزنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن كۆرە، شەرم – ھايانى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىپ، يەنىمۇ يېقىشلىق ئىبارىلەر بىلەن شۇنداق مەنىنى ئىپادىلەشكە ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى تامامەن ئىمكانىيەت بېرەلەيدۇغۇ!؟
    2 . ‹‹ئۆلتۈرۈۋېتىمەن››. رازۋېدكا ۋە ئۇرۇش تېمىسىدىكى كىنو – فىلىملەردە ئۆزى ۋە باشقىلارنى ئۆلتۈرۈش، شۇ قاتاردا بۇنداق مەنىدىكى سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ ئىپادىلىنىشى ئەسەر مەزمۇنىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن. ئەمما ئادەتتىكى تۇرمۇش تېمىسىغا بېغىشلانغان فىلىم – ئەسەرلەردە ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ئەھۋالدىمۇ زورلاپ كىرگۈزۈلگەن ‹‹سېنى ئۆلتۈرۈۋەتمەيدىغان بولسام››، ‹‹مېنى ئۆلتۈرۈۋەت››، ‹‹ئۆلۈپ بېرىمەن›› دېگەندەك سۆزلەر ۋە ئۆلۈش، ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىھۇدە قىلىقلار كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ.
    ئىنساننىڭ ئۆمرى، ھاياتى شۇنچىلا قەدىرسىزمۇ؟ بۇنداق سۆز – ھەرىكەتلەر ئۇزاق مۇددەت ئۆزئارا دۈشمەنلەشكەن كىشىلەرگە قارىغاندا بىر – بىرى بىلەن ئانچە زىددىيىتى بولمىغان ئادەملەر، ھەتتا ئاتا – ئانا بىلەن بالا، ئەر – ئايال، قېرىنداشلار ئارىسىدا كۆرۈلىدۇ. كۆڭلى – كۆكسىنى سەللا كەڭ قىلسا، سىردىشىش، كۆيۈنۈش، چۈشىنىش ئارقىلىق تامامەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئۇششاق ئىشلار ئەركە كۆندۈرگەن بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان سېلىشى ياكى تەربىيە ئاڭلىماسلىقى، ئەر – ئاياللارنىڭ ئىنچىكە ئائىلىۋى زىددىيەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلالماسلىقى، قېرىنداشلار ئارا مىراس ئۈلىشىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش تالاش – تارتىشلاردا بىر – بىرىنى قايىل قىلالماسلىق... قاتارلىقلاردىكى تەمكىنلىك، ئېغىر بېسىقلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ھالقىلىق پەيتلەردە زەردىسىنى باسالمىغان ئاتا – ئانا بىلەن بالا، ئەر – ئايال ۋە قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئارا بىر – بىرىگە يەڭگىلتەكلىك بىلەن قىلىدىغان ئەدبگە زىت قىلمىشلىرى بىر تەرەپتىن ئەسەرنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى تۆۋەنلىتىپ، بەھرىلەنگۈچىلەرنىڭ ئېستېتىك تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئەسەر پېرسوناژى ۋە ۋەقەنىڭ چىنلىق خاراكتېرىگە نۇقسان يەتكۈزۈسە، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ نورمال پىسخىك كەيپىياتىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ، ھاياتنى قەدىرلەش، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئەپۇچان بولۇش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تەمكىن، ئېھتىياتچان، ئېغىر بېسىق بولۇش، مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدە ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي بولۇپ، مۇۋاپىق ئەھۋالدا يول قويۇشتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلەتنى تەكىتلەشنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئۆلۈم ھەركىم ئۈچۈن مۇقەررەرلىك. ئەمما، ئادەم بىر كۈن ياشىغانىكەن، شۇ بىر كۈنلۈك ھاياتىنى قەدىرلىشى كېرەك. ئۆزىنىڭلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ ھاياتىغا، ھايات ھەققىدىكى نازۇك تۇيغۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. كىشى ئۆز ھاياتىنىڭ قىممىتىنى چۈشەنگەندىلا ئۆزگىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ قىممىتىنى چۈشىنەلەيدۇ ھەم ئۇنى ئېتىبارسىز قالدۇرىدىغان بىمەنە ۋە قاباھەتلىك سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    3 . ‹‹پۇل بەرسەڭ...››. ھازىرقى ۋاقىتتا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ‹‹ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالسام مۇنچىلىك پۇل بېرىسەن؟››، ‹‹ئۆي ئىشىنى قىلىپ بەرسەم ئانچىلىك پۇل بېرىسەن؟›› دەيدىغان سودا تۈسىدىكى تەلەپلىرىدىن ئاغرىنىدۇ. بەزىلىرى ئامال بار بالىلىرى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ قويماسلىق، بالىلارنى گەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن شۇنداق سودا تۈسىدىكى مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ بەزىلىرىگە ئاتا – ئانا ئۆزلىرى سەۋەبچى بولسا، يەنە بەزىلىرىگە ئېكران ئەسەرلىرى سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ.     پۇلدار ئادەمدىن نەپ ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بالىسى ياكى ئائىلىسىدىكى مەلۇم بىرىنى تۇتقۇن قىلىۋېلىپ، يۇقىرى سوممىلىق پۇل تەلەپ قىلىش، قىتىغۇر كىشىلەر قانداقتۇر يامان غەرەز بىلەن بىر – بىرىنى يوشۇرۇن قەستلەپ ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە پۇل بېرىپ ئادەم ياللاش، ئەر – ئاياللار بىر – بىرىنىڭ سىرتتىكى ئىشلىرىنى بىلىپ قارشى تەرەپنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ئۇنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش ياكى نىكاھ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىگە يېتىش غەرىزىدە پۇل خەجلەپ، باشقىلارنى ئىشقا سېلىش...دېگەندەك پۇلنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىشقا ئاشىدىغان ئىنسابسىزلىق، نامەردلىك قىلمىشلىرى ئېكراندا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈۋاتىدۇ. بۇنداق ناچار قىلىقلاردىن ئىبرەت ئالىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانچە جاپا تارتماي كۆپ پايدىغا ئېرىشىدىغان بۇنداق ‹‹ياخشى ھۈنەر›› بەزىلەر ئۈچۈن كەسىپ سۈپىتىدە جان بېقىشنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئۈلگىگە ئايلاندى. ھەممە ئىش ئادەمنىڭ نىيىتىگە باقىدىغان بولغاچقا، ئۇنداقلار ئۈچۈن ئازغىنا نەپ چىقىدىغان پۇرسەتلەر باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇپ، ئەر – ئاياللارنى تۇل، بالىلارنى يېتىم قىلىدىغان، قېرىنداشلارنى ياتلاشتۇرىدىغان، ئىناق دوستلار ئارىسىغا دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچىدىغان، نورمال كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى كىشىلەرنى بىر – بىرىگە ئۆچلەشتۈرىدىغان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلدى.
    ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ‹‹سودا››نىڭ مەنىسى ۋە ئاقىۋىتىنى بىلمەيدىغان ساددا، سەبىي بالىلارنىڭ ئېڭىدا بۇنداق ‹‹مۇكاپات››لىق ئۇسۇل ‹‹پۇل ھەممىگە قادىر›› دەيدىغان بىر تەرەپلىمە تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، ئۇلاردا ياخشى – ياماننى ئايرىمايدىغان، ئۆزىنىڭ ئەقەللىي مەجبۇرىيىتىنى تونۇمايدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمايدىغان، مېھىر – مۇھەببەتكە ئېتىبار بەرمەيدىغان، شەخسىيەتچى، مەنپەئەتپەرەس مىجەزنى بىخلاندۇرۇپ قويىدۇ. مەيلى چوڭلار ياكى بالىلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقنىڭ قايسىسى مۇھىملىقى ھەققىدىكى مۈجمەللەشتۈرۈۋېتىلگەن تونۇش ئاخىرى ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا، ئېكران ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقارغۇچىلار ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ھەر تەرەپلىمە شەخسىي مەنپەئەتىنىلا ئويلىماستىن، ئەسەرلىرىنىڭ جەمئىيەت ۋە خەلققە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ئومۇمىي مىللەت كىشىلىرىنىڭ پىسخىك ساپاسى ۋە ئېھتىياجىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئويلاشقىنى تۈزۈك.