ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
نېمە ئۈچۈن تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز؟
ۋاقتى : 2017-08-14 12:54:58  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   كاربوننىڭ ھاۋاغا كۆپلەپ قويۇپ بېرىلىشى يەر شارىنى ئىللىتىۋېتىدۇ، يەنى پارنىك ئېففىكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنسانلار ياشاۋاتقان يەر شارى ئالەمدىكى ئالاھىدە پىلانت بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ‹‹يوتقىنى›› بار، ئۇ بولسىمۇ ئاتموسفېرا چەمبىرىكىدۇر. ئۇنىڭ ئىچىدە بەلگىلىك مىقداردا كاربون (Ⅳ ) ئوكسىدى، مېتان، نىتروس ئوكسىدى ۋە پار بار. ناۋادا بۇ ‹‹يوتقان›› بولمىسا، يەر شارى يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 18 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ. بۇ ‹‹يوتقان›› بولغاچقا، ئاتموسفېرا چەمبىرىكىدىكى قىسقا دولقۇنلۇق رادىياتسىيەنىڭ ئىسسىقلىقى ئۇزۇن دولقۇنلۇق رادىئاتسىيە ئارقىلىق قايتۇرۇلغاندا، پارنىك گازلىرى تېمپېراتۇرىنى يۇقىرىلىتىپ، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنى نۆلدىن يۇقىرى 15 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ساقلايدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان تېمپېراتۇرادۇر.
   ناۋادا بۇ يوتقان بەك ‹‹قېلىن›› بولسا، يەنى پارنىك گازلىرىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كەتسە، يەر شارى ئىللىپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا:
   تومۇز ئىسسىق بولىدۇ
   ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ھازىر يەر شارى تېمپېراتۇرىسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرىلاۋېتىپتۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاپ، ئىسسىق دولقۇن كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ناۋادا يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىش مەسىلىسى ۋاقتىدا تىزگىنلەنمىسە، ئىسسىق دولقۇن تېخىمۇ كۆپ پەيدا بولىدىكەن.
   مۇزلۇقلار ئېرىپ كېتىدۇ
   دۇنيادىكى مۇزلۇقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېرىپ كېتىدۇ. بۇ مۇزلۇقلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ (مەسىلەن: شىمالىي قۇتۇپتىكى شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ) ئېرىش سۈرئىتى تېزراق بولىدۇ. شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ ئېرىپ كېتىشى يەر شارىنىڭ كېلىماتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   كەلكۈن كېلىدۇ
   يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى بىلەن ھۆل – يېغىن مىقدارى كۆپىيىپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن رايونلاردا ئەتىياز ۋە باش يازدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىدۇ.
   تۈرلەر تېزلىكتە ئازىيىدۇ
   يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى ئوخشىمىغان تۈرلەر ئارىسىدىكى مىكرو تەڭپۇڭلۇق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى نۇرغۇن تۈرلەر كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ نەسلى ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتتى.
   قارا بوران چىقىدۇ
   يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 5~4 بال قارا بوراننىڭ كۆرۈلۈش سانى ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالىملار قارا بوراننىڭ كۈنسېرى زورىيىۋاتقان بۇزغۇنچىلىق كۈچى يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشماقتا. يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقات مۆلچەرىگە قارىغاندا، يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى قارا بوراننىڭ تەھدىت كۈچىنى بەش دەرىجىلىك دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى ئاساسىدا يەنە يېرىم دەرىجە يۇقىرىلىتىۋېتىدىكەن.
   تۇپراق قۇرغاقلىشىدۇ
   ئاتموسفېرادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كىلىمات ئىللىپ كېتىش بىلەن بىللە، تۇپراقتىكى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى تېزلىشىپ، تۇپراقنىڭ قۇرغاقلىشىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ مۆلچەرىچە، ھازىرقى ھالەت ئۆزگەرمىسە، كەلگۈسى 50 يىلدا ئامېرىكىنىڭ بىپايان تېرىقچىلىق رايونلىرىنىڭ تۇپرىقىدىكى سۇنىڭ %35 ى ئېقىپ كېتىدىكەن. باشقا تۈرلۈك ناچار ئاقىۋەتلەر تېخى ھېسابلانماپتۇ. شۈبھىسىزكى، قۇرغاق تۇپراقتا كۆكتاتلارنىڭ سۇ تەركىبى ئازىيىش، زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلى كېمىيىش، ئوت ئاپىتى كۆپىيىش قاتارلىقلار ئاسان يۈز بېرىدۇ، ئالىملار يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ناۋادا بىز ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇلغىمىلارنى تىزگىنلىمىسەك، ئاتموسفېرادىكى كاربون(Ⅳ) ئوكسىدى مىقدارى ناھايىتى تېزلا ئىككى ھەسسىدىن كۆپىيىپ تۆت ھەسسىگە يېتىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا تۇپراقتىكى %60 سۇ پارلىنىپ كېتىدۇ.
   بۇلاردىن باشقا، يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى بەزگەك، قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى ۋە دېنگې قىزىتمىسى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.