ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
غەلىتە ئەينەكلەر
ۋاقتى : 2017-07-31 12:30:56  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   يورۇقلۇق ساقلىيالايدىغان ئەينەك
    ياپونىيە سۇمىتومو ئوپتىكىلىق ئەينەك شىركىتى يېقىندا يورۇقلۇق ساقلىيالايدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئەينەكنى ياساپ چىققان. يورۇقلۇق دەستىسى ئەينەك يۈزىگە چۈشكەندە، ئەينەك يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى يىغىۋېلىپ، ئاندىن ساقلىۋالغان يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى خېلى ئۇزاققىچە يورۇقلۇق چىقىرىش شەكلىدە ئاستا – ئاستا قويۇپ بېرىدىكەن. بۇ ئەينەك ئەمەلىيەتتە ئوكسىدلىق ئەينەك بولۇپ، ئۇ ئادەتتە خام ئەشياغا مەلۇم مىقداردا سىنك سۇلفات، ئاز مىقداردا مىس ۋە رادىياكتىپلىق ئېلېمېنت رادىي بىلەن پىرومېتىينى قېتىپ، ئالاھىدە مۇھىتتا قوغداپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ياسالغانىكەن. بۇنداق ئەينەككە سىمابلىق لامپا ئارقىلىق 30 مىنۇت ئەتراپىدا يورۇقلۇق چۈشۈرگەندە، سۇس كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق چىقىرىدۇ ھەم سىجىل يورۇقلۇق چىقىرىش ۋاقتى ئادەتتە 12 سائەتتىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر ئىنفرا قىزىل نۇر ئارقىلىق يورۇتۇلسا، رادىئاتسىيەلەنگەن ھالەتتىكى كۈچلۈك يېشىل نۇرچىقىرىش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ. نۆۋەتتە بۇنداق ئەينەك ھەر خىل خاتىرىلەش ماتېرىياللىرىنى ياساش، ئۆي ئىچىدىكى قاراڭغۇ ئورۇنلارغا بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا ئىشلىتىلگەندىن سىرت، يەنە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ھەر خىل ئەسلىھەلەرنى ياساشتىمۇ ئىشلىتىلمەكتە.
    ئۆزىنى ئۆزى تازىلىيالايدىغان ئەينەك
    ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى ئۆزىنى ئۆزى پاكىزلىيالايدىغان ھەم ئاسان تۇمانلىشىۋالمايدىغان ئەينەكنى ياساپ چىققان. بۇنداق ئەينەكنىڭ سىرتقى يۈزى ‹‹قوش ياقلىق نەملىنىشچان›› ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا سۇ ۋە مايدىن ئىبارەت ئىككى خىل سۇيۇق جىسىمنى چاپلاشتۇرالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئەينەك يۈزىگە سۇ تېگىش بىلەن سۇ پۈتۈن ئەينەكنىڭ سىرتقى يۈزىگە تەكشى تارىلىپ چېچىلىدۇ ھەم ئاسانلىقچە قايتا سۇ تامچىسى پەيدا بولۇۋالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۇ مايلىق بۇلغانمىلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ، ماي داغلىرىنى پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋېتەلەيدۇ،شۇڭا بۇ ئەينەكنى ئىسمى جىسمىغا لايىق ‹‹ئۆزىنى ئۆزى تازىلىيالايدىغان ئەينەك›› دەپ قاراشقا بولىدۇ.
    يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى سۈمۈرەلەيدىغان ئەينەك
    شىۋېتسارىيە خىمىيە ئالىمى ۋانكېر بىر خىل توك چىقىرالايدىغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئەينەكنى ياساپ چىققان. بۇ ئەينەك قوش قەۋەتلىك بولۇپ، ئىككى قەۋەت ئارىسىغا ئۇلترا نېپىز ھالەتتىكى بىرىكمە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بىرىكمە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغاندىن باشقا يەنە توك ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنىمۇ ھازىرلىغان. قۇياش نۇرى بۇنداق ئەينەك يۈزىگە چۈشكەندە، قوش قەۋەت ئارىسىدىكى بىرىكمىلەر يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى سۈمۈرۈپ، ئۇنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ زاپاس ساقلايدۇ. بۇنداق ئەينەككە پەقەت ئۆتكۈزگۈچ سىم ئۇلاپ قويۇلسىلا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يورۇتۇش ئېلىپ بارغىلى ياكى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە توك قاچىلىغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى تەجرىبە نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر كىۋادرات مېتىرلىق قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئەينەك 150 ۋاتلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ھاسىل قىلالايدىكەن.
    رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئەينەك
يېقىندا گېرمانىيەدىكى مەلۇم بىر شىركەت رەڭ ئۆزگەرتەلەيدىغان بىر خىل ئەينەكنى ياساپ چىققان. بۇنداق ئەينەكنىڭ سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت ئۇلترا نېپىز ھالەتتىكى ۋولفرام ئوكسىد ئارقىلىق ھەل بېرىلگەن، بۇ قەۋەتتىن تۆۋەن بېسىملىق توك ئۆتكەندە، ۋولفرام ئوكسىدنىڭ ئوكسىدلاش ھالىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئېلېكتر بىسىمىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئەينەكنىڭ رەڭگىنى پۈتۈنلەي سۈزۈك ھالەتتىن قېنىق كۆك رەڭ قاتارلىق كۆپ خىل رەڭلەرگە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئۆي سىرتىدىكى يورۇقلۇق زىيادە كۈچلۈك بولغاندا، ئەينەكنىڭ رەڭگى پەيدىنپەي قېنىقلىشىپ، بىر تەرەپتىن ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنىڭ زىيادە ئۆرلەپ كېتىشتىن ساقلانغىلى ھەم كومپيۇتېر، تېلېۋىزور ئېكرانى قاتارلىقلارنىڭ ئادەمنىڭ كۆزىگە كەلتۈرىدىغان رادىياتسىيەسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئۆي سىرتىدا يورۇقلۇق ئاجىز بولغاندا، بۇنداق ئەينەك يەنە پەيدىنپەي سۈزۈكلىشىپ، كۈچلۈك يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ. ئۆي – ئىمارەتلەرگە بۇ ئەينەك ئورنىتىلىپ يەككە پىلاستىنكىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ ئېلېكتىر كۈچى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلسە، ئەينەك تەبىئىي ‹‹ھاۋا تەڭشىگۈچ›› لۈك رولىنى ئوينايدىكەن. تەجرىبىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئېنېرگىيە تېجەش ئۈنىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا، بۇنداق ئەينەك ئۆي – ئىمارەت ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن كېتىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تېجەيدىكەن.