ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
2025-يىلى خىزمەتلەرنىڭ يېرىمىنى كومپيۇتېر ئىشلەيدىكەن
ۋاقتى : 2017-06-22 12:33:44  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بولغان CBRE شىركىتى ۋە جۇڭگو چىخاۋ شىركىتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا 2025 – يىلىغا بارغاندا ھازىرقى ئەمگەك كۈچى بازارلىرىدىكى خىزمەتلەرنىڭ يېرىمى كومپيۇتېرلارغا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقى سەۋەبلىك يوقىلىدىكەن، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشىنىڭ تىرىكچىلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خېرىدارلار مۇلازىمىتى، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر يوقىلىدىكەن. مەمۇرىيەت، سېتىش، مۇلازىمەت، ئاممىۋى قاتناش، قۇرۇلۇش، ۋاسىتىچىلىك ۋە ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدىكى خىزمەتلەرنى كومپيۇتېرلارنىڭ ئىگىلەپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن. دوكلاتتا ئېيتىلغان خەۋپلىك خىزمەتلەر: يان تېلېفون ئارقىلىق مال سېتىش، ئەۋرەز يولىنى تازىلاش، سائەت رېمونت قىلىش ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك بوغالتىرلىق قاتارلىقلار؛ بىخەتەر خىزمەتلەر: ئومۇرتقا ئۇۋۇلاش، ئۆي بېزەشنى لايىھەلەش، مودا كىيىم لايىھەلەش ۋە فوتوگرافلىق قاتارلىقلار ئىكەن.