ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى
ۋاقتى : 2017-06-13 12:39:24  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   دەرىجىدىن تاشقىرى يېمەكلىك
    يېقىندا ئەنگلىيەلىك كەشپىياتچىلار دەرىجىدىن تاشقىرى يېمەكلىكنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، بۇنداق يېمەكلىكنى بىر كۈندە پەقەت تۆت پىنت (تەخمىنەن 2.7 لىتىر) يەۋالسىلا باشقا يېمەكلىك يېيىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. بۇ يېمەكلىك ‹‹ئىنسان يېقىلغۇسى›› دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ سۇلۇ ئۇنى، باقىلە، گۈرۈچ ئاقسىلى، زىغىر ۋە ھەر خىل ۋىتامىنلاردىن ياسىلىدىكەن. ‹‹ئىنسان يېقىلغۇسى›› ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان بارلىق ئېنېرگىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا، بۇنداق يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغاندا كىشىلەرنىڭ تاماق ئېتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.
    ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىڭشىغۇچ
بۇنداق تىڭشىغۇچتا ئەڭ يېڭى ئىنفرا قىزىل نۇر ۋە كۆك چىش تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ يان تېلېفون بىلەن ئۇلانسىلا نەپەس ۋە يۈرەك سوقۇش ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار مۇكەممەل ھالەتتە يان تېلېفوندا ساقلىنىدىكەن ھەم APP ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالى دەسلەپكى قەدەمدە باھالاپ چىقىلىدىكەن، ئاندىن دوختۇرنىڭ دىياگنوز قويۇشىغا يوللاپ بېرىلىدىكەن.