ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
«زەرەتلەش لامپۇچكىسى» بارلىققا كەلدى
ۋاقتى : 2017-06-09 12:10:47  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

  يان تېلېفونىڭىزنىڭ توكى تۈگەپ قالغاندا زەرەتلىگۈچ ۋە روزېتكا ئىزدەمسىز؟ يېقىندا ئىسرائىلىيە ئالىملىرى ‹‹زەرەتلەش لامپۇچكىسى››نى تەتقىق قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ‹‹سىمسىز›› تۇرمۇشىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇردى.
ھازىر بار بولغان سىمسىز زەرەتلەش تېخنىكىسىدىن مەيلى ماگنىت ئىندۇكسىيە تېخنىكىسى بولسۇن ياكى ماگنىت رېزونانس تېخنىكىسى بولسۇن، ھەممىسىنىڭلا ئۈنۈملۈك زەرەتلەش ئارىلىقى قىسقا بولۇپ، ئەڭ يىراق ئارىلىقىمۇ ئارانلا نەچچە ئون سانتىمېتىرغا يېتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. ئەمما ئىسرائىلىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان تەقسىملەنمە ‹‹رېزوناتور››نى لامپۇچكىنىڭ ئىچىگە ئورنىتىپ قويۇشقا بولىدۇ، چىراغ ياندۇرۇلغاندىن كېيىن ئىشلەشكە باشلايدۇ. بۇنداق سىمسىز زەرەتلەش تېخنىكىسى Charge–Wi دەپ ئاتىلىپ، Fi–Wi غا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پەرقى شۇكى ئۇ تور ئۇلىنىشى بىلەن تەمىنلىمەستىن بەلكى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ.    ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق زەرەتلەش لامپۇچكىسىنىڭ ئۈنۈملۈك زەرەتلەش ئارىلىقى 4.5 مېتىرغا يېتىدىكەن، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر يورۇقلۇق چۈشىدىغان ئورۇنلارغا قويۇلسىلا، مەيلى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر خىزمەت ھالىتىدە بولسۇن ياكى ساقلاش ھالىتىدە بولسۇن ئوخشاشلا ئاپتوماتىك زەرەتلىنىش باشلىنىدىكەن.