ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
يوشۇرۇن ئىقتىدار تەرەققىياتىغا نەزەر
ۋاقتى : 2017-06-08 12:56:54  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   مېڭىنىڭ ئوخشىمىغان ئىقتىدارلىرىنىڭ ئوخشمىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىللىرى بولىدۇ، بەزى ئىقتىدارلارنى مېڭىنىڭ يېتىلىش جەريانىدىكى مۇئەييەن سەزگۈر باسقۇچلىرىدا بىر قەدەر ئاسان يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، بۇ مەزگىل ئۆتۈپ كەتسە ئۇنىڭ تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.
   بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش مەزگىلىدە مېڭىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولىدۇ. بۇ چاغدا ئالتە ياشلىق بالىنىڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى چوڭلار مېڭىسىنىڭ %90ىگە يېقىنلىشىدۇ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئادەم بەدىنىدىكى باشقا ئەزالارغا نىسبەتەن ئەڭ بالدۇر، ئەڭ تېز بولىدۇ.
   ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە تەتقىقاتچىسى بىرومونىڭ 1000 ئادەم ئۈستىدە 20 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ 17 ياش ۋاقتىدىكى ئەقلىي قابىلىيىتىنى %100 دېسەك، ئۇنىڭ %50ى تۆت ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللىنىدىكەن، %30ى تۆت ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللىنىدىكەن، قالغان قىسمى سەككىز ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە شەكىللىنىدىكەن. دېمەك بالىلىق دەۋردە ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشى ئەڭ تېز بولىدۇ، بەش ياش ۋاقىت تىل ۋە سان چۈشەنچىلىرىنى ئىگىلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە، مۇۋاپىق غىدىقلاش ۋە ياخشى تەلىم – تەربىيە بولمىسا، كېيىن ھەرقانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ مېڭىنىڭ بۇ يېتىلمىگەن ئىقتىدارىنى تولۇقلاش مۇمكىن ئەمەس.
   ئىقتىدار يېتىلىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى ھەر بىر ئادەمدە ھەر خىل بولىدۇ. ياشلىق دەۋردىن كېيىن مېڭىنىڭ يېتىلىشى ئاستىلايدۇ، لېكىن مېڭىنىڭ ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ. ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرى سىرتنىڭ تەسىرىنى كۈتۈپ تەرەققىي قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ.
   يوشۇرۇن ئىقتىدار كىشىلەرنىڭ پىسخىك جەريانىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىپادىلىنىشى بولۇپ، مول مەزمۇنغا ئىگە بولىدۇ. ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى گادىنا ئادەمدە يەتتە خىل يوشۇرۇن ئىقتىدار بولىدۇ، يەنى تىل يوشۇرۇن ئىقتىدارى، ماتېماتىكا، لوگىكا يوشۇرۇن ئىقتىدارى، بوشلۇق، كۆرۈش سېزىمى يوشۇرۇن ئىقتىدارى، مۇزىكا يوشۇرۇن ئىقتىدارى، بەدەن ئارقىلىق سېزىش يوشۇرۇن ئىقتىدارى، كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش يوشۇرۇن ئىقتىدارى، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ بىلىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىدىن ئىبارەت، دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە بۇ ئىقتىدارلارنىڭ ھەر بىر شەخستە ئىپادىلىنىدىغان ئۆستۈنلۈكى ھەر خىل بولىدۇ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئىقتىدارغا قاراپ مۇۋاپىق تەلىم – تەربىيە ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندىلا ئاندىن ئۇنى راۋاجلاندۇرغىلى ھەتتا ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىي پاكىتلار كۆرسەتتىكى تىل قابىلىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بىر نەچچە ئون خىل تىلنى ئۆگەنگىلى، مۇزىكا قابىلىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بىرنەچچە ئون خىل مۇزىكا چېلىشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ.
   يوشۇرۇن ئىقتىدار تەتقىقاتى يوشۇرۇن ئاڭنى بىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بىزگە مەلۇم ئاڭ رېئاللىقنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى ئىنكاسى بولۇپ، ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ دۇنيانى بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ، ھەمدە روشەن ئاڭ ۋە يوشۇرۇن ئاڭ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. روشەن ئاڭ بارلىق پىكىر قىلىش ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىدۇ. ئۇ ئەقلىيلىك بىلەن نادانلىقنى پەرقلەندۈرۈش، نىشان بەلگىلەپ، نىشانغا قاراپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەمدە لوگىكىلىق پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. روشەن ئاڭ بىلەن يوشۇرۇن ئاڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يوشۇرۇن ئاڭدىكى مەزمۇنلار چۈش كۆرۈش، ئىدراك ئىلھام شەكىللىرى ئارقىلىق روشەن ئاڭدا غىل – پال ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىدراك دەپ ئاتىلىدۇ. ئىدراكنىڭ يۈز بېرىشى روشەن ئاڭدىكى بىلىش، تەرجرىبە، ئىدىيە، كەيپىياتلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيانقى يوشۇرۇن ئاڭغا چۆكۈشى، توپلىنىشى، بىرىكىشىدىن مەيدانغا كېلىدۇ ھەمدە بىردىنلا ئاڭقىرىشتەك ئىجادىي پائالىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
   ئېنىقراق ئېيتقاندا، يوشۇرۇن ئاڭدىكى مەزمۇنلار قاتمۇ قات توسالغۇلارنى يېڭىپ، چۈش كۆرۈۋاتقان ياكى سەيلە قىلىۋاتقان چاغلاردا ئىدراك ئىلھام شەكىللىرى ئارقىلىق روشەن ئاڭدا ئىپادىلىنىپ ئىنسانلارغا ئىجادىيەت ئاتا قىلىدۇ. بۇنىڭغا فىزىكا ئالىمى ئارخېمىدنىڭ ۋاننىدىكى سۇنىڭ تېشىپ چېقىشىدىن ئىلھام ئېلىپ، سۇنىڭ لەيلىتىش قانۇنىنى ئىجاد قىلغانلىقى، ۋاتنىڭ سۇ قاينىغان چاغدىكى چۆگۈن قاپقىقىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىدىن بېشارەت ئېلىپ پار ماشىنىسىنى ئىجاد قىلغانلىقى ياخشى مىسال بولىدۇ.
   ھازىر تەتقىقاتچىلار يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنىڭ يېتىلىشى %10تىن ئاشمايدۇ، تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ قوللىنىشى %5كە يەتمەيدۇ، شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى يەنىلا ئىپتىدائىي دەۋردە تۇرماقتا، دەپ قارايدۇ. دېمەك يوشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتى ھازىرغا قەدەر ناھايىتى ئاستا بولۇپ كەلدى، بۇنى تېزلىتىش يۈزىسىدىن يېقىندا ئامېرىكىلىق پىروفېسسور دەي مىڭدې تۆۋەندىكى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى:
1.بالىلارنى ھېسسىيات جەھەتتىن ئاكتىپ قوللاش؛
2. يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش؛
3. بەدەن ئەزالىرىنىڭ غىدىقلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش؛
4. زىيادە بېسىم، ئەنسىزلىك بولمىغان ئازادە كەيپىياتقا ئىگە قىلىش؛
5.بالىلارغا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ۋەزىپىلەرنى يۈكلەپ تۇرۇش؛
6.ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش؛
7. ئەقلىي قابىلىيىتى، بەدەن گۈزەللىكى، ھېسسىيات قىزىقىشى ۋە قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش؛
8. بىر نەچچە يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىپ، بالىلارنىڭ ئۆزىگە تاللىتىش؛
9.قىزىقارلىق ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش؛
10.بالىلارنى پاسسىپ كۆزەتكۈچى ئەمەس، بەلكى ئاكتىپ قاتناشقۇچىلاردىن قىلىش.