ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
كۆرۈنمەس قاتىل-رادون
ۋاقتى : 2017-06-05 16:01:45  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رەڭسىز، پۇراقسىز رادىيوئاكتىپلىق گاز رادون نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ قاتىل ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەتلىك راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، رادوندىن بۇلغىنىش سەۋەبلىك ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان.
نۆۋەتتە رادوننىڭ بۇلغىشى سەۋەبلىك ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلاردىن ھەر يىلى تەخمىنەن 210 مىڭ ئامېرىكىلىق ھاياتىدىن ئايرىلغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، تاماكا چەكمەيدىغانلارغا نىسبەتەن، رادوندىن بۇلغىنىش ئۆپكە راكىنى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپلىك ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. تاماكا چەككۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، رادوندىن بۇلغىنىش ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىككىنچى چوڭ سەۋەب بولۇپ قالغان. كۆپ تەرەپلىمىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ھەر كۇب مېتىر ھاۋا تەركىبىدىكى رادوننىڭ مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 بېكلېر(بىر خىل مىقدار بىرلىكى)گە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل ھالەت كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %19تىن %31كىچە ئۆستۈرۈۋەتكەن. ئەگەر كىشىلەر ھەر كۇب مېتىردىكى رادوننىڭ مىقدارى 200 بېكلېر بولغان ئۆي ئىچىدە بىر كۈن تۇرغاندا، ئۇنىڭ خەۋپى 15 تال تاماكا چەككەن بىلەن باراۋەر بولىدىكەن.
 رادون رەڭسىز ھەم پۇراقسىز گاز. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈچلۈك ئېقىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلۈپ كىرەلەيدۇ. ئۇ نەپەسلىنىش يولىدا تۇرۇپ قېلىپ، رادىيوئاكتىپلىق نۇرىنى قويۇپ بېرىپ، ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلما ۋە ئەزالارغا ئېغىر زىيان سالىدۇ. رادوننىڭ خەتىرى گەرچە چوڭ بولسىمۇ، ئۆي ئىچىدە كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلساقلا، ئۆي ئىچىدىكى رادوننىڭ قويۇقلۇقىنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، رادوندىن كېلىدىغان خەۋپنى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ.
 رادون ئادەتتە ئۆي ئۇلى ئاستىدىكى تۇپراق، بېزەش ماتېرىياللىرى تەركىبىدە مەۋجۇت بولۇپ، تاغ جىنىسلىرى ۋە تۇپراقتىكى ئۇراننىڭ رادىيوئاكتىپلىق يىمىرىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ، رادوننى سۇدىنمۇ تېپىشقا بولىدۇ.