ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
يان تېلېفون ھاياتىمىزنى نابۇت قىلمىسۇن
ۋاقتى : 2017-03-15 10:15:32  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   يول يۈرگەندە يان تېلېفونغا تىكىلىپ مېڭىشقا ئامراق ‹‹ساڭگىلىمىباشلار››نىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاۋسترالىيە يېڭى جەنۇبىي ۋېللېس ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت 250 مىڭ ئاۋسترالىيە دوللىرى (بىر ئاۋسترالىيە دوللىرى تەخمىنەن 4.9 يۈەن) سەرپ قىلىپ، سىدنېي شەھەر مەركىزىنىڭ بەش يېرىدىكى ئەڭ ئاۋات نۇقتىدا سىناق تەرىقىسىدە يەر يۈزىگە قاتناش چىرىقى ئورنىتىشنى پىلانلىدى. يەر يۈزى قاتناش چىرىغى سىستېمىسى بۇ يىل 12 – ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يېرىم يىل سىناق قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولسا، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.
   ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە تەخمىنەن 5 مىليون دائىملىق نوپۇس بار بولۇپ، بۇنىڭغا ساياھەتچىلەر قوشۇلسا، شەھەر مەركىزىدىكى ئادەملەرنىڭ زىچلىقى جۇڭگونىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى سودا كوچىلىرىدىن پەرقلەنمەيدۇ. ئۇ ياق – بۇ ياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەر توپىدا خېلى بىر قىسىم ‹‹ساڭگىلىمىباشلار›› بار بولۇپ، بۇ كىشىلەر ئۆزى يولدا كېتىۋاتقىنى بىلەن، يان تېلېفون دۇنياسىغا غەرق بولغان.
   بېشىنى ساڭگىلىتىپ مېڭىش ناھايىتى ئوڭايلا قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ قاتناش ئەڭ بېسىق تۆت كوچا ئېغىزلىرىدا تېخىمۇ شۇنداق. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2015 – يىلى يېڭى جەنۇبىي ۋېللېس ئىشتاتىدا 61 كىشى كوچىدا قاتناش ھادىسىسى سەۋەبلىك قازا قىلغان، كوچىدا قاتناش ھادىسىسى سەۋەبلىك ئۆلۈش نىسبىتى 2014 – يىلىغا قارىغاندا %49 ئاشقان. بۇ قاتناش ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھادىسىگە يولۇققۇچىنىڭ يول يۈرگەندە بېشىنى ساڭگىلىتىپ يان تېلېفون ئوينىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.
   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونغا ئوخشاش كۆچمە تېرمىناللار كىشىلەر بىردەممۇ ئايرىلالمايدىغان زۆرۈر بۇيۇم بولۇپ قالدى. بىراق يان تېلېفوننىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىللە، ھاياتىغا يوشۇرۇن خەۋپ كەلتۈرۈشىگىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەتنىڭ پايتەخت كوچىسىدا 14 مىڭ كىشىگە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، %17 پىيادىلەر يول يۈرگەندە يان تېلېفونىغا قارايدىكەن، ئۇلارنىڭ ياش دائىرىسىنى 25 ياشتىن 35 ياش ئارىلىقىغا تارايتقاندا، نىسبەت بىراقلا %25كە كۆتۈرۈلگەن. نۇرغۇن دۆلەتتە ‹‹ساڭگىلىمىباشلار›› سانىنىڭ جىددىي كۆپىيىشى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىدىكىلەرنىڭ باش ئاغرىقىغا ئايلاندى.
   بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يول قاتناش باشقۇرۇش يېڭى چارىسىنى يولغا قويغان. بېلگىيەنىڭ شىمالىدىكى پورت شەھىرى ئانتۋېرپنىڭ مەركىزىدىكى بىر سودا رايونى يەر يۈزىگە ئالايىتەن ‹‹قىسقا ئۇچۇر يوللاش مەخسۇس يولى›› سىزىپ، ‹‹ساڭگىلىمىباشلار››غا ‹‹بىخەتەرلىك يولى›› ھازىرلاپ بەرگەن. ئامېرىكا ئىداخو ئىشتاتى رېكسبۇرگ شەھىرى پىيادىلەرنىڭ يولدىن ئۆتكەندە يان تېلېفون ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 50 دوللار جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.
   يەر يۈزى قاتناش چىرىغىنى ئورنىتىشمۇ قاتناش باشقۇرۇشنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى چارىسى. ئەمەلىيەتتە، سىدنېي يەر يۈزى قاتناش چىرىغىنى تۇنجى بولۇپ ئورناتقان شەھەر ئەمەس، گېرمانىيەنىڭ كۆلن ۋە ئاسبېرگ قاتارلىق شەھەرلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇنلا مۇشۇنداق كوچا قاتناش چىرىغىنى ئورناتقان ھەم سىناش نەتىجىسىگە ئاساسەن كەلگۈسىدە داۋاملىق كېڭەيتىش – كېڭەيتمەسلىكنى قارار قىلماقچى بولغان. قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ‹‹ساڭگىلىمىباشلار››نى قوغداش ئۈچۈن چىقارغان يېڭى چارىلەرنىڭ قانداق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا ئېنىق بىر نەرسە دېيىش تەس، بىراق كىشىلەر يەر يۈزى قاتناش چىرىغى بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇۋالسىمۇ، بۇ چارىنى قوللىنىشقا ئەرزىيدۇ، دەپ قارايدۇ.
   لېكىن بىر قىسىم قارشى تۇرغۇچىلار: بۇ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلى بىلەن ‹‹ساڭگىلىمىباشلار››نىڭ مەيلىگە باقىدىغان خەتەرلىك قىلمىش، بۇ ئەكسىچە ‹‹ساڭگىلىمىباشلار››غا زىيان يەتكۈزگەنلىك، دەپ قارايدۇ. سىدنېي شەھەر ئاھالىلىرى: ھۆكۈمەت ‹‹ساڭگىلىمىباشلار››نى يول يۈرگەندە يان تېلېفون ئوينىماي، يولغا قاراپ مېڭىشقا يېتەكلىشى كېرەك، بولمىسا يول يۈرگەندە قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت بولۇۋېرىدۇ، دەپ قارىدى.
   ‹‹ساڭگىلىمىباشلار›› ھادىسىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قارىتا ھۆكۈمەت تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىپ يول بىخەتەرلىكى ئەھۋالىنى ياخشىلىغان تەقدىردىمۇ، يامان ئاقىۋەت پەيدا بولۇشىنى تىزگىنلىيەلمەسلىكى مۇمكىن. قانداق قىلغاندا ‹‹ساڭگىلىمىباشلار››نىڭ ھاياتىنى چاسا ئېكرانغا قاراشتىن كېلىپ چىقىدىغان تەھدىتتىن ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ مانا بۇ ھازىرقى ئاچقۇچلۇق مەسىلە.