ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىش قانۇنغا خىلاپمۇ؟
ۋاقتى : 2016-02-19 16:50:48  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىش قانۇنغا خىلاپمۇ، ئۇنى قانداق
تىزگىنلەش كېرەك؟


شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى: كۆرەش ھاشىم


 

ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چىكىش ئۆزىگە قەستەن زىيانكەشلىك قىلغاندىن باشقا باشقىلارغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چىكىش قانۇنغا خىلاپ ھەركەت بۇلۇپ قالماستىن، ئۇمۇمى ئىجتىمائى جامائەت ئەخلاقىغىمۇ خىلاپ ھەركەت بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چىكىش قىلمىشنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىشنى چەكلەش تۈزۈملىرنى ئورنۇتۇپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئىنسانىيەتتنىڭ ساغلاملىق ھوقوقىنى دۇنيا كىشلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ قوغدىنىش چېكىگە ئۇيغۇنلاشتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
مەمىلكىتمىزدە تۇنجى بۇلۇپ بېيجىڭ شەھىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئىي قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسنى 1996-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى. بۇ ئارقىلىق ئۇمۇمى خەلىقنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائى ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىش، تاماكىنىڭ زىينىنى ئازايتىش يولىدىكى ئەھۋاللار قانۇن تۈزۈم قۇرلىشىغا قاراپ يۈزلەندى. بۇ بەلگىلىمىنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى ، ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرمۇ بۇ خىلدىكى قائىدە خاراكتېرلىك بەلگىلمىلەرنى ئوتتىرىغا چىقاردى. بۇنىڭدا تاماكىنىڭ زىيىنى، تاماكا چېكىشنى چەكلەشنىڭ ئەھمىيتى، تاماكا چەكلەشكە ئائىت تەشۋىق تەربىيە خىزمىتى ۋە بۇ خىزمەتكە مەسئۇل ئورۇنلار ۋە بۇ ئورۇنلارنىڭ خىزمەت فۇنكىسيىسى بېكتىلدى. بۇ خىزمەتنى تەشكىللەش، قانات يايدۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق كومىتىتلىرى مەسئۇل قىلىندى. بۇ ئارقىلىق كونكىرتنى ئىش تەقسىماتى ئايدىڭلاشتى. بىراق بىرقىسىم تاماكا تاشلاشتا ئىرادىسى ئاجىز، ئۆزىگە ئىشەنچىسى كامچىل ئادەملەر تاماكا تاشلاشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۆزلىرىنىڭ ئەقلى ساغلاملىقى بىلەن ئەخلاقى ساغلاملىقىنى زىيانغا ئۇچراتقاندىن باشقا، ئاممىۋى سورۇندىكى باشقا كىشلەرنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ تەڭ زىيانكەشلىك قىلمىشنىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
مەسىلەن ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 2009-يىلى 18-مارتتىكى خەۋىردە، ئاپتۇنۇم رايونلۇق ۋەتەنپەرلىك تازلىق كومىتىتىدىن ئىگەللىشچە ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ سانى ئۇمۇمى ئاپتۇنۇم رايوننىڭ ئۇمۇمى نوپۇسنىڭ 31%نى ئىگەللىگەن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئاپتۇنۇم رايونىمىز پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكى ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا بولغان تەھدىت تاماكا چېكىشتىنمۇ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. ھازىر بۇنىڭ كونكېرىتنى سانىنى ئىگەللەش تېخىمۇ قىيىن. بۇنىڭدىن ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا تاماكا چېكۋاتقان پۇقرالارنىڭ ئۆزىگە قەستەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىدىن باشقا، باشقىلارنىڭ ساغلاملىق ھوقوقىغىمۇ زىيانكەشلىك قىلۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت قوش زىيانكەشلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ ھەركەتلەرنى تىزگىنلەپ، ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چىكىش ھەركىتى بىلەن ئاممىۋى سورۇننىڭ مۇھىتىنى قوغداشنى ئۇمۇمى خەلىقنىڭ ئەخلاق قۇرلىشىغا بىرلەشتۈرۈپ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەخلاق بىلەن قانۇنننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ خەلىقنىڭ ساغلاملىق ھوقوقىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىشانىغا كېرەك. شۇڭا ئاپتونۇم رايونمىزدا ئاممىۋىي سورۇن مەدىنيىتىنى قوغداش، قائىدە-نىزام تۈزۈش ئارقىلىق ئاممىۋىي سورۇنلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش بىر تۈرلۈك تەخىرسىز ۋەزىپە. نۆۋەتتە ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق ھەركەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، ئاممىۋى ساغلاملىققا ئائىت تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، تۈرلۈك مەمەۇرىي مەجبۇرلاش تۈزۈملىرىنى تۈزۈش ئارقىلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەشكە ئائىت قانۇن تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.
ھازىر ئاپتونۇم رايونىمىزدا، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق ھەركىتىنى تۈزۈش نىزامى 2005-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى يولغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي خەلىقنىڭ ئىجتىمائىي كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزلۈپ ئەمىلىلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ چەكلەش كۈچى مەلۇم تار دائىرلىك چەكلىمىلىككە ئىگە بولۇپ قالدى. مۇشۇ نىزامنىڭ 19-ماددىسى ئارقىلىق تاماكا چەككەن ئاممىۋىي سورۇنلارنى دوختۇرخانا، مەكتەپ، يىغىن زالى، كىنوخانا، ماشىنا ساقلاش ئۆيى، سودا ساراي، كىتاپخانا، ئارخىپ ئۆيى، قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرى قاتارلىقلار بىلەن چەكلەنگەن ئىدى. ھەمدە شۇ ئورۇنلاردا تاماكا چەكلەش «بەلگىلىرى»نى ئورنىتىپ قىسمەن ئومۇملاشتۇردى، شارائىتى بار ئورۇنلار ئايرىم تاماكا چېكىش رايون ئۆيلىرىنى ئايرىپ بەردى. يەنە بۇ نىزامنىڭ 25-ماددىسى ئارقىلىق خەلق ھۆكىمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى تاماكا چەكلەشكە مەسئۇل فۇنكىسيىلىك ئورۇن قىلىپ بېكىتتى، مەخسۇس خادىم ئاجىرتىپ ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەككەنلەرگە قارىتا مەلۇم ۋاقىت تەنقىد-تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چەككەنلەرگە تۇنجى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، تەربىيىنى قۇبۇل قىلمىغان ئورۇنلارغا 1000-5000 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇش، شەخىسكە 50-200 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇش تۈزۈمىنى ئورناتتى. بۇ تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە يولغا قويۇلىشى ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىدىغانلارغا قارىتا ھېچقانداق توسۇش تەدبىرىدە ئىلگىرلەش بولمىدى. شۇڭا بۇ قائىدە-نىزاملارغا ئۆزگەرتىش ۋە تۈزىتىش ئېھتىياجىنى شەكىللەندۈردى.
ئىجتىمائىيەتنى تىزگىنلىيەلمىگەن، ۋاقتى ئۆتكەن قانۇن-نىزاملارنى تۈزتىش ياكى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىپىگە ئايلاندى.
شۇڭا يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىردە 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چېكىشنى مەنئىي قىلىش بەلگىلمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ بەلگىلمىدە يۇقارقى نىزام تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا قائىدە خاراكتېرلىك ھەركەت قېلىپىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئاممىۋىي سورۇننىڭ بىخەتەرلىكى دائىرىسى كېڭەيتىلىپ كونكېرىتلاشتۇرلۇپ مەخسۇس تىزگىنلەش دائىرسى ئاشكارلاندى. بۇ خىزمەتكە مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرسى ئايدىڭلاشتۇرلۇپ ھوقوقى كېڭەيتىلدى. تەربىيە بىلەن جازالاشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى گەۋدىلەندى. بۇ ئاساسى قانۇن ۋە كىشلىك ھوقوق ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىش تەرپىدىن بەلگلەندى.
« ئاساسى قانۇن»نىڭ 21-ماددىسىدا « ...دۆلەت ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى، ساقلىقنى ساقلاش مۇئەسسە قۇرلۇشىنى قوغداش قۇرلۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، خەلىقنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدايدۇ». 24-ماددىسىدا «... ئەخلق تەربىيىسى، مەدەنىيەت تەربىيسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرلۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇلغۇنىشنىڭ ۋە ئىجتىمائىي زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ». 53-ماددىسىدا«... ھەرقانداق پۇقرانىڭ جامائەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلااققا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇريىتى بار» دەپ بەلگىلەنگەن بەلگىلمىگە ئەمەل قىلىندى. بۇ بەلگىلمىگە ئاساسەن ئۈرۈمچى شەھىرنىڭ ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش بەلگىلمىسىن تۈزۈشتىكى مەقسەت ۋە تەلەپ تاماكا چېكىشنى چەكلەشكە ئائىت يېڭى بەلگىلمىلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ جىسمانىيتىگە، ئىقتىسادىغا، ۋاقتىغا، ئەقلىگە، ئەخلاقىغا، ئىتقادىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىدىكى پۇقرالاردىن بولۇش ئۈچۈن، ئەقلىي ساغلاملىقى بىلەن ئەخلاقى ساغلاملىقنى تەڭ قوغدايدىغان يېڭى بىر تۈزۈم قۇرلۇشىنى يولغا قويۇشىنى مەقسەت قىلدى. ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ دائىرسىگە قارتا ئېنىق دائىرە تەرتىپىنى ئورناتتى. يۇقارقى بەلگىلمىلەر ئارقىلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈستىگە ئالدىغان جاۋابكارلىقى ئېنىق بېكتىلدى.
مىنىڭچە ئۇنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە تېگىشلىك دەپ قارايمەن. (1) يۇقارقى بەلگىلمىدىن سىرىت جامائەت ئەسلىھەلىرى دېگەنگە ئىشخانا، زال، رېستۇران، چايخانا، چوڭ-كىچىك تاللا بازىرى، تۈرلۈك شەكىلدىكى بازارلار، گۈزەل سەنئەت ئورنى، ئاممىۋىي مۇنچا، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، تېلگېرامما ئورۇنلىرى، ئاممىۋىي قاتناش قوراللىرى، ساياھەت ئورۇنلىرى، كارخانا كەسپى ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا يىغىلىش ئورۇنلىرىغىچە كېڭەيتىپ كاربون 4 ئوكسىدنىڭ تارقىلىش دائىرسىنى تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. (2) ياتاق، مېھمانخانىلاردىمۇ مەخسۇس تاماكا چېكىش ئورۇنلىرىنى ئايرىپ، كاربون 4 ئوكسىدنىڭ تارقىلىش دائىرسىنى تىزگىنلەش كېرەك. بۇ ياۋورپا ۋە غەرىپ دۆلەتلىرىدە ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ بولغان ئاممىۋىي سورۇنلىرىدا تاماكا چېكىشنى چەكلەش تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (3) مەخسۇس تاماكا چېكىشنى چەكلەشكە قارىتا ھوقوقلۇق ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي قانۇنلارنى ئىجىرا قىلغۇچى خادىملارنى ئاجىرىتىپ، ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەككۈچىلەرنى نازارەت قىلىپ توسۇش ۋە جازا بېرىش بەلگىلمىلىرىنى ئورنىتىپ، قانۇن ئارقىلىق چەكلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. (4) ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەككۈچىلەرنى قارا تىزىملىك دائىرسىگە كىرگۈزۈپ، پائالىيەت دائىرسىنى كىملىك گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق تىزگىنلىدىغان دائىرىگە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىك.
ئومۇملاشتۇرغاندا، ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەكلەش توغىرسىدىكى مەسىلە ئومۇمىي خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قىززىق نۇقتا مەسىلىسى. بۇ مەسىلە گوۋۇييۈەن ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى شۇنداقلا ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ يۈكسەك دېھقەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. گوۋۇيۈەن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى « رەھبىرى كادىرلارنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چېكىشنى توسۇشقا ئائىت ئۇقتۇرۇشنامىسى»نى تارقاتتى. ئاپتونۇم رايونىمىزمۇ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى. بىراق بۇ بەلگىلمىلەر ئارقا- ئارقىدىن تۈزىلۋاتقان بولسىمۇ، ئاممىۋىي سورۇن دەپ ئاتالغان بىر قىسىم ئورۇنلاردا ھازىرغا قەدەر تاماكا چەكلەش ئورۇنلىرى ئايرىلمىدى، تاماكا چېكىشنى چەكلەش « بەلگە تاختىلىرى» ئورنىتىلىپ بولالمىدى. سەھىيە مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئاممىۋىي سورۇنلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئەمىنلەشمىدى. ئاممىۋىي سورۇنلارنىڭ جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق ھەركەت ئۆلچىمى ئىجتىمائىي ئەخلاق تەشەببۇسىمۇ يېتەرلىك ئەمەس.
ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى، مەسئۇل بولۇش دائىرىسى تېخى ئايدىڭلاشتۇرۇلمىدى. بۇ نۆۋەتتە قانۇن نۇقتىسىدا تۇرۇپ تۈزمىسە بولمايدىغان، ئاممىۋىي سورۇن مەدەنيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ۋە جامائەت ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى. شۇڭا ئاممىۋى سورۇنلارنى ھۆددە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزىمىنى ئورنىتىپ، ئەخلاق قۇرلۇشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقوقى ۋە مەنپەتلىنىش دائىرسىنى بېكىتىپ، زامانىۋىي نازارەت قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىپ، نازارەت قىلىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ مەخسۇس باشقۇرغۇچى خادىملارنى تەيىنلەپ ئۇلارنى ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ مەدەنيەتلىك باشقۇرشىغا ئاساس يارىتىپ بېرىپ تاماكا چەكلەش پائالىيەتلىرىنى ئونۋېرسال باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرشكە شارائىت يارتىپ بېرىشمىز كېرەك.