ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
شەخسىي ئاپتوموبىللار زەھەر چېكىش ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن!
ۋاقتى : 2015-10-26 10:59:09  مەنبەسى : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى  يوللىغۇچى : يارپ

شەخسىي ئاپتوموبىللار زەھەر چېكىش ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن!


 

ئىلگىرى زەھەر چېكىشكە چېتىشلىق دېلولاردىكى زەھەر چېكىش ئورنى ئاساسىي جەھەتتىن شەخسىي ئۆي، ئىجارىگە ئالغان ئۆي، مېھمانساراي، غەزەلخانا قاتارلىقلار ئىدى، ھازىر شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن ئاپتوموبىل زەھەر چېكىش ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالدى.
جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇينىڭ ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ مەھكىمە 2014-يىلىدىن 2015-يىلى ئاۋغۇستقىچە باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك 62 دېلودىن 66 ئادەمنى بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئون دېلودىكى ئون ئادەم باشقىلارنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىدا زەھەر چېكىشكە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن بولۇپ، ئومۇمىي دېلودىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى %16 ۋە %15 كە يەتكەن. شۇڭا ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ ئەھۋالغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان.
ھازىر شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ۋە يوشۇرۇنچانلىقى، زەھەر چېكىش سورۇننى كېڭەيتىپ، زەھەر چېكىدىغانلارنى تەكشۈرۈش، تۇتۇشتا زور توسالغۇ پەيدا قىلماقتا. چۈنكى ئۇلار ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ ئەتراپنى ئوبدان كۆزىتىپ، ۋاقتىدا يۆتكىلىپ، زەھەر چېكىش ئورنىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدۇ.

يۇقىرىقى دېلودىكى كىشىلەر ئادەتتە زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى ئاپتوموبىلدا ساقلايدۇ ھەمدە ئۈلپەتداشلارنىڭ ئاپتوموبىلىدا زەھەر چېكىشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئاپتوموبىل ھەيدىگەچ زەھەر چېكىۋېرىدۇ.
گەرچە سۈيىنىڭ ناھىيىسىدە زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن زەھەر ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇنى قاتناش بىخەتەرلىكىدىكى ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپ دېيىشكە بولىدۇ.
تەپتىشلەر بۇ تۈردىكى دېلولارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەرنى خۇلاسىلەپ چىقتى: بىرىنچىدىن، باشقىلارنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىدا زەھەر چېكىشكە يول قويۇشنىڭ جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلمەسلىك، چۈنكى بەزى كىشىلەر شەخسىي ئاپتوموبىلىنى پەقەت قاتناش قورالى، ئۇ ئۆي ئەمەس ياكى ئاممىۋى سورۇن ئەمەس دەپ قارايدۇ؛
ئىككىنچىدىن، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇش.
يەنى بەزى كىشىلەر ئاپتوموبىلنى زەھەر چېكىشتىكى بىخەتەر، قولايلىق ئورۇن دەپ قارايدۇ. ئادەتتە جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كىرىستال زەھەر چېكىدۇ، كىرىستال زەھەرنى چېكىشتە ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنىڭ ھەجىمى كىچىك، يوشۇرۇشقا ئەپلىك بولغاچقا، ئۇنداق نەرسىلەرنى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ساندۇقى، ئورۇندۇقلىرىنىڭ ئاستى ۋە نەرسە كېرەك قويۇش ساندۇقلىرىغا يوشۇرۇپ قويغىلى بولىدۇ؛
ئۈچىنچىدىن، توغرا-خاتانى ئايرىماسلىق.
بۇنداقلار ئاساسەن ياش بالىلار بولغاچقا، شەخسىي ئاپتوموبىلىدا زەھەر چېكىشنى بىر خىل بايۋەتچىلىك، دۆلەتمەنلىك، مودا قوغلىشىشش، جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرۈش دەپ قاراپ، دوستلار ئارا نۆۋەتلىشىپ زەھەر چېكىش سورۇنى ھازىرلاپ، ئۆزلىرى چېكىپلا قالماستىن، باشقا دوستلىرىنىمۇ زەھەر چېكىشكە زورلايدۇ، قىلمشنىڭ توغرا-خاتالىقى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ.

تەپتىشلەر ئاپتوموبىل ئىچىدە زەھەر چېكىش ئەھۋالىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا مۇنداق تەكلىپلەرنى بەردى:
تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.
مىكرو بلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەتلەرنىڭ تۈرى ۋە زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەتلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا ئايروپىلان، پاراخوت، پويىز، ئاپتوموبىل قاتارلىق قاتناش قوراللىرى ئىچىدە زەھەر چېكىش ۋە باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە يول قويۇشنىڭ جىنايى قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك. زەھەر چېكىشنى مودا قوغلىشىش دەپ بىلىشتەك ئەخمىقانە قاراشنى قەتئىي تۈگىتىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى زەھەرنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشكە يېتەكلەش كېرەك. زەھەر مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، نازارەت سىستېمىسى قۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشتەك جىنايى قىلمىشلار زەھەر ئەتكەسچىلىكى، زەھەر توشۇش، زەھەر سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئەدىلىيە تارماقلىرى زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشتە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ئىزچىل ساقلاپ، تېخنىكىلىق رازۋېدكا قىلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، زەھەرگە چېتىشلىق دېلولار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، زەھەر ياساش، زەھەر سېتىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، زەھەرنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشىنى كۈچلۈك چەكلەپ، زەھەر بازىرىنى يوقىتىش كېرەك.
زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك.
دېلو بېجىرىش ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ مۇئەييەن ئىجتىمائىي خەتىرى ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇنغا خىلاپ خۇسۇسىيىتى بار. زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ئاممىۋى قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ. شۇڭا زەھەر چەككەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدەشنى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، بۇ خىل قىلمىشقا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش كېرەك.