ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
مەن زادى نىمە ئىش قىلىپ قويدۇم
ۋاقتى : 2014-01-18 13:21:28  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : 亚普禁毒网

 مەن زادى نىمە ئىش قىلىپ قويدۇم

 

   مەن ئۆزەمنىڭ بۇنچىلا ئەخمەقلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. ھازىر بۇ ئىشلارنى ئويلاپ تېگىگە يەتسەم ئۆزەمنىڭ تولىمۇ كىچىككەنلىكنى ھېس قىلىمەن، ناۋادا مەن بۇ ئىشلارنى بالدۇراق ھېس قىلغان بولسام بەلكىم بۇ نىجىزنىڭ قوربانىغا ئايلىنىپ كەتمەس ئىدىم.
  مەن ئەسلى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىن ئىدىم، مەن ئۆيدە يالغۇز بىرلا ئوغۇل بولغاچقا ئاتا-ئانام مېنى بەكلا ئارزۇلايتى ھەمدە مەن نىمە دېسەم شۇنى قىلىپ بىرەتتى، لىكىن مىنىڭ ئۆگۈنىشىمگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قوياتتى، چۈنكى ئاتا-ئانام مىنى بۇ يېزىدا تۇرۇپ قالماي ئالىي بىلىم يۈرۈتلىرىدا ئوقۇتۇش ئارزۇسى بار ئىدى، مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ مەكتەپتە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ ئوقۇدۇم. مانا ھەش پەش دىگۈچە تۇلۇق ئوتتۇرنىمۇ پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتتۈم، ئۈيۈمدىكىلەر بۇ ئىشتىن قەۋەتلا خوش ئىدى. كۈنلەر ئۈتۈپ مەكتەپكىمۇ باردىغان ۋاقىتمۇ توشۇپ قالدى. مىنى ئاپام مەكتەپكە ئەكىلىپ قويۇپ ئۆزى يۇرتقا قايتىپ كەتتى.
ئەمدى مىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا كەلسەك    مەن ئالىي مەكتەپتىمۇ سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارى بولۇپ ئوقۇدۇم، ماڭا سىنىپ مەسئۇلىممۇ ساۋاقداشلىرىممۇ بەكلا ئامراق ئىدى. شۇنداق قىلىپ مىنىڭ ئىككى يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىم ئوقۇش بىلەن ئۆتتى، مەن ئويۇن تاماشا دېگەنلەر بىلەن پەقەتلا خوشام يوق بولغاچقا ساۋاقداشلىرىم دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بىرەر كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىپ كىلەيلى دىسىمۇ پەقەت ئۇنمايتىم، مىنىڭ مىجەزىمنى بىلگەن ساۋاقداشلىرىم مىنى بەك زورلاپ كەتمەيتى.
بىر كۈنى فاكۇلىتىمىز يېڭى يىللىق سەنئەت ئۆتكۈزدى، بۇ پائالىيەتكە پۈتۈن فاكۈلىتىمىز ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان بولۇپ، سەھنىدە ئۇسۇل ئويناۋاتقان بىر  قىزغا كۆزۈم چۈشۈپ قېلىپ، بۇ قىز بىلەن ئارلاشتىم. بۇ قىز بىلەن مەن پاراللېل ئوقۇيدىغان بولۇپ ئىككىمىز بىر-بىرسىمىزنى بەكلا ياخىش كۆرىشەتتۇق، مەنمۇ بۇ قىز ئۈچۈن جېنىمنىمۇ ئايىمايتىم. لېكىن بۇ قىز بىلەن ئارلىشىپ دەل  ئالتە ئاي بولغاندا بىر كۆڭۈىلسىزلىك يۈز بەردى.
   بىر كۈنى ياتاقتا ئولتۇرسام بىر ئاغىنەم قىز دوستىمنىڭ باشقا بىر ئوغۇل بالا بىلەن بىللە يۈرگەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى خېلىلا مۇرەككەپلىكىنى ماڭا ئېيتتى، مەن ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي ئۇ دېگەن يەرگە بېرىپ ئۆز كۆزۈمگە ئېشەنمەيلا قالدىم، مەڭا بۇ ئىشلار بىر چۈشتەك بولۇپ قېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، لېكىن بۇ بىر رېئاللىق ئىدى. بۇ ئىشلارنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي، ياتاقداشلىرىمدىن ئاڭلىغان بىر كۆڭۈل ئېچىش سورىنىغا كىرىپ ھاراق ئىچىپ ئولتۇرسام، بىر قىز يېنىمغا كىلىپ:           
  -يالغۇز ئولتۇرۇپسىزغۇ، قانداق كۆڭلىڭىز بەكلا يېرىم ئوخشىمامدۇ؟ ئۇ خۇددىي مىنىڭ ئىچىمگە كىرىپ  چىققاندەك كۆڭلىمدىكىنى بىلىۋالغانىدى. ئۇنىڭ گەپلىرىگە قولاق سالماي ئولتۇرسام، ئۇ يەنە گەپ باشلاپ:
-يېنىڭىزدا ئولتۇرسام بۇلامدۇ؟ دەپ سورىدى. مەنمۇ كۆپ ئويلىمايلا.
  -بولىدۇ، دەپ جاۋاپ بەردىم، ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ خېلىلا چىقىشىپ قالغاندىن كېيىن، بىز بىر تىنىچراق يەرگە بېرىپ پاراڭلىشىدىغان بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق، بىز ئۇنىڭ ئۆيىدە يەنە داۋاملىق بىرنەچچە پوتۇلكا ھاراق ئىچكەش، مەن ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنى بىرنىمۇ قويماي دەپ بەردىم، ئۇمۇ مېنىڭ كۆڭلىمگە تەسەللى بەرگەچ بىر قەغەزنىڭ ئۈستىگە ئۈندەك بىر نەرسىنى قويۇپ ماڭ تەڭلىدى، ئۇنىڭ ئېيتىشچە مەن بۇنى چەكسەم بارلىق ئازاپلىرىمنى ئۇنتۇپ ئۆزۈمنى ناھايىتى يىنىك ھېس قىلدىكەنمەن، مەنمۇ جىق ئويلانمايلا مۇشۇ ئازاپلارنى ئېسىمدىن بىردەم بولسىمۇ كۆتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن بۇ نىجىزنى تۈنجى قېتىم ئېغىزىمغا ئالدىم. چەككەندىن كېيىن ئۇ دېگەندەك راستىنلا ئۈزەمنى ناھايىتىمۇ ھوزۇر ھىس قىلىپ يەنە بىر ئۇلاپ نەچچىنى چەكتىم، مەن بۇ نىجىزنى چىكىپ بولغاندىن كېيىن ھېچنىمىنى تۇيۇماي ئەتىسى كەچكىچە ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئۇمۇ مىنى ئويغاتماپتۇ، بىز سىرتقا چىقىپ تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئىچىدىغان چىكىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىپ يەنە شۇ نىجىزنى چىكىشكە باشلىدۇق. شۇنداق قىلىپ مەن دەرىستىن چۈشۈپلا  ئۇنى ئىزدەپ باردىغان بولدۇم، بىز كۆرۇشسەكلا شۇ نىجىزنى چىكەتتۇق، ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭغا خۈمار بولۇپ  قالغىنىمنى ھېس قىلدىم. مەن دەرىستىن چۈشۈپلا ئۇنىڭ ئۆيگە ئۇنى ئىزدەپ بارسام ئۆينى باشقا بىرسى ئاچتى، مەن ئۇنىڭدىن ئۇ قىزنى سورىسام، ئۇ قىزنىڭ يوقلىقىنى ھەمدە ماڭا «ئاق تاماكا» چەككۈزۈپ خۇمار قىلىپ قويغانلىقىنى دېگەنىدى، مېڭەمدىن تۈتۈن چىكەتتى، ئۆزەمنىڭ ھازىرغىچە «ئاق تاماكا»چىكىۋاتقانلىقىمنى بىلمەي يۇرۇپتىمەن دېگەنلەرنى ئويلاۋاتقان چاغدا بىردىنلا خۇمارىم  بەكلا تۇتۇپ كەتتى، مەن ئامالسىز بۇ نەرسىنى نەدە ساتىدىغانلىقىنى بۇ قىزدىن سورىسام، بۇ نىجىزنىڭ ئۆزىدە بالىقىنى ھەمدە بىر بولاق 50 يۈەنلىكىنى ئېيتتى، مەن دەسلەپتە خۇمارىمنى بېسىش ئۈچۈن پۇلى بىلەنمۇ ھېساپلىشپ ئولتۇرماي ئېلىپ چەكتىم، ئۆيۈمدىكىلەر ماڭا سېلىپ بەرگەن تۇرمۇش پۇلۇم پەقەت نەچچە بولاققىلا يېتەتتى، مەن بۇنى چېكىش ئۈچۈن دوست بۇرادىلىرىم ئوقۇتقۇچى ساۋاقداشلىرىمغىمۇ يەتكىچە قەرز بولۇپ كەتتىم، ھەتتا ئۆيدىكىلەرگە ئوقۇش پۈتتۈردىغان يىل بولغاچقا مەكتەپ ئۇ پۇل- بۇ پۇل دەيدۇ دەپ خېلىلا كۆپ پۇل سالغۇزۇپ شۇ نىجىزگە تىگىشىپ بولدۇم، مەن ئۆز خۇمارىمنى بېسىش ئۈچۈن ھەرخىل ئاماللارنى قىلىپ پۇل تاپاتتىم، ھەتتە قىزلارنى ئالداپ پۇللىرىنى قۇيۇپ يۈردۈم. مىنىڭ بۇ ئىشلىرىمدىن خەۋەر تاپقان سىنىپ مۇدىرىم ماڭا نەچچە قېتىم نەسىھەت  قىلغان بولسىمۇ مەن يەنە ئۆز سەنىمىمگە دەسسەپ، ئوقۇش پۇتتۇرىدىغانغا ئالتە ئاي قالغان مەكتەپتىن قوغلاندى بولدۇم. مەكتەپتىن قوغلاندى بولغاندىن كېيىن مەن يەنە ئۆز خۇمارىمنى بېسىش ئۇچۇن ئوغۇرلۇق قىلىپ ئۆز خۇمارىمنى بېسىپ يۈردىم، بىر كۈنى مەن ئەمدىلا بىر پورتىمالنى سۇغۇرۋاتقىنىمدا ساقچىلارغا نەق مەيداندا پاكىت بىلەن تۇتىلىپ قالدىم. ساقچىلارغا مەسىلەمنى تولۇق تاپشۇرۇپ ھەمدە ئىككى يىللق مەجبۇرى ئايرىلىپ زەھە تاشلاش ئورنىغا كەلدىم.
  مانا مەن ھازىر مەجبۇرى ئايرىلىپ زەھەر تاشلاۋاتىمەن، مىنىڭ ئاشۇ ئارزۇ ئارمانلىرىم شۇ نىجىزنىڭ قوربانىغا ئايلاندى. مەن دەسلەپتە شۇ ئازابلىرىمنى ئۇنتۇش ئۈچۈنلا بۇنىڭ نىملىكى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايلا چىكىپ يۈرگەنىدىم، مەن ئاخىردا بۇنىڭ قوربانىغا ئايلىنىپ قېلىشىمنى ئويلاپ باقماپتىمەن. مەن ئاتا-ئانام بىلەن مەجبۇرى ئايرىلىپ زەھەر تاشلاش ئورنىدا كۆرۈشكىنىمدە، ئاتا-ئانامنىڭ يامغۇردەك ياشلىرى ھەمدە مېنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشىدىغان ۋاقىت توشۇپ ئايرىلىدىغان چاغدا ئاپام مىنىڭ قولۇمنى قۇيۇپ بېرىشكە ئۇنىماي تۇرۋالغان چاغلىرى، ھەر دائىم ئېسىمدە چىڭ تۇرۇپ، زەھەر تاشلاش ئورنىدا زەھەرنى تېز تاشلاپ ھەمدە پوزىتسىيە ياخشى قىلىپ بۇ يەردىن تېزراق چىقىپ تاتا-ئانامنىڭ يېنىغا بېرىپ گۇناھىمغا توۋا قىلىشنى ھەردائىم ئۈنتۇمۇدۇم. ماڭا بۇ ئىككى يىل خۇددىي 20 يىلدەك تۇيۇلۇپ كەتتى، مىنىڭ بۇ يەردىكى ۋاقتىم تۇشۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئاپام مېنى تولا ئويلاپ يېغلاۋىرىپ، كۆزى كۆرمەس بۇلۇپ قاپتۇ.... مەن يەر زىمىنغا تىزلانغىنىمچە                 
   مەن زادى نىمىش قىلىپ قويدۇم؟ كۆزلىرىمدىن ياش ئەمەس قان ئېقىۋاتاتتى.