ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
باش چايقاش كومىلىچى يىگەن ئەر
ۋاقتى : 2013-01-11 18:47:37  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : مەقسەت

باش چايقاش كومىلىچى يېگەن چىلېلىق ئەر توك سوقۇۋېتىپ ئۆلدى

 
 

    ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 9-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە ، چىلېنىڭ سانتىئاگو شەھىرىدىكى بىر ئەر باش چايقاش كومىلىچى يېگەندىن كېيىن كابېل مۇنارىغا يامىشىپ چىقىپ ، بوشلۇقتا ‹‹سېرك ماھارىتى›› كۆرسەتكەن . بەختكە قارشى ، ئۇنىڭ پۇتى يۇقىرى بېسىملىق توكقا تېگىپ كېتىپ ، توك سوقۇۋېتىپ ئۆلگەن .

   ھادىسە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈش ساقچىلىرى يېرىم سائەتتەك خىزمەت ئىشلەپ، ئۇنى بۇ خەتەرلىك قىلمىشىنى توختىتىشقا ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە مۇنار ئاستىغا يەل كۆرپە سېلىپ قويغان .

   خەۋەر قىلىنىشىچە ، ھادىسە پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، يېقىن ئەتراپتىكى ئۆيلەر كۆيۈپ كەتكەن ھەم 500 نەچچە ئائىلىلىكنىڭ توكى توختاپ قالغان . يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بۇ ئەر ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ‹‹دورا›› يېگەندىن كېيىن كابېل مۇنارى ئۈستىگە چىققان ئىكەن .