ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
ئاياللار زەھەرگە تېخىمۇ ئاسان خۇمار بولۇپ قالىدۇ
ۋاقتى : 2017-07-31 17:52:10  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 جىنىسنىڭ خېروئىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، ئاياللارنىڭ خۇمار بۇلۇش دەرىجىسى ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن ، شۇنداقلا ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئاسان زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالىدىكەن . بۇ بايقاش مۇتەخەسىسلەرنى ھەيران قالدۇرغان . بۇ بەلكىم نۆۋەتتىكى زەھەر خۇمىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن .
تەتقىقاتچىلار يەنە زەھەرنى ئىستىمال قىلغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش پۇرسىتى ئەرلەرنىڭكىدىن ئاز بولىدىغانلىقىنى بايقىغان .ئۆتكەن ئون يىلدا جىنىسنىڭ زەھەر خۇمىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ چىققان دوكتۇر كىنوس ۋىنابونىڭ دېيىشىچە ، خېروئىن ، ئامېفىتامىن ۋە ئىسپىرت قاتارلىق ماددىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ئوخشاش بولۇپ چىققان . ئاياللارنىڭ بۇ ماددىلارغا بولغان ئىنكاسى ئەرلەرنىڭكىدىن مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى بولۇپ ، ئاسانلا خۇمار بولۇپ قالىدىكەن . كىنوس ۋىنابونىڭ بايقىشىچە ، ئاياللارنىڭ ھەرئايدا ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمون مىقدارى ئوخشاش بولمايدىكەن ھەمدە زەھەرنىڭ ئاياللارغا بولغان تەسىرى ئەرلەرنىڭكىدىن چوڭ بولىدىكەن. زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارنىڭ 1/3ى ئاياللار بولۇپ ، كىنوس ۋىنابو ئۇلارغا قوللانغان داۋالاشنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېگەن : ئۇ خىلدىكى تەھلىل ۋە تەتقىقاتلار ئەرلەرنى ئاساس قىلىدۇ ، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىش ئوخشاش بولمىغان فىزولوگىيىلىك دەۋردە قانداق ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى ئىپادىلەش توغرىسىدىكى تەھلىل ۋە تەتقىقاتتىن ئىبارەت .

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg