ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
كەندىر توغرىسىدا
ۋاقتى : 2017-07-11 11:31:18  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 كەندىر ئەسلىدە مايلىقدان زىرائىتى ئىدى.ھازىر زەھەرلىك چىكىملىك زىرائىتى بولۇپ، نەشىدىن ئىبارەت زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ كېلىش مەنبەسى بولغاچقا تېرىش چەكلەندى. تېرىغۇچىلار جازالاندى ياكى تېرىغان كەندىرلىرى مەجبۇرى يۇلۇۋېتىلدى. كەندىر تېرىغۇچىلارنىڭ نىمە مەقسەتتە تېرىغانلىقى ئويلىشىلمىدى.نىمە ئۈچۈن؟؟؟ بۇ ئىش ھازىرغىچە كاللامدىن ئۆتمەيدۇ.
كەندىرنىڭ زىيىنىنى سۆزلەش ھاجەتسىز. ئۇ نەشىنىڭ كېلىش مەنبىيى. ھازىر خەلققە كەندىر تېرىتمايۋاتىدۇ. لېكىن قولغا چۈشۈۋاتقان شۇنچە كۆپ نەشىنى نەدىكى كەندىر بىلەن ياساۋاتىدىغاندۇ؟ ياكى كەندىرنى شىنجاڭدىن باشقا يەردە تېرىتىۋاتقانمىدۇ؟ <<باشقىلار نەشە ياسىۋالىدۇ>> دەپ قورقۇپلا ،كەندىر تېرىشنى چەكلەش توغرىمۇ؟ بۇ قۇشقاچتىن قورقۇپ تېرىق تېرىمىغانلىق، سادىن قورقۇپ چۈجە باقمىغانلىق، بۆرىدىن قورقۇپ قوي باقمىغانلىق ئەمەسمۇ؟؟!!ئەگەر ئۇنداق قورقساق قاتىللىق قورالى بولغان پىچاقنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرىپ يىغىۋالايلى. شۇ ۋاقىتتا ھېچكىم قاتىللىق قىلالمايدۇ. ئۇلار كەتمەن -گۈرجەكتە ئاش ئېتىپ يىسۇن!! بولدىلا...
ئەمدى كەندىرنىڭ پايدىسى ھەققىدە سۆزلەي .كەندىر-كۈزگى زىرائەت. ئۇنىڭ نەسلىنى قۇرۇتىۋەتمەسلىك كېرەك.
(1) كەندىر -مايلىقدان زىرائىتى بولۇپ، يېغى ئادەم ئىستىمال قىلىدىغان ئەڭ ئىسىل ياغ ھېساپلىنىدۇ.
(2) كەندىرنىڭ گۈنجۇرىسى باقمىچىلىقنىڭ ياخشى يەم-خەشىكى بولۇپ، چارۋالار تېز سەمرىدۇ. گۆشىمۇ تاتلىق بولىدۇ.
(3) كەندىر- يىنىك سانائەتنىڭ خام ئەشياسى بولۇپ، تالاسىدىن ئاغامچا ياسىغىلى بولىدۇ.
(4) كەندىرنىڭ غولىنى لاپاس ياسىغىلى(ئۆي ئۈستىنى ياپقىلى)، سايىۋانغا ئىشلەتكىلى ياكى يېقىلغۇ قىلغىلى بولىدۇ.
(5) كەندىر يېغى مۇھىم تىبابەت دورىسى بولۇپ،باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، قەۋزىيەت، يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ياخشى دورىسى.
(6)كەندىر -قەدىمدىن تارتىپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇنۇملۈك، بىولىگىيىلىك، زەھەرسىز ھاشارەت يوقۇتۇش زىرائىتى بولۇپ كەلگەن. ئىلمى جاۋاپ: كەندىر- مەس قىلىش، ئىللىق پۇراش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، زىيانداش ھاشارەتلەر كەندىر پۇرىقىنى پۇرىسىلا ئۇنىڭغا چاپلىشىپ، ئۆسۈملۇك تېنىنى شورايدۇ .نەتىجىدە ھوشسىزلىنىپ <<مەس>> بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىرائەتلەرگە زىيان سالالمايدۇ. جۈپلىشىش، كۆپۈيۈش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپىيەلمەيدۇ.
(6) كەپتەرۋازلارنىڭ دىيىشىچە كەپتەرگە كەندىر بېرىپ ئۆگەتسە ھەرگىز قاچماسكەن.
....................
مەن بۇ ماقالە ئارقىلىق كەندىردىن زەھەرلىك چىكىملىق ياسىغۇچىلارنى قاتتىق جازالاپ، ئۇلارغا پۇرسەت بەرمەسلىك، لېكىن ئۇنىڭ زىيىنىنىلا كۆرۈپ پايدىسىنى كۆرمەي، قارغۇلارچە تېرىشنى چەكلەش ئىشىنى ئويلاشسا دەيمەن.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg