ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
زەھەر چەكلەشتە ئاتا-ئانىلار نېمە قىلىشى كېرەك؟
ۋاقتى : 2017-06-21 23:18:09  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

    ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەر ئىستېمال قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاتا – ئانىلارنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ.

    پەرزەنتلەرنى ھۆرمەتلەش ۋە پەرزەنتلەرگە كۆيۈنۈش كېرەك. دائىم پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتى ۋە كەلگۈسى نىشانى توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىپ، ئۇلارنى ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشكە يېتەكلەش كېرەك.
    پەرزەنتلەرنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. مەكتەپ پائالىيەتلىرى، ئۆزى قىزىقىدىغان پائالىيەتلەر ۋە مەھەللە پائالىيەتلىرىگە كۆپ قاتنىشىدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ دورىلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىش ئېھتىمالى تۆۋەن بولىدۇ.
    ئۆزى ئۈلگە كۆرسۈتۈش كېرەك. ئالدى بىلەن ئاتا – ئانىلار زەھەرگە يېقىن يولىماسلىقى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنى كونترول قىلىش ماھارىتىنى پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشى كېرەك.
    ئاتا – ئانىلار زەھەرنىڭ زىيىنىنى تونۇپ، دورىلارنى بىخەتەر ئىشلىتىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، پەرزەنتلەرنىڭ زەھەرنى چەكلەش جەھەتتىكى ئوقۇتقۇچىسى بولۇشى كېرەك. پەرزەنتلەر بىلەن زەھەرگە چېتىشلىق دېلولار توغرىسىدا پىكىرلىشىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرىكمە زەھەر ئىستېمال قىلىش سەۋەبى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئۇلارنىڭ زەھەر ئىستېمال قىلىشىنىڭ پايدا – زىيىنىنى تەھلىل قىلىپ، پەرزەنتلەرنىڭ زەھەر ئىستېمال قىلىش يولىغا كىرىپ قېلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇلارنىڭ توغرا قىممەت قارىشى تىكلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
    پەرزەنتلىرىنىڭ دوستلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى بىلەن تونۇشۇپ قويۇش كېرەك. بۇ ھەر ۋاقىت ئالاقە قىلىپ تۇرۇش، زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭىشىپ تۇرۇشقا پايدىلىق.
    پەرزەنتلەرنى توغرا يول ئارقىلىق بېسىم يەڭگىللىتىش ۋە كەيپىياتنى تەڭشەشكە يېتەكلەش كېرەك.
    زۆرۈر ئائىلە قائىدىلىرى، پىرىنسىپلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا نازارىتىنى كۈچەيتىپ، پەرزەنتلەرنىڭ تاماكا چېكىشىگە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.
    پەرزەنتلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مىجەز – ھەرىكىتىدىكى نورمالسىزلىقلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
    ئائىلىدىكى دورىلارنى ياخشى ساقلاش، پەرزەنتلەرگە دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە دورىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك.
    پەرزەنتلەرنىڭ زەھەر ئىستېمال قىلىش ھەرىكىتى بايقالغاندا، سوغۇققان بولۇش، ئەپۇچان بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ئۇلارنىڭ زەھەر ئىستېمال قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك زەھەر تاشلىتىش داۋالىنىشىغا تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۈملىدىن مەھەللە، داۋالاش ئورۇنلىرى، زەھەر تاشلىتىش مەركىزى، زەھەر چەكلەش تارماقلىرىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەسپىي تەربىيە ۋە داۋالاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، پەرزەنتلەرنىڭ زەھەر تاشلىشىغا مەدەت بېرىپ، ئۇلارغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
    (ماتېرىيالدىن)