ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتى توختاپ قالمىسۇن
ۋاقتى : 2017-04-20 12:06:00  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

 17ياشلىق شياۋ جاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بولۇپ، يالغۇز پەرزەنت ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىدىغان چاغدا ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىپ، ئۆز ئالدىغا تۇرمۇش قۇرغان. بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىپ، خۇشاللىق ئىزدەپ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر خىل مەست قىلغۇچى دورىنى يېگەن ھەم يېگەنسېرى خۇمار بولۇپ قالغان. 2013- يىلى 3- ئايدا شياۋ جاڭ دوستلىرى بىلەن خىروئىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ، ھاياجانلانغىنىدىن ھوشىدىن كېتىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن. تەكشۈرۈشتە زەھەر چەككەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇلغان. ئايرىش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئاپىسى بىلەن خوتەندىكى بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن. ئاپىسى ئۇنىڭ پۇل، يان تېلېفون، كىملىك قاتارلىق نەرسىلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى سىرتقا چىقارمىغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنى خېلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلغان. ئالتە ئايدىن كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، خىزمەت ئىزدىگەندە رەت قىلىنغان . ئۇ زەھەر چەككەندىكى ھېسسىياتنى ئۇنتۇيالماي، «قارا تاكسى» ھەيدەپ تاپقان پۇلىغا ئۇدۇللۇق زەھەر ئېلىپ، كۈنىگە 3- 4 قېتىم ئوكۇل ئۇرغان. پۇلى يەتمىگەندە، ئاتا- ئانىسىدىن ھەر خىل باھانە- سەۋەبلەر بىلەن پۇل سورىغان ھەتتا ئاپىسىنىڭ تېلېفونىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن. شاۋ جاڭنىڭ كەچۈرمىشى نۇرغۇن زەھەر چەككۈچى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشەنچىدىن، خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالغان، خىزمەت ئىزدىشى قىيىنغا چۈشكەن، شۇ سەۋەبلىك ئۇلار يەنە قايتىدىن زەھەر چەككۈچىلەر قاتارىغا قوشۇلۇپ، تەسەللى ئىزدىگەن. جېن باۋيۈ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى چاقىرىق قىلدى: زەھەر تاشلاش ئۇزاق مەزگىللىك ئىش، زەھەر تاشلىغۇچىلارنى جەمئىيەتكە ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇپ كېلىش پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئۇلار خىزمەت پۇرسىتىگە موھتاج، باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا تېخىمۇ موھتاج.