ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
زەھەرنى 10 مىنۇت ئىلكىدە ساقلاشمۇ ئوخشاشلا جىنايەت
ۋاقتى : 2017-04-18 00:31:28  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ
    دېلو ئەھۋالى: 2007– يىلى 20– ئاپرېل، ئاسىيە يالقۇننى ئىككى تاغار مالنى مەردان ئارقىلىق ئەكرەمگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئەكرەم بۇ ئىككى تاغار مالنى تونۇشى ئېلى، گۈلشەنلەرنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىگە قويۇپ تۇرۇشنى ئېيتقاندا، ئۇلار قوشۇلغان. شۇ كۈنى چۈشتە يالقۇن ئەكرەم، ئېلى ۋە گۈلشەنلەر ببىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن بىللە مالنى ئۇلار ئىجارە ئالغان ئۆيگە ئېلىپ كىرگەن. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، يالقۇن ئۈچ كېسەك خېروئىن (1020 گرام) نى ئەكرەمگە بېرىپ ئۆيدىن چىقىۋاتقاندا، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 10 مىنۇتتىن كېيىن ساقچىلار ئۆيگە كىرىپ، ئەكرەم، ئېلى، گۈلشەنلەرنى تۇتقان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياتاق ئۆيدىكى ئىشكاپتىن 1020 گرام، ئەرەنچە ئاياغدىن 120 گرام، گۈلشەننىڭ سومكىسىدىن 0.5 گرام خېروئىن تاپقان. ساقچىلار جىنايەت گۇماندارى ئاسىيە بىلەن مەرداننى شۇ كۈنىلا قولغا چۈشۈرگەن ۋە شىنجاڭغا يالاپ ئېلىپ كەلگەن.
   خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ئاسىيە، يالقۇن، ئەكرەملەرنىڭ قىلمىشىدىن زەھەر توشۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ دەپ قاراپ، قانۇن بويىچە مۇناسىپ جازا بەرگەن. جاۋابكار ئېلى بىلەن گۈلشەننىڭ قىلمىشىدىن زەھەرنى ئىلكىدە ساقلاش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ دەپ قاراپ، ئايرىم– ئايرىم11 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسى ھوقۇقىدىن ئىككى يىل مەھرۇم قىلىش، قوشۇمچە 50 مىڭ يۇەندىن شتراپ قويۇشقا ھۆكۈم قىلغان. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جاۋابكار ئېلى نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، تاغاردا خېروئىن بارلىقىدىن خەۋىرىم يوق، تاغارنى ئۆيگە ئەكىرىپ 10 مىنۇت ئىچىدە تۇتۇلدۇم، زەھەرنى ئىلكىمدە ساقلىمىدىم، مەن جىنايەتسىز دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان.
    2– سوتتا ئېلىنىڭ زەھەرنى ئىلكىدە ساقلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن– قىسقىلىقى ئۇنىڭغا جىنايەت بېكىتىشكە تەسىر كۆرسىتەمدۇ– يوق، دېگەن مەسىلىدە ئىككى خىل كۆز قاراش شەكىللەنگەن: 1– خىل قاراشتىكىلەر نارازىلىق قىلغۇچى ئېلى خېروئىن ئۆيگە ئېلىپ كىرىلىپ 10 مىنۇتتىلا تۇتۇلغان، زەھەرنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان ۋاقتى ناھايىتى قىسقا، شۇڭا ئۇنىڭغا زەھەرنى ئىلكىدە ساقلىغان دەپ جىنايەت بېكىتىشنىڭ دەلىل– ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس، دەپ قارىغان؛ 2– خىل قاراشتىكىلەر زەھەرى ئىلكىدە ساقلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن– قىسقىلىقى جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشكە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، دەپ قارىغان.
    تەھلىل: بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىشتا، كۆپ ساندىكىلەر 2– خىل قاراشنى قوللىغان. ئاپتونوم رايونلۇق يوقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار 1– سوت كوللىگىيىسىدىن گۈلجەھەر مۇسا مۇنداق دېدى:
    –زەھەرنى ئىلكىدە ساقلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن– قىسقىلىقى جىنايەت بېكىتىشكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئالاقىدار قانۇنلاردا بۇ ھەقتە ئېنىق بەلگىلىمە يوق، لېكىن ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە زەھەرنى ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن– قسقىلىقىنى جىنايەت بېكىتمەسلىكنىڭ ئاساسى قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. بۇھەقتە مەملىكەتتىكى قىسمەن سوت مەھكىمىلىرىنىڭ زەھەر جىنايىتى دېلولىرىنى سوت قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى خاتىرىسىدە، قانۇنشۇناسلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكىتىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ زەھەر جىنايىتى دېلولىرىنى سوت قىلىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، زەھەر جىنايىتى دېلولىرىنى سوت قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ زەھەر جىنايىتى دېلولىرى، بولۇپمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان زەھەر جىنايىتى دېلولىرىنى سوتلاشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى كونكرېت مەسىلىلەر ھەققىدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلغان. بۇ يىغىن خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، زەھەر دېلولىرىغا چېتىشلىق جىنايەتنىڭ نامى جىنايەت سادىر بولغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن– قىسقىلىقى، زەھەرنىڭ مىقدارى ياكى جەمئىيەتكە بولغان خەۋپىنىڭ چوڭ– كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلەنمەستىن، بەلكى بىردەك جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بېكىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، زەھەر جىنايىتى دېلولىرىدا قىلمىش سادىر بولغاندىن باشلاپلا جىنايەت شەكىللىنىدۇ. زەھەر جىنايىتى دېلولىرىدا دېلوغا چېتىشلىق بەزى كىشىلەر باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسىنى قوبۇل قىلغان، ياللانغان پۇقرالار بولۇپ، ئۇلار ئازغىنە توشۇش ھەققى بەدىلىگە زەھەر توشۇيدۇ، ئۇلار زەھەر ئىگىسى، ساتقۇچى ياكى سېتىۋالغۇچى ئەمەس. ئۇلار پۈتكۈل زەھەر جىنايىتى ھالقىسىدا بېقىنغۇچى، ياردەمچى ۋە يېتەكلەنگۈچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، رولى ۋە خەۋپى ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا جازا ئۆلچىگەندە، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ– ساتقان، ياسىغان ۋە زەھەر توشۇپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلاردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ، چېتىشلىق زەھەرنىڭ ئاز–كۆپلىكىگە قاراپ جازا ئۆلچەنمەيدۇ. دېلودىكى جاۋابكار باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسىنى قوبۇل قىلىپ، ياللىنىپ زەھەر توشۇغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، تۇنجى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ. ئۇلار توشۇغان زەھەرنىڭ مىقدارى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ، لېكىن توشۇغان زەھەرنىڭ مىقدارى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، جاۋابكار ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ياللىشى بىلەن زەھەر توشۇشقا قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىسا. ئېغىر جازا ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى
OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg