ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
زەھەرگە خۇمار بولۇش
ۋاقتى : 2017-04-18 00:30:42  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ
   زەھەرگە خۇمار بولۇش (تايىنىشچانلىق ) زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇش ئادەمدە بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل زەھەرلىك چېكىملىككە نىسبەتەن تايىنىشچانلىق شەكىللىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىنىدۇ:
   زەھەرلىك چېكىملىكىنى چېكىشكە نىسبەتەن كۈچلۈك ئارزۇ – ئىستەك شەكىللىنىش. زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئادىتى ياكى قىلمىشىنى كونتىرول قىلىش قىيىن بولۇش. چېكىش مىقدارىنى ئازايتقان ياكى توختاتقاندىن كىيىن بەدەن زەھەرسىزلىنۋاتقان مەزگىل. ئادەمنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە نىسبەتەن كۆرىنەرلىك دەرىجىدە چىدامچانلىق شەكىللەنگەندە، زەھەرنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى ئاز مىقداردىكى زەھەرلىك چېكىملىكتىن ئالغان كەيىپكە يېتىش.
   باشقا ئىشلاردىن خۇشاللىق تاپالماسلىق، زەھەرلىك چېكىملىككە قىزىقىشى كۈچىيىپ بېرىش. زەھەرلىك چېكىملىككە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى تۈرتكىسىدە چېكىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، قايتا – قايتا كەيپ كۆرۈش ئىستىكى كۈچىيىپ بېرىش. ئېنىق كۆرىلىۋاتقان زىيانلىق ئاقىۋەتلەر ( مەسىلەن جىگەر زەخمىلىنىش، چۈشكۈنلىشىش، مىجەزى تەرسالىشىش دىگەندەك ) بىلەن ھىسابلاشماستىن، زەھەرلىك چېكىملىكنى داۋاملىق چېكىش.
OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg