ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
زەھەر چېكىپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن خۇمار بولۇپ قالىدۇ ؟
ۋاقتى : 2017-04-07 13:13:04  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

    بىر قېتىم زەھەر چېكىپلا خۇمار بولۇپ قېلىش ھەربىر زەھەر چەككۈچى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان جەريان بولۇپ، خۇمار بولۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن –قىسقىلىقى ئىشلەتكەن دورىنىڭ تۈرى، ساپلىق دەرىجىسى، مىقدارى، كۈندىلىك قېتىم سانى ۋە چېكىش ئۇسۇلى، زەھەر چەككۈچىنىڭ چىدامچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

    ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، خىروئىن چەككۈچىلەر ھەپتىدە تۆت قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر گىرامدىن ئۇدا ئۈچ كۈن چەككەندە زەھەر خۇمارى پەيدا بولىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كۈنىگە بىر قېتىم خىروئىن چەككەندە، بەش كۈن ئەتراپىدىلا زەھەر خۇمارى پەيدا بولىدىكەن. يەنە بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىروئىننى تومۇرغا بىرلا قېتىم ئۇرغاندىلا خۇمار بولۇپ قالىدىكەن.

   ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى