ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
ئارلاشما زەھەرلىك بۇيۇملار
ۋاقتى : 2017-04-07 01:51:52  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

   ئارىلاشما زەھەرلىك بۇيۇملار ئادەتتە تارقىلىپ يۈرگەن ، سېتىلغان زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ بىر قىسمى ساپ زەھەرلىك بۇيۇم بولماستىن ، تەركىبى بۇزۇلغان ئارىلاشما زەھەرلىك بۇيۇملاردۇر . زەھەرلىك بۇيۇم ساتقۇچىلار كۆپ پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن زەھەرلىك بۇيۇمغا كۆپ مىقداردا باشقا ماددىلارنى قوشۇۋېتىدۇ ، ئاندىن ئۇنى ساتىدۇ . زەھەر بىر نەچچە قېتىملىق قولدىن - قولغا ئۆتۈشتىن كېيىن ، ئۇنىڭغا كۆپ مىقداردا ھەر خىل ئارىلاشمىلار قوشۇلىدۇ . مەسىلەن ، كىر يۇيۇش پاراشوكى ، باش ئاغرىقى دورىسى ، نىكوتىن ، شېكەر ، ئۇن ، پرۇكائىن ، ھاك ، ھىدروخلورىد ، كاففىيىن ، ئۇيقۇ دورىسى قاتارلىقلار .

   ھازىر تارقىلىپ يۈرۈۋاتقان ‹‹ خۇاڭپى ›› نى تەكشۈرگەندە ، ئۇنىڭدىكى خېروئىننىڭ مىقدارى ئارانلا %4 - %5 بولغان . كۆپ خىل ئارىلاشمىلار ئادەمدە ئادەتتىكى زەھەرلىنىشكە ئوخشىمايدىغان زەھەرلىنىش پەيدا قىلىپ ، ئۇنىڭ زەھەرلىنىشىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش تەس بولۇپ قالىدۇ . جىددىي ھالدا زەھەرلەنگەندە ، كۆپ ئادەملەردە ھوشسىزلىنىش ۋە ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك كۆرۈلۈپ ، جىددىي خاراكتېرلىك ئۆپكە ئىششىقى پەيدا بولىدۇ ، %20 ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ . بەزى چاغلاردا يەنە ئەكس تەسىر بېرىپ ھوشسىزلىنىش ۋە باشقا قوشۇمچە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا سىلىقلاش پاراشۇكى ۋە كراخمال ئارىلاشقان زەھەرلىك چېكىملىكنى ئۇزۇن مۇددەت چەككەندە ، ئۆپكە ئارتېرىيە يۇقىرى بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . پاختا تالاسى ئارىلاشقان زەھەرلىك چېكىملىكىنى چەككەندە ، ئۆپكە تالا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەگەر ئۇنىڭغا يۇقۇملۇق ماددىلار ئارىلاشقان بولسا ، ئۆپكە ئارتېرىيە ياللۇغى ، ئۆپكە ئارتېرىيە قان توسۇلۇپ قېلىش ، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ .