ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ۋاقتى : 2017-04-03 03:22:42  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

    يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ قايتىدىن يامراپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، خىروئىندىن ئىبارەت بۇ «ئالۋاستى» تېز سۈرئەت بىلەن ماكان، زامان، مىللەت ئايرىماستىن ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلارنى قاپلىدى. نەچچە ئون مىڭلىغان تۇيۇق يولغا ماڭغان نادان ياشلار خىروئىندىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستىغا يەم بولۇپ، ئەزىز جېنىدىن ئايرىلدى. يەنە يۈز مىڭلىرى زەھەر قاينىمىدا جان تالاشماقتا. قەبىھ زەھەر ئەتكەسچىلىرى ھارام پايدىنى كۆزلەپ نومۇسسىز ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىش كۆرمىگەن، گۆدەك ياشلارنى ئەيىش-ئىشرەت، بۇزۇقچىلىق بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش يولىغا كىرىپ قالماقتا. يەنە بىر قىسىم زەھەرنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر زەھەرنى «ئۈنۈملۈك دورا» دەپ بىلىپ كېسەل، ئاغرىق داۋالاشتا ئىشلىتىپ، نەتىجىدە خۇمار بولۇپ قېلىپ بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتالماي قالماقتا. قىسقىسى زەھەرلىك چېكىملىك دۆلەتكە، مىللەتكە، جەمئىيەتكە، ئائىلىگە، شەخسكە تەسۋىرلىگۈسىز بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى. زەھەرنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن، ھازىر زەھەر چېكىۋاتقانلارغا نىسبەتەن مەجبۇرىي زەھەرسىزلەندۈرۈش داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن سىرت، يەنە زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەيدىغان ياش –ئۆسمۈرلەرگىمۇ زەھەرلىك چېكىملىق چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەش تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر.