ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلار
ۋاقتى : 2017-04-02 03:11:53  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   زەھەر قايتۇرۇش تەسىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلار دېيىلىدۇ.
   ھەرخىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تەسىرىدىن ۋە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدىن بەدەندە زەھەرلىك ماددىلار كۆپىيىپ كەتسە ياكى باشقا دورىلار ۋە يېمەك-ئىچمەك تەسىرىدىن ئورگانىزىمدىكى مەلۇم بىر ئەزا ياكى پۈتۈن بەدەن زەھەرلەنسە، ئورگانىزىمدا ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، ئورگانىزىمنىڭ فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتىنى بۇزۇپ، ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەر ھەرخىل بولغاچقا، زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلارنى مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ تەبىئىيتى قۇرۇق ئىسسىق ياكى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، بۇ خىل دورىلار زەھەر قايتۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرۇش؛ سۈيدۈك ھەيدەپ قىچىشىشنى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇپ سەزگۈرلۈكنى يوقىتىش ئارقىلىق زەھەر قايتۇرىدۇ. بۇنداق دورىلار زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلار دېيىلىدۇ.