ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
مۇز زەھەر ھەققىدە بايان
ۋاقتى : 2016-06-29 11:18:14  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

مۇز زەھەر ھەققىدە بايان

قومۇل تارانچى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى مېتادون ئامبۇلاتورىيەسىدىن
ئىسكەندەر جېلىل، مەلىكەم ساتتار

قىسقىچە چۈشەنچە:
مۇز زەھەرنىڭ تېببىي ۋەخىمىيەدىكى ئاتىلىشى «مېتا ئامفىتامىن» (Methamphetamine، 甲基苯丙胺)بولۇپ، پۇراقسىز، تەمسىز ياكى سەل قاڭسىق سۈزۈك كرىستال ماددا، ساپ بولغاندا شەكلى ئاق ناۋاتقا ياكى مۇزغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭاكىشىلەر بۇنى ئادەتتە «مۇز» ياكى «مۇز زەھەر» دەپ ئاتىشىدۇ.
ئەڭ دەسلەپتە بۇنى ئېفىدرىن (ephedrine، چاكاندا ماددىسى، چاكاندا ئىشقارى)دىن ئوكسىدسىزلاپ ئالاتتى، ھازىز پۈتۈنلەي خىمىيىلىك ئۇسۇلدا ياسايدىغان بولدى. مۇز زەھەرنىڭ نۆۋەتتە كاپسۇللۇق، تالقانلىق ۋە ئۇششاق پارچە ھالەتتىكى شەكىللىرى بار بولۇپ، بۇنى ئېغىزدىن شوراش، بۇرۇندىن شوراش، يېيىش ياكى ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ. ئاز مىقداردىكى مۇز زەھەر كىشىنى ھاياجانلاندۇرۇپ ھاردۇقنى يەڭگىللىتىدۇ، بەدەندىكى تەسىرى تېز ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. كۆپ مىقداردا ئىشلەتسە، زىيادە روھلاندۇرۇپ، جىنسىي ھەۋەسنى كۈچەيتىدۇ، يېمەكلىك ۋە ئۇيقۇغا بولغان ئېھتىياجنى ئازلىتىدۇ، دائىم ھاياجانلىنىپ تۇرالمايدۇ ۋە زوراۋانلىق قىلمىشى كۆرىلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە، كۈچلۈك خۇمار قىلىدۇ (تايىنىشچانلىق شەكىللىنىدۇ)، مۇز زەھەرنى ئىستېمال قىلالمىسا، خۇمار تۇتۇش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، لېكىن خۇمار تۇتۇش ئالامەتلىرى خېروئىن قاتارلىق ئەنئەنىۋى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ.
مۇز زەھەر 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدە رەسمىي زەھەرلىك بۇيۇم بولۇپ مەيدانغا كەلگەن، 90-يىللاردا جۇڭگوغا كىرگەن. ئادەتتە يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىلىدۇ. مۇز زەھەرگە خۇمار بولۇشقا ئائىت تەتقىقاتلار ۋە بىلىملەر كەمچىل، داۋالاش ئۇسۇللىرىمۇ چەكلىك. لېكىن بۇنىڭ زىيانلىق دەرىجىسى ئەنئەنىۋى زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن كەم ئەمەس. ب د ت زەھەر چەكلەش مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، مۇز زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانى نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، مۇز زەھەرنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى نەزىرىيە جەھەتتىن مېتائامفىتامىن دەپ قارىلىدۇ، لېكىن بازاردىكى قاتتىق مۇز زەھەر ئەمەلىيەتتە سەل ئارىلاش بولۇپ، ئاساسلىقى مېتا ئامفىتامىن ھىدروخلورىد (Methamphetamine hydrochloride) تۇزلىرىدىن تەركىب تاپقان، شۇڭا مۇز زەھەر بىلەن مېتائامفىتامىننىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاش نەرسە ئەمەس. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، مۇز زەھەرنىڭ تەركىبىدە گىلتىڭباش كومۇلىچى قاتارلىق ئانىلىن (aniline) تۈرىدىكى دورىلار ئارىلاشقان بولىدۇ.

مۇز زەھەرنىڭ بەدەن تەسىرى:
مۇز زەھەرنى ئوكۇل قىلغانغا قارىغاندا، بەڭ قىلىپ سۈمۈرسە، ئۈنۈمى تېز ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، خېروئىننى بەڭ قىلغانغا قارىغاندا، تومۇردىن ئوكۇل قىلىپ ئۇرسا، ئۈنۈمى تېز ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. مۇز زەھەر ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، قان- مېڭە توسىقىدىن ئاسانلا ئۆتۈپ، مېڭىگە كىرىدۇ، ھەمدە مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىنى دەرھال غىدىقلاپ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ، زەھەر چەككۈچىلەر ئۆزىنى ئۇچىۋاتقاندەك ياكى لەيلەۋاتقاندەك كەيپ كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئىنتايىن روھلۇق ۋە جۇشقۇن، تەسۋىرلىگۈسىز ھوزۇر ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ھېس قىلىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۆزلۈك تۇيغۇسى ئاشىدۇ، زېھنىي قۇۋۋىتى تولۇپ تېشىپ، ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئۈنۈمى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى تېزلىكتە يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ، يېتىلگەن ساغلام ئادەم 1mg- 5mg ئىستېمال قىلسا، مۇشۇ ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.
مۇززەھەرنى ئاياللار ئىستېمال قىلسا، ئەرلەرگە قارىغاندا خۇمار بولۇشى بالدۇر ۋە تېز، دورىغا تايىنىۋېلىشچانلىقى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇز زەھەرنىڭ ئاياللارغا بولغان تەسىرى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئېغىر بولىدۇ.
ئەگەر ئۇدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، بۇ خىل ھاياجانلىق ھالەت نەچچە كۈن داۋاملىشىدۇ. دورىنىڭ كۈچى قالمىغان چاغدا، بېشى قېيىش، روھى چۈشكۈنلۈشۈش، تەشۋىشلىنىش، بىتاقەت ۋە بىئارام بولۇش، دىققىتىنى يىغالماسلىق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، بولۇپمۇ چۈشكۈنلۈك ئېغىر بولىدۇ. دورا مىقدارى 10mg-30mg يەتكەندە، ئۆتكۈر زەھەرلىنىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئۇدا مۇز زەھەرچەككەنلەرگە دورا تەسىر قىلماس بولۇپ قېلىش بىلەن بىرگە، ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، بۇنى ئادەتتە «ئامفىتامېندىن زەھەرلەنگەن روھىي كېسەللىك» دەپ ئاتايدۇ.

مۇز زەھەرنىڭ ئەكىس تەسىرى:
مۇز زەھەر ئىستېمال قىلغۇچىلارنى خۇمار قىلىدۇ، ھەمدە ئېغىر بولغان روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ئەكىس تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
مۇز زەھەر مېڭىگە تەسىر قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، مېڭە توقۇلمىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققائۇچرىتىدۇ. مېڭە توقۇلمىلىرى بۇزۇلسا، مەڭگۈ ئەسلىگە كەلمەيدۇ. ئاقىۋەتتە، زەھەر چەككۈچىلەر خاتىرىسىنى ۋە خۇدىنى يوقىتىشتەك روھىي توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ.
زىيادە ھاياجانلانغانلىقتىن، بەدەن ئېنىرگىيىسى زور دەرىجىدە خوراپ، ئىممۇنتېت كۈچى ئاجىزلايدۇ، ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، تاماققا كۆڭلى تارتمايدۇ، ئورۇقلاپ كېتىدۇ. خىيالى ئاۋۇپ، بەزىدە خىيالىي تۇيغۇلارغا كېلىپ قالىدۇ. كونا ئىشلار ئېسىگە كېلىپ قېلىپ، ئاچچىقلايدۇ، كۆپ گەپ قىلىدۇ، دەرتمەن، ئۇنۇتقاق، تىرىككەك، ئۇرۇشقاق بولۇپ قالىدۇ.
بېشى قېيىش، بېشى ئاغرىش، چۈشكۈنلىشىش، خۇدۈكسىرەش، ئەنسىرەش، تىتىرەش، پەي رېفلىكىسى ئارتىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، ھەمدە ئاسان چېچىلىدىغان، ئىچى تىتىلدايدىغان، بىئارام بولىدىغان، كۆڭلىگە غەلىتە ئويلار ۋە قورقۇنچلۇق خىياللار كىرۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئۆلىۋالىدىغان ياكى باشقىلارنى ئۆلتۈرىدىغان خىياللارغىمۇ كېلىپ قالىدۇ.
بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدىغان، يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىدىغان، يۈرىكى سانجىپ ئاغرىيدىغان، قان بېسىمى ئۆرلەيدىغان ياكى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان، مۇسكۇللار تارتىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
مۇز زەھەرنى دەسلەپ چەككەندە، جىنسىي ئىقتىدارى ۋە جىنسىي ھەۋىسى كۈچىيىپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇزۇن مەزگىل چېكىۋەرگەندىن كېيىن، جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. 71نەپەر مۇز زەھەر چەككۈچى ئەرلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا مەلۇم بولۇشىچە، جىنسىي مۇناسىۋەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى، جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانى، سۈپىتى، يۇقىرى پەللىگە چىقىشى، جىنسىي ھەۋىسى ۋە قىزىقىشىدا روشەن تۆۋەنلەش بولغان، نورمال كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، زەكەرنىڭ قايىم بولۇش نىسبىتى %11.3بولغان، نورمال كىشىلەرنىڭ بولسا %89.7 بولغان. ئۇزۇن مەزگىل مۇز زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسى ۋە ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانى ھەپتىدە بىر قېتىمغا چۈشۈپ قالغان.
مۇز زەھەرنى كۆپىنچە ئېغىزدىن بەڭ قىلىپ شورايدىغان بولغاچقا، ئېغىر بوشلۇقى ۋە چىشقا تەسىر قىلىدۇ. چىشى ئاغرىش، چىشى چۈرۈش، چىشى ئۇۋىلىنىپ كېتىش ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ. تىلىنىڭ ئۈستى ئاقىرىدۇ، جاۋغىيىدا چىش پاستىسىدەك ئاقۇش ماددا پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئاغزى قۇرغاقلىشىدىغان، ئاغزىدىن مېتال تېتىيدىغان، كۆڭلى ئېلىشىدىغان، ئىشتىھاسى بۇزۇلىدىغان، قۇسىدىغان، قۇرسىقى ئاغرىيدىغان ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا، دۆۋلىنىدىغان، مېڭىگە قان چۈشىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىپ، ھەتتا ھۇشسىز ھالدا ئۆلۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.

مۇز زەھەرنى قانداق كىشىلەر چېكىدۇ؟
مۇززەھەردىن ئىبارەت بۇ خىل يېڭى تىپتىكى زەھەرنى مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن كىشىلەر ئىستېمال قىلىدۇ. جاڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 2006- 2008-يىللىرى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، مۇز زەھەر چەككۈچىلەر ئاساسلىقى تولۇقسىز ئوتتۇرا سەۋىيەسىدىكىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇلار ئومومىي چېكەرمەنلەرنىڭ %60ىنى ئىگىلەيدىكەن، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيەسىدىكىلەر %18، تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيەسىدىكىلەر %17، ئالىي مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدىكىلەر ئاران %1.6ئىگىلەيدىكەن. باشقا ئۆلكەردىكى سانلىق مەلۇماتلارمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن ئوخشىشىپ قالىدىكەن.
تۈنجى زەھەر چېكىش يېشى 20 ياشتىن تۆۋەن ئوغۇللارنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچىسى تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىن تۆۋەنلەردۇر. كۆڭۈل ئېلىش ۋە مۇلازىمەت كەسىپلىرى، شۇنداقلا بىنورمال كەسىپلەر بىلەن شوغۇللىنىدىغان ياشلار مۇز زەھەرگە ئاسان كىرىشىپ قالىدىكەن. چۈنكى بۇ قورامدىكى ياشلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشى كەمچىل بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ قېنى قىزىق، قارام، راھەتتىن ھوزۇرلىنىش پىسخىكىسىغا ئىگە كېلىدىكەن.
مۇززەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدىكى ئەر- ئاياللارنىڭ نىسبىتىدە، ئەرلەرنىڭ نىسبى تىيەنىلا ئاياللاردىن يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن خېروئىن چەككۈچىلەرنىڭكىگە قارىغاندا، ئاياللارنىڭ نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى تۇرىدۇ. بەزى رايونلاردىكى تاللاپ تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، قىز ئاياللارنىڭ مۇز زەھەر چېكىش نىسبىتى %45كە يېتىپ بارغان (2007-يىلى خاربىندىكى تەكشۈرۈش). دوكلاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاياللارنىڭ مۇز زەھەرنى تۈنجى چېكىش يېشى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئۈچ ياش بالدۇر بولىدىكەن، يەنى بەزى قىزلار خېلى بالدۇرلا مۇز زەھەر چېكىشنى باشلىۋالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆڭۈل ئېچىش كەسىپىدە ئىشلەيدىغان قىزلارنىڭ مۇز زەھەر چېكىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئاياللارنىڭ زەھەرگە ئۆگىنىپ قېلىش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى زەھەر چېكىش ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەن ھالىتىنى بىلدۈرىدىكەن.

مۇز زەھەرنىڭ تارىخى:
مۇز زەھەرنىڭ مۇھىم خام ئەشيالىرىنىڭ بىرى بولغان چاكاندىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى خېلى بۇرۇنقى زامانلاردىنلا باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتى ۋە جۇڭيى تىبابەتلىرىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. 1885-يىلىغا كەلگەندە، چاكاندىنىڭ ئاكتىپ بىئو ئىشقارى بولغان ئېفىدرىن (ephedrine، چاكاندا ئىشقارى، 麻黄碱) چاكاندىدىن ئايرىپ ئېلىندى. ئادرېنالىن (肾上腺素)غا ئوخشاپ كېتىدىغان ئايرىپ ئېلىنغان بۇ ماددا سىمپاتىك نېرۋىلارنى ھاياجانلاندۇرۇش، كانايچىلارنىڭ سىيلىق مۇسكۇللىرىنى بوشاشتۇرۇش، قان تومۇرلارنى تارايتىش ۋە مەركىزى نېرۋىنى ھاياجانلاندۇرۇش رولى بار ئىدى. لېكىن قۇلايلىق يېرى، ئېفىدرىننى ئېغىزدىن يېگىلى بولاتتى، دورىلىق ئۈنۈمىمۇ ئۇزۇن ۋە كۈچلۈك ئىدى، شۇڭا بۇنىڭ ئىشلىتىلىشى تېخىمۇ كېڭەيدى. ئېفىدرىننى بۇرۇن شىللىق پەردىسىگە قان تولۇشنى داۋالاشقا ئىشلەتكەندە، ئۈنۈمى تېز ۋە ئۇزۇن بولدى.
1887-يىلى، رومىنىيەلىك خىمىيە ئالىمى ئېدىلىنو (Edeleano) گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە تۈنجى قېتىم ئېفىدرىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان ماددا ئامفىتامىن (amphetamine)نى ھاسىل قىلدى. شۇ يىلى، ياپونىيەلىك خىمىيە ئالىمى ناگاي ناگايوشى (长井长义) مۇئېفىدرىندىن ئامفىتامىننى ئايرىپ چىقتى. بۇ دورىلار ئەڭ دەسلەپتە، سېمىزلىكنى داۋالاشقا ئىشلىتىلدى، چۈنكى ئامفىتامىن ئادەمنىڭ مېڭىسىنى سەگەك قىلىپ، ئىشتىھاسىنى تۇتۇپ قوياتتى. 1919-يىلى، ياپونىيەلىك يەنە بىر خىمىيە ئالىمى ئا.ئوگاتا (阿.雄贺多) مېتا ئامفىتامىننى ئايرىپ چىقتى. مانا بۇ ئەڭ دەسلەپكى مۇز زەھەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئىدى. ئەينى چاغدا، مېتائامفىتامىن ئېفىدرىننىڭ قوشۇمچە ھاسىلاتى بولغاچقا، ئادەتتە «ئېفىدرىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان ماددا» دەپ ئاتالغان ئىدى.
كىشىلەرئۇ چاغلاردا بۇ دورىلارنىڭ ئېغىر ئەكىس تەسىرىنى تونۇپ يېتەلمىدى. 1927-يىلى، ئامفىتامىن پۈكۈگۈچ دورا قىلىنىپ، بۇرۇن ياللۇغىنىڭ بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش ئالامەتلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلدى. 1932-يىلى راسىمىك ئامفىتامىن قوشۇلغان بۇرۇن دورىسى بارلىققا كېلىپ، بېنزېدرىن (Benzedrine) دەپ ئاتالدى، 1940-يىلى بۇ دورىنىڭ تابلىتكىسى چىقتى.
ئانىلىن(苯胺类药物) تۈرىدىكىدورىلارنىڭ ھاياجانلاندۇرۇش رولىنى كىشىلەر بۇرۇنلا بىلگەن ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 1920-يىللىرىلا بەزى كىشىلەر كەيپ كۆرۈش ئۈچۈن بۇ خىل دورىلارنى ئىستېمال قىلغان ئىكەن. بۇ دورىنى داۋالاشقا ئىشلەتكەندىكى نېرۋىنى غىدىقلاش، ھاياجانلاندۇرۇش ۋە ھاردۇقنى يەڭگىللىتىش روللىرى ھەققىدىكى تۈنجى دوكلات مۇمەيدانغا كەلدى. لېكىن، بۇ دورىنىڭ دەل مۇشۇنداق «قوشۇمچە تەسىرلىرى» ئانىلىن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ داۋالاش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋەتتى. ئۇ چاغلاردا مېتائامفىتامىن بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ۋە خۇمار قىلمايدۇ دەپ قارىلاتتى. 1935-يىلى، مېتائامفىتامىننىڭ ئېغىر ئەكىس تەسىرلىرى يېزىلغان دوكلاتلار چىققان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى.
مېتائامفىتامىن قىسقا مەزگىل ئىچىدە مېڭە ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇندۆلەتلەر 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ جاسارىتىنى ۋەچىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مېتائامفىتامىننى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتتى. ياپونىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتە خاتىرىلىرى بار. گېرمانىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىگە مېتائامفىتامىننى بېرىش ئارقىلىق تونۇردەك ئىسسىق شىمالىي ئافرىقا قۇملۇقلىرىدا جەڭ قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان ئىدى. بۇ دورا يەنە زىيادە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان ھەربىي سانائەت ئىشچىلىرىغىمۇ بېرىلەتتى.
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، زور مىقداردىكى ئامفىتامىن ئەسكەرلەر ئارقىلىق خەلق ئارىسىغا ئېقىپ كىردى. بولۇپمۇ ئەينى چاغدا ياپونىيە مەغلۇب بولغانلىقى ئۈچۈن، خەلقنىڭ روھىي كەيپىياتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى. بەزىلەر روھىي كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يەنە بەزىلەر ياپونىيەنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى قوبۇل قىلالماي چۈشكۈنلەشكەنلىكىتىن، ئامفىتامىننىڭ ياپونىيەدىكى ئىستېمالى ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى، ئامفىتامىن ئەينى چاغدىكى ياپونىيەنىڭ ئەڭ ياخشى كەيپىيات تەڭشەش دورىسى بولۇپ قالغان ئىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ياپونىيەدە 1945- 1954-يىلغىچە ئامفىتامىن يەپ باققانلارنىڭ سانى 2 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئادەتتە ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ سانى 550 مىڭ، روھىي توسالغۇغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇ چاغلاردا، ياپونىيە ئاھالىسىنىڭ %5- %10ى ئامفىتامىن يەپ كەيپ كۆرىدىكەن، بۇ ئەھۋال زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ تۈنجى قېتىم ياپونىيەدە كەڭ تۈردە ئىستېمال قىلىنىشى ئىدى. 1951-يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتى قانۇن چىقىرىپ، بۇ خىل دورىنىڭ ئىشلەپچىقرىلىشى ۋە سېتىلىشىنى چەكلىدى.
1957-يىلى، جۇڭگونىڭ چۇڭچىڭ قاتارلىق رايونلىرىدا، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بەزى ئىشچىلار بىر خىل «ھارماسلىق تابلىتكىسى» يېگەن، كېيىن ئىسپاتلىنىشىچە، بۇئەسلى چاكاندىدىن ئېلىنغان ئوكسىدسىزلانغان ئېفىدرىن ئىكەنلىكى بايقالغان. 1962-يىلى، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئانىلىن تۈردىكىلەرنى چەككەنلەرنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭغا يەتكەن. بۇ بەلكىم 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بەرگەن ئۇرۇش ئەشيالىرى ئىچىدىكى دورىلار بولۇشى مۇمكىن.
2-دۇنيائۇرۇشىدىن كېيىن، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا ئەللىرىدە ئانىلىن ۋە ئامفىتامىننى قالايمىقان ئىشلىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ياپونىيەگە ئوخشىمايدىغانيېرى، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى شۇ خىلدىكى دورىلارنىڭ مىقدارى بەكلا كۆپ ئىدى. بۇخىل دورىلارنىڭ قوشۇمچە تەسىرلىرىنىڭ كۆرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ۋە ھەر قايسى شتاتلىق ھۆكۈمەتلەر قانۇن چىقىرىپ، بۇ دورىلارنىڭ رېتسىپسىز سېتىلىشىنى چەكلىدى، لېكىن بۇرۇندىن سۈمۈرىدىغان دورىلارنى چەكلىمىدى. شۇڭا نۇرغۇنكىشىلەر بۇرۇندىن سۈمۈرۈشكە ئۆتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دورا ياساش كارخانىلىرى بۇ خىل دورىلارنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، دورىلارغا قاڭسىق تەملەرنى قوشىۋەتكەن، لېكىن بۇ ئۇسۇل دورىنىڭ ناتوغرا ئىستېمالىنى توسۇپ قالالمىغان. 1959-يىلى، بەزىلەر بۇ دورىلاردىن ئامفىتامىن تەركىبىنى ئايرىپ ئېلىپ، ئوكۇل قىلىپ ئىشلەتكەن ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. شۇ يىلى ئامېرىكا دورا نازارەت ئىدارىسى بۇرۇندىن سۈمۈرىدىغان بۇ دورىلارنىمۇ رېتسىپلىق دورىلار قاتارىغاكىرگۈزگەن.
1953-يىلى، سىمىس كىلاي فرانىس شىركىتىنىڭ ئامفىتامىن روھىلاندۇرۇش دورىسىغا بولغان پاتېنت ھوقۇقىنىڭ ۋاقتى توشتى، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا كەم دېگەندە 6 شىركەت مۇشۇ خىلتۈردىكى دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولدى. 1967-يىلى، ئامفىتامىننىڭ رېتسىپلىق ئىشلىتىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىلا 31 مىليون ئادەم قېتىم ئىشلىتىلگەن. 1970يىلى، ئامېرىكىدىكى ئامفىتامىن دورىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى 100 مىليون تابلىتكىغا يەتتى. شۇ يىلى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى قانۇن چىقىرىپ، ئامفىتامىننى 2- دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان دورىلار قاتارىغا كىرگۈزدى، ھەمدە ئېنىق قىلىپ «ئانىلىننى دورا ئورنىدا ئىشلەتسە بولىدۇ، لېكىن كۈچلۈك خۇمار قىلىدىغان تەسىرى بار» دەپ ئەسكەرتتى.
1970-يىللارنىڭ بېشىدا، ياپونىيە زەھەر ئەتكەسچىلىرى فوسفات كىسلاتاسىنىڭ ئورنىغا تۇز كىسلاتاسىنى ئىشلىتىپ قاتۇرۇش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن مۇزغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۈزۈك كرىستال ماددا ھاسىل بولۇپ قالدى. بۇ ماددا بۇرۇنقى تالقانسىمان دورىلارغا ئوخشىمايتتى. مانا بۇ قاتتىق ھالەتتىكى مېتا ئامفىتامىن، يەنى ھازىرقى مۇز زەھەرنىڭ ئەۋۋىلى ئىدى.
1980-يىللاردىن باشلاپ، ئامېرىكا تۈرلۈك قانۇن- پەرمانلارنى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئامفىتامىن تۈرىدىكى دورىلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى.
مۇز زەھەر (مېتا ئامفىتامىن) جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 1991-يىلى بايقىلىپ، شۇ يىلى 351كىلوگرام مۇز زەھەر ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشتى. 1999-يىلىغا كەلگەندە، قولغا چۈشكەن مۇز زەھەرنىڭ مىقدارى شىددەت بىلەن ئېشىپ، 16 توننىغا يېتىپ باردى.
ب د ت زەھەر چەكلەش مەھكىمىسىنىڭ 1996-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى شاڭخەيدە ئاچقان خەلقئارالىق روھىلاندۇرغۇچى دورىلار مۇتەخەسسىسلىرى يىغىنىدا، بىردەك «ئامفىتامىن تۈرىدىكى روھلاندۇرغۇچى دورىلار تەدرىجى ھالدا ئەپىيۇن، خېروئىن، نەشە ۋە كوكائىن قاتارلىق ئەنئەنىۋى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، 21-ئەسىردىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان زەھەرلىك چېكىملىككە ئايلىنىدۇ» دەپ قارالدى.
مەنبە: بەيدۇ قامۇسىدىن ئېلىندى
http://baike.baidu.com/link?url=JyMLqET8eA1_q1-MJ9fPXJ4tIhs9PvyXEYLeEjXdP6AoFW4p2732ckWkhMUJQQ_FAH6QKQr9ErKRULYQYSGoGMVoERExd_dnJFLppkwZX9y