ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
زەھەر چېكىش قايسى خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
ۋاقتى : 2016-05-16 12:16:30  مەنبەسى : toutiao.com   يوللىغۇچى : يارپ

زەھەر چېكىش قايسى خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
 

 


زەھەر ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەم بەدىنىدە ماسلىشىشچان ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، بۇ دورىنىڭ تەسىرىدىكى يېڭى تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈپ، دورا ئىشلىتىش توختىتىلسىلا، قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، بىر قاتار ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ئىنكاس تىببىي ئىلىمدە «زەھەر تاشلاشتىن كۆرۈلگەن تەسىر» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئادەمنى ئىنتايىن ئازابلايدۇ. زەھەر چەككۈچىلەر بۇ تەسىردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا دورا ئىستىمال قىلىشى، شۇنداقلا ئىشلىتىش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىشى كېرەك، بۇ زەھەر چەككۈچىلەرنى ئەڭ ئاخىرىدا زەھەردىن ئايرىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

زەھەر ئادەم بەدىنىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، زەھەر چەككۈچىنىڭ ئىممۇنىت سىستېمىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر زەھەر چەككۈچىنىڭ بەدىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، خىلمۇ-خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، زەھەر چېكىش ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى، د تىپلىق جىگەر ياللۇغى، جىنسىي كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولغىنى يەنىلا ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىشى.
زەھەر چېكىش ئادەمنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي سىستېمىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
بىماردا ھەزىم ناچارلىشىش كۆرۈلىدۇ، زەھەر چېكىش يەنە قۇسۇش، ئىشتىھا يوقاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى چەكلەپ، شۇ ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋاقىت ئۇزىرىغانسىرى، زەھەر چەككۈچىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈشتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئورۇق بولىدۇ.

زەھەر چېكىش ئادەمنىڭ نەپەس يولىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
زەھەر ئەتكەسچىلىرى زەھەرنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇملارغا ھەمىشە تالك پاراشوكى، قەھۋە تالقىنى، كراخمال دېگەندەك پاراشوكسىمان ماددىلارنى قوشىدۇ، بۇ ئادەم بەدىنىدە سۈمۈرۈلگەنگەن كېيىن، ئۆپكە دانچە خاراكتېرلىك كېسىلى، ئۆپكە تالالىشىش، ئۆپكە تىقىلمىسى، ئۆپكە ئىششىقى، ئۆپكە تۇبىركۇليوز قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
زەھەر چېكىش ئادەمنىڭ چوڭ نېرۋىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ
زەەر چېكىش ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزۈپ، خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ، جىددىي خاراكتېرلىك يۇلۇن ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇشچان نېرۋا ياللۇغى، باكرىتىيىلىك مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، ئادەم بەدىنىدە زەھەرگە نىسبەتەن چىدامچانلىق پەيدا بولىدۇ، يەنى ئازغىنە زەھەر زەھەر چەككۈچىنىڭ خۇمارىنى قاندۇرالمايدۇ، ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئامالسىز زەھەرنى تومۇرغا ئۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان شىپرىس ئارقىلىق زەھەر ئۇرۇش يىرىڭلىق ئىششىق كۆنەكسىمان توقۇلما ياللۇغى، قان نوكچىسى مەنبەلىك ۋېنا ياللۇغى، قان بۇزۇلۇش ۋە باكتىرىيەلىك يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيىنى شۇكى ئۇ ئەيدىز كېسىلىنى ئېلىپ كېلىدۇ. زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغۇچىلار ھەمىشە پاكىز بولمىغان شىپرىسنى ئىشلەتكەچكە، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللاردا يۇقۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىش سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە زەھەر چەككۈچىدە ئېغىر دەرىجىدە دورىغا بېقىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا زەھەر تاشلاشتا چوقۇم بىر بىخەتەر، جىمجىت، يېپىق مۇھىت بولۇشى كېرەك. زەھەر چېكىش ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە، بەدىنىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن، زەھەر چەككۈچىلەر يەنە سىستېمىلىق ھالدا دورا، پىسخىكا ئارقىلىق داۋالىنىشى ۋە كۈتۈنۈش ئارقىلىق داۋالىنىشى كېرەك. پەقەت مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردىلا پۇت ئۇۋۇلاش ئارقىلىق داۋالاش، سىستېمىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن زەھەر چېكىدىغان دوستلىرىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن زەھەرنى تاشلىيالايدۇ.