ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
زەھەر خۇمارى دېگەن نېمە؟ زەھەر خۇمارىدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟
ۋاقتى : 2015-11-19 15:14:20  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : سەدەف

 زەھەر خۇمارى دېگەن نېمە؟ زەھەر خۇمارىدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟


 

زەھەر خۇمارى دېگىنىمىز زەھەر چېكىشكە كۆنۈپ قالغاندىن كېلىپ چىقىدىغان ناچار ئادەتنى كۆرسىتىدۇ، زەھەر خۇمارىنىڭ بەدەن بېقىنىشى ۋە روھى بېقىنىشى بولۇش، ئادەم بەدىنىنىڭ ئورگانىزىمىغا خەۋىپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ.
ئالىملار FMRF نەيچىسى ( بىر خىل ئادەم فىزىلوگىيسىنى تەكشۈرۈدىغان ئەسۋاپ ) ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى : زەھەر چەككۈچى زەھەرنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرغاندا، چەككەندە ياكى يېگەن ۋاقىتتا، چوڭ مېڭىسىدىكى خوشاللىق نېرۋا چەمبىرىكى بىر تۈز سىزىققات ئۆزگۈرۈپ، دوپامىننىڭ تارقىلىش ئارلىقىنى زور دەرەجىدە قىسقارتىۋىتىپ، چوڭ مېڭىدىكى خوشاللىق ھېسياتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. ھەر خىل زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ مېڭە ھۈجەيرىللىرىنى ئوخشىمىغان ھالدا غىدىقلاش رولى بولىدۇ.
زەھەر چېكىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان خەۋىپى
(1) بەدەن بېقىنىشى. بۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى داۋاملىق دورا ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىر خىل كۈچلۈك تايىنىشنى كۆرسۈتىدۇ. زەھەرلىك بۇيۇم ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ، ئادەم بەدىنىدە بىر خىل ماسلىشىش خارەكتىرلىق ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق دورىنىڭ تەسىرىدە ئاندىن تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىيالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. دورا ئىشلىتىشنى توختاتقان ھامان، فىزولىگىيەلىك ئىقتىدارىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇشقا باشلاپ، بىر قاتار ئېغىر ئەكىس تەسىرلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، ئادەمدە شۇنداق ئېغىر بولغان ئازاپلىنىش تۇيغۇسى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زەھەر چەككۈچى بۇنداق ئازاپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەنە داۋاملىق ۋاقتىدا دورا ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ھەمدە داۋاملىق مىقدارىنى كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، شۇ تۈپەيلى زەھەر چەككۈچى ئۆمۈر بويى زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئايرىلالمايدۇ.
(2) روھى بېقىنىش. زەھەرلىك بۇيۇم ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەمنىڭ نېرۋا سېستىمىسىغا تەسىر قىلىپ، زەھەر چەككۈچىدە بىر خىل يەنە زەھەر چىكىشكە ئىنتىلىدىغان كۈچلۈك ھېسيات پەيدا قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق زەھەر چەككۈچى ھېچ نەرسىگە قارىماستىن زەھەرلىك بۇيۇم ئىشلىتىشكە ئىنتىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. روھى بېقىنىش پەيدا بولغاندىن كېيىن، گەرچە زەھەردىن ئايرىپ داۋالىغان تەقدىرىدىمۇ، جىددىي خارەكتىرلىك مەزگىلىدە زەھەر چەككەندىن كېيىنكى تەسىرى ئاساسى جەھەتتىن كونتىرول قىلىنغاندىن كېيىن، ئەسلىدە بار بولغان فىزىلوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئادەتتە بىر نەچچە ئاي ھەتتا بىر نەچچە يىل كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، زەھەرلىك بۇيۇمغا بولغان ئىنتىلىشى ئاسانلىقچە يوقالمايدۇ. بۇ دەل نۇرغۇنلىغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ قايتا-قايتا چېكىۋېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر، ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى دوختۇر ۋە دورا ساھەسىدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.

قانداق قىلىپ زەھەرلىك بۇيۇمنى تاشلاش كېرەك
زھەر تاشلاننىڭ كۆرسىتىدىغىنى زەھەر چەككۈچىنىڭ زەھەر چىكىشتەك يامان ئادىتى ۋە زەھەر خۇمارىنى تاشلاشنى كۆرسىتىدۇ. زەھەر چەككۈچىگە قارتا زەھەر تاشلىتىش داۋالىشى ئېلىپ بارغاندا، ئادەتتە ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتۈش كېرەك : زەھەردىن ئايرىش-–سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ـ- جەمىيەتكە قايتىش تەربىيەسى.
نۆۋەتتە كۆپ ئۇچىرايدىغان زەھەر تاشلىتىش ئۇسۇلى ئۈچ خىل :
(1) تەبئىي ھالدا تاشلىتىش، بۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى زەھەر چەككۈچىنىڭ زەھەر مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، پەقەت يېمەك ئىچمەك ۋە ئادەتتىكىچە بېقىش ئارقىلىق، زەھەر تاشلىغاندىن كېيىنكى ئەكىس تەسىرىنى تەبىي ھالدا يوقۇتۇپ، زەھەر تاشلاش مەقسىتىگە يېتىش. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى دورا بەرمەسلىك، كەمچىلىكى بولسا بىر قەدەر ئازاپلىق.
(2) دورا بىلەن تاشلىتىش. يەنى دورا ئارقىلىق زەھەردىن ئايرىپ داۋالاش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى زەھەر چەككۈچىگە زەھەر تاشلىغاندىن كېيىنكى تەسىرنىڭ دورىسىنى بېرىپ، ئورنىغا دەسسىتىش ۋە تەدىرجى ئازايتىش ئۇسئۇلىنى قوللۇنۇپ، زەھەر چەككۈچىنىڭ زەھەر تاشلىغاندىن كېيىنكى ئاغرىق ئازابىنى ئازايتىش ۋە يەڭگىللىتىش، تەدىرجى زەھەردىن ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئۇسۇلىدۇر.
(3) دورا ئىشلەتمەي تاشلىتىش ئۇسۇلى. بۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى يىڭنە سانجىپ داۋالاش، فىزىكىلىق داۋالاش ئەسلىھەسى قاتارلىقلار ئارقىلىق، زەھەر چەككۈچىنىڭ زەھەر تاشلىغاندىن كېيىنكى ئاغرىق ئازابىنى يەڭگىللىتىدىغان بىر خىل زەھەر تاشلىتىش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا «پىسخىكىلىق كۆرسەتمە» ئۇسۇلى ئارقىلىق زەھەر چەككۈچىنىڭ زەھەر تاشلىغاندىن كېيىنكى ئازابىنى يەڭگىللىتىپ زەھەر تاشلىتىش. كەمچىلىكى بولسا كېتىدىغان ۋاقىت ئۇزاق، تاشلىتىش مۇستەھكەم بولمايدۇ.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى زەھەر تاشلىتىشتا ئالاھىدە ئەۋلىيا دورىسى يوق، زەھەر چەككۈچى ھەرگىزمۇ زەھەر تاشلىتىدىغان ئالاھىدە دورا بار دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك، پەقەت قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئىلمىي بولغان ئۇنىۋىرسال داۋالاش ئېلىپ بارغاندىلا، زەھەر خۇمارىدىن ئاندىن تەلتۆكۈس قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
يارپ تورىدىن : يارقىن توختى تەرجىمىسى