ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
ئەپيۇن (كۆكنار) غوزىكى چېيىنىڭ سىرى
ۋاقتى : 2015-08-18 12:44:51  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئەپيۇن (كۆكنار) غوزىكى چېيىنىڭ سىرى


تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بىلگە

سوئال: ئەپيون چىقىدىغان كۆكنارنىڭ پوستى سۇيۇۋېلىنغان شاكال غۇزىسىدا چاي دەملەپ ئىچىش ھازىر خىلى كۆپ ئۇچرايدۇ. شاكال غۇزىسى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىقمۇ؟ زىيىنى بار بولسا زىيىنى ئادەتتىكىچىمۇ ياكى خەتەرلىكمۇ؟
بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقىنى – كۆكنار غوزىكى چېيىنى ئىچىش-ئىچمەسلىك مەسىلىسى بولۇپ، بۇنى چۈشىنىشتىن ئاۋۋال بىز كۆكنار، يەنى ئەپىيۇن توغرۇلۇق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. ئەپيۇن بىز ناھايىتى كۆپ ئاڭلىغان سۆز بولۇپ 19-ئەسىردىكى ئەنگىلىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى دۇنياغا داڭلىق ئەپيۇن ئۇرۇشى دەل مۇشۇ ئەپىيۇن سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان. ئەپيۇن كۆپ ھاللاردا ئەپىيۇن گۈلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى ئەپيۇنلۇق ئىشقارلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەپيۇن گۈلىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ يەرلىكتە كۆپىنچە كۆكنار دەپ ئاتىلىدۇ. ئەپيۇن ناھايىتى چىرايلىق چېچەكلەيدىغان بىر خىل گۈل بولۇپ ئۇنىڭ مىۋىسى دەل ئەپىيۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان قىسمىدۇر. گەرچە ئەپيۇن قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ بېرىدىغان مېۋىسى دەل خىروئىن، كوكايىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ بىردىنبىر مەنبەسىدۇر.
ئەپيۇن تېرىش قانۇنسىز بولسىمۇ، بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلاردا پايدىسىنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى ئەپيۇن تېرىلىدۇ. ئەپيۇن مېۋىسى تېخى يېشىل، پىشمىغان پەيتكە توغرىلاپ ئەپيۇن دەرىخى ئۇچىدىكى غوزەككە جايلاشقان ئەپيۇن مېۋىسىنىڭ سىرتقى قىسمىنى سىزىقچە شەكلىدە كېسىش ئارقىلىق ئەپيۇن مېۋىسى ئىچىدىكى ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئايرىۋىلىنىدۇ. بۇ ئەپيۇن دەپ ئاتالغان ئاق رەڭلىك ماددىنىڭ ئاساسلىق ئاكتىپ خېيمىلىك تەركىبى ناركوز قىلىش رولىغا ئىگە ئىشقارلىق ماددىلار بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىقى مورفىن، كودايىن قاتارلىقلار ئايرىۋىلىنىدۇ. بۇ ئاق رەڭلىق ئارىلاشما ماددا دەل ئەپيۇنلۇق دورىلار دەپ ئاتالغان كۈچلۈك ناركوز قىلىش رولىغا ئىگە خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىنسان مەركىزى نېرۋا سىستىمىسىدىكى كۈچلۈك مەست قىلىش ئۈنۈمىنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. ئەپيۇن مىۋىسىدىن ئېقىپ چىققان بۇ ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇقتا كۆپ بولغاندا 21% مورفىن ۋە 25% كودايىن بار بولۇپ، بۇ ئىككى خېمىيىلىك ماددا تەبئىي ئۇچرايدىغان ئەڭ كۈچلۈك ناركوزلىغۇچى دورىلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مورفىن ئەڭ تىپىك ئەپيۇن تىپىدىكى خېمىيىلىك ماددا بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن تۆۋەندە مورفىننىڭ فارماكولوگىيىلىك (دورا) تەسىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرىمەن:

مورفىن ئىنسان مەركىزى نېرۋا سىستىمىدىكى ئەپيۇن قوبۇللىغۇچى ئاقسىللىرىنى غىدىقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، مورفىن ئادەم بەدىنىگە كىرگەندە قان ئارقىلىق مېڭىگە يېتىپ بارىدۇ ۋە مەركىزى نېرۋا سىستىمىسىدىكى مىيۇ ۋە كاپپا قوبۇللىغۇچى ئاقسىللارنى قوزغىتىدۇ. بۇنىڭ تەسىرى مەسىت قىلىش، ھەدىدىن زىيادە ھاياجاندا خۇش قىلىش (دەل مۇشۇ سەۋەب ئاق چەككۈچىلەر دەسلەپ بۇ دورىغا ئىنتىلىدۇ)، ئاغرىق سەزمەسلىك، نەپەسنى ئاستىلىتىش، جىسمانىي جەھەتتىن تايىنىدىغان بولۇپ قىلىش، ئاشقازان ھەرىكىتى ئاستىلاش ۋە ئىچى قېتىش، كۆز قارچۇقى يوغىناش… قاتارلىق بىر قاتار فىزىئولوگىيلىك تەسىرلەرنى قوزغايدۇ. مورفىن ئەڭ دەسلەپ مېدىتسىنادا ئوپراتسىيە جەريانىدا ناركوز قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھازىرمۇ بىر قاتار كېسەللەر ئۈچۈن ئاز مىقداردا مورفىن تەركىبلىك دورىلار بېرىلىدۇ. مورفىننىڭ فارماكولوگىيىلىك تەسىرى ئاغرىق توختىتىش، باش قايدۇرۇش، ئەقلىي غۇۋالىشىش، روھىي بېسىمنى يەڭگىللىتىش، ئۆزىنى ناھايىتى قالتىس ھېس قىلىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مورفىننىڭ يەنە مېڭە بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر قىسىم دورىلىق تەسىرى بار بولۇپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىپ تومۇرلارنى كېڭەيتىش، ھىستامىن تىپىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرىدىغان ماددىلارنى قويۇپ بېرىش (شۇڭا گىلى قىچىشىپ يۆتىلىش)، نەپەسنى ئاستىلىتىش، تىرىنى قىززىتىش ۋە ئىشىتىش، ھامىلدار ئاياللاردا تولغاق ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بالا تۇغۇلۇشىنى كېچىكتۈرۈش، ئىچى قېتىش ۋە سۈيدۈكنى ئازايتىش قاتارلىق تەسىرلەرگىمۇ ئىگە.
مورفىن كېسەل داۋالاشتا ئاساسلىقى ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. مورفىن خۇمار قىلىش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئىشلەتكەنسىرى كۆپ مىقداردا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە خۇمار قىلىش جەريانى ئاغرىق سەزمەسلىك، ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىش، نەپىسى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ياندىشىپ كىلىدۇ. دېمەك، ئومۇمەن ئېيتقاندا مورفىن ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بىر خېمىيىلىك ماددا بولۇپلا قالماي، كۈچلۈك خۇمار قىلىش رولىغا ئىگە بولغاچقا مورفىننى كۈچلۈك زەھەرلىك ماددا دەپ قاراشقا، مورفىن تەركىبلىك چېكىملىكلەرنى زەھەرلىك چېكىملىك دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى مورفىن دەل خىروئىن تەركىبىدىكى ئاكتىپ ماددا شۇ بولۇپ، مورفىننى ناھايىتى ئاددىي خېمىيىلىك رىئاكسىيە ئارقىلىق خىروئىنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرى مورفىننى خىروئىنغا ئايلاندۇرۇپ بازارغا سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىروئىن بەدەنگە كىرگەندە ئېنزىملارنىڭ تەسىرىدە پۈتۈنلەي مورفىنغا ئايلىنىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق يۇقىرىدە سۆزلەنگەن تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئەمدى گەپكە قايتىپ كەلسەك، يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كۆكنار غوزىكى بىلەن دەملەنگەن چاي – كۆكنار غوزىكى چېيى ئىچىش مودىغا ئايلىنىپ قالغان. ئەپسۇسكى، ئەپيۇن غوزىكى يەنى كۆكنار غوزىكى تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا مورفىن بارلىقى ئىسپاتلانغان ۋە بىر قىسىم زەھەر ئەتكەسچىلىرى دەل قۇرۇتۇلغان كۆكنار غوزىكىدىن خام ئەشىيا قىلىپ مورفىنلىق دورىلارنى ياساپ قانۇنسىز ساتىدۇ. بۇنىڭ جەريانى مۇرەككەپ، كېتىدىغان ئىش كۆپ، ئايرىۋىلىنىدىغان مورفىن ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن كۆكنار غوزىكى بىر قەدەر ئەرزان باھادا سېتىلىدۇ كۆكنار ئۇرۇقى تەركىبىدە مورفىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن كۆكنار ئۇرۇقى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلىنغان ماي قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش زىيانسىز ۋە ھالال دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمما مورفىن تەركىبى بار بولغان كۆكنار غوزىكى چېيى ئېنىقكى ئىنسان تېنىگە زىيانلىقتۇر. بۇ زىياننىڭ قانچىلىك بولۇشى ئەلۋەتتە قانچىلىك غوزەك سېلىنغانلىقىغا باغلىق. بۇ خىل چاينى ئىچكەندە دەسلەپ ئازراق كۆڭلى ئېلىشىش تۇيغۇسى بولىدىغان بولۇپ، مىقدارىنى كۆپەيتىپ ئىچكەندە خۇمار قىلىش رولىغا ئىگە ئىكەن. خۇلاسىلىسام، مەيلى ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن كۆكنار غوزىكى چېيى تەركىبىدە مورفىندىن ئىبارەت ئىنسان تېنىگە زىيانلىق ماددا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل چاينى ئىچىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر، بەلكى پەرىزدۇر.
بىلگەجان (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)2014-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى:http://onlinelibrary.wiley.com/doi/10.1111/j.1360-0443.2006.01409.x/full
https://www.erowid.org/plants/poppy/poppy_info2.shtml
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ كۆپلەپ تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!

يازما ئاپتورى: بىلگەجان
دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە (تور نامى بىلگەجان) 1985-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان. ئۇ 2009-يىلى ئامېرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرستېتى مولىكۇلا ۋە ھۈجەيرە ھاياتلىق ئىلىمى كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنغان. 2013-يىلى 5-ئايدا 28 يېشىدا دوكتورلۇقنى تاماملاپ، ئامېرىكا تەبئىي پەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش ئۇيغۇر دوكتور بولۇپ قالغان. ئۇ ھازىر ئامېرىكا تېكساس بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى گېنىتىكا فاكۇلتىتىنىڭ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى ئاساسلىقى گېنىتىكا، ھامىلە يېتىلىش بىئولوگىيىسى، مېتابولىزىملىق كېسەللىكلەر ۋە مېڭە ئىلىمى قاتارلىق ساھەلەرگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىئو-مېدىستسىنا تەتقىقاتىغا مەركەزلىشىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://bilge.eldawa.com/?p=251