ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
روھى خۇمارنى تاشلاشتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك
ۋاقتى : 2015-08-14 10:43:51  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ


روھى خۇمارنى تاشلاشتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك

 

روھى خۇمارنى تاشلاشتا، پىسخىكىلىق داۋالاشنى ئىزچىل ئېلىپ بېرىش، تەن سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، يەنە پىسخىكا دوختۇرلىرىدىن ياردەم سوراشتىن سىرت، تېخىمۇ كۆپ ھالدا ئۆزىنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق كەيپىياتىنى تەڭشەپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتى ۋە ئىش-ھەركەتلىرىنى تەدىرجى ھالدا نورمال كىشىلەرنىڭكىگە يەتكۈزىشى كېرەك، ھەمدە ھەر ۋاقىت ياخشى بولغان كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك، بۇ دەل مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا زەھەر تاشلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلىسى. زەھەر تاشلىغۇچىلار تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىشى، ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى، مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا زەھەر تاشلاپ، يېڭى ھاياتقا قاراپ مېڭىشى كېرەك.

خاتالىق ئۈستىدە ئويلىنىش
زەھەر چەككۈچى چوقۇم دائىم ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن كۆپ مۇڭدىشىپ تۇرىشى، دائىم ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ خۇلاسە چىقىرىپ تۇرىشى، زەھەرنىڭ ئۆزى، ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ئېلىپ كەلگەن ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى ئېسىدە چىڭ تۇتىشى، دائىم ئۆزىنىڭ نىمە سەۋەپتىن زەھەرگە ئۆگۈنۈپ قالغانلىقىنى ئويلىشى، خۇمارى تۇتۇپ قىينىلىپ، ئازاپلىنىپ كەتكەن ئاشۇ كۈنلەرنى ئويلاپ، كۆڭلىدە بىزار بولۇش ۋە قورقۇش پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. كۆڭلىدىكى يامان بولغان نىيەتلەرنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشى كېرەك، ئۆزىنى چوقۇم كونتىرول قىلىپ تۇرىشى كېرەك، شۇ ئارقىلىق پىسخىكىسىدىكى زەھەر خۇمارىنى تاشلىشى كېرەك.
ئۆز-ئۆزىنى كونتىرول قىلىپ تۇرىشى كېرەك
زەھەر چەككۈچىگە قارىتا، روھىي خۇمارنى تەلتۆكۈس تاشلىيالىشى ۋە ئۆزىنى كونتىرول قىلىپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنداقتا زەھەرلىك بۇيۇمغا ئىنتىلىش پەيدا بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ دەل زەھەر چەككۈچى ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئاقىۋەت، پايدا-زىياننى ئۆلچەشكە تېگىشلىك جەريان. كۆپلىگەن زەھەر چەككۈچىنىڭ پىسخىكىسى روھلاندۇرغۇچى دورىغا ئوخشايدۇ، ئەگەردە ئاقىۋىتىنى ئويلاشماي، قىززىققانلىق بىلەن ئىش قىلىپ، ئۆزىنىڭ نەپسىنى قويۇۋېتىپ، بىر قېتىم چېكىپ چەكمەيمەن، بىر قېتىم چەككەنگە خۇمار بولۇپ قالمايدۇ، مەن ئۆزۈمنى تامامەن كونتىرول قىلالايمەن دەپ ئويلىسا، ئاقىۋەتتە بىر چېكىش بىلەن كەينىنى يۇغۇشتۇرالمايدۇ. مەسلەن بىر مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا زەھەر تاشلىغۇچى مۇنداق دەيدۇ: « ئاشۇ زەھەر خۇمار دوستلىرىمنى كۆرگەندە، مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتالماي قالىمەن، شۇنچىلىك چەككۈم كېلىدۇ، بىراق مەن بىر چېكىپ قويساملا، بۇرۇن قىلغانلىرىم ھەممىسى بىكار بولىدۇ، يەنىلا ئاشۇ ئەسلەشكە ئەرزىمەيدىغان شۇ يولدا قايتا مېڭىشقا توغىرا كېلىدۇ، شۇڭا مەن چوقۇم چىداپ تۇرۇشۇم كېرەك. بىر نەچچە قېتىم چىداپ ئۆتكۈزىۋەتكەندىن كېيىن، كۆڭلۈمدىكى زەھەرگە بولغان ئىنتىلىشمۇ ئازلاپ ماڭىدۇ» بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەرقانداق ئىشقا ئۇچرۇغاندا سوغۇققان بولۇش كېرەك، ھەرقانداق ئىشتا ئون ئۆلچەپ بىر كېسىش، ئۆزىنى كونتىرول قىلىپ تۇرۇش كېرەك.

ئۆزىنى قاچۇرۇش
مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا زەھەر تاشلاشتا يەنە چوقۇم قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئاسان يۈز بېرىدىغان تاشقى مۇھىتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك. تاشقى ئامىل بولسا زەھەر چىكىشنىڭ مۇتلەق بولغان بىر شەرتى، بىر زەھەر چەككۈچى مۇنداق دەيدۇ: «مەن شىفرىس، ئۇكۇل يىڭنىسى، تاماكا قەغىزى قاتارلىقلارنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، قەلبىمدە بىر خىل ئۆزەممۇ ئېيتىپ بىرەلمەيدىغان ئىنتىلىش پەيدا بولۇپ، ئامال قىلىپ شۇ زەھەر خۇمار دوستلىرىمنى ئىزدەپ، ياخشى بىر ھوزۇرلىنىشنى ئويلايمەن.» شۇڭا ئامال قىلىپ، ئۆزىنى بىلگەن ئاساستا زەھەرگە يېقىنلىشىپ قالىدىغان ھەر خىل ئازدۇرۇشلارنىڭ يېنىغا بارماسلىق، ئۆزىنىڭ قايتىدىن زەھەر چىكىش ئېدىيىسىنى پەيدا قىلىدىغان زەھەر چىكىش ئورۇنلىرىغا بارماسلىق، ئۆزىنى زەھەرگە يېقىنلاشتۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن ئارلاشماسلىق، تاساددىبىي بولغان پۇرسەتتە زەھەرگە يېقىنلىشىپ قالغاندىمۇ ئۇنىڭغا قورۇقماي ياق دىيەلىشى كېرەك، شۇ ھالدا ئاندىن زەھەر خۇمارىدىن تولۇق قۇتۇلۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

مەنبەسى : گەنسۇ زەھەر چەكلەش تورىدىن
يارپ تورىدىن : يارقىن توختى تەرجىمىسى