ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
زەھەر چەكلەش بىلىملىرى
نەشىنىڭ زىيىنى
ۋاقتى : 2015-03-10 10:10:39  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ
نەشىنىڭ زىيىنى

      نەشە بولسا كەندىردىن ياسالغان بىر خىل زەھەرلىك بۇيۇم بولۇپ، بۇنى زەھەر ئەتكەسچىلىرى پۇل تېپىش مەقسىتىدە ھەرخىل ئادەم بەدىنىگە زەھەرلىك بولغان ماددىلارنى يەنى مەست قىلغۇچى دورىلار، چىۋىن دورىسى يەنە باشقا مەينەت نەرسىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ ساتىدۇ. زەھەر چەككۈچىلەر بۇنداق ئارلاشما ناچار زەھەرلىك بۇيۇمنى ئۇزۇن مۇددەت چەككەندە مېڭىسىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيانلارنى ئېلىپ كېلىپ، مىڭە يىگىلەش، ئېلىشىپ قېلىش، روھى كىسەل قاتارلىق ھەرخىل كىسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.
     نەشە چەككەن ئادەمدە كۆرۈنەرلىك ھالدا بىئولوگىيلىك ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرمىسىمۇ، لېكىن روھى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن زور دەرىجىدە ئۆزگۈرۈش بولىدۇ، ئىچى تىتىلداش، زەھەرلىك بۇيۇمغا تەلپۈنۈش، ئوي-پىكىرى قالايمىقانلىشىش، قالايمىقان خىياللاردا بولۇش قاتارلىق روھى ھالەتتە ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا نەشە چەككەن ئادەمدە شۇنى چەكمىسە نورمال ياشىيالمايدىغاندەك روھى ھالەت شەكىلىنىدۇ، چۈنكى بۇنى چېكىپ كۆنۈپ قالغاندا يۇقارقىدەك ھالەتلەر كۆرۈلگەچكە ئۆزىنىڭ روھى ھالىتىنى كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن داۋاملىق چېكىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. نەشە چەككەندە ئادەم بەدىندىكى ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەركىتى تىزلىشىپ، بۆرەك قاتتىق قىزىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادەمنىڭ جىنسى ھەۋىسىمۇ كۈچۈيىشكە باشلايدۇ. شۇڭا توي قىلغانلار ئىچىدىكى نەشە چىكىدىغانلار تۇرمۇشتىكى جىنسى مۇناسىۋەتتە ئادەتتىكى نورمال كىشىلەردىن ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ، لېكىن ئەسلىدىكى نورمال ئىشلەش ھالىتىنى داۋاملىق زەھەرلىك بۇيۇم نەشە بىلەن نەچچە ھەسسە ئاشۇرغاچقا، بۆرەك شۇنداق قىززىشقا كۆنۈپ قېلىپ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىدۇ، نەشىنى چەكمەي تاشلاپ قويغاندا بۆرەكتە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئائىلىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتتە بۇرۇنقىدەك ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيدۇ، ھەتتا نورمال ئادەملەردىنمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەپ تۇرمۇش قۇرۇپ بولغانلارنىڭ نەشىنى تاشلىشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. ئەمدى ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار نىمىشقا چېكىشنى ئۆگۈنۈپ قېلىپ تاشلىيالمايدۇ دىگەندە، بۇ زەھەرلىك بۇيۇم ھازىر جەمىيىتىمىزدە ئىنتايىن ئەۋجىپ كەتكەچكە، ياشلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر بۇنىڭ ئازدۇرىشىدا بىر قېتىم قىلىپ باقاي دىگەن ئىدىيە بىلەن چېكىدىيۇ، ئاندىن بۇنىڭ مەست قىلىشىدىن ھوزۇرلۇنۇپ ئۆزىنىڭ ئىچ-پۇشۇغىنى چىقىرىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرىۋالىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت چەككەندىن كېيىن بۇرۇنقىدەك مەست قىلىدىغان ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ چىكىشكە باشلايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ نەرسە ئۇنىڭ روھىنى چىرىتىپ بۇ خىل زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئايرىلالماس قىلىپ قويۇدۇ.
    شۇڭا كىشىلەرنىڭ بۇنداق زەھەرلىك بۇيۇمدىن يىراق تۇرۇشىنى، ھەمدە بۇنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىنى، ئۆزىنى سىرلىق تۇماندىن يىراقلاشتۇرۇپ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، ئەۋلادلارغا، جەمىيەتكە بىر ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى  چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.