ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
يان تېلېفوننى سۇ ئارقىلىق زەرەتلىگىلى بولىدۇ
ۋاقتى : 2017-09-06 15:40:43  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   شىۋېتسىيەدىكى بىر شىركەت يېقىندا ئون نەچچە گىرام سۇ ئارقىلىقلا يان تېلېفون، فوتو ئاپپارات ۋە GPS ئۈسكۈنىسىگە ئون سائەت ئىشلەتكىدەك توك قاچىلىغىلى بولىدىغان، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بىر خىل يېڭى تىپتىكى زەرەتلىگۈچنى كەشىپ قىلدى. بۇ خىل Trekk Power دەپ ئاتىلىدىغان بۇنداق زەرەتلىگۈچنىڭ مەشغۇلاتى تېز ۋە ئاددىي. ئۇنىڭ قاچىسىغا بىر قوشۇق سۇ قۇيۇلىدۇ، ئۈستىگە كىچىك يۇمىلاق قاچا سېلىنىپ ياپقۇچى يېپىلسىلا زەرەتلەش باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ئاددىي بىر خىمىيەلىك رېئاكسىيەدىن ئىبارەت بولىدۇ. يۇمىلاق قاچىنىڭ ئىچىدە ناترىي سىلتسىي بولىدۇ، ئۇ سۇ بىلەن ئۇچراشقاندا، ھىدروگېن گازى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ رېئاكسىيە جەريانى بىخەتەر ھەم مۇھىت ئاسرايدۇ، ئۇنىڭ بىردىنبىر قوشۇمچە ھاسىلاتى سۇ ھورىدۇر. بۇ زەرەتلىگۈچنى USB ئېغىزى بار ھەرقانداق ئۈسكۈنىگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ، سۇغا قارىتامۇ ھېچقانداق تەلىپى بولمايدۇ، يەنى تۇزلۇق سۇ بولسىمۇ ھەتتا پاسكىنا سۇ بولسىمۇ نورمال ئىشلەۋېرىدۇ.