ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
سولياۋلارنىڭ ‹‹كىملىكى››ى
ۋاقتى : 2017-08-31 12:56:04  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

 ئىستاكان، سۈت بوتۇلكىسى، ئىچىملىك بوتۇلكىسى ۋە داس – تەلەڭگە قاتارلىق سولياۋ ياسالمىلارنىڭ ئاستى قىسمىدا بىر دانە ئۈچبۇلۇڭ بەلگىنىڭ بارلىقىنى، بەلگىنىڭ ئىچىدە بىردىن رەقەم بولىدىغانلىقىنى، بۇ رەقەملەرنىڭ بىردىن يەتتىگىچە بولىدىغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ بەلگە زادى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ بەلگە سولياۋ ياسالمىلارنى يىغىۋېلىش بەلگىسى بولۇپ، بىردىن يەتتىگىچە بولغان رەقەملەر ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى سولياۋلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
‹‹01››PET ___ دىلۇن (تېرىلېن)
PET نىڭ ئىلمىي نامى پولى ئېتىلېن گلىكول تېرىفتالات بولۇپ، ئادەتتە دىلۇن دەپ ئاتىلىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە ئۇنىڭدىن سۈنئىي تالالار ئىشلىنىپ رەخت توقۇلغانىدى، 1976 – يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭدىن تۈرلۈك قاچىلار ياسالدى، بۇ قاچىلارنىڭ قاتتىقلىقى، ئېلاستىكىلىقى، سۈزۈكلۈكى ياخشى، يەڭگىل، ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە ئىشلىتىشكە قولايلىقلىقى بىلەن بازارلىق، ھاۋا ئۆتكۈزمەيدۇ، ھورلانمايدۇ، كىسلاتا – ئىشقارلىققا چىداملىق. بىراق ئۇنىڭ چىداشلىق بېرىش تېمپېراتۇرىسى ئارانلا ℃70 بولغاچقا، ئىلمان ياكى سوغۇق ئىچىملىكلەرنى قاچىلاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، قىزدۇرۇشقا ياكى قىزىق سۇ قاچىلاشقا بولمايدۇ. شۇڭا بۇنداق بوتۇلكىلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن تاشلىۋېتىش ياكى يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىغا سېتىۋېتىش كېرەك، ئۇنىڭغا ھاراق، ياغ قاتارلىقلارنى قاچىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.
‹‹02››HDPE ___ يۇقىرى زىچلىقتىكى پولىستىرېن
PE تۆت چوڭ ئۇنىۋېرسال سولياۋنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ پولىستىرېن دەپ ئاتىلىدۇ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىش مىقدارى كۆپ بولۇۋاتىدۇ. HDPE بولسا يۇقىرى زىچلىقتىكى پولىستىرېننى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئىزولياتورلۇقى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، توك سىمى ۋە كابېللارغا ئىشلىتىشكە باب كېلىدۇ، ئۇ يەنە نەملىك سۈمۈرمەيدۇ ھەم سۇ ھورىدىن ياخشى ساقلىنىدۇ، سوقۇلۇشقىمۇ چىداملىق، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئادەتتە ئاق رەڭلىك دورا بوتۇلكىسى، تازىلىق دورىلىرى، چاچ يۇيۇش جەۋھىرى، يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى، يېمەكلىك مايلىرى ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قاچىلايدىغان قۇتا ياسىلىدۇ، تازىلىق بۇيۇملىرى ۋە يۇيۇنۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇتىلىرىنى پاكىز تازىلىۋەتكەندىن كېيىن قايتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى تەكرار ئىشلەتمەسلىك كېرەك، ئۇ ℃110 لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، نۆۋەتتە تاللا بازارلىرى ۋە سودا سارايلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان خالتىلارنىڭ كۆپىنچىسى HDPE دىن ياسىلىدۇ.
‹‹03››PVC ___ پولىۋىنىل خىلورىد
PVC تۆت چوڭ ئۇنىۋېرسال سولياۋنىڭ بىرسى بولۇپ، پولىۋىنىل خىلورىد دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى باھاسى ئەرزان. PVC نىڭ ئەۋرىشىملىكى ياخشى بولغاچقا سۇ تۇرۇبىسى، يامغۇرلۇق كىيىم، بوغچا، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، سولياۋ يوپۇق، سولياۋ تەلەڭگە قاتارلىقلارنى ياساشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تېمپېراتۇرىسى ℃80 ئەتراپىدا بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياكى مايلىق مۇھىتتا ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلارنى قويۇپ بېرىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكلەرنى ئورىماسلىق كېرەك. PVC ياسالمىلىرى زەھەرلىك بولۇپ، بۇ زەھەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىككى تەرەپتىن بولىدۇ: بىرسى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يەككە مولېكۇلالىق پولىستىرېنلارنىڭ پۈتۈنلەي بىرلىشىپ كېتەلمەسلىكى، يەنە بىرسى پىلاستىكىلاشتۇرغۇچتىكى زەھەر. بۇ ئىككى خىل ماددا ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ناھايىتى ئاسانلا راك پەيدا قىلىدۇ.
‹‹04››LDPE ___ تۆۋەن زىچلىقتىكى پولىستىرېن
LDPE يەڭگىل، ئەۋرىشىم، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە سوقۇلۇشقا چىداملىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئاسان، شۇڭا كۆپ قىسىم سولياۋ خالتىلار، يېڭى ساقلاش پەردىسى ۋە سولياۋ يوپۇق قاتارلىقلار LDPE دىن ياسىلىدۇ، LDPE نىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃110 دىن ئاشقاندا ئېرىشكە باشلاپ، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولىدۇ، شۇڭا يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىشتىن بۇرۇن سولياۋ خالتىلاردىن چىقىرىۋېتىش ياكى يېڭى ساقلاش پەردىسىنى ئېلىۋېتىش كېرەك.
‹‹05››PP ___ پولىپىروپىلېن
PP تۆت چوڭ ئۇنىۋېرسال سولياۋنىڭ بىرسى بولۇپ، پولىپىروپىلېن دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ چىدامچانلىقى، قاتتىقلىقى ۋە ئىسسىقلىققا چىدامچانلىقلىرىنىڭ ھەممىسى HDPE دىن ياخشىراق بولىدۇ، ئىزولياتورلۇقى ۋە چىرىتىشكە چىداملىقلىقى ياخشى. كەمچىلىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا چۈرۈكلىشىدۇ، سۈركىلىشكە چىدىمايدۇ، ئاسان كونىرايدۇ، سۈزۈكلۈكى ناچارلىشىدۇ. ئادەتتە ئىستاكان، چېلەك، ئەخلەت چېلىكى، سېۋەت ۋە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ يېمەكلىك قاچىسى قاتارلىقلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. PP نىڭ ئېرىش نۇقتىسى ℃167 قا يېتىدۇ، زەھەرسىز ھەم تەمسىز بولىدۇ، شۇڭا يېمەكلىك ۋە سۇ قاچىلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ، PP مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىشقا بولىدىغان بىردىنبىر سولياۋ قاچا بولۇپ، پاكىز تازىلىۋەتكەندىن كېيىن تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
‹‹06››PS ___ پولىستىرېن
PS بولسا تۆت چوڭ ئۇنىۋېرسال سولياۋنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر خىلى بولۇپ پولىستىرېن دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يەڭگىل، قاتتىقلىقى يۇقىرى، رەڭسىز سۈزۈك، خالىغانچە رەڭ بەرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، رادىياتسىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بارلىق سولياۋلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، PS دىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئويۇنچۇق، يېزىق قوراللىرى، چاق ۋە تېز تاماق قاچىسى قاتارلىقلار ياسىلىدۇ، بۇ خىل ماتېرىياللار يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياكى كىسلاتا – ئىشقارلىق مۇھىتتا زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلارنى قويۇپ بېرىدۇ، شۇڭا تېز تاماق قاچىسىغا ئىسسىق تاماقلارنى ئالماسلىق ياكى تاماق قاچىلانغان تېز تاماق قاچىسىنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سالماسلىق كېرەك.
‹‹07››PC ___ (پولىكاربونات) ۋە باشقىلار
07  بەلگىسى قويۇلغانلىرى ئالدىنقى ئالتە خىل سولياۋدىن باشقا تۈردىكى سولياۋلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغىنى PC (پولىكاربونات ) بولۇۋاتىدۇ. PC ئادەتتە قۇرۇلۇشلارغا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ رەڭسىز سۈزۈك، ئىسسىقلىققا، سوقۇلۇشقا چىداملىق، ئاسان كۆيمەيدۇ. شۇڭا يەنە ئۇنىڭدىن ئوپتىك دىسكا، كۆزەينەك ئەينىكى، سۇ بوتۇلكىسى، ئوق ئۆتمەس ئەينەك، مۇھاپىزەت كۆزەينىكى ۋە ماشىنا ئەينىكى قاتارلىقلار ياسىلىدۇ. ئالما شىركىتىنىڭ iPod مۇزىكا قويغۇچىسى ۋە iBook خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ تاشقى قېپىمۇ PC دىن ياسىلىدۇ.
سولياۋ ياسالمىلىرىنى يىغىۋېلىش بەلگىسىنى ئامېرىكىنىڭ سولياۋ كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرى بەلگىلىگەن بولۇپ، ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ سولياۋ بازارلىرىدا ئىنتايىن ئۆلچەملىك ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. سولياۋلارغا ‹‹كىملىك›› بېكىتىش ھەم سولياۋنى تۈرلەرگە ئايرىپ يىغىۋېلىشنىڭ ئېھتىياجى، ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئېلىمىزدە سولياۋ ياسالمىلىرىغا يىغىۋېلىش بەلگىسىنى قويۇش تېخى مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالمىغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا قارىغاندا بارلىق سولياۋ ياسالمىلىرىغا ‹‹كىملىك›› بېكىتىش ئىنتايىن قىيىندەك قىلىدۇ.