ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
ئاڭلىغانمۇسىز؟
ۋاقتى : 2017-08-22 15:09:46  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   1. ئادەتتە ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 16 كىلومېتىردىن 24 كىلومېتىرغىچە بولۇپ، پىيادىلەر سۈرئىتىنىڭ تۆت – بەش ھەسسىسىگە تەڭ بولىدۇ.
2. دېڭىز سەپىرىدە بىر كۈندىكى 24 سائەت ۋاقىت يەتتە ئىسمېنىغا بۆلۈنىدۇ. ھەربىر كېمە خادىمى بىر ياكى بىرنەچچە ئىسمېنىغا مەسئۇل بولىدۇ.
3. بىر ئاۋىياماتكا كىچىك تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلاندىن 85 نى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ.
4. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يۈك ساندۇقى (كونتېينېر) پاراخوتى يۈك ئاپتوموبىلىدەك چوڭلۇقتىكى يۈك ساندۇقى (كونتېينېر) دىن 14 مىڭ 500 نى باسالايدۇ. ئەگەر بۇ يۈك ساندۇقلىرىنى ئۈستى – ئۈستىگە قاتلىسا، ئېگىزلىكى جۇمۇلاڭما چوققىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.
5. 1906-يىلى فىرانسىيەلىك پاۋلو. كېر تىك ئۇچار ئايروپىلاننى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇردى.
6. ئىنسانلارنىڭ بوغماق ئۈچىيىدە تۇرۇشلۇق باكتېرىيەلەرنىڭ سانى 100 تىرىليوندىن ئاشىدۇ.
7. كىشىلەر كۈندە تەرەت ئارقىلىق چىقىرىۋېتىدىغان سۇ 100 مىللىيلىتىرغا يېتىدۇ.
8. نورمال ئۆمۇر كۆرگەن ھەربىر ئادەم ئۆمرىدە ئوتتۇرىچە 30 توننا يېمەكلىك يەيدۇ.
9. ئادەمنىڭ ھەر كۈنى ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىن ئۆتكۈزىدىغان يېمەكلىك، سۇ ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئومۇمىي ھەجمى 11.5 لىتىرغا يېتىدۇ.
10. بالىلارنىڭ سۈت چىشى 20 گە يېتىدۇ، ئالتە ياشتىن باشلاپ سۈت چىشىنىڭ ئورنىغا تۇراقلىق چىشى چىقىدۇ.
11. ئادەم ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 مىڭ قېتىم نەپەسلىنىدۇ.
12. ئادەم ھەر كۈنى نەپەسلىنىش ئارقىلىق سۈمۈرىدىغان ۋە چىقىرىدىغان ھاۋانىڭ ھەجىمى 8500 لىتىرغا يېتىدۇ.
13. ئادەمنىڭ ئۆپكىسىدىكى ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 600 مىليوندىن ئاشىدۇ.