ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
بەزى ئۆسۈملۈكلەردە زەھەر بولىدۇ
ۋاقتى : 2017-08-03 15:09:44  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   ئوخشىمىغان ئۆسۈملۈكلەر ئوخشىمىغان فىزىئولوگىيەلىك پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە، ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەتتىكى ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق كاربون (IV) ئوكسىدتىن پايدىلىنىپ، ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان ھەرخىل ئورگانىك ماددىلارنى ياساپ، ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما بەزى ئۆسۈملۈكلەردە توپلانغىنى زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تېنىگە كىرگەندىن كېيىن، زەھەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ، فۇنكسىيە خىزمىتىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، كېسەل ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   ئۆسۈملۈكلەر تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلاردىن ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك ئىشقارى، گىلىكوزىد، سوپۇن ماددىسى، ھىدروكسىللىق بىرىكمە، زەھەر ئاقسىلى قاتارلىقلار بار.
   گىلىكوزىد قەنت ۋە ھىدروكسىللىق بىرىكمىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن زەھەرلىك ماددا. مەسىلەن، گىنگو دەرىخى ۋە ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدىكى ئامىگدالىن گىلىكوزىدنىڭ بىر خىل تۈرىدۇر.
   سوپۇن ماددىسى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان بىرىكمە بولۇپ، سۇغا سېلىپ چالغۇتقاندا، كۆپۈكچە ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن، پاخما چىنىگۈل تەركىبىدىكى پاخما چىنىگۈل سوپۇن ماددىسى.
  زەھەر ئاقسىلى ئاقسىللىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان زەھەرلىك ئاقسىلدۇر. مەسىلەن، ئابدىمىلىك ئۇرۇقى تەركىبىدىكى ئابدىمىلىك ئاقسىلى، ھەببۈلمۈلۈك ئۇرۇقىدىكى ھەببۈلمۈلۈك ماددىسى قاتارلىقلار بەدەنگە زىيانلىق بولغان ئاقسىلدۇر.
ئوخشىمىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى، تارقىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. قانداق ئۆسۈملۈكنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ تىنىدىكى زەھەرنىڭ قانداق ماددا ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلش مېدىتسىنا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.