ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
دۇنيا زەھەر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خىرىس
ۋاقتى : 2016-05-06 13:11:27  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

دۇنيا زەھەر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خىرىس
 

  يېقىندا ئېچىلغان ب د ت نىڭ 2016–يىللىق دۇنيا زەھەر مەسىلىسى ئالاھىدە يىغىنىدا ‹‹دۇنيا زەھەر مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا ئورتاق ۋەدە بېرىمىز›› تېمىسىدىكى ھۆججەت ماقۇللاندى. ھەر قايسى دۆلەتلەر زەھەر مەسىلىسى ساغلاملىق، بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىن پەيدا قىلىۋاتقان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقى ھەم خەلقئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
خەلقئارا جەمئىيەت ئۇزاقتىن بۇيان زەھەرنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىشتە نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ھەم قىسمەن ساھەلەردە روشەن ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن دۇنيادا زەھەر مەسىلىسى يەنىلا ئېغىر بولماقتا، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا، بىخەتەرلىكىگە ۋە بەختىيار تۇرمۇشىغا زور تەھدىت سالماقتا.
زەھەر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
زەھەر دېگىنىمىز ئەپيۈن، خىروئىن، كىرىستال زەھەر، مورفىن، نەشە، كوكائىن ۋە كىشىلەرنى خۇمار قىلىدىغان باشقا تۈردىكى ناركوز دورىسى ۋە روھىي كېسەللىك دورىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
زەھەر ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى. زەھەر ئىنسانلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. زەھەرنىڭ يامراپ كېتىشى دۇنيا خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ، يېنىك بولغاندا بىر ئادەمنى، بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى، بىر مىللەتنى ئاپەتكە ئۇچرىتىدۇ. زەھەر چېكىش ۋە ئېلىپ–سېتىش ئالدامچىلىق، زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈش، پاھىشىلىك، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، زەھەر يەنە تېررورلۇق، پۇل يۇيۇش ۋە ئادەم سېتىش جىنايىتى بىلەنمۇ باغلىنىشلىق.
ھازىر پۈتۈن دۇنيا زەھەرنى قاتتىق چەكلىمەكتە. ب د ت نىڭ بۇلتۇر ئىيۇندا ئېلان قىلغان ‹‹2015–يىللىق دۇنيا زەھەر دوكلاتى››غا قارىغاندا، 2013–يىلى دۇنيادا 15 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغانلار ئارىسىدا قانۇنسىز دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلار 246 مىليونغا يېتىدىكەن، يەنى بۇ ھەر 20 ئادەمدىن بىرى قانۇنسىز دورا ئىشلىتىدۇ، دېگەنلىك. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 27 مىليونى زەھەر چېكىدىغانلار ياكى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلار ئىكەن. يەنە ب د ت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2012–يىلى 183 مىڭدەك ئادەم زەھەر چېكىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.
زەھەر چەكلەش دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس
ب د ت زەھەر ۋە جىنايەت مەسىلىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئانگىل ماي مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ زەھەر چەكلەش ۋەزىيىتى بىر قانچە خىل خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە: بىرىنچى، ‹‹يېڭىچە روھلاندۇرغۇچى ماددا›› دەپ ئاتالغان يېڭىچە زەھەر دۇنيادا تېز ھەم كەڭ تارقالماقتا. بۇنداق زەھەر ئەنئەنىۋى زەھەر بولغان نەشە، كوكائىننىڭ ئۈنۈمىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بىرىكمە خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، ساغلاملىققا بولغان زىيىنى ئەنئەنىۋى زەھەرلەرنىڭ زىيىنىدىن تۆۋەن، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇنى قانۇنلۇقلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ زىيىنىغا سەل قارىماقتا؛ ئىككىنچى، ئەپيۈننىڭ تەمىناتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا، چۈنكى دۇنيادا چېكىلىشى ئەڭ كەڭ بولۇۋاتقان زەھەرنىڭ بىرى بولغان خىروئىن ئاساسلىقى ئەپيۈندىن ئايرىۋېلىنىدۇ. بۇ دۇنيادا خىروئىن مىقدارىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئۈچىنچى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رەقەملىك پۇل ‹‹بىت›› ئارقىلىق زەھەر سودىسى قىلىدىغان ‹‹يوشۇرۇن تور››لار بارلىققا كېلىپ، زەھەر چەكلەش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.
بۇنىڭدىن سىرت، خەلقئارا جەمئىيەت زەھەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇشنى قانۇنسىز دەپ بەلگىلەشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، قىسمەن دۆلەتلەر ۋە رايونلار بۇ يىل نەشە ياساش، سېتىش، ئوبوروت قىلىش قاتارلىقلارنى قانۇنلۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارادا زور تالاش–تارتىش پەيدا قىلدى.
ھازىر زەھەر مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتكە يەنىلا زور تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە، خەلقئارا زەھەر چەكلەش ۋەزىپىسى ئۇزاق مۇددەتلىك قىيىن ۋەزىپە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زەھەرنىڭ زىيىنىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى