ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
گوللاندىيە ۋەزىرى زەھەر ئەتكەسچىسى بىلەن 15 يىل مەخپىي سودا قىلغانلىق سەۋەبىدىن پارلامېنتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
ۋاقتى : 2016-01-06 11:19:37  مەنبەسى : جۇڭگوخەۋەرتورى  يوللىغۇچى : سەدەف

گوللاندىيە ۋەزىرى زەھەر ئەتكەسچىسى بىلەن 15 يىل مەخپىي سودا قىلغانلىق سەۋەبىدىن پارلامېنتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
 

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنى 17-دىكابىر خەۋىرىگە قارىغاندا، گوللاندىيە ۋەزىرى بىلەن ئىچكى ئىچكى كابىنېت ئەدلىيە مىنىستىرى ھەمدە ئۇنىڭ ياردەمچىسى بۇرۇن جازا ھۆكۈم قىلىنغان زەھەر ئەتكەسچىسى بىلەن 15يىل مەخپىي سودا قىلغانلىقى ئۈچۈن،شۈ كۈنى پارلامېنت يىغىنىدا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. گونلاندىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى شۇ يەر ۋاقتى 16-دىكابىر كەچقۇرۇن گوللاندىيە ۋەزىرى بىلەن ئىچكى كابىنېت ئەدلىيە مىنىستىرى ھەمدە ياردەمچىسىگە بېرىدىغان ئاۋازنى توىتىتىشنى قارار قىلغان. ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى پارلامېنتىقا«تەكشۈرۈش تەكلىپى» بەرگەن، لىكىن بۇ تەكلىپ ئاخىردا 150 ئورۇنغا ئىگە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان،77 پالاتا ئەزاسى قارشى ئاۋاز بەرگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ شۇ كۈنكى مۇنازىرىسى ئاساسلىقى گوللاندىيە باش ۋەزىرى بىلەن ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ 2000- يىلى تەپتىش خادىمى ۋە زەھەر ئەتۆەسچىسى بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزگەنلىكى ئۈستىدە بولغان، مۇنازىرىدە باش ۋەزىرنىڭ زەھەر ئەتكەسچىسىگە 2 مىليون 700 مىڭ ياۋرو بەرەەنلىكى ئاشكارىلانغان.
گوللاندىيە ۋەزىرى شۇ كۈنكى مۇنازىرىدىن كىيىن كەچۈرۈم سورىغان ھەم ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى، بۇ ئىشتىن تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلىگەنلىكىنى ئېيتقان، لېكىن ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى بۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، گوللاندىيە خەلقىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ئېيتقان
مەنبە: جۇڭگو خەۋەر تورى