ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
ئامېرىكىدىكى ئەڭ نامرات بازاردا زەھەر يامراپ كەتتى
ۋاقتى : 2015-12-10 17:50:23  مەنبەسى : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى  يوللىغۇچى : سەدەف

ئامېرىكىدىكى ئەڭ نامرات بازاردا زەھەر يامراپ كەتتى
 

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بېتتىۋىل بازىرىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن ناچار بۇلۇپ، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىلگىرى بۇ يەرنى «كىشىلەرگە نامەلۇم دۇنيا » دەپ ئاتىغان. بۇ رايوندىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ ئەھۋالى ھازىرمۇ ياخشىلانمىغان بۇلۇپ، « ئامېرىكا چۈشىدىن ئەڭ يىراق جاي بۇلۇپ قالغان.
ئەنگىلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ بازاردا 1700 نوپۇس بار بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ %95 ى ئاق تەنلىك ئىكەن. ئامېرىكا نوپوسىنى ئوموميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 2008-يىلدىن 2012-يىلغىچە بولغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ بازاردىكى ئوتتۇرا سەۋىيەلىك ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 12 مىڭ 361 ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 79 مىڭ يۈەن ) بۇلۇپ، ئەملىكەتنىڭ ئوتتۇرا سەۋىيەسىنىڭ 4/1 نى ئىگىلەيدىكەن، بۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى سەۋىيەدىنمۇ تۆۋەن ئىكەن. بازاردىكى نامراتلىق نىسپىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرچە %44 ئېشىپ كەتكەن بۇلۇپ، تەڭدىن يېرىم ئائىلىنىڭ تۇرمۇش نامراتلىق سىزىقىدىن تۆۋەن تۇرىدىكەن.
بۇبازاردا روھلاندۇرۇش دورىسى ، زەھەر ، بۇلۇپمۇ تەركىبىدە ئەپيۇن بولغان دورىلار بەكرەك يامراپ كەتكەنىكەن . بۇ بازاردىكى جېننىنگىسنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ يەردە زەھەرگە ئېرىشمەك ئىنتايىن ئاسان ئىكەن. بەزىبىر تاشانغانلار دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسەتكەندىن كىيىن، دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپنى ئاچىقىپ سېتىۋېتىپ، ساتقان پۇلىغا يېمەكلىك سېتىۋالىدىكەن. رېتسېپنى سېتىۋالغۇچى بولسا تەركىبىدە ئەپيۇن بولغان دورىنى سېتىۋالىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا، بۇ بازاردا يەر ئاستى زەھەر-دورا سودىسىمۇ خېلى جانلانغان ئىكەن. تۇرمۇشنىڭ ناچارلىقىدىن ئامالسىز قالغانلار ئارىسىدا ھاراق ئىچىش، زەھەر چېكىش ئەھۋالى ئېغىركەن. جېننىنگىسنى مىسال قىلساق ئۇ ئۇزاق مەزگىل زەھەر چەككەن بۇلۇپ، بەش قېتىم توي قىلغان ئىكەن ، ئوغلى ئەسەبىيلىشىش كېسىلى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانىكەن، ئۆزىمۇ نەچچە قېتىم زەھەرغ چېكىپ نەچچە قېتىم ئۆلۈپ قالغىلى تاس قالغان ئىكەن.
«مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ بازار قاراشلىق كېنتۇككى ئىشىتاتى ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق كۆمۈر ئىشىتاتى بۇلۇپ، ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، بۇ ئىشتاتنىڭ شەرقى قىسمىدىكى كۆمۈرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ تەڭدىن يېرىمى ئازىيىپ كەتكەن.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى