ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
دۇبەي شاھزادىسى ئىشقىۋاز، زەھەر خۇمار ئادەم ئىدى
ۋاقتى : 2015-09-29 11:10:14  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى: دۇبەي شاھزادىسى ئىشقىۋاز، زەھەر خۇمار ئادەم ئىدى

 

 

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى: 33 ياشلىق دۇبەي تېگىنىنىڭ (شاھزادە) ھەددىن زىيادە ئىشقىۋازلىق قىلىش ۋە زەھەر ئىستېمال قىلىشتەك گۇمانلىق سەۋەب بىلەن ۋاپات بولغان، دېدى.
جۇڭگو كۈندىلىك گېزىتى تورىنىڭ 22-سېنتەبىردىكى تېلېگراممىسى (شىنلىيەن) ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 21-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ۋاپات بولغان، ھايات ۋاقتىدا كىشلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋاتقۇدەك ياشىغان دۇبەي تېگىنى (شاھزادىسى) شەيىخ راشىدنىڭ شەرمەندىچىلىكى قايسى كۈنى ئاشكارىلانغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ دېيىشىچە، راشىد ھايات ۋاقتىدا زەھەر چەككەن، ھورمۇن ئىستېمال قىلغان، قىزغىنلىق بىلەن ئىشقىۋازلىق پارتىيسىگە قاتناشقان بولغاچقا، ئاخىرى ئاتتىن ئېتەككە چۈشكەن.
راشىد دۇبەي خەلىپىسىنىڭ بىرىنچى خانىمىدىن بولغان چوڭ ئوغلى بولۇپ، 2002- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن داڭقى ھەممە يەرگە تارقالغان، بىراق 2007- يىلى تۇيۇسىزلا كىشلەرنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولغان. 2008- يىلى، راشىدنىڭ تېگىنلىك (ۋەلىئەھد) ئورنى تارتىۋېلىنغان.
 

 


راشىد 19-سېنتەبىر ۋاپات بولدى، ئۇ ئەمدىلا 33 ياشقا كىرگەنىدى. ھۆكۈمەتنىڭ باياناتىدا، راشىدنىڭ يۈرەك كېسىلى سەۋەبى بىلەن ئۆيىدە ۋاپات بولغانلىقى، پۈتۈن مەملىكەتتە ئۈچ كۈن ماتەم تۇتلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، راشىدنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىشقىۋازلىق قىلغانلىقى، زەھەر چەككەنلىكىدەك نۇرغۇنلىغان سىرلىرى ئاشكارىلانغان.
2008-يىلى، داۋېي ۋېليامىس ئىسىملىك بىر نەپەر ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئالاقە (دېپلوماتىيە) ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راشىد ئىشخانىسىدا بىر نەپەر ياردەمچىسىنى ئۆلتۈرۋەتكەن، شۇ سەۋەبتىن تېگىنلىك (ۋەلىئەھد) ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياردەمچىنىڭ كىملىكى نامەلۇم ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، راشىد ئەينى چاغدا ھورمۇن ئىستېمال قىلغانىكەن، شۇڭا ھورمۇننىڭ تەسىرىدە قاتىللىق قىلغان بولۇشى مۇمكىنكەن. ۋېليامىس بۇ مەزمۇنلارنى دوكلات شەكلىدە يېزىپ، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە ئەۋەتىپ بەرگەن؛ ئەسلىي يازما سىر تۇتۇلىدىغان ئۇچۇرغا تەۋە بولغاچقا، كېيىن ۋىككى پەد ئارقىلىق ئاممىغا ئاشكارىلانغان.
يەنە بىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى مارتىن كۇيىننىڭ ئاشكارىلىشىچە، راشىد ھايات ۋاقتىدا دائىم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باشكەنتى رىياد شەھەرىگە بېرىپ ئىشقىۋازلىق پارتىيىسىگە قاتناشقان، ئارىدا يەنە زەھەر چەككەن. بۇ پارتىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى بازىرى چىقىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت ھوقۇقدار بولسىلا ئاندىن بۇ پارتىيىگە قاتنىشالايتتى.
 

2011-يىلى راشىد «خىزمەت ئالدىراشچىلىقى» سەۋەبىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئولىمپىك ئۇيۇمىنىڭ (كومىتېتىنىڭ) باشلىقلىقىدىن ئايرىلغان. بىراق، يەنە بىر تونۇشلۇق خان جەمەتىدىكى، ئەلى ئىسىملىك ئەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راشىدتا ئەينى ۋاقىتتا ئەسلا خىزمەت بېسىمى يوق بولۇپ، ئەكسىچە ئۇ، يوشۇرۇن زەھەر چېكىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولغاچقا، نورمال خىزمەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان. ئۇنىڭ يوشۇرۇن زەھەر چەككەنلىكىنى بىلىپ قالغان ئائىلىسىدىكىلەر، دەر غەزەپ بولغان بولسىمۇ، 2009-يىلى راشىدنى مەجبۇرىي داۋالاشقا قاتناشتۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا راشىدنىڭ شىركەتتە، قول ئاستىدىكىلەرنى ئىرقىي، دىنىي جەھەتتىن كەمسىتكەنلىكى، بىر قارا تەنلىك ئىشچىنى كۆپ قېتىم «قارا قۇل» دەپ كەمسىتكەنلىكى، يەنە خىرىستىيان دىنىنى «پەس، ئەخلەت، ناچار» دېگەنلىكى، قول ئاستىدىكىلەرنى ئېتقادىنى ئىسلام دىنىغا ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

 

راشىدنىڭ ھايات ۋاقتىدا پۇل كەم ئەمەس ئىدى، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ 1 مىليارد 900 مىليون دوللار پۇلىغا ئىگە ئىدى، ئۇ يەنە دۇبەي پاي كونترول گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى. راشىدنىڭ ئىلگىرى ھۆكۈمەتتىمۇ خېلى مەرتىۋىسى بولۇپ، بىر مەزگىل ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئولىمپىك ئۇيۇمىنىڭ (كومىتېتىنىڭ) باشلىقى (رەئىسى) بولغان ئىدى. راشىد ئات بەيگىسىنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، جابىر خەلقئارا ئات بەيگە مۇسابىقىسىنى تەسىس قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئىلگىرى ئاسىيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئات بەيىگە تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مىدال ئالغان بولۇپ، بىر مەزگىل دۆلەت قەھرىمانى دەپ مەدھىيىلەنگەن ئىدى.