ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ ئەپتى- بەشىرسى ئاشكارلاندى
ۋاقتى : 2014-03-03 11:51:54  مەنبەسى : شىنجاڭ رادىئو تورى  يوللىغۇچى : خالىدە

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ ئەپتى- بەشىرسى

ئاشكارلاندى

 

 دۇنيادا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 1-نومۇرلۇق جىنايەتچى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەمەلىي كۈچى ئەڭ زور زەھەر ئەتكەسچىسى گۇزمان مېكسىكىدا قولغا چۈشتى. مېكسىكا زۇڭتۇڭى ئېنرىك پېنانېتو مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى تۋىتتېردا بۇ خەۋەرنى دەلىللىدى. ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، گۇزمان ناھايىتى تېزلا ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، گۇزمان مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى بىلەن ئامېرىكا زەھەر چەكلەش مەھكىمىسىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتىدە، مېكسىكىنىڭ داڭلىق دېڭىز بويى سەيلىگاھى مازاتلاندىكى بىر مېھمانخانىدا قولغا ئېلىنغان. گۇزمان قولغا چۈشۈشتىن بۇرۇن، بۇ قېتىملىق بىرلەشمە قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 1 ئاي بولغانىكەن. ئامېرىكا زەھەر چەكلەش مەھكىمىسى بىلەن ئۇزاق مەزگىل ھەمكارلاشقان ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى فىل جورداننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، سىنالوئا زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرىغا نىسبەتەن، گۇزماننىڭ ھوقۇقى مېكسىكا زۇڭتۇڭىدىنمۇ چوڭ ئىكەن. گۇزماننىڭ قولغا ئېلىنىشى سىنالوئا زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىغا نىسبەتەن ئېغىر زەربە بولۇپ، ئۇ تېزلىكتە ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنىدىكەن. «چۈنكى ئەگەر ئۇنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلمىگەندە، يەنە قېچىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن». ۋاشىنگتوننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق «پەۋقۇلئاددە زور» قولغا ئېلىش ھەرىكىتىگە مېكسىكا يېتەكچىلىك قىلغان، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەن. چىكاكو ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنى تەرىپلىگەن. دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور زەھەر ئەتكەسچىسى، مېكسىكىلىق مىلياردېر جوكۇئىن گۇزمان لوئېرا ئىزچىل چىكاكو جىنايەت كومىتېتى ۋە ئامېرىكا زەھەر چەكلەش مەھكىمىسى تەرىپىدىن «چىكاكونىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى» دەپ قارىلىپ كەلگەن. گۇزمان ھەر ئايدا چىكاكو ئارقىلىق 1 مىڭ 500 كلوگرامدىن 2 مىڭ كلوگرامغىچە كوكائىن ئەتكەس قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. 56 ياشلىق گۇزماننىڭ بوي ئېگىزلىكى 1 مېتىر 65 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولغانلىقتىن، ئۇنىڭغا «پەتەك» دەپ لەقەم قويۇلغان. ھالبۇكى بويى پاكار گۇزمان رىۋايەت تۈسىنى ئالغان شەخس بولۇپ، ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدىن بازىرى ئىتتىك كىتابلار ۋە مودا ناخشىلار بارلىققا كەلگەن. ئۇ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ قوغلاپ تۇتۇشىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ساقلىنىپلا قالماي، يەنە زەھەر ئەتكەسچىلىك ئېمپىرىيەسىنىڭ تەسىر كۈچىنى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتكەن. ئۇنىڭ زەھەر سودىسى شىمالىي ئامېرىكىدىن سىرت، يەنە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئاۋستىرالىيەلەرگىچە ئەۋج ئالغان. 2001-يىلى گۇزمان قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مېكسىكا تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ چاغدا ئۇ كىر سالىدىغان سېۋەتكە يوشۇرۇنۇۋالغانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن قايتا تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۇ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، مېكسىكىنىڭ چىرىكلەشكەن يەرلىك، ئىشتاتلىق ۋە فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا پارا بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات تۈزۈلمىسى سىنالوئا زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنى«دۇنيادىكى ئەمەلىي كۈچى ئەڭ زور زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى»، گۇزماننى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسى دەپ بېكىتكەن. 2009-يىلى، گۇزمان ئامېرىكىنىڭ«فوبس ژۇرنىلى» ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇقدارلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، رەت تەرتىپى ھەتتا شۇ چاغدىكى فىرانسىيە زۇڭتۇڭىدىن ئېشىپ كەتكەن. «فوبس ژۇرنىلى»نىڭ مۆلچەرلىشىچە، گۇزماننىڭ ساپ بايلىقى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن. 2011-يىلى، تېررورچىلارنىڭ كاتتىبېشى ئوساما بىن لادېن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، گۇزمان دۇنيادىكى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 1-نومۇرلۇق جىنايەتچىگە ئايلانغان. ئامېرىكا دۆلەت كېڭىشى ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن 5 مىليون دوللارلىق مۇكاپات تەييارلىغان. مېكسىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كالدېرون رەھبەرلىكىدىكى «مېكسىكا دۆلەت ھەرىكەتكە كېلىش پارتىيەسى»گە تەۋە ئوتتۇرا ئوڭچىل ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، مەزكۇر دۆلەتتە زور تالاش-تارتىش قوزغىغان «زەھەر ئۇرۇشى» پارتلىغان. مۇشۇ مەزگىلدە قازا قىلغان 70 مىڭ كىشىنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىمىنىڭ ئۆلۈمى گۇزمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ دېيىشىچە، 1990-يىلىدىن2008-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، سىنالوئا زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى ئامېرىكىغا جەمئىي 200 توننىغا يېقىن كوكائىن ۋە زور مىقداردىكى خروئىننى ئەتكەس قىلىپ ساتقان.

 

 مەنبە: شىنجاڭ رادىئو تورى