ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  قانۇن تۈزۈم
قانۇن تۈزۈم
ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقلار
ۋاقتى : 2017-05-31 16:05:36  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

1. ئاساسىي داۋالاشتىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى.
بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1) شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى/ئەيدىز بىمارلىرىنى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش دورىلىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش.
2) يېزا-بازارلاردىكى ئىقسادىي قىيىنچىلىقى بولغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى/ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشىغا قارشى داۋالىنىشى، دورا خىراجىتىنى مۇۋاپىق كېمەيتىپ بېرىش.
3) ھەقسىز «ئىختىيارى مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش»كە ئېرىشەلەيدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ياكى ئەيدىز بىمارى دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغانلارغا قارىتا، داۋالاش ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭ يۇقۇملانغۇچى ياكى بىمارلىقىنى ئېنىق ئېيتىشى؛ ئەگەر بۇ كىشى ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغان ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى بولسا، چوقۇم ھامىي بولغۇچىغا ئېيتىشى كېرەك.
4) ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللارغا قارىتا، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ۋە مەسلىھەت بېرىشنى ھەقسىز تەمىنلەش كېرەك.
5) داۋالاش ئورگانلىرى ھەرگىزمۇ كېسەل كۆرسەتكۈچى بىمارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ياكى ئەيدىز بىمارى ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلماسلىقى، بىر-بىرىگە ئىتتىرمەسلىك كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
2. ھەر قانداق بىر ئورگان ياكى شەخس ھەرگىزمۇ تۆۋەندىكى ئامىللار تۈپەيلىدىن، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى/ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك. بۇلار دورا پۇلىنى تۆلەش ئىقتىدارى، ئېرقى، مىللىتى، دۆلەت تەۋەلىكى، دىنى-ئېتىقادى، جەمئىيەتتىكى ئورنى، سىياسى قىياپىتى، جىنسىي تەلپۈنۈش ئوبىيكتى، جىنسى، يېشى ھەمدە كېسەللىنىڭ تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز-ئىچىگە ئالىدۇ.
3. شەخسىيەت ھوقۇقى. بۇ: يۇقۇملانغۇچى ياكى ھامىي بولغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەر قانداق ئورگان ياكى شەخسىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى/ئەيدىز بىمارلىرى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئىسمىنى، ئادرىسىنى، خىزمەت ئورنىنى، قىياپىتىنى، كېسەللىك تارىخى ماتېرىياللىرىنى، شۇنداقلا باشقا سالاھىيىتىنى قىياس قىلىشقا بولىدىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. مۇھەببەتلىشىش، توي قىلىش، بالىلىق بولۇش ھوقۇقى:
5. ئاتا-ئانا ياكى قانۇنلۇق ھامىيلار 18 ياشتىن تۆۋەن ياكى جىسمانىي/روھىي ئامىللار تۈپەيلىدىن ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەيدىغان كىشلەرگە ۋاكالىتەن، ئالاقىدار ھوقۇق- مەنپەئىتىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
6. تەربىيىلىنىش ھوقۇقى: بۇ، تۇرمۇشى ناچار بولغان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ يېتىم قالغان بالىلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بالاغەتكە يەتمىگەنلەر مەجبۇرى مائارىپتىن بەھرىمان بولۇشىنى، شۇنداقلا ئۇششاق- چۈششەك راسخوت ۋە كىتاپ پۇللىرىنى ئالماسلىق، يەسلى مائارىپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى قوبۇل قىلىشىنى، ئوقۇش پۇلى قاتارلىق ئالاقىدار خىراجەتلەرنى قىسقارتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
7. قۇتقۇزۇشقا ئېرىشىش ھوقۇقى: ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرمۇشى ناچار بولغان، ھەمدە جەمىئيەتنىڭ ياردىم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى/ئەيدىز بىمارلىرى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.
8. ئەمگەك قىلىش ھوقۇقى: ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمگەك ئىقتىدارى بولغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىل/ئەيدىز بىمارلىرىغا ئىقتىدارىنىڭ يىتىشىچە ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
9. ئولتۇراق جاي ھوقۇقى: بۇ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىق سالاھىيىتىنى باھانە قىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى/ئەيدىز بىمارلىرىنى تۇرۇۋاتقان جايلىرىدىن قوغلىۋەتمەسلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.