ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  قانۇن تۈزۈم
قانۇن تۈزۈم
ئامىۋى سورۇنلار ئىس - تۈتەكسىز بولسۇن !
ۋاقتى : 2016-03-21 17:02:12  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ئامىۋى سورۇنلار ئىس - تۈتەكسىز بولسۇن !

 

 

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، تاماكا تەركىبىدە 1200 خىل خىمىيەلىك ماددا بار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ كۆپىنچىسى ساغلاملىققا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىكەن، مەملىكىتىمىزدە تاماكا چەككۈچىلەرنى كونترول قىلالماسلىقتىكى ئاساسىي سەۋەب، كۆپچىلىكنىڭ تاماكىنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكىدە ئىكەن.
 

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكىتىمىزدە 15 ياشتىن يۇقىرى تاماكا چەككۈچىلەر 356 مىليون كىشىگە، ئىككىلەمچى تاماكا ئىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار 738 مىليون كىشىگە يەتكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا بولسا تاماكا چېكىدىغانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %31ىنى ئىگىلەيدىكەن.
يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى››دە، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىك، تاماكا چېكىشكە زورلىماسلىق، قارشى تەرەپكە تاماكا سۇنماسلىق تەكىتلەنگەن ھەم ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئىس – تۈتەكتىن يىراقلاشتۇرۇپ، تاماكا چېكىدىغانلارنى ئازايتىپ، ئىس – تۈتەكسىز دوختۇرخانا، ئىس – تۈتەكسىز مەكتەپ، ئىس – تۈتەكسىز ئىدارە – ئورگان بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
 

 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن ئاشخانا، ئاپتوبۇس بېكەتلىرى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، تورخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ‹‹پىكىر››نىڭ خېلى ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق. شەھەر ئاھالىسى ئېليار تۇرغۇن مۇنداق دېدى: ھەر قانداق بىر ئىشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا جەريان كېتىدۇ.ئالدى بىلەن تاماكا ۋە ساغلاملىققا ئائىت تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاندىن تاماكا چەكلەشنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.
 

ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى مەمۇرىيەت بۆلۈمىنىڭ كاتىپى سۈبھىنۇر ئابلايىت مۇنداق دېدى: ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش ئومۇملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىمىزدا تاماكا چەككۈچىلەرنى ئۇچراتمىدۇق، تاماكىنى چەكلەشنى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئاڭلىقلىقىغا تايىنىپلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، پەقەت ھەممە كىشى ئورتاق كۈچ قوشقاندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
 

 

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋان يولىغا جايلاشقان ‹‹يىلەنباۋ›› رېستورانىنىڭ مۇلازىمەتچىسى مۇنداق دېدى: بۇرۇنلا خېرىدارلارغا رېستوراندا تاماكا چەككۈزمەيتتۇق، مېھمانلىرىمىزمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان. بىز ‹‹ئىتتىپاق›› يولىغا جايلاشقان ‹‹ئورخۇن›› تىل تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ھەر قايسى قەۋەتلىرىنى كۆزەتتۇق. 3 – قەۋەتتە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كارىدوردا تاماكا چېكىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. ئوقۇتقۇچى ئەلى مۇنداق دېدى: ئىشخانىلارغىمۇ تاماكا چېكىشنى چەكلەش تاختىسى ئېسىپ قويۇش كېرەك، مەكتەپتە تاماكا چېكىشنى چەكلەشكە ئائىت ئېنىق بەلگىلىمە بار، لېكىن بۇمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىقلىقىغا باغلىق، كارىدورغا چىقىپ تاماكا چېكىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز يوق ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىمىز.
تاكسى شوپۇرى ماجيەنشىن مۇنداق دېدى: تاكسىدا تاماكا چەكمەسلىك كېرەك، دېگەن ئېنىق بەلگىلىمە بولسىمۇ، بەزى يولۇچىلار تاماكا چېكىدۇ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى توسساق، بىز بىلەن ئۇرۇشىدىغانلارمۇ بار، بىر نەچچە قېتىم بەزى ئاڭسىز يولۇچىلارنى تاكسىدىن چۈشۈرۈۋەتتىم، بەزى ئاممىۋى سورۇنلاردا ھازىرغا قەدەر تاماكا چەكلەش بەلگە تاختىلىرى ئورنىتىلمىدى، شۇڭا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىمىنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تورخانا ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى ۋە رېستورانلاردا تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ يەنىلا كۆپ بولۇۋاتقانلىقىنى، تاللا بازىرى، دوختۇرخانا، ماگىزىنلاردا بۇ تۈزۈمنىڭ قېلىپلىشىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ھاجەتخانىلىرىدا تاماكا چېكىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇق.

 


ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىشىنى قانداق كونترول قىلىش كېرەك؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تاماكا مونوپول تىجارەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ كېجيەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار مەكتەپكە 100 مېتىر كېلىدىغان دۇكانلارنى تىزىملاپ رويخەتكە ئالدۇرغان بولۇپ، دۇكان ئىگىسى بىلەن كېلىشىمنامە ئىمزالاپتۇ ھەم ئۇلارغا ‹‹ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاماكا چېكىشى چەكلىنىدۇ، ئۇلارغا تاماكا سېتىپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ›› دېگەن ۋىۋىسكىنى تارقىتىپ بېرىپتۇ. ئوقۇغۇچىلارغا تاماكا سېتىپ بېرىش قىلمىشلىرى بايقالغان ھامان، مەكتەپ تاماكا مونوپول تىجارەت شىركىتىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسا بولىدىكەن، مەزكۇر شىركەت نەق مەيدانغا بېرىپ، تەكشۈرۈپ ئەھۋال ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسا، دەرھال دۇكاننى تىجارەتتىن توختىتىدىكەن، بۇنداق ئەھۋال قايتا سادىر بولسا، شۇ دۇكانغا تاماكا پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسىنى قايتا بېجىرىپ بەرمەيدىكەن.
ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، مەيلى ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ياكى مۇھىت ئاسراش نۇقتىسىدىن ۋە ياكى ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش خاتا قىلمىش. شۇڭا، بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ھەر بىر پۇقرا چوقۇم توغرا مۇئامىلىدە بولۇشى، ئاكتىپ ماسلىشىشى، باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈشى زۆرۈر.