ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  قانۇن تۈزۈم
قانۇن تۈزۈم
شى جىنپىڭ: قانۇن ساھەسىنىڭ ئىنادۋىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك
ۋاقتى : 2015-03-30 15:18:50  مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى تورى  يوللىغۇچى : يارپ

قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش −دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتى، جەمئىيەتنىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىدە، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورۇنلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىشتا، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، دادىللىق بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىكنى ياقىلاشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئېلىمىزنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا ئورناتقان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن، ئۇ ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا، سوتسىيالىستىك تۈزۈمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.ھازىر بەزى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئادىل بولماسلىق، ناھەق، يالغان، خاتا دېلولار كۆرۈلۈش، قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىرىكلىشىش، پۇل دېلوسى، ھوقۇق دېلوسى ۋە ئادەمگەرچىلىك دېلوسى قاتارلىق قىسمەن مەسىلىلەر مەۋجۇت.بۇ مەسىلىلەر تېز ھەل قىلىنمىسا، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسى ۋە ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىكنى ياقىلاشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.