يارىپ تورى>>ئەخلاق ۋە ئەيدىز

ئەيدىزنى ئىزدەپ تاپقان ئەر

2013 - يىلى 06 - ئاينىڭ 16 - كۈنى 18:02:59 مەنبەسى: يارپ مۇنبىرى

ئۆت كۆيۈۋاتتى. ئۆت يالقۇنى ئۇنىڭ  ئەتراپىدا  يىلان  كەبى تولغۇنۇپ  تېنىنى قۇرۇتۇپ تاشلىماقتا ئىدى . شۇ تاپتا ئۇنى  ئوتنىڭ بەدىنىنى كۆيدۈرگەن ئازابىدىن  كۆرە   ھارارىتىدىن   پەيدا بولغان چاڭقاش ۋە قۇرۇش بەكراق قىينىماقتا ئىدى . پەقەت بىر تامچە سۇ، ياق بىر چېلەك سۇ بولسا ئىدى، گۈپۇلدىتىپ قانغىچە ئىچىۋالسا -ھە!  ئۇ ناھايىتى يىراقتىن بىر ئەزىم دەريانىڭ شىلدىرلاشلىرىنى ئاڭلىدى -دە بېشىنى كۆتۈرۈپ شۇ تەرەپكە قارىدى . دەريا ئۇنىڭدىن ئۇنچە يىراق ئەمەس ،   ئۇنىڭ ئالدىدىلا بولۇپ  دەريا بىلەن ئۇنىڭ ئارلىقىنى بىر كىچىك  يالقۇن تۇسۇپ تۇراتتى . يالقۇن قىزغۇچ قارا رەڭدە  بولۇپ بىرئۆچۈپ بىر ياناتتى .ئارقىدىن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇلۇق ئوتقا نىسبەتەن  بۇ يالقۇن ھېچنېمە ئەمەس، پەقەت بىرلا سەكرىسە ئۆتۈپ كېتەتتى . ئەمما  نېمىشقىكىن ئۇ پۇتلىرىنى بىرسى مىخلاپ قويغاندەك مېدىرلىيالمايۋاتاتتى . ئۇ ئارقىدىكى ئوتنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلكىنى بىلەلمەيتتى  چۇنكى ئارقىغا قارىيالمايتتى  . ئەمما ئارقىدىن  تېگىۋاتقان ئوت ھارارىتىدىن ئۇنىڭ قانچىلىك ئۇلۇق كۆيۇۋاتقانلىقىنى غۇۋا سەزگەندەك بولدى. ئەگەر ئالدىدىكى يالقۇن ئارقىدىكى زور ئوت بىلەن بىرلىشىپ كېتىىپلا قالسا ئۇنىڭ  تۈگەشكىنى شۇ ئىدى . شۇڭا   ئوت ئۇنىڭ پۇتۇن بەدىنىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغىچە دەرياغا يېتىۋېلىشىم كېرەك دەپ ئويلىدى . ئۇ ئاخىرى پۈتۈن كۆچىنى يىغىپ ئۆزىنى  تاشلىدى .

ئۇ كارۋاتتىن يىقىلىپ ئاندىن كۆزلىرىنى ئاچتى . ئۇسسۇزلۇقتىن ئاغزى چاكىلداپ كەتكەن ئىدى. بېشى خۇددى بىرەرنەرسە بىلەن قىسىۋاتقاندەك چىڭقىلىپ ئاغرىيتتى  . ئۇ بىر نەچچە مېنۇت ئۆزىنىڭ  زادى نەدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە شۇ تەرىقىدە ياتتى، ئاندىن قولىنى يانغا سۇنىۋىدىكى يۇمشاق نەرسىگە تەگدى،    سىلاشتۇرۇپ ئۇنىڭ كارۋات ئىكەنلكىنى بىلدى . بارا -بارا قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن تېلىۋېزور، كىيم ئىشكابى ۋە بولۇڭدىكى تولاتقۇنىڭ سۇس قارا شولىسىنى  ئىلغا قىلىپ  ئۆز ئۆيى ئىكەنلىكىنى جەزم قىلغاندىن كېيىن ئاندىن كۆڭلى جايىغا چۈشتى . قانداق قىلىپ ئۆيگە كېلىپ قالغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدى . پەقەت بىرسى بىلەن يېرىم كېچىدە قۇچاقلىىشپ تارتىشىپ ماڭغانلىقىنىلا غۇۋا ئېسىدە ئىدى . ئاغىنىلىرىم ئەكىلپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى ھەم ھەر ھالدا سەتلىشىپ باشقا يەردە قۇنۇپ قالمىغانلىقىدىن  ىۇرسەن بولۇپ ينك تىن ئالدى . شۇتاپتا يەنىمۇ جىق ئىشلارنى  ئويلاشقا رايى يوق، پەقەت  ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۋالسىلا بولاتتى . ئۇ ئورنىدىن تۇرۈپ  تېمىسقىلاپ يۈرۈپ توڭلاتقۇنى تاپتى . توڭلاتقۇنىڭ سۇس يۇرۇقىدا ئىزلىگەن نەرسىنى تاپالمىدى . توڭلاتقۇ مەينەتلىشىپ كەتكەن، تۈكۈلگەن سۇت ۋە باشقا بىر نەرسىلەر بىلەن تولغان ئىدى . ئۇ ئارقىغا يېنىۋىدى  بىر سىلىق  نەرسىگە پۇتلۇشۇپ دۈم چۈشكىلى تاس قالدى . ئاندىن پۇتلاشقان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئاڭقىرماستىن ئۇتتۇر ئاشخانىغا  يۈگۈرۈپ، ئاشخانا ئۆينىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ، سۇ تۈربىسىغا ئاغزىنى تۇتۇپ جۈمەكنى  تولغىدى . سۇنى ئاچكۆزلىك  بىلەن ئىچىشكە باشلىدى  . ئۇنىڭ پۇتۇن تۇربىدىكى سۇنى شۈمۈرۈپلا ئىچىۋاتماقچى بولغان نەپسى بىر دەمدە قاندى . ئاندىن بېشىنى جۈمەككە تۇتۇپ بىر ھازا تۇردى . مۇزدەك سۇ ئۇنىڭ چاچلىرى ۋ بۇيۇنلىرى  ئارىسىدىن قۇرۇتتەك لۆمۈلدەپ ئۆتۈپ ئۆتتەك قىزىپ، چىڭقىلىپ كەتكەن بېشىنى سەگىتتى . ئۇ شۇ پېتى بىر نەچچە مېنۇت  تۇرۇپ ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ  مۇنچىخانا  ئىشىكىگە ئېسىپ قويۇلغان بەدەن لوڭگىسىنى  ئېلىپ بېشىنى سۇرتتى ۋە  ئاشخانا ئويدىن چىقىپ مېھمانخانا ئوينىڭ چىرىقىنى ياندۇردى . شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ قىپ - يالىڭاچ ھالەتتە تۇرغانلىقنى سەزدى .  ئۇنىڭ ئشتىنى كۆينىگى ۋە كالتە ئىشتىنى  ئۇ يەر، بۇ يەردە چېچىلىپ ياتاتتى . ئۇ ئايالچە قىزىل كالتە ئىشتان ۋە كوپتا،  كوينەك ، باغىرداقلار ئارىسىدىن كىيىملىرىنى تىرىۋېلىپ كالتە ئىشتىنىنى كىيىۋالدى .   كارۋاتتا بىر ئايال  قىپ - يالىڭاچ ھالدا دۇم ياتاتتى .

ئۇنىڭ تەڭنىدەك يوغان ساغرىسى بىلەن يارمىغان كۆتەكتەك  يوتىلىرى تامامەن  ئۇچۇق ئىدى . ئۈتلىۋاتقاندەك كۆرۇنىدىغان سېرىق چاچلىرى يۇغان  بېشى ئۇستىدە  قوناقنىڭ  پۇپىكىدەك چېچىلىپ تۇراتتى . ئۇ بىر دەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. شۇندىلا ئاخشام بولغان ئىشلارنى غۇۋا ئېسىگە ئالغاندەك بولدى .ئاخشام مەھەللىدىكى بىر نەچچە ئاغىنىلەر راخمان  توخماقنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقىنى  تەبرىكلەپ  باشتا رېستۇراندا ئولتۇرۇشۇپ  ھاراق ئىچىشتى، ھاراقنى تويغىچە ئىچىپ مەست بولۇشقاندىن كېيىن <<جەننەت ئارامخانسى >>غا بېرىشقان ئىدى . بەك  كەچ بولۇپ كەتكەچكە چىرايلىق قىزلار  قالمىغان ، بازىرى  چىقمىغان، ئىسكەتسىز  بولسىمۇ ئېتى قىز ئاتىلىدىغان بىر نەچچىسىنى ئېشىپ قالغان ئىدى . مەستچىلىكتە تىشى ئېشەكمۇ پەرىزات كۆرۈنىدۇ دېگەندەك ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتى .  ئۇنىڭ يېندىمۇ مۇشۇنۇڭغا ئوخشايدىغان بىر سېمىز نەرسە سىغدىلىپ ئولتۇرغان ئەمما ئۇ باشتىن- ئاياق پەرۋا قىلمىغان ئىدى . ئۇ ھەرقانچە مەست بولۇپ كەتسىمۇ سەت قىزلارغا پەقەتلا قارىمايتتى .ئەمما ھېلىقى نەرسە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇۋەردى .   ئۇ ئۇ يەردە چەتئەل ھارىقىدىن  ناھايتى كوپ ئىچىشتى . كېيىنكى  ئىشلار ئېسىدە يوق، پەقەت كېچىدە بىرسىنىڭ ئۆزىنى يۆلەپ - سۆرەشتۇرۇپ يۈرگەنلىكىنى سەزگەنتى.  ئاغىنىلىرى  ئەمەس ئەسلىدە  مۇشۇ نېمە  بىلەن بىللە قايتىپتىكەندە . مەھەللىدىكلەر ، قۇلۇم- قۇشنىلار كۆرۈپ قالمىغاندۇ- ھە! شۇ چاغدا ئايال غىڭشىپ ئۆرۈلدى. ئۆرۈلۈش بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ئەڭ سەت تۇرقى ۋە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئاشكارە بولدى . ئاپپاق ئۇن خالتىسىدەك يۇغان ئەمچەكلەر تۇرمەل بولۇپ كەتكەن قۇرساقلىرى ئۇستىگە ساڭگىلاپ تۇراتتى . مۇدۇر- چۇقۇر باسقان يوغان پىشانىسى ئەتراپىدا  يېيىلىپ ياتقان بۇدۇر قىلىغان سېرىق چاچلىرى ئۇنىڭغا خۇددى ئەسنەپ ياتقان تىشى شىردەك كۆرۈنۈپ كەتتى . ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ كارۋىتىدا راستىنلا  بىر ئايال ئەمەس بېشى شىرغا، بەدىنى سازاڭ قۇرتقا ئوخشايدىغان بىر مەخلۇق سۇزۇلۇپ ياتاتتى .  قانداق قىلىپ  بۇ پاسكىنا بىلەن بىرگە يېتىپ قالغاندىمەن . ئۇنىڭ تېنى شۇركۈنۈپ  كۆڭلى قايتىدىن ئېلىشتى . ئارقىغا يېنىپ پەردىنى قايرىپ دېرىزىنى ئىچىپ بېشىنى سىرتقا يېرىم چىقاردى . تاڭ تېخى سۈزۈلمىگەن ئىدى . ئۇ سالقىن مۇزدەك ھاۋانى قېنىپ   سۈمۈردى . بىر دەمدىن كېيىن سۇزۇپ  ئېيتىلغان ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى . ئۇ موڭلۇق ئەرزان ئاۋازىغا بىردەم قۇلاق سېلىپ جىم  تۇردى .  ئەزان ئاۋازى ئاياقلىشىپ بىردەمدىن كېيىن قوشنىسىنىڭ ئىشىگى تاراقشىشقا باشلىدى .قوشنىسى راخمان  قارى بىلەن  ئۇنىڭ ئۆيىنى بىر تاملا توسۇپ تۇراتتى . ئۇ كىشى نامازنىڭ تەييارلىقىنى قىلۋاتقان بولسا كېرەك . غۇسلە قىلغاندىكى سۇنىڭ شىلدىرلاشلىرى ۋە غار- غار ئاۋازىنى  ئېنىق ئاڭلاپ تۇردى  . ئۇ قوشنىسى تاكى ئىشنى تۈگۈتۈپ دەرۋازىنى تاراقشىتىپ چىقىپ كەتكەتكەندىن  كېيىن ئاندىن قىمىرلىدى .

<<شىر>> تېخىچە  ئۇخلاۋاتاتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۇتىدىن  سورەپلا تالاغا تاشلىۋاتقۇسى كەلدى. <<شىر>>نىڭ ئۇنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى مەسچىت قوۋمى بىلپ قالسا ئۇنىڭ يۈزىگە سەت بولاتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە تاڭ يۇرۇماستىنلا قوغلىۋەتسە نامەردلىك  بولار . ‹‹ياخشى ئىت ئۆلىكىنى كۆرسەتمەپتۇ›› دەپ ئۇ ھەرقانچە ئىچىپ ۋە ئويناپ يۈرسىمۇ مەھەللىسىدە ئۆزىنىڭ يۇرۇش - تۇرۇش ۋە تەققى - تۇرقىغا بەكمۇ دىققەت قىلاتتى. ھاراق ئىچىپ ياكى قىزلارنى ئويىگە ئېلىپ كەلگەندە باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلاتتى . بۇ ئۇنىڭ باشقىلاردىن قورققانلىقدىن ئەمەس ئۇمۇمىي قائىدىگە ھۆرمەت قىلغانلىقىدىن ئىدى . ئۇ تا مۇشۇ كەمگىچە قورقۇش دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلكىنى ھېس قىلىپ باقمىدى . پەقەت  ئوقۇغان ۋە كىتابخۇمار بولغانلىقى ئۇچۇن قائىدە -يوسۇنلۇق ئىدى .كىمنى ھۆرمەت قىلىپ كىمگە قانداق  مۇئامىلە قىلىشنى  بىلەتتى.  ئۇنىڭ ئۇستىگە كاتتا باينىڭ ئوغلى بولۇش سالاھىيىتى  ۋە مەردۇ – مەردانىلىقى قوشۇلۇپ ئۆزىگە چۇشلۇق يۇز تېپىپ  كېتىۋاتاتتى .ئۇنىڭ قېنىدا  ئىلىمىيىلىك بىلەن لۇكچەكلىك تەبىئىتى بىراقلا ئارلىشىپ كەتكەن ئىدى . شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ ئىچىدىكى ئوغرى ،  لۇكچەك ۋە ئاقچى، قارىملاردەك  خىلمۇ – ئادەملەر توپلانغان مەھەللىدە ھەممە ئادەم بىلەنچىقىشىپ كەلدى . ئۇ ئايالنىڭ  سەت تۇرقىغا قاراپ تۇرۇۋېرىشكە تەخىر قىلالماي يەردىكى ئەدىيالنى ئېلىپ  ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويدى ھەم ئۆزى ساپاغا كېلىپ ياتتى. بېشى تېخىچە ئاغرىپ تۇراتتى .ئۇيقۇسىمۇ قانمىغان بولۇپ ، بىرەر ئىككى سائەت ئۇخلىۋېلىشنى نىيەت قىلىپ كۆزىنى يۇمدى . ئۇ ئويغانغاندا ئاللىقاچان كۇن چىقىپ بولغان ئىدى . بېشى تەرەپكە قۇيۇپ قويغان يانفۇننى ئېلىپ قارىۋىدى  سائەت 10نى كورسىتىپ تۇراتتى . بېشىنىڭ ئاغرىقىمۇ توختىغان قورسىقى ئېچىپ تۇراتتى . ئۇ ئورنىدىن قۇپۇپ كارۋاتتا تېخىچە ئۇخلاپ ياتقان <<شىر>> نى نۇقۇشلىدى .   ئامما ئايال   مېدىرلىمىدى  ئۇ كۇچەپرەك سېلكىشلىدى .

- ھەي، قوپە!

- جېنىم بىر دەم يېتىۋالاي ، بىر دەم يېتىڭە –ئايال  ئۇيقۇ ئارىلاش  ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ ئۆزىگە  تارتماقچى بولدى.  ئۇ ئايالنىڭ  بىر پۇتىدىن تۇتۇپ بىرلا تارتىپ  ئۇنى كارۋاتتىن يەرگە چۇشۇرىۋاتتى .

-ۋايەي! ساراڭ، نېمە قىلغىنىڭىز  بۇ ؟- ئايال چىقىراپ ئورنىدىن قۇپۇپ ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ يەنە جىمىپ قالدى .

-ئۇيقۇلىرى ئېچىلغان بولسا  كىيملىرىنى كىيىۋال ، چىشى چوشقۇدەك بەدىنىڭنى كورسەتمىسەڭمۇ بولىدۇ .

-ۋايەي ، چىشى چوشقىدەك دەپ كەتكىنىنى ئاخشام ماقۇقتا ياتقاندەك ياتقانسىز .-   كېرەمنىڭ گەپلىرىنى قىرىغىمۇ ئېلپ قويماي ئالدىرماي كىيملىرىنى تېرىپ كىيدى . بۇنداق قىزلارغا  يامان تىل دورا ئىدى . ئۇ بۇنى ئوبدان بىلەتتى . ئۇ بىر تال تاماكىنى  تۇتاشتۇرۇپ <<شىر>>نىڭ ھەركەتلىرىگە قاراپ تۇردى. ئۇ كىيىملىرىنى كىيىپ بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ  قەستەن سۇركۈلۈپ دېگۈدەك ئولتۇردى .

- ماڭا بىر تال  بېرەمسز ؟

ئۇ تاماكىدىن بىر  تال ئېلىپ بەردى  .

-- سىزنىڭ بەك تاتلىقكەن، بەرسىڭىز يېگىملا كېلىپ تۇرىدۇ .- <<شىر >>  گەپنى قەستەن باشقا تېمىغا يۆتكەۋاتاتتى . ئادەتتە گەپ چىقىسلا گەپنى بۇنداق تېمىلارغا يۆتكەش بۇنداق قىزلارنىڭ تاكتىكىسى ئىدى . ئۇ ئۈندىمەي ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ بەردى .

-   تېزراق بول مەن سىرتقا چىقىمەن .

-- سىز سىرتقا چىقپ كىرگىچە ئۆيىڭىزدە تۇرۇپ تۇرسام بولامدۇ .

- ھېلىمۇ  بىر كېچە تۇرۋالدىڭ . تەلىيىڭ باركەن  .

- ئۇنداقمۇ  دەپ كەتمەڭ ، ھەرقانچە ياراتمىسىڭىزمۇ كۆڭۈلگە ئازار بەرمەڭ . جالاپ لاپ بولساقمۇ بىزدىمۇ كۆڭۇل بار . بىزمۇ تۇغۇلۇپلا  بۇ يولغا كىرىپ كەتمىگەن .

ئۇنىڭ گېپى كېرەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستىدى .<< سەن پەسەندىلەردە كۆڭۈل  نېمىش قىلسۇن ››دېگۈسى كەلدىيۇ ، ئۇنىڭ   بىلەن تالىشىپ تۇرۇشنى نۇمۇس ھېس قىلدى پەقەت  مېيىقىدا كۈلۈپ قويدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئشتىنى تېپىپ پورتمالدىن 100يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى ئېلىپ ساپاغا تاشلاپ قويدى .يۈزىگە بىر خىل مەخسىرە ئارىلاش كۈلكە يۈگۈرۈتتى .

- خاپا  بولمىسىڭىز مەن بەك ئالدىرايتتىم.

                                                                                                                                                                                                            

ئايال ئۈندىمەستىن ئورنىدىن تۇردى . ئاندىن ئۇنىڭغا تىكىلىپ  تۇردى . كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنى ياناتتى . ئۇ ھېچنېمە  بولمىغاندەك ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قادالدى .بۇنداق قىزلارنىڭ  ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلىپ قارىشى ئۇنىڭ ئۇچۇن ھېچنېمە ئىدى . ئاغزىنى بۇزسىلا شاپىلاق بىلەن بىرنى سالاي دەپ تۇرغاندا  <<شىر>>نىڭمۇ پىيى تۇيۇپ قالدىمۇ گەپ قىلماي   قولىدىكى پۇلنى ساپاغا تاشلاپ قويۇپ بىرنەچچە چامدام مېڭىپ بولۇپ ئارقىغا يېنپ پۇلنى ئېلىپ جەتىلدەپ چىقىپ  كەتتى . ئۇ شىرنىڭ  قىسقا يوپكىسىغا پاتمىغان غىغىرلاپ تۇرغان  ساغرىسى ئىشكتىن يۇتكەندە ئاندىن بىر تال تاماكا چەككەچ ئىشىك -دېرىزىلەرنىڭ ھەمىسىنى ئېچىۋەتتى . ھەم  ھاياتىدىكى بىللە ياتقان ئەڭ سەت ئايالنىڭ مەينەت پۇراقلىرىنى چىقىرىۋەتمەكچى بولدى . ئاندىن كارۋاتنى پۇرلىشىپ كەتكەن  كىرلىك ۋە ئەدىياللارنى يىغشتۇردى . ئەدىيال ۋە كىرلىكتىن ئادەتتا پەقەت بازىرى  يوق پاھىشىلەر ئىشلىتىدىغان ئەرزان باھالىق ئەتىرنىڭ سېسىق پۇرۇقى گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇراتتى . ئۇ بۇلارنى يىغىشتۇرۇپ بوغچا قىلىپ ھويلىغا ئەچىقىپ تاشلاپ قويدى . ئاندىن كارۋات ئاستىدىكى يېڭى ئەدىيال ۋە كىرلىكنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپ مۇنچىنىڭ سۇيىنى تەڭشەپ سۇ ئىسىغىچە تېلىۋېزور ئاچتى دولقۇننى  تەنتەربىيە قانىلىغا يۆتكىدى. ئادەتتە مۇھىم ئىش بولمىسىلا يەكشەنبىلىك بوكىس مۇسابىقىسىنى پراگرامىسىنى كۆرۈشنى ئۇنۇتمايتتى .ھەم بۇرۇنقى مەشىق قىلغان ۋاقىتلىرىدەك  بەزىدە ئۆي ئىچىدە داڭلىق چولپانلارنىڭ مۇش ئېتىش قايىدىلىرىنى پات- پات دوراپ قوياتتى . ئەمما بۈگۈن بىر دەم كۆرۈپ ئىچى پۇشۇپ قالدى . مۇسابقە ئانچە نامى چىقمىغان ئىككى ماھىر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ  ئۇلارنىڭ سەل كالامپاي ۋە ئاستا ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ قويدى . شۇ تاپتا بىراقلا سەھىنىگە چۇشۇپ ئىككىسىنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويغۇسى كېلىپ كەتتى. بۇرۇن چېنىقىپ يۇرگەن ۋاقىتلىرىدا ئوسمۇرلەر گۇرۇپىسى بويىچە ئاندا- ساندا مۇسابىقكىلەرگە چۇشۇپمۇ يۈرگەن ئىدى . بۇنداق مۇسابىقىلەردە ئۇ بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ باقمىغان بولسىمۇ چوڭ تېپتىكى مۇسابىقىلەر ئاز ئىدى. بۇنداق خەلقئارالىق مۇسابىقىلەر ئۇنىڭغا قەتئىي نېسىپ بولمىدى.

ئۇ ئۇزاق يۇيۇندى . ئىسسىق سۇ قىزنىڭ يۇمران قۇلىدەك ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى سىيلاپ  چۇشەتتى . ئانىسى كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ بەدىنىدىكى كىرلەرنى چىقىرىش  ئۈچۈن ئەنە شۇنداق يۇياتتى . شۇ تاپتىمۇ نامەلۇم  قول ئۇنى سىيلاپ ئۇنىڭ تېنىدىكى مەينەتچىلىكىنى پاكىزلەپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك قىلاتتى. سۇ  ئۇنىڭغا شۇنداق خوش ياقتى. بولۇپمۇ مۇھىم ئەزالىرىنى قايتا- قايتا يۇيدى. يۇيۇنۇپ بولۇپ ئەينەك  ئالدىغا كېلىپ چاچلىرىنى تارىدى. ئۇنىڭ تەققى  تۇرقى  ئىتالىيىكلىك ياكى ئىسپانلارغا ئوخشاپ  كېتەتتى .ئۇ  بۇدۇر چاچلىرى ۋە چىرايلىق بەدەن  شەكلىگە قاراپ ئۆزىگە ھەۋەس قىلىپ قالدى . پەقەت  پىشانسىدىكى كىچىك تاتۇقنى ھېساپتا ئالمىغاندا ھېچقانداق  ئەيىبى يوق ئىدى . ئۇ ئۆزىنى ھوللۇۋۇتنىڭ كىنو ئارتىسلىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى .بىلەكلىرنى يىغىپ مۇسكۇللىرىنى سىناپ باقتى. مۇسكۇللىرى بۇرۇنقىدىن سەل يۇمشاپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا گۈزەللىكىنى يوقاتمىغان  ئىدى .يەنە بەش يىل ئوينىۋالغۇچىلىقىم باركەن .ئۇ شۇلارنى  ئويلاپ مېيىقىدا كۈلۈپ قويدى . ئاندىن ئىشكاپتىن پاكىز- دەزماللاقلىق كىيمىنى ئېلىپ كىيىپ  چېچىنى  مايلاپ تاراپ قىممەت باھالىق ئەتىرىنى چېچىۋالدى . ئىشىكتىن چىقىدىغاندا ئۆزىگە بىر قۇر قارىۋەتتى .تىكلىمە ئەينەك ئالدىدا تۈنۈگۈنكى مەست مەينەت كېرەم ئەمەس، پۇتۇنلەي پاكىز كېرەم تۇراتتى . ئاندىن ئىشىكنى تاقاپ سىرىتقا  چىقتى . ياندىكى تاللا بازىرىدىن بىرقاپ ئۇچ سەككىز ماركىلىق تاماكا ۋە  ئىككى ساندۇق خالتىلىق سۈت ئالدى . ئاندىن 100 مېتىردەك مېڭىپ بىر دۇقمۇشقا قايرىلىپ تار كۇچا ئىچىدىكى پاكار بىر قورۇنىڭ كونا  ئىشكىنى چەكتى . بىر دەمدىن كېيىن ھويلا ئىچىدىن ئاياق تىۋىشى كېلىپ 60ياشلار چامىسىدىكى ئۇرۇق بىر ئايال ئىشىكنى  ئاچتى، ئۇنىڭ كۆرۈش بىلەن ئايالنىڭ ياغاق يۇزىگە كۇلكە ياماشتى . ئايال كولگەندە يۈزى لىققىدە قۇرۇق بىلەن تولدى . ئايالنىڭ چىراي قۇرۇلۇشى ۋە قاش كۆزىدىن قارىغاندا ياش ۋاقتدا ناھايىتى گۈزەل ئاياللىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى . كىيىمى ئاددىي بولسىمۇ پاكىز ئىدى .

- ۋاي ، كېرەمجان بالام كېلىپ قاپتىغۇ؟ ، تۇيماي قاپتمەن قېرىغاندا. ساقلاپ كەتمىگەنسىز ، قېنى ئويگە..

- بولدى،  كىرمەي! دۇكانغا ئالدىرايتتىم . بۇ بىرقاپنى سۇتنى ئۆزلىرىگە ئالغاچ كەلدىم ماۋۇسىنى تولاتقۇغا سېلىپ بېرەرلا . ھەراست ھەسەل سۇيى قىلىشنى ئۇنتۇپتىمەن .

بۇ  ئۇنىڭ بۇ ئايالغا قىلغان  ئىلمىي بۇيرۇقى ئىدى . ئايالى بىلەن ئا جرىشىپ  كەتكەندىن بۇيان بۇ ئايالغا ئېيىغا 150يۇئەن بېرىپ ئوي ئىشلىرى قىلدۇرۇپ كىيىم- كېچەكلىرىنى يۇغۇزىۋاتاتتى . ئاغزى يۇمشاق،  ئۆزى پاكىزئوي ئشىغا پۇختا بۇ ئايال تىكەندەك يالغۇز بولغاچقا ئۇنىڭ-بۇنىڭ ئىشنى قىلىپ بېرىپ جان بېقىپ كېتىۋاتاتتى .شۇڭا بۇ  موماي ئۈچۈن خېلىلا ياخشى كىرىم ئىدى .  موماي  ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىنى ئالغا چ ئاغزى – ئاغزىغا  تەگمەي رەخمەت ئېيتتى. ئۇنىڭ رەخمەت ئېيتقاندىكى تۇرقىغا بىچارىلىق،  مېھرىبانلىق تەڭلا ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ بۇنداق تۇيغۇ پەقەت مۇشۇنداق ئىگە چاقىسىز، يار- يۆلەكسىز ئۆزىنى ئەڭ بىچارە سانايدىغان ئانىلاردىلا بولاتتى. ئۇنىڭ ئارقىدىن مۇماينىڭ بىر مۇنچە تىكلەكلىرى قېلىپ قالدى .. موماينىڭ <<بالام>>دىيىشلىرى  ۋە<< دۆلىتىڭنى زىيادە قىلسۇن>>دېگەن سۆزلىرى تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا رەخمەتلىك ئاپىسىنى ئەسلىتىپ قويدى . ئەمما ئانا دېگەن ئانا، بۇ موماي دېگەن موماي ئىدى . مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ئايال ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەرگىزمۇ ئانىلىق ئورۇنغا تۇرالمايتتى .بۇ موماينى پەقەت ئانىسى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى كۆۋرۈكتەك سېزەتتى . پەقەت مۇشۇ موماينىڭ دۇئالىرى ئارقىلىق ئانىسىغا سالام يوللاپ تۇراتتى . كىچىك ۋاقتلىرىدىن تارتىپ  ئۇنىڭ ئانىسى بۇ ئىگە چاقىسىز موماينىڭ ھالىدىن ئاز تولا خەۋەرئېلىپ تۇراتتى . ئانىسىغا ياردەملىشىپ قاتتىق- قۇرۇق ئىشلارنى قىلىپ تۇراتتى . ئەلۋەتتە ئانسىمۇ موماينى يېقىن ئادىمىدەك كۆرۈپ ھىممىتىنى ئايىماي كەلگەنىدى  . مانا بۇ موماينىڭ ھالىدىن ئانچە- مۇنچە خەۋەر ئېلىپ قۇيۇش ئۇنىڭغا قالغان ئىدى . ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى  ئانىسىغا  بولغان ھۆرمىتى ياكى بىر خىزمەتچىگە بولغان ئىشىمۇ بۇنى بىلمەيتتى . ئەمما مومايغا ھازىرغىچە خىزمەتچىگە تۇتقان مۇئامىلە بويىچە ئىش بۇيرۇپ باقمىدى . ياكى ئانىسىغا ئەركىلىگىدەك ئەركىلەپمۇ باقمىدى . پەقەت ئانچە- مۇنچە گۆش- ياغ بىلەن ئۇتۇن- كۆمۇرىنى قىلىپ بەردى .ئۇ شۇنداق قىلسا ئانىسىنىڭ روھى قۇرۇنمايدۇ دەپ قارايتتى . ئۇ تۇل خۇتۇن  يىتىم - يىسىرلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئادەمنى كۆكلىتىغانلىقىغا ئىشىنەتتى . شۇڭا دائىم گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويدۇم دەپ قارىغان كۈندە  بۇ ئايالغا بىرەر نەرسە بېرىپ قوياتتى .

- ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم كېرەمجان دۇكانغا ماڭدىلىمۇ ؟- ئۇنىڭ ئالدىدا قوشنىسى راخمان قارى قول سۇنۇپ تۇراتتى  .

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام –ئۇنىڭ قولى موسا قارىمنىڭ يۇمشاق قولىغا تېگىشى  بىلەن ۋۇجۈدىغا شۇررىىدە بىر ئېقىم تارىغاندەك بولدى .

- بىتاب بولۇپ قالمىغانلا، چىرايلىرى سارغىيىپ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ . – ئۇنىڭ كاللىسىدىن  بۇ ئادەم ئاخشامقى ئىشلىرىمنى سېزىپ قالغاندىمۇ نېمە دېگەن خىيال لىپ قىلىپ ئوتتى . ھاراق پۇراپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ  بېشى ئېلىپ قاچتى .

-زۇكامداپ قاپتىمەن.

ئىگىمىز  ھەمىمىزگە ساغلاملىق بەرسۇن . –موسا قارىمنىڭ كىچىك بالىنىڭكىدەك  پاقىراپ تۇرىدىغان يۇزلىرى ۋە كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى .

تۇنساگۈلنى ئەكىۋالساق بولاتتى . ئۇكام يالغۇزچىلىقتا شەيتان كۈچۈيۈپ كېتىدۇ .  

ئالدىراپ تۇرغاندا مۇسا قارىمنىڭ ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ ماڭغۇزمايۋاتقانلىقى كەيپىنى ئۇچاردى .

-تۈكۈرگە  تۈكۈررۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولماس .

-ئۇنداق  دېمىسلە ئۇكام ،شەيتان ئاچىققا يېقىن تۇرىدۇ . قارىسام ئۇ قىزنىمۇ سىلىگگ يەن كۆڭلى باردەك .

- قېنى ۋاختى  كەلگەندە بىر گەپ بولار .

-ۋاقتىنى بىر كەلتۈرمەيلىمۇ ئۇكام . يولىنى مەن مېڭىپ بېرەي !

ئۇ قارىمنىڭ قولىدىن قولىنى تارتىۋالدى . بىرسىنىڭ قولىنى ئۇزاق تۇتۇپ تۇرۇشىنى ياقتۇرمايتتى. بولۇپمۇ ئەرلەرمۇ ئەرلەرنىڭ قولىنى شۇنداق ئۇزاق تۇتقان بارمۇ ؟

- ئۇمۇ بولۇپ قالار .

سەزگۇر مۇسا قارىم ئۇنىڭ ئالدىراۋاتقانلىقىنى بىلدى بولغاي ،قوللىرىنى قۇيۇپ بەردى .

- ئالدىرايدىغاندەك قىلىلا ، بۈگۈن يوللىرىدىن  قويماي لېكىنزە، ئەتە – ئۆگۇن بىر مۇڭدىشايلى  .ھەممە ئىشنىڭ ۋاختىدا بولۇپ كەتكىنى ياخشى ئۇكام . ھايىتلا دېسىلا مەن ھۇيت دەپ چىقىمەن .

-بولىدۇ مەن سىلىنى ئۆزەم ئىزدەي – ئۇ شۇنداق دەپ ئىتتىك خوشلاشتى . مەھەللىدىكى چوڭدىن – كىچىك، پۇقتىن -سۇيدۇككىچە ھەممە ئىشقا ئارىلىشپ ھەممە ئىشقا چات كېرىپ يۇرۈيدىغان بۇ ئادەمنى  تازا ياقتۇرمايتتى .بىرىسى ئالدىڭغا ياردەم قىل دەپ بارمىغاندىكىن نېمە قىلىدۇ  خەقنىڭ ئىشغا ئارىلىشىپ ، ئايالىنى يېنىشىۋېلىش ھەققىدە تېخى ئويلۇنۇپ باقمىدى . كېرەم تېخى مۇشۇ كەمگىچە بىرەرسىگە ئېگىلىپ باققان بەندە ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىنىڭ ئاشۇ قوپال ۋە كوت- كوت مىجەزى بولسلا ئۇنىڭ بىلەن يەنە تۇتۇپ كېتىشى ناتايىن .بىر مەزەىل مۇشۇدناق ئەركىن يۈرگىنىمۇ ياخشى  . ئۇ شۇلارنى ياندىكى دوقمۇشتىكى ئاشخانىغا كىردى . ئىككى پارچە گۆش باستۇرۇپ پولو كەلتۇردى . ئاش ئوخشىغان بولسىمۇ ئەمما كۆڭلى تارتمىدى، تۇيۇقسىز <<شىر >>كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ  تاماققا رايى بارمىدى .گۇشىنى يەۋېلىپلا  ئاشپوزۇلدىن چىقتى .  ئەمدى  دۇكاننى بىر يوقلىۋېتىش كېرەك ئىدى . مۇشۇ بىر- ئىككى كۈن ئىچىدە گۇۋاڭجۇدىن  مال كېلىپ قېلىش ئېھتمالى بار ئىدى  . ئۇنىڭ كىيىم كېچەك دۇكىنى  شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات رەستىىسىگە جايلاشقان ئىدى .  200كوۋادىرا ت مېتىر چوڭلۇقتىكى  بۇ دۇكان ئۇنىڭغا ئاپىسىدىن قالغان ئىدى . ئاپىسى دادىسى بىلەن ئاجىراشقاندا مۇلۇك ھېسابىدا مۇشۇ دۇكان بىلەن ھازىرقى  زىمىن     ئايرىپ بېرىلگەن ئىدى . بۇنداق ئىجارىسى يوق ئاۋات رەستىدىكى دۇكاننىڭ سۇدىسى ياخشى بولاتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ماللىرىمۇ خىل ئىدى . ھەر ھالدا ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قامداپ يەپ- ئىچىپ، ئويناپ- كۈلىشىگە يېتپ ئېشىپ قالاتتى . خىزمەتچى قىز دۇكاندا  60 نەچچە ياشلار چامىسىدىكىەيۈزلىرىنى قورۇق ئۇزۇن تۇماقلىق بىر ئادەم ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى 20 ياشلار چامىسىدىكى بىر مۇدا قىز بىلەن باھا تالىشىۋاتقان ئىدى . ياشانغان  ئادەمنىڭ چىرايى ، تۇرقىدىن باشقا يۇرتلۇق دېھقان كىشىلىگى چىقىپ تۇراتتى. قىز ئوقۇغۇچىدەك قىلاتتىيۇ ئەمما كىيىنىشلىرىدىن  ئوقۇغۇچىغا خاسلىقى چىقمايتتى.  تەقى- تۇرقى يەرلىك قىزلارغىمۇ ئوخشىمايتتى . يېزىدىن كەلگەن قىزلار يەرلىك قىزلاردەك قاملاشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ كىيىشنى بىلمەيتتى . مىڭ ياسىنىۋالسىمۇ بەرىبىر چاندۇرۇپ قۇياتتى . ھازىرغۇ كوچىدىكى قىز بىلەن ئوقۇغۇچى قىزنى ئايرىماقمۇ تەس . ئەمما ئۇ قىزنىڭ ئاتىسى بىلەن بىرگە تۇرغانلىقىغا قاراپ ئوقۇغۇچىكەن دەپ جەزىم قىلدى . تەلەپپۇزىدىن خوتەنلىكتەك قىلاتتى .

-- ئالمايلى دېسەم ئۇنىمايسىز بالام، ئەدەس قىممەتكەن ، بايىقى ياندىكى دۇكاندىكىسچا  ؟

- بوۋاي قىزغا ئۇنۇتۇنۇش بىلەن قارىدى . بۇ خىل قاراش شۇنداق ئاجىز بىچارە قاراش ئىدى . بوۋاي خۇددى قىز ئالدىدا قەرزداردەك بىچارە ھالەتتە ئىدى .



-قىممەت، قىممەت  دەۋېرىدىكەنسىز  ئەرزان مالنىڭ شوۋىسى يوق . ئۇنى ئالغاندىن بولدى ئالماي مۇشۇنىلا كىيەي - قىز بوۋايغا زەردە قىلدى .

- - ئۇنىڭدىن ئەرزان بېرەلمەسسىزمۇ؟

- ھېلىمۇ  سىلىگە زاۋۇتتىن  كىرگەن باھاسىنى دېدۇق  .باشقا ھېچيەردە بۇنداق باھاغا كەلمەيدۇ .

-بوۋاي بىردەم ئاياققا بىردەم قىزىغا قارپ كەتكەندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى

-بوپتۇ ئەمىسە ئېلىڭە - بوۋاينىڭ ئاۋازى شۇنداق زەئىپ ۋە ئاجىز ئىدى . قىزنىڭ چىرايى بىردىنلا ئېچىلىپ كەتتى . ۋە بوۋاينى بىرنى سۈيۈپ قويدى . بەلكىم ئاشۇ سۆيۈش بىلەن بوۋاينىڭ يىگىرمە - ئوتتۇز يىللاپ تارتقان جاپادا قولىدىكى قاداقتەك بولۇپ كەتكەن  يۈرىكى بىر دەم ياشارغاندۇ؟ بوۋاي بەلبىغىدىكى تۇگۇنچەكنى ئالدىرىماي يىشىپ  ئون ۋە بەش كويلۇقتىن كونا ياغلىققا چېگىۋالغان  پۇلنى ساناشقا باشلىدى قوللىرى تىنىمسىز تىترەيتتى . ساناپ ئېزىپ كەتتى ، قىز خىجىل بولغاندەك قىلىپ بوۋاينىڭ قولىدىكى  تۈگۈنچەكنى تارتىۋالدى .

-يائاللا  ئەكىلىڭە پۇل تېپىشنى بىلگەن بىلەن خەجلەشنى بىلمىگەن يا . قىز پۇلنى سانىغاچ ئۇنىڭغا لەپپىدە بىرقاراپ قويۇپ غۇدىرىدى .

--نەدىن تېرىپ كەلگەنسىز، بۇ قەلەندەرنىكىدەك پۇللارنى . بانكىدىكى پۇتۇن پۇلنى ئەچىقسىڭىز بولمامدۇ؟

- قايسى پۇللارنى دەيسىز ؟بوۋاي ساددىلىق ۋە ھەيرانلىق بىلەن قىزىغا قارىدى .

- قايسىسى بولماقچىتى . ھېلىقىنىچۇ ؟

بوۋاي قىزنىڭ سەت ئالىيىشى بىلەن جىمىپ قالدى .قىز پۇللارنى ساناپ  بېرىۋېتىپ ھېجايدى .

سەت  بولدى ھە ، بەك پارچە پۇل بېرىپ قالدۇق ،  ئاپتۇۋۇزغا چىقىدىغانغا پارچىلاپ  قويغان پۇللارتى، بولمىسا بانكىدىن ئەپچىقىپ بېرەمدۇق –يا؟-قىز قاقۋاشلىق بىلەن



قارىدى  .

--ۋاي ياقەي بىزگە مۇشۇنداق پۇل بەك لازىم .

قىز  پۇلنى بېرىپ بوۋاي بىلەن بىرگە ئىشىككە ماڭدى . بوۋاينىڭ پىشانىسى ۋە مۇزدەك تەرلەپ كەتكەن ئىدى . پۇتلىرى  ھالسز يوتكىلەتتى .

-                                                            - قانچىگە ساتتىڭىز ؟

- دادىسىغا ئىچىم ئاغرىپ قېلىپ 130يۈەنگە بېرىۋەتتىم.

- پۇلنى ماڭا بېرىڭ .

خىزمەتچى قىز  ھەيران بولۇپ پۇلنى ئۇنىڭغا سۇندى .

-- تاغا توختىسىلا .

ئىشىككە  بېرىپ بولغان بوۋاي بىلەن قىزى  ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قاراشتى.

ئۇ پۇلدىن 30يۈەننى ئايرىۋېلىپ  قالغان پۇلنى بوۋاينىڭ قاقشال ئۇتۇندەك يىرىق قولىغا تۇتقۇزدى .

- يۇرتتىن چىقىپلا سىلىگە ئەرزا ن بېرەي  .

بوۋاي بىر دەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. ئاندىن قوللىرنى كوتەردى رەخمەت بالام دۆۋلەتلىرىنى زىيادە قىلسۇن . قىز ھەممىدىن بەك خۇش  بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ كېرەمنىڭ كۆزلىرىنىڭ  ئىچىگە قاراپ پىسسڭىدە كۈلدى .

- سىز  خوتەنلىكما ؟

-ياق ، تەكتىمىز شۇ يەردىن .

- رەخمەت ئەمىسە ئاۋارە قىلدۇق . كېيىنكى قېتىم تولدۇرۋاتامىز .-

قىز ئۇنىڭ كۆزىگە مەنىلىك تىكىلىدى.ئەمما شۇتاپتا ئۇنىڭ كۆزىدە قىزنىڭ قاپقارا – چىرايلىق كۆزلىرى ئەمەس بوۋاينىڭ دۇمچەك سىماسى قالغانىدى .



2



ئوي ئىچى  چىنىدەك تازلاپ قويۇلغان بولۇپ ئەتىگەنكى  مەينەتچىلىك ۋە بەت پۇراقتىن ئەسەر يوق،  خۇشبۇي  ئەتىر پۇرۇقى بىر ئالغان ئىدى . ئۇ بىر تال چەككەچ ئوزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى  . ئەمما ئۇيقىسى كېلەي دىمەيتتى . ئۆيگە كىرىپ بىر  ئارام ئېلىۋېلىش ئويى ئۆيگە كىرىش بىلەن بىر خىل غېرىبلىققا ئالماشتى .  ئۇدۇل تامدىكى تويلۇق سۆرىتىگە بىر ھازا قاراپ ياتتى . دوپپا ۋە كانىۋاي كوينەك كىيگەن كېلىشكەن  ئۇرۇق بىر يىگىت بىلەن ئانچە چىرايلىق  بولمىسىمۇ مېھرى ئىسسىق ئەتلەس كۆينەكلىق بىر قىز ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇراتتى .بۇ بۇنىڭدىن  سەككىز  يىل بۇرۇن چۇشكەن سۈرەت ئىدى . شۇ چاغدا ئۇلار نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ ئارمانلار بىلەن توي قىلغان ئىدى . مانا ئەمدى ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە ئاشۇ ئارزۇ ئارمانلاردىن قانچىلىكى قالدى . قانچىلىكى تۇزۇپ كەتتى . بىر نەرسە دېگىلى بولمايتتى . چۈنكى سەككىز يىل ۋاقىت نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىۋەتتى . ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئادەمنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ تەبىئىي ئىدى . ئەمما خۇتۇنى ئۇنى دائىم <<ئۆزگۇرۈپ كەتتىڭىز>>دەپ ئەيبلەيتتى . شۇنداق ئۇ ئازراق ئۆزگەردى بۇنى ئېتىراپ قىلاتتى . ئۇرۇق ئىدى ،تەن قويدى . غايە پەرزەر ئىدى ، رېئاللىققا چۆكتى . جىمغۇر، ئىچ مىجەز<< كىتاب خالتىسى >> ئىدى ، ئازىراق شۇخلىشىپ قالدى . بۇنىڭ نەرى يامان ، ھازىر ئۆزگەرمىگەن كىم بار ؟ ھەممە ئادەم ئۆزگىرىۋاتمامدۇ ، ئەجىبا ئايالى ئۆزگەرمىدىما ؟ سەمىرىپ سەتلىشىپ  ، بالا تۇغۇپ  بەرمىگەننىڭ ئۈستىگە خۇددى تۇغماس تۇخۇ بەك قاقىلدىغاندەك كۆت – كۆت قۇسۇرچى بولۇپ كەتتى . ئانچە- مۇنچە قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ ، ھاراق ئېچىپ قويغاننىڭ نېمىسى يامان . ئالىي مەكتەپتىغۇ  شۇنچە گۈزەل قىزلارغا قاراپمۇ قويماي ياشلىقىنى ئۆتكۈزۋەتتى . ئەمدى بولغاندا قولىدا پۇل ۋە پۇتىدا كۇچ بولغان مەزگىلدە بەش ئالتا يىل ئوينىۋالمىسا، جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرەلمىسە بۇنداق تۇرمۇشنىڭ نېمە لەززىتى .ئەركىشى  قولدىن ئىش كەلمەي خۇتۇنىغا قاراپ ئولتۇرغاندىن ھەممە قازانغا قايناپ چىقىنى ياخشى- دە . بىر ئەر كىشى ئايالىنىڭ كىيىمىنى پۈتۈن قورسىقىنى توق قىلىپ ، قولىنى پۇلدىن ئۈزۈپ قويمىسا  ئۆينى گۆش، ياغسىز قويمىسا مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر  ئايالغا تامامەن يېتەرلىك ئىدى . ئەمما ئاشۇ  بۇنىڭغا قارشى چىقتى  شۇڭا ئۇرۇش-  جودا قۇرۇمىدى. ئاخىرى ئاجرىىشىپ  كېتىشمكچى بولدى . ئۇنىڭغۇ  ئەسلى ئاجرىشپ كېتىش نىيىتى يوقتى . ئەمما ئاچچىققا چىدىماي شۇنداق دەپ سالدى ئايالىمۇ سېنىڭدىن مەن قالىمەنمۇ دېگەندەك ئۇنىڭدىن بەكراك سەكەپ چۈشتى . توي قىلىش تەس بولغىنى بىلەن ئاجرىىشپىپ  كېتىش بەك ئوڭاي ئىكەن  . يېرىم سائەت ئىچىدىلا 8يىللىق نىكاھ ئاياقلاشقان بولدى . ئۇ شۇ چاغدا ئايالىنىڭمۇ ئقرىشپ كېتىش نيىتىنىڭ يوقلىقىنى پەقەت ئاچچىقتىلا شنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆزىنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەنلا بۇ ئشىنى تۇسۇپ قالالايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەەم ئاۇدناق قىلمىدى .  چۈنكى يالۋۇرسا ئۇنىڭ غۇرۇرى  چۈشۈپ  كېتەتتى .قىززىق يېىر ئايالى ئويىدن ھېچنېمىن ئالماي ئوينى شۇ پېتى قالدۇرۇپ قۇيۇپ كەتتى . ئۇ بەزىدە ئويدە يالغۇز قالغانلاردا ئايالىنى ئازىراق سېغىنىپمۇ قالاتتى  . كوت – كۆت بولسىمۇ مىجەزى تۈز ئىدى . تاماققا ۋە ئوي ئشلىرىغا بەك پۇختا ئىدى . بولۇپمۇ لەغمەننى شۇنداق ئوخشىتىۋېتەتتى .مېنىڭمۇ ئاشۇرىۋەتكەن يەرلىرىم بار . ئۇيۇن- تاماشادىن ئۆزەمنى يىغىدىغان ۋاقىتمۇ كېلىپ قالغانتى .بىرەر بالىلىق بولۇپ قالساق بۇ ئىشلارمۇ ئۈتۈپ كېتەتتى .   

شۇلارنى ئويلاپ بىر  تۇرۇپ ئۆزىنىىڭ قىلغانلىرىنى  توغرا دەپ ئويلىسا،  بىر تۇرۇپ ئايالىنىڭ  ئالدىدا ئۆزىنى گۇناھاكاردەكمۇ ھېس قىلاتتى . ئايالىغا بۇرۇنمۇ خىيانەت قىلغانتى  ئەممە تۈنۈگۈنكدەك  كوچىغا چىقىپ قالغان پاھىشىنى كارۋىتىدا تېخى ياتقۇزۇپ باقمىغان ئىدى . ئۇ رەسىمگە  قارىغانسېرى ئايالىغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىگە بۇ كۆڭۈلسىزلىك ئەكەلگەن رەسىمنى ئېلىپ  ئۆينىڭ بولىڭىغا دۇم قىلىپ تاشلاپ قويدى . كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۆيلاشنى خالىماي   تېلۋىزورنى ئاچتى قاناللارنى يوتكەپ  بېقىپ كۆرگىدەك بىرەر نەرسە تاپالماي،  كىتاب ئوقۇماقچى بولدى. ئوينىڭ شىمال تەرىپىدىكى بىر پۈتۈن تامغا مەخسۇس ياسالغان  كىتاب جاھازىسى لىق كىتاب بىلەن تولغان ئىدى .بۇ ئۇنىڭ  بۇرۇن داڭلىق شائىر بولۇش ئارزۇسىدا  يۇرگەن چاغلىرىدا ئوقۇغان ۋە يىققان كىتابلىرى ئىدى . ھازىر ئۇنىڭدا  ئەمدى ئۇنداق غايىبانە ھېسياتلار بەكمۇ ئازلاپ قالدى . بەزىدە ئوزىنىڭ ئاشۇ ۋاقتلىرىنى تۇيۇقسىز ئەسلەپ قالغاندا ئازىراق سۆيۇنۇپمۇ قالاتتى .ئۇ چاغدا ئۇنىڭدا ئاجايىپ گۇزەل ھېسيات ۋە مۇھەببەت بار ئىدى . ئاشۇ تۇيغۇ تەسىرىدە ياخشى كۆرگەن قارامايلىق قىزغا ئاتاپ نۇرغۇن  شېئىرلارنى يازغانىدى  . ئامما مەيلى شېئىر، مەيلى قابىلىيەت بىلەن بولىسۇن ئۇ قىزنى ئۈچ يىلغىچە باش ئەگدۈرەلمىدى .ئۇنىڭ بۇنداق ھېسياتلىرى شۇ ۋاقىتتا  تۇنجى  مۇھەببەتنىڭ  ئازابىدىن  قېيىداپ ئۆزىنىڭ يىگىتلىكىنى بىر چوكانغا تېگىشىۋاتقان كۈنىدىن  باشلاپ ئۆلۈشكە باشلىدى . ئوقۇش پۇتتۇرۇپ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە ھېلىقى كۆيۈپ يۈرگەن قىزنى قايتا ئۇچرىتىپ  ئۈچ يىللىق پاك مۇھەببەت ۋە ئىسىل شېئىرلار باش ئەگدۇرەلمىگەن قىزنى 200تەڭگىلىك  ئاددىي تائام ، بىرقۇر كىيىم ۋە  بىر بولۇتكا قىزىل ھاراق بەدىلىگە ئۇنىڭ تېنگە بىر كېچە ئېرىشكەنىدە  ئۇنىڭدىكى قىزلارغا بولغان مۇھەببەت شۇنىڭ بىلەن پۇتۇنلەي ئۆلدى . شۇندىن كېيىن ئۇ نېمىنىڭ زادى ئەڭ قادىر ئىكەنلىكىنى  قايتىدىن تونۇغاندەك بولدى. نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جان – جەھلى  بىلەن  پۇل تېپىشقا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى . ئاندىن گېزىتخانىدىكى بۇرۇقتۇرۇملۇق ۋە پىتنە - پاسات بىلەن تولغان خىزمىتىدىن پۇتۇنلەي بوشۇنۇپ دۇكاننى قولىغا ئالدى . ئۇ شۇ قېتىملىق تاللىشىنى ئىنتايىن توغرا دەپ قارايتتى . مانا  ھازىر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇغان، خېلى نام چىقارغان يازغۇچى- شائىر ساۋاقداشلىرىدىن ئۇنىڭ كۇنى مىڭ ياخشى ئىدى . ئادەم دېگەن بۇ چەكلىك ئۆمرىدە تېنىگە راھەت ، كۆڭلىگە ئەركىنلىك ياراتمىسا تۇرمۇشنىڭ نېمە لەززىتى ؟

ئۇ كىتاب جاھازىسى  ئالدىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ خېلى ۋاقىتتىن بۇيان كىتابنى قولىغا ئېلىپ باقمىغانلىقىنى  ھېس قىلدى . جاھازىنىڭ چىلان رەڭلىك يۇزى  پارقىراپ تۇرسىمۇ  、ئىچىدىكى كىتابلارنىڭ ئەتراپىدىكى بوش يەرلەرنى چاڭ -تۇزاڭ  قاپلىغان ئىدى . ئۇ <<ئىلاھ چوققىسى>> ناملىق توپلامنى سۇغۇرۇپ ئالدى . بۇ چەتئەل داڭلىق شېرىلىرىدىن تاللانمىلار ئىدى . ئىچ پۇشقاندا، ئازاب يۈتكەندە شېئىر ئوقۇش ئادەمگە خۇشاللىق ئەكىلەتتى .  ئۇ بىر نەچچە پارچە شېئىرنى ئوقۇپ باقتى ئەمما خوش ياقمىدى .نېمىشقىدۇر شېئىر ئوقۇش  ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك ھوزۇر بېغىشلىيالماس بولۇپ قالغانىدى . ئۇ كىتابنى  ئۇ يەر، بۇ يەرىدىن ۋاراقلاپ تۇرغاندا تېلىفۇن سايراپ سالدى .قارشى تەرەپتىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى كەلدى .

- ۋەي  كېرەمما ؟

-ھە ، مەن شۇ .

- مەن كىمۇ ؟ -قىز نازلىنىپ ئاۋازىنى پەسەيتتى .

- مەنمۇ شۇنى  سوراي دەپ تۇرغان .

- يائاللا تۇز كور، ئاۋازىمنىمۇ ئۇنتۇپ قاپسەن،- ھە.  بەش مېنۇت ۋاقىت بىېرىمەن. تاپالمىساڭ . مەڭگۈ تېلىفۇن قىلمايمەن .

قىز شۇنداق دەپ تېلىفۇننى قويۇۋاتتى . ئاۋازىدىن قارىغاندا تەڭشەكتەك قىلاتتى . ئاۋازىغۇ  سەل تونۇش تۇيۇلدى، ئەمما تازا ئەسلىيەلمىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلىفۇندىن  ئاڭلىنىپ تۇرغان قىز- يىگىتلەرنىڭ قىقاس - سادالىرى قىزنىڭ بىرەر سورۇن ئۈستىدىنلا تېلىفۇن  قىلغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . ئەتىگەنكى <<شىر>> مىدۇ يا دېگەن خىيال لىپ قىلىپ كاللىسىدىن ئۆتتى – يۇ ، ئىنكار قىلدى . چۇنكى ئۇ<< شىر>>غا تېلىفۇن  نۇمۇرىنى دەپ بەرمىگەنتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزنىڭ ئاۋازى <<شىر>>نىڭ ئاۋازىغا پۇتۇنلەي ئوخشىمايتتى . بۇ ئاۋاز ئىنچىكە  ۋە يېقىملىق ئىدى . ئۇ زاى قايسى قىزدۇ دەپ بەكمۇ جىق  ئويلىنىپ كەتمىدى . چۇنكى ئۇ  بۇنداق <<مەن كىمۇ ؟>>، <<سىز كىمۇ ؟>>دەيدىغان  تېلفۇنلارغا  كۆنۈك ئىدى . بەزى تۇنۇش قىزلار ئۇيۇن چىقىرىپ شۇنداق ئۇرۇپ قوياتتى .





بەزىدە بولسا ئۇقۇشماي ئۇرۇپ قويىدىغانلارمۇ بارتى . بەزىدە  ئاخشىمىسى مەستچىلىكتە تېلفۇن نۇمۇرىنى يېزىۋېلىپ ئەتىسى<< سىزنىڭ نۇمۇرىڭىز مېنىڭ تېلفۇنۇمدا  نېمىش قىلىدۇ>> دەيدىغان تەتۈرلەرمۇ  ، سۆيگىنىمنىڭ تېلفۇنى سەندە نېمىش قىلىدۇ دەپ تېلفۇن  ئۇرۇدىغان لاتا غىلابلارمۇ چىقىپ قالاتتى .

ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي تېلفۇن يەنە سايرىدى .

- مەن كىمۇ ؟ - يەنە ھېلىقى  ئەركىلىگەن سۇزۇق ئاۋاز كەلدى .

- ئۇقمىدىمغۇ- ئۇ پەرۋاسىز جاۋاب بەردى .

- كالۋا ، يۇزسىز .

- ناتۇنۇش  قىزنىڭ تۇيۇقسىزئۇنىڭغا  تىل سېلىشى ئۇنى جۇدۇنىنى قورۇدى .

- ماڭا قاراڭ ، مەن سىزنىڭ كىملىگىڭىزنى ئۇقمايمەن ، ھەم ئۇققۇممۇ يوق . ئەگەر بەك  زورۈر بولسا ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇرۇڭ  بولامدۇ؟

-ھەي! ساراڭ، تېلىفۇننى  قۇيۇۋەتمە! مەن ئالىيە .

ئۇنىڭ يۈرۈگى جىغىدە قىلىپ قالدى . ئەسلى ئۇ كەندە ئاۋازىنىڭ بىر يەرلىرى تۇنۇش بولغىنى بېكار ئەمەسكەن  .

- ھە،  سەنمىدىڭ .ئوبدان تۇرغانسەن . –ئۇ ئاۋازىنى پەسەيتتى .

-سېنىڭچىچۇ قانداق  تۇرغاندىمەن .

ئۇ جىمىپ قالدى .

- جىمىپ كەتتىڭغۇ، ساراڭ. بۇرۇنقى تەرسالىقىڭ ، ئۆزگەرمەپتۇ،- ھە !  ئاۋازىمنىغۇ  ئۇنتۇپ قاپسەن .

- ئاۋازىڭ ئۆزگۇرۇپ كېتىپتۇ .

-  قېرى خۇتۇننىڭكىدەك  چىقىدىغان بولۇپ قاپتىمۇ ؟

-ياقەي  ؟

-ئۇنتۇپ قاپسەن ھە ، ئاۋازىمىلا ئەمەس خېلى – خېلى يېرىمنى ئۆزەڭ ئۆزگەرتىۋاتقان -...

- باشقا گېپىڭ يوقمۇ؟

- بار. بەك جىق  گېپىم بار . ئاڭلامسەن ...راست مېنى سېغىندىڭمۇ؟

-تېلفۇن نۇمۇرىمنى قانداق  ئۇقتۇڭ .

- ئۇقايلا دېسەك ئۇقالايمىز . بۇرۇنقى يۇۋاش ئالىيە ئەمەس كېرەمجان ئەمدى بىز  ...

- شۇنداقتەك تۇرىسەن .  ئىچىدىغان بولۇپ كېتىپسەن  ؟

-  ئىچتۇق، ھاراق دېگەننىچۇ، بىر دەردى بار ئادەم ، بىر خۇشاللىقى بار ئادەم ئىچىدىكەن . سىنىڭدەك  خۇشاللىقىمىز يوقكەن ، شۇڭا دەرتكە ئىچىپ قويدۇق . قانداق بولماپتىما ؟!.

-....

-سەنمۇ ئىچەلەمسەن،  كېلەلىسەڭ يېڭى دوستلۇرۇم  تۇنۇشتۇرۇپ قويىمەن  بەك كېلىشكەن يىگىتلەر دېگىنا ..

- مەست بولۇپ قاپسەن .  ساق ۋاقتىڭدا پاراڭلىشايلى .

- جېنىم! تېلفۇننى  قويۇۋەتمە،  بىر ئېغىز گېپىم بار.

- قېنى دە، ئەمىسە.

-ئايالىڭ بىلەن تۈگۈشۈپ  كەتتىڭما   ؟

-كىمدىن ئاڭلىدىڭ ؟

- كارىڭ بولمىسۇن، شۇنداقمۇ- يا،

- ياق .- ئۇ قەستەن شۇداق دېدى.

ئەمىسە يامانلىتىۋەتتىڭما ؟

- شۇنداقراق .

-ئاجرىشىپ كېتەمسەن

- ياق .

- ئۇ پاپاڭنى قويۇۋېتىپ  مېنى ئالامسەن .

- يەنە شۇ گەپمۇ؟



- ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا بۇنىڭدىن باشقا يەنە قايسى گەپ بارتى .

-  بۇ گەپنى قىلساڭ سوزلىشەلمەيمىز .

- ۋايجان ، مۇنداق دەپ قويسام  ساڭا تېگىدىغان ئالىيە يوق ھازىر . يىگىتلەر دېگەن ئۈچۇرەت .  

ئالىيە تېلفۇننى قويۇۋەتتى . ئۇ تېلفۇننى كارۋاتقا تاشلاپ كۆزلىرىنى يۇمدى . ئۇنىڭ كۆزئالدىغا ئالىيەنىڭ تۇرقى كەلدى . ئالىيە  بىلەن  بىر سورۇندا تونۇشۇپ قالغان ئىدى . ئۇچاغدا ئۇ تېخنىكومدا  ئۇقۇيدىغان  بەك چىرايلىق بولمىسىمۇ  ئوماق قىز ئىدى . ئالىيە ئۇنى بىرلا كۆرۈپ ئۇنىڭ ئارقىغا كىرىپلا ۋالدى . ئۇ چاغدا ئۇمۇ زېرىكىپ تۇرغاچ پوشمۇ دەپ كەتمىدى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۇچۇن ئارىلىشىپ قويغان بولسىمۇ بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى . چۇنكى ئالىيە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ياكى خۇتۇن  قىلىدىغان قىزلار تىپىغا كىرمەيتتى . كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ئەر – خوتۇندەك ئوتتى . بۇنداق ئىشلاردا دائىم ئالىيە ئاكتىپ ئورۇندا ئىدى .  ئۇ ئالىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پەقەت ئادەتتىكى دوستلۇق دەپ قارايتتى . ئامما ئالىيە ئۇنداق دەپ قارىمىدى . ئالىيە بىرسى بىلەن ئارىلاشسىلا دائىم توختىماي ئىزدەپ زېرىكتۈرىۋاتىدىغان قىزلار تىپىغا كىرەتتى .كۈنىگە ئون- يىگىرمە  قېتىملاپ تېلفۇن  ئۇرۇپ تۇختاتقۇزمايتتى .ئۇ بەزىدە ئۇنىڭ نېرۋىسى ئاجىزمىدۇ دەپ ئەنسىرەپمۇ قالاتتى . تويغا يېقىن ئالىيە خېلى جاپا  سالدى .ئەمما  ئۇمۇ جاھىلغا كەلگەندە قېلىشقۇسىز جاھىل ئىدى . ئالىيەنىڭ كۆز ياشلىرى ، ئۆلۈۋالىمەن دەپ سالغان تەھدىدلىرى ئۇنىڭ يۈرۈكىنى ئېرىتەلمىدى .   تويدىن كېيىن ئۇ ئالىيەنى كۆرمىدى.باشقىلارىدىن ئىچكىرىگە چىقىپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدى. مانا  ئەمدى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپتۇ. گەپ- سۆزلىرىمۇئۆزگۇرۇپتۇ . چىرايى قانداق تۇرغاندۇ ؟ ھاراق ئىچىدىغان بولۇپ كەتكىنىگە قارىغاندا ئۇمۇ تۈگۈشۇپتۇ.

خۇتۇن دېگەن خۇتۇن دوست دېگەن دوست . ئۇ دائىم بىرەر ئشلارنى ئۆزى خالاپ قىلىپ قويۇپ باشقىلاردىن كۆردىغان ياكى باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغان قىزلارغا بەك ئۆچ ئىدى . ئالىيە   



دەل شۇنداق ئىدى  تىپتىكى قىز ئىدى . تېلفۇن  ئۇرسىلا مۇنداق  قىلىۋەتتىڭ ئۇنداق  قىلىۋەتتىڭ دەپ چىشىغا تېگەتتى . مانا ئەمدى ھاراق ئىچىشىمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قاپتۇ . ھاراقنى باشقا ئادەم بىلەن بىلەن ئىچىپ سەن ئىچكۈزۋەتتىڭ دېگەن قانداق گەپ ؟ بۇنداق كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ئۆزىگە پۇختا بولمىغان قىزلارنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆزىگە. ئارلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەنگە نېمە بوپتۇ؟ ھاتتا توي قىلغانلارمۇ ئاجرىشىپ كېتىدۇ . بۇ دۇنيادا يالغۇز مۇھەببەتلا  مەۋجۈتما ؟، بىرەرسىدىن  ئايرىلىپ كەتكەنگىلا  چۈشكۈنلۇشۇپ كېتىش كېرەكمۇ ؟ئۇ ئالىيەگە‹‹ بۇنداق يۈرگىچە بىرەر نەرسە ئۆگەن ، ياكى ئۇقۇ مەن ياردەم قىلاي›› دەپ باقتى ئەمما ئالىيە‹‹ ساڭا تېگىمەن ››دىگەندىن باشقا ھېچنېمىگە قىزىقمىدى .

تېلېفۇن قايتا سايراپ كەتتى . ئۇ باشتا چۇقۇم ئالىيە ئۇردى  دەپ ئېرەنشىمىدى . كېيىن سايراۋەرگەندىن كېيىن قاراپ بېقىۋىدى. نۇمۇر ئېزىزنىڭ چىقتى .

- جان بارمۇ ؟-ئېزىزنىڭ بوم ئاۋازى كەلدى .

-قەدىر ئەھۋال، ئۆزەڭچۇ؟

- بىز چەستەي . تېلفۇننى  ئالمىساڭ تېخى ھېلىقى بوغماقنىڭ ئاستىدىن قوپالمىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن .

- قۇيۇڭلە ،باللا سىلەرنى نەدىكى مەينەت نېمە بىلەن يولغا سېلىپ قويۇپسىلەر، ئەتىگەندە قوپسام شىردەك بىرىسى ياتمامدۇ ، تېنىمنى شۇركەندۈرۈپ .

- <<شىر>> دە ، ھې... ھې- ئېزىر خىرىلداپ خېلى ئۇزاق كۈلدى .- تازا ئوخشاتتىڭدە ، -شائىر دېگەنغۇ؟  ھې ..ھى ..- ئۇ كۈلكىدىن  توختاي دېمەيتتى . ئېزىزنىڭ   ئادەتتە كىچىكىنىلا قىززىق گەپ چىقىپ قالسا  توختىماي  كۈلىدىغان خۇيىنى ئۇ بەك بىلەتتى .

- ھە ، سەنچۇ نېمىش قىلىۋاتىسەن ؟

- نېمىش قىلاتتۇق،  ئاخشامقى مەغلۇبىيەتنى يىغىنچاقلاپ ، قايغۇنى كۇچكە ئايلاندۇر

ۇپ ، چىشىنى چاقىمىز دەپ يىغىلدۇق، كەلمەمسەن ؟-

- مىجەزىم بەك بوش تۇرىدۇ . بارماي تۇرايمىكىن .

- ئا..ۋاي، يوق گەپنى قىلماي دەرھال تاكسى بىلەنلا كەل . راخمانكاممۇ بار . شىرلار بىلەن ئەمەس كەمپۇتتەك قىزلار بىلەن ئولتۇرۋاتىمىز . قىزلار بەك ساقلاپ كەتتى . كەلمىسەڭ ئىسيان كۆتۈرىمىز دەيدۇ . ئەمىسە قىزلارغا بەردىم- ھە!- تېلىفۇندىن  بىر قىزنىڭ سۈزۈك ئاۋازى ئاڭلاندى .- ۋەي ، ياخشىمۇ سىز ، ئاڭلىساق شائىر دەيدۇ . بىرەر دەم  ئولتۇرۋالمامدۇق . – ئۇ قىزغا جاۋاب بېرىپ بولغىچە تېلىفۇندا  يەنە ئېزىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى- ئەمىدىغۇ كېلەرسەن .

- ھە باراي ، نەدە ئولتۇرۇرىۋاتىسىلەر ،

- كۆنا جايدا .

- ئۇنداقتا بەش مېنۇتتا بارىمەن .

ئۇ شۇنداق دەپ تېلفۇننى قويدى . راخمان توخماقنىڭ يۈزى ، ۋە قىزنىڭ  سېھىرلىك، چىرايلىق ئاۋازى ئۇنى تېخىمۇ قىزىقتۇردى . ئۆيدە بۇرۇقتۇرما بولۇپ ئولتارغاندىن ئاغىنىلرىم  بىلەن كۆڭۈل ئاچقىنىم ياخشىراق دېگەن خىيال بىلەن ئىشىكتىن چىقتى .



3



سورۇندا ، راخمان توخماق ،ئېزىز يەنە ئۇچ قىز بار ئىدى. سالاپەتلىك تولغان ئاق پىشماق بىر قىز ئېزىزنىڭ  يېنىدا ، قارا قۇمچاق ئوماقراق بىر قىز راخماننىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندى . يەنە بىر قىزغا قاراپ بولسا كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى . شۇنداقمۇ توغرا كېلىش بارمۇ ئۇچۇنچى قىز بولسا ئەتىگەندە دۇكاندا دادىسى بىلەن ئاياق ئالغان قىز ئىدى . ئاياق ئالغان قىز باشتا سەل خىجىل بولغاندەك قىلىپ ئاندىن بەكلا خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكنى ئاشكارىلاپ قويدى.

- ۋىييەي ، سىزكەنسىزغۇ؟

- تۇنۇشامىسىلەر ، - ئېزىز ئۇنىڭغا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى .

-ئەتىگەندە ، كۆرۈشكەن .

- يامان نېمە جۇمۇ سەن. شىرنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ باشقا ئىشلارغىمۇ ئۇلگۇرۇپسەن - ئاندىن ئۇ يېنىدىكى راخمان توخماقنى نۇقۇشلاپ – خىرىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى . – ھېلىقى تۈنۈگۈن ئۇنىڭ يېنىدىكى ..شىرنى دەيمەن .

-نېمە شىر ؟-- ھېلىقى قىز ھەيران بولۇپ ئېغىز غېرىچلىدى .

- بۇ مۇنداق ئىش – ئېزىز گەپنى بۇرمىلىدى . – بۇ  ئاغىنىمىزنىڭ ئۆيى ھايۋاناتلار باغىچىسىنىڭ يېنىدا ئاخشام جىق ئىچىپ قويۇپ ئۆيگە كىردىم دەپ شىرنىڭ قوتىغا كىرىپ شىر بىلەن ئۇخلاپ قاپتۇ.

- يالغان، ئىشەنمەيمەن .

- ئىشەنمىسىڭىز مەيلى بۇ ئاغىىنىمىز بۇرۇن شىر كۆندۈرگىچى بولغان .

- ۋاي راستما . مەن ھايۋانلارنى بەك ئامراق . لېكىن ھايۋاناتلار باغچىسىغا كىرىپ باقىمىدىم .

- ھەببەللى . بۇگۇن تازا پەيتى كېلىپتۇ . ئاغىنىمىز يولۋاس دەمىسز شىر دەمسىز مايمۇن دەمىسز ھەممىسىگە بەك ئامراق . لېكىن بىر لا خۇيى بار كەچلىگى كۆرسىتىدۇ . بۇگۈن پىشىگە ئېسىلسىڭىز ، سىزمۇ شىر بولاپكېتىسىز .

- ھېلىقى قىز بۇ گەپلەرگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي .ھاڭۋېقىپ قالدى . ئېزىز جىق ئوقىمىغان بىلەن بۇنداق سورۇنلاردا قىزلارنى چېلىشقا بەك ئۇستا ئىدى . راخمان توخماق بىلەن ئۇ ئۈچەيلىرى ئۈزۇلگىچە كۈلۈشتى .

- ھەببەللى ، ئۆزەڭگە لەقەم يۇقتۇرماي كېلىۋاتتىڭ  بۇندىن كېيىن شىر كۆندۈرگۈچى  دەيلى دېدى راخمان توخماق كۈلىۋىتىپ، ئاندىن ئاندىن ئېزىزغا قاراپ ئېيتتى :

- قۇيە بۇگۇن مەن بەك خۇشال شىر كۆندۈرگۈچى بىلەن پۇخادىن چىققىچە ئىچىۋالاي .   

- ئۇنداقتا سورۇننى باشلاپ كېتىلى،- دېدى  ئېزىز  پىۋىنى ئالتە ئىستاكانغا قۇيغاندىن كېيىن، - بۈگۇنكى  سورۇننىڭ ئالاھىدە مەخسىتىمۇ  يوق ھەم مەخسەتسىزمۇ ئەمەس ، بىرىنچىدىن دوستىمىز راخمان ئىچكرىسىدىن خىزمەت ئىشى بىلەن قايتىپ كەپتۇ . شۇڭا ئاغىنىمىزنى ئارام ئالدۇرۇش .يەنە بىرسى ، سىلەردەك تاتلىق قىزلار بىلەن تۇنۇشۇپ ھال-مۇڭ بولۇپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن بۇ سورۇننى قىلدۇق . تۇنۇگۇن ئاق  ھاراق جىق  ئىچىلىپ كېتىپ بۈگۈن پىۋە قۇيۇپ سالدۇق. شۇڭا قىزلارمۇ ئىچمەيمەن دېمەي ئاز تولىدىن ئىچىپ ئازادە ئولتۇرۇپ بۈگۈنكى  سورۇنىمىزنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئايلاندۇرۇۋېتىشمىز ئۈچۈن خۇشە!

ئېزىز خۇددى بىر يەرنىڭ رەھبەرلىرىدەك دەبدەبىلىك سۆزلىدى . ئۇنىڭ تاقىر بېشى  ۋاقىتسىز چىقىپ كەتكەن  يوغان  قورسىقى ھەرھالدا ئۆزىگە ياراشقان ئىدى . قاپقارا قاشلىرى بىلەن پاقىراپ تۇرىدىغان ئاپپاق يۈزىگە  قاراپ ھېچكىم ئۇنى ئادەتتكى بىر ساتىراچ دېمەيتتى . بەدىنى چېلشچىلاردەك ھەيۋەت  بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بەك قورقۇنچاق ئىدى .  . ئەخمەق قىزلارنىڭ   بۇرنىدىن  كىرىپ ئاغزىدىن چىقىپ،  بەزىلىرىنى <<خىزمەكتە ئۇرۇنلاشتۇرۇماقچى بولۇپ >>، بەزىلىرىگە <<دىپلۇم ھەل قىلىپ>> بېرەتتى .شۇنداق قىلىپ  ھەر قېتىم ھەربىر سورۇنغا خىلمۇ – قىزلارنى چاقىرىپ ئەكىلەلەيتتى. شۇڭا رەڭلىك ئولتۇرمىسا بولمايدىغان سورۇنلاردا ئېزىزدەك بۇنداق <<تالانتلىق>> ئادەم كام بولسىمۇ بولمايتتى .  كېرەم ئۇنى باشقا ئاغىنىلىرىگە قارىغاندا بەك ياقتۇرۇپ كەتمىسىمۇ يامانمۇ كۆرمەيتتى . ئېزىزنىڭ ئېغىزىدا گېپى بولغىنى بىلەن كۆڭلىدە يامانلىقى يوق دەپ يېقىن ئۆتەتتى .راخمان توخماققا ئۇ ھەققىي قول قۇياتتى. راخمان توخماق ئۇنىڭدىن 5-6ياش چوڭ ئىدى . بۇيى پاكاراق يۇزى كەڭرى ۋە سىدام  كۆرۈمسىزراق بولغىنى بىلەن  ئىنتايىن سەگەك  چاققان ئىدى . مۇشتلىشپ قالسا 5-6ئادەمنى ئۇرۇپ ياتقۇزۋېتەلەيتتى . شۇڭا راخمان تۇخماق دېسە شەھەردە تۇنۇمايدىغىنى يوق ئىدى .مەيلى ئۇيغۇر ياكى خەنزۇ ، خۇيزۇلارنىڭ قارا گورۇھلىرىنىڭ ئادەملىرى بولمىسۇن ئۇنى بىلەتتى . ئەمما ھېچكىمگە ئالدىراپ چېقىلمايتتى. كۇلۇپلا تۇرغان تۇرقىغا قاراپ  كۆرمىگەن ئادەم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ راخمان توخماق ئىكەنلىكىكە ئىشەنمەيتتى . ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇلار يىراق تۇققانمۇ كېلىپ قالاتتى . شۇڭا ئۇ  ئالىي مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقاندا  قارا گورۇھتىكىلەر ئۇنىڭ ‹‹پىيىنى كېسىۋەتمەكچى›› بولغاندا مۇشۇ راخمان توخماق ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى . كېيىن ئىككىسى يېقىن دوست بولۇپ كەتكەنىدى . بىر يامان يېرى  قىمارغا ئامراق ئىدى . بۇ قېتىم ئۇ قىمار سەۋەبىدىن ئىككى يىل تۈرمىدە يېتىپ چىققانىدى  .  ئشىقىلىپ ئۇ بۇ ئاغىنىلىرىنى ياقتۇراتتى . ئۇلار بىلەن ئۆتكەن كۈنى كۆڭۈللۈك  سېزىلەتتى .

ھەممەيلەن  رومكىلىرىنى قولىغا ئالدى . ئېزىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان قىز بىلەن ھېلىقى قىز بىر دەم ناز قىلىپ  بېقىپ ئېزىزنىڭ زورى بىلەن رومكىنى قولىغا ئالدى . ئالدى بىلەن راخمان رومكىنى كېرەمنىڭ رومكىسىغا ئۇردى :

- تۇنۇگۇن ئاۋارە قىلىۋەتتىم ئاداش كېلە بىر سۇقايلى  .

-ئۇنداق دېسەڭ بولمايدۇ   ئەل -ئاغىنە ئارىسىدا تۈزۈت كەتمەيدۇ .بىزنىڭمۇ سېنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز پۈتۈن بولدى .

-مەنمۇ ئالدىڭىزدا سەتلىشىپ كۇتۇرۇپ سالدىم ئەتىگەنكى ئىش ئۈچۈن رەخمەت سىزگە! ھېلىقى قىز  ئۇنىڭ رومكىسىغا رومكىسىنى بوش تەككۈزدى.

-ھېچقىسى يوق .

ئۇ خالا- خالىماي رومكىنى سۇقۇشتۇرۇپ قويدى.  بۇ قىز ئەتگەندىلا كۆزىگە سىغمىغانىدى . مۇشتەك تۇرۇپ ھاراق ئىچىدۇ  دەپ ئويلىمىغان ئىدى  . شۇتاپتا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا دادىسىنىڭ بىچارە تۇرقى كېلىۋالدى . بىچارە بوۋاي شۇتاپتا بالام ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاۋاتقاندۇ- ھە. تۇيۇقسىز ئۇ ئۆزىنى بوۋاينىڭ ئالدىدا قارا يۈز بولۇپ قالغاندەك سېزىپ كۆڭلىنى غەشلىك قااپلىۋالدى .   تۇنۇشتۇرۇش ۋە تىلەك بولۇپ .ئارقا – ئارقىدىن توت بەش ئىستاكان ئىچىلدى .

ئېزىزنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە گەپلىرنىڭ بېسىمى ئاستىدا قىزلارمۇ ئۆتكۈزىۋەتمەي  ئىچىشتى .  تۇنۇشتۇرۇشلاردىن مەلۇم بولدىكى ئۇ ئاياق سېتىپ بەرگەن قىزنىڭ ئىسمى ئانارگۇل ، لاتاپەتلىك ھەممىدىن چىرايلىق قىزنىڭ ئىسمى لالە ، قارا قۇمچاق قىزنىڭ ئىسمى ئەقىدە ئىكەن لەلە ئويدە بېكار قالغان ئىككىسى ئوقۇغىچى ئىكەن . ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىغۇ راستەك قىلاتتى . ئەمما ئىسمنىڭ راست بولۇشى ناتايىن بۇنداق سورۇنلاردا قىزلار ئادەتتە راست ئىسمنى دېمەيتتى .

ئەرلەرنىڭ ئىسمى ئۆزگەرمەي ئورنى ئۆزگەردى . راخمان بىلەن  ئېزىز چوڭ سودىگەر بولدى . كېرەم بولسا  دادىسىنىڭ باسما زاۋۇتىنڭ باشلىقى ،   يېقىندا بىر نەچچە كىتابى چىققان داڭلىق شائىر بولدى .  ئېزىز كۆڭلۈم ۋە تۇنۇشۇش رومكىسى دەپ  يۈرۈپ  قىزلار بىلەن بىر رومكىدىن ئىچىپ قىزلارنى  خېلىلا قىزىتىپ قويدى .قىزلارنىڭ يۇزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ خېلىلا   ئېچىلىپ كەتتى . ئاندىن تانسا باشلىنىپ كەتتى . ھېلىقى تولغان چوڭ سۇپەت قىز ئېزىز بىلەن،  راخمان بىلەن قارا قۇمچاق قىز  بىر نەچچە قول تانسا ئوينىدى . قىزلارنىڭ چىرايلىقىمۇ مېھرى ئىسىىقىمۇ ھېلىقى چوڭ سۈپەت قىز ئىدى . ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بايا ئۇنىڭ بىلەن تېلفۇندا كۆرۈشكەن قىز ئىكەنلكىنى جەزم قىلدى . ئۇ  ئىگىز، قاملاشقان ۋە تولغان بولۇپ بەدەن قۇرۇلمىسا ياراشتۇرۇپ كىيگەن كۈرىيىچە پاسۇندىكى كوينىكى ۋە ئارقىغا تاراپ بوغۇۋالغان بىر تال ئۇزۇن چېچى ھەرقانداق بىر ئەركەكنى جەلپ قىلاتتى . كاساپەت ئەخلاقى ياخشى بولسا خۇتۇن قىلىپ ئېلىپ قويىدىغان نېمىكەندۇق دەپ ئويلىدى . ئەمما    ئېزىز ئۇ قىزنى تولا تانسىغا تارتىپ يېپىشپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭغا تەبىئىيلا ئانار ئېشپ قالدى . ئۇ  ئانارنى تانسىغا تارتىمىدى . بۇ ئۇ قىزنىڭ سەتلىكىدىن ئەمەس ئىدى .ئۇ گەرچە  ئسىل سۈپەت قىزغا يەتمىسىمۇ ، قارا قۇمچاقتىن خېلىلا راۋۇرۇس ئىدى . يۇزى سىيدامراق  بولسىمۇ بەدەن  قۇرۇلمىسى چىرايلىق ئىدى . ئەمما ئۇنى تانسىغا تارتقۇسى كەلمىدى . ئىككىلىسى ئوڭايسىز ھالەتتە ئولتۇرۇپ قالغانىدى . باشتا ئانار ئۇنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتكەنىدى مانا ئەمدى بېشى چۇشۇپ كەتتى .

ئېزىز ئىككى رومكا لىقلاپ قۇيۇپ بىرىنى ئۆزى ئېلىپ بىرنى كېرەمگە بېرىپ ئۇنى بولۇڭغا تارتتى .  

- جېنىم ئاداش ، بۈگۈن  نېمە بولدۇڭ ئېچىلالمايلا كەتىتىڭغۇ ؟ ماللار بەك  كاتتا دەيمەن. راخمانىڭمۇ بىر ئوينىغىسى باركەن .  سەن ئېچىلمىساڭ سورۇن سۇسلىشىپ قالىدىكەن . ئاۋۇنىڭ كۆزى سەندىلا ، ئىش كۆرمىگەن نەرسىدەك قىلىدۇ. تانسا پانسىغا تارتىپ قوي . ئارتۇق ئىشنى ئويلىۋالما .

ئېزىزنىڭ ئاخىرقى گېپى خۇددى ئۇنىڭ كۆڭلدىكىنى تېپىۋالغاندەكلا چىققانىدى . شۇ چاغدا ئانار ئېزىزدىن ئىككى ئىستاكان ھاراق تەلەپ قىلدى .

- ساقىم ، خاپا بولماي ماڭا ، ئىككى رومكا بېرەمسىز ؟ شائىر ئاكام بىلەن بىر ئىچىۋالاي ...

- يائاللا ئۇغۇل بالىدەك قىزكەنسىز جۇمۇ، - ئېزىز شاپاشلاپ يۇرۇپ ئىككى رومكا قۇيۇپ ئانارغا  سۇندى .  

  ئانار ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان پىۋىنى سۇنۇپ يەنە بىر ئىستاكاننى قولىدا تۇتۇپ كۆتەردى  .

- كىچىك، سەت  ياكى سەھرالىقكەن دەپ ياراتمىسىڭىزمۇ مەيلى، ئەمما سىز بىلەن دوست بولۇپ قالغۇم بار . يا دوست بولۇپ قالارمىز، يا سىڭلىڭىز قىلىۋالارسىز .ئەدەپسىزلىك قىلىپ ئىچىپ سالىدىغان بولدۇم – ئانار شۇنداق دەپ قولىدىكى پىۋىنى كۆتەردى   ئۇ ئىچىپ بولغىچە قاراپ تۇردى. ئۇنىڭ ئىچىشىدىن  تېخى جىق  ئىچىپ كۆرمىگەنلىكىنى چىقىپ تۇراتتى . ئانار ناھايىتى تەستە غۇتۇلداپ تۇرۇپ پىۋىنى ئىچىپ تۈگەتتى . قۇرۇغدالغان ئىستاكاننى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قىزارغان كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى . ئۇ يەنە مۇداپىيىدە تۇرسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى . قىز ئۇنىڭغا بىۋاستىلا ھۇجۇم  قىلىپ  ئۇنىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزىۋەتكەن، گەپنى ئېنىق دەپ پەردىشەپنى ئۇچۇق قىىلىۋەتكەن ئىدى . ئۇ بىر كىچىككىنە قىزنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىز ھالەتتە قالغانلىقىدىن نۇمۇس قىلدى. قىزغا ئارىلىق بەرسە ئالمىغاندىكىن ئەمدى يەنە ئېىتىكاپتا ئولتۇرۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى قانداقلا شارائىت بولمىسۇن ھەرقانداق قىزنىڭ ئالدىدا يېڭىلىپ قېلىشقا بولمايتتى . قىز ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇراتتى . شۇ پەيىتتە قىزنىڭ قاپ – قارا كۆزلىرىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدى ۋە تۇيۇقسىز ئاشۇ كۆزلەرنىڭ ئىچىگە چۆكۇپ كەتكىسى كەلدى.  رومكىنى قولىغا ئېلىپ قىزنىڭ ئاشۇ چىرايلىق كۆزلىرىگە قاراپ ئاغزىغا بىرلا قۇيۇپ گۈپپىدە يۈتۈۋەتتى . ۋە قىزنى قولىدىن تارتىپ ئۇنى تانسىغا تاتتى . قىز ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ئۇنىڭ قويىنىغا كىرىپ كەتتى. قىز ناھايىتى يېقىن چاپلىشىپ ئوينىدى . ئەمدى قىزنىڭ تىنىقلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى . قىزنىڭ ئوتتەك تىنىقلىرىدىن ئۇپا  ئەتىرنىڭ ئەمەس بەلكى سەھرا قىزلىرىنىڭ ساپ ھېدى كېلەتتى . بۇ خىل ھىد ئۇنىڭ ياۋايى سەزگۈلىرىنى قوزغۇتۈپ ئۇنىڭ كۆڭلىدە باشقىچە بىر خىيالنى تۇغدۇردى. ئانار ئويناۋېتىپ دەلدەڭشىپ كېتپ ئۇنىڭ پۇتىغا دەسسىۋالدى.ئانارنىڭ پۇتسىدىكى ئەتىگەندىكى ئاياق ئىدى .

- تۇنۇيالىدىڭىزمۇ ، سىزسوۋغا قىلغان  ئاياقنى – ئانار  ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ سورىدى.

-سوۋغا ئەمەس ، ساتقان دەڭ .بۇندىن كېيىن قىلارمەن   ..

-راستمۇ ، گېپىڭىزدە تۇرۇڭ- ھە.

- قانداق يالغانچىدەك كۆرۈنۈۋاتىمەنما؟

- ياق ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.

-بىلەمىسىز مەن نېمىشقا بۈگۈن بەك خۇشال .

-نېمىشقا ؟

-باشقىلارغا  دەۋەتمىسىڭىز ، دەپ بېرىمەن .

- دېمەيمەن .

- بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم .

- راستما ؟

-راست،مەن  يالغان گەپ قىلمايمەن . ئەتىگەندە سىزدىن خىجىل بولۇپ بانكىدا پۇل بار دەپ يالغان گەپ قىلىپ قويغان . ئەمەلىيەتتە بىز بەك نامرات .

- ئۇنداقتا تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن . بۇ يەردىن چىقىپ مەن سىزنى ئوبدان بىر مېھمان قىلاي .

- تۇغۇلغان كۈنۈمنى مەن بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشنى خالامسىز ؟

- سىز خالىسىڭىز لا .

ئانار جاۋاب ئورنىغا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ پىسسىڭىدە كۈلۈپ قويدى بۇ كۈلكىسى بىلەن  قىز  ئۇنىڭغا  بارغانسېرى يېقىملىق تۇيۇلۇشقا باشلىدى .

ئارلىقتا ئېزىز ئانارنى تانسىغا تارتىپ كەتتى . راخمان توخماق جىق گەپ قىلمىغىنى بىلەن تانسىنى بىرقولمۇ بەرمەي ئويناۋاتاتتى .قارا قۇمچاقمۇ ئۇنىڭغا يېپىشىپ ماسلىشىپ بېرىۋاتاتتى . لالە بىلەن ئۇ ئۈستەلدەئۇدۇلمۇ- ئۇدۇل ئولتۇرىۋاتاتتى . لالە ئككى ئىستاكانغا پىۋە قويۇپ بىرنى سۇندى .

- شائىرلار بىلەن پەقەتلا ئولتۇرۇپ باقماپتىكەنمەن . بۈگۇن بۇ شەرەپكە ئېرىشىپ قاپتىمەن . شۇ بانادا بىرنى ئىچىۋالاي .

لالەنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا بىر خىل ھاياجان  بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى .بۇ كۆزلەردىن شەيتاننىڭ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى .

- بۇندىن كېيىن پات – پات ئولتۇرۇپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن ..- ئۇمۇ رومكىنى لالەنىڭ رومكىسىغا ئوردى.

لەلە ھاراقنى ناز بىلەن ئىچىپ تۈگەتكەندىن كېيىن ئاندىن سورىدى .

-سىز زاۋۇت باشلقىما؟

- ياق ،زاۋۇت  دادامنىڭ .



- ئۇنداقتا بىر ئىشقا ياردەم بېرەلەرسىزمۇ ؟

-قېنى ئاۋال دەپ بېقىڭ .

- بىر نەۋرە سڭلىم بارتى . ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويالارسىزمۇ ؟

- مەن ئامالىنى قىلىپ باقاي .

- ئەمىسە تېلفۇنىڭىزنى يېزىۋالاي .

لالە ئۆزىنىڭ تېلفۇنىغا ئۇنىڭ نۇمۇرىنى كىرگۈزىۋېتىپ ئۇنىڭ تېلفۇنىنى بىر سايرىتىپ قويدى .

-بۇ مېنىڭ نۇمۇرۇم  ۋاقتىڭىز چىقسا ئۇرارسىز. ھە راست نېمىشقا مېنى تانسىغا تەكلىپ قىلمايسىز ؟ مەن بىلەن ئويناپلا قالسىڭىز بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايسىز .

ئەمما ئۇنىڭ بىلەن لالەگە تانسا ئويناش نېسىپ بولمىدى . تانسىغا تەمشىلىپ تۇرغاندا تېلفۇن كېلىپ قالدى .سىرتقا چىقپ تېلفۇننى ئالدى .تېلفۇندىكسى ئايال ئىدى . ئۇنىڭ ئاۋازى يىغا ئارلاش چىقىۋاتاتتى .

-كېرەمما ؟ مېنى قۇتقۇزۇۋالغىن ،مەن ئۆلدىغان  بولدۇم ..

- ۋاي نېمە بولدۇڭ ئالدىرماي دېگىنا ، ..

-ئۇرۇپ ، پۇلۇمنى بولاپ كەتتى ...

كىم ، ئۇردى كىم پۇلۇڭنى بولاپ كەتتى ؟

- بىرگە ئولتۇرغان  گۇيلار ، .. كېرەم  كەلمىسەڭ مەن ئۆلەپ قالىدىغان ئوخشايمەن .  

ئالىيەنىڭ ئاۋازى ۋە غاراڭ -غۇرۇڭ ئىدى سۆزلىرى ئاغزىدىن چۇشۇپ قىلىۋاتاتتى .   

- نەدە ، سەن ئورنىڭنى دە مەن ھازىر بارىمەن .

- بىلمەيمەن .... .

- ئەتراپىڭدا ئادەم بارمۇ ، تېلىفۇننى  شۇنىڭغا بېرە .

بىر ئازىدىن كېيىن تېلفۇننى بىر ئەر ئېلىپ ئورۇننى دەپ بەردى . بۇ جاي شەھەر سىرتىدىكى بىر بەزمىخانا ئىدى . ئۇ سورۇنغا كىرىپ بىر دوستىنىڭ مەست بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇنى ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى دەپ ئۆزرە ئېيتتى . راخمان توخماق بىلەن  ئېزىز تانسا ئويناۋاتاتتى . راخمان توخماق بىللە بېرىشىپ  بەرمەكچى بولغانىدى ئۇ رەت قىلدى ‹‹بىر دەمدىلا كېلىمەن›› دەپ سىرتقا چىقتى  . بۇ گەپ لالەگە پىچىرلاپ بى رنەرسىلەرنى  دەۋاتقان ئېزىزنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى .ئۇ ئىشكتىن چىققاندا ئارقىدىن چىققان ئانار ئۇنى تۆۋلىدى .

-قايتىپ كېلەمسىز  ؟-ئانارنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇ خۇددى ھازىرلا  ئۇچۇپ كېتىدىغان ئەنسىزلىك بارتى

- كېلىمەن ،كېلەلمىسەم سىز تېلفۇن قىلىڭ. گېپىمىز گەپ ،تېلفۇن نۇمۇرىم ئېزىزدا بار،- ئۇ شۇنداق دەپ پەلەمپەيدىن تېز چۈشۈپ كەتتى . پەستا ماشىنا تۇسۇپ تۇرغاندا ئارقىدىن قوغلاپ چۇشكەن ئېزىز ھاسىرغانچە يېتىپ كەلدى .

- يېنىم بەك بوشتى ، كېلەلمەي قالساڭلار ، توخماقنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزەڭلار بىلىسىلەر.. ..

ئۇ پورتمالىدىن ئۈچ يۇز يۈەننى ئېلىپ ئېزىزنىڭ يوغان ئالقىنىغا تۇتقۇزدى .



4



ئۇ ئالىيەنى شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىىر كىچىك بەزمىخاننىڭ ئايرىمخانىسىدىن  تاپتى .   ئالىيە خانىنىڭ بىر بولۇڭىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى  . ئىشىكىنى  چاچلىرىنى غەلىتە بويىۋالغان ۋە  غەلىتا كىيىنىۋالغان  بىر نەچچە ئەر  تۇسۇپ تۇراتتى . ئۇ ئۇلارنى ئىتتىرىپ كىرىپ ئالىيەنىڭ يېنىغا باردى . ئالىيە ئۇنىڭ كەلگەنكىنى كۆرۈپ بېشىنى كۆتەردى . چۇۋۇلغا ن سېرىق چاچلىرى ئۇنىڭ يۈزىنىڭ يېرىمنى يېپىپ تۇراتتى . قالغان يېرىمى  قان يۇقى ئىدى . كۆينەكلىرىنىڭ ئالدى يىرتىلغان بولۇپ قان ئۇيۇپ قالغان تىرماق ئىزى قالغان كۆكسى ئېچىلىپ قالغان ئىدى . ئۇ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى . ۋە  ھازىرقى تۇرقىدا  ئەگەر تۇيۇقسىز  كوچىدا ئۇچۇراپ قالسا پەقەتلا  تۇنۇيالماسكەنمەن  دېگەن خىيال كاللىسىدىن لىپ قىلىپ ئوتتى . ئۇنىڭ ئالدىدا بەش يىل بۇرۇنقى

ئوماق ئالىيە ئەمەس پۇتۇنلەي باشقا بىر  ئايال تۇراتتى .

كەلگىنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم .- ئالىيەنىڭ قىزارغان چاناقلىرى  ياشقا تولدى . ۋە قوللىرى بىلەن كۆكسىنى يۇشۇرغاچ ئورنىدىن تۇرماقچى بولىۋىدى  دەلدەڭشىپ كەتتى . كېرەم ئۇنى ئىتتىك يۆلىۋالدى .

- سېنى كىم ئۇردى، ئاشۇلارما - ئۇ تۇرغانلارنى كۆرسەتتى .

- ئۇلار قېچىپ كەتتى .

- ئۆزىنىڭ ئادەملىرى ئۇردى - ئارىدىن ئىگىز بىرسى گۆكىرىدى .

كېرەم گەپ قىلماي ئالىيەنى يۆلەپ بىر قەدەم تاشلىۋىدى .ھېلىقى ئىگىز بويلۇق ئۇنىڭ ئالدىنى توستى .

-يىگەن ، ئىچكەن ، چېقىلغان بولۇپ 3000 يۈەن بولدى . سەن تۆلەمسەن ؟

-سەن نېمە ئادەم ؟- دېدى كېرەم ئۇنىڭ خۈنۈك كۆزى ۋە ھەرقانداق ئىنسانى ھېسياتتىن مەھرۇم كۆزىگە مىقتەك تىكىلىدى .

- مەن قوغدىغۇچى .

كېرەم شۇ ۋاقىتتا قالغان تۆتىنىڭمۇ تەييارلىنىپ تۇرغانلىقىنى ئۇ ئارتۇق بىر نەرسە دېسلا  ئېتىلىشقا تەييارئىكەنلىكىنى سېزىۋالدى دە-   يۈزىگە كۈلكە يۈرگۈرىتتى .

- سەل تۆۋەنلىتىپ بەرمەمسەن ھەمىمىز دوستقۇ؟-ئۇ بىر قولىدا ئىشتان يانچۇقىنىڭ ئارقىدىن پۇل ئالغاننى قىلىپ يەنە بىر قولىدا ھېلىقىنىڭ قولىنى تۇتتى – دە .ئارقىسىغا تىقىۋالغان پىچاقنى شارتىدە سۇغۇرۇپ  ئېلىپ ھېلىقى ئۇزۇن تۇرانىڭ قولىدىن بىرلا تارتىپ پاتىڭىدىن تۇتۇپ پىچاقنى ئۇنىڭ بوينىغا تىرىدى . ئۇ  شۇنداق  تېز ھەركەت قىلدىكى ھەممە ھەركەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئارلىقتا تاماملانغانلىقتىن  قالغانلار بىر دەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى .

-سەنلەر نېمىش  قىلىدىغان ئادەم ، ئەگەر سىڭلىمغا بىرەر ئىش بولۇپ قالغان بولسا . مەسۇلىيەتنى ئۈستۈڭگە ئېلىشالامسەن .

-ئۆزەڭنى بېسىۋال ئۇنداق قىلما، گەپ بولسا ياخشىلىقچە دېيىشەيلى – ئۇزۇن تۇرا ئۇنىڭغا ھەدەپ يالۋۇراتتى .قالغانلارمۇ بىردىنلا بوشۇشۇپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشقا چۇشتى . خۇجايىننى بىرسى توۋلاپ قويدى بولغاي شۇ ۋاقىتتا خوجايىن كىرىپ كەلدى. پاكار،  سېمىز پاينەكباش ئۇنى كىرىپلا تونۇۋالدى .

- ۋاي كېرەمكەنغۇ بۇ  ، نېمە ئىش بولدى؟،  قايسىڭ بىزنىڭ كېرەمنى رەنجىتپ قويدىڭ؟ .- ئۇ ئەتراپدىكىلەرگە قاراپ ۋاقىرىدى .

ئۇ شۇندىلا بۇ پاكارنى ئېسىگە ئالدى . ئۇ بۇرۇن شەھەر ئىچىدە بىر كىچىك بەزمىخا ئاچاتتى . ئۇ چاغدا كېرەم راخمان بىلەن كېلىپ يۈرۈپ بۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ھەم بىر قېتىم راخمان بىلەن بىللە ئۇنڭ بەزمىخانىسىدا ولتۇرغاندا قارا گورۇھنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ بەزمىخانىسىنى چاقىمىز  دەپ تۇرغاندا  راخمان ئارىغا چۈشۈپ ئۇنى قۇرقۇزۇپ قالغان ئىدى . شۇڭا ئۇ ھەر قېتىم بارسا راخمان بىلەن ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۈچۈكلىنىپ كېتەتتى . مانا ئۇچ يىل ئوتمەي ئۇمۇ ئارقىغا ئدەم سلېىپ يۈرگىدەك چوڭ خۇجايىن بولۇپ كېتىىپتۇ. كېرەم دارازىنى قويۇۋېتىپ  قۇيۇۋېتىپ پىچاقنى غىلابقا سالدى .

-ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلىشپ قويدۇم – دېدى . چىرايىغا مەجبۇرىي كۈلكە يۈگۈرۈتۈپ .

-بالىلار  بىلمەي ئەدەپسىزلىك قىلىپتۇ .ئۇلارنى كەچۈرىۋات .بۈەۈن مەن سېىنى مېھمان قىلاي .

- كېيىنچە بولسۇن ، سىڭلىمنى ئېلىپ قايتاي ،ھە راست قانچە پۇل تۆلەيمەن  ؟

خوجايىن ئەگەر ئۇ پۇل تۆلەيمەن دېسە ، كۆڭلىگە قاتتىق كېلىدىغانلىقىنى ،يۈزىنى قىلمىغان بولدىغانلكىقىنى ، راخماننى <<چىقتى>> دەپ ئاڭلىغانلىقىنى  بىر كۈنى كېلىپ راخمان بىلەن ئويناپ كەتسە بەك خۇش بولىدىغانلىقىنى.  ئېيتىپ ئۇنى يولغىچە ئۇزۇتۇپ قويدى .

ئالىيە خېلىلا ئېغىر مەست ئىدى . ئۇنى مىڭ تەسلىكتە ماشىنىغا سالدى . نەگە ئاپرىش ھەققىدە ئويلىنىپ قالدى . ئۆيىگە ئاپارسا ئالىيەنىڭ كېيىن يەنە ئاۋاراىچىلىق سېلىشىدىن قورقتى .شۇڭا يېقىن ئەتراپتىكى بىىر مېھماخانىنىغا ئېلىپ بېرىشنى ئويلىدى. ئالىيە تۇرۇپ – تۇرۇپ  سۆزلەپ قوياتتى .  كىملەردىندۇ   غايىبانە تىللايتتى . ئۇ  ياتاققا كەلگىچە بىر  ئېغىز زۇۋان سۈرمىدى . قېرىشقاندەك تاكسى شوپۇر ئۇيغۇر ئىدى .يېرىم كېچىدە بىر مەست قىزنى سورەشتۈرۈپ يۈرگەنلىكىدىن  سەل خىجىل بولدى . شۇنداقتىمۇ چاندۇرمىدى . پەقەت ئالىيەنى تاكسىغا قۇسۇپ سالامۇ دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرغاندى ياخشى يېرى ياتاققا كىرگەندە ئاندىن شارىلدا پ ياندۇرۋاتتى . ئۇ تۇنقى قېتىم باشقىلارنىڭ قۇسۇقىنى تازلىدى . قۇسق تازلاش قۇسقاندىمۇ ئېغىر ئىكەن دەپ ئويلىدى . شۇ چاغدا خۇتۇنىنى ئېسىگە ئالدى بىچارە خۇتۇن قانچىلىك تەستە  تازلىغان بولغىيتتى دەپ ئويلىدى . تازلاپ بولۇپ ئاليەنىڭ يۈز -كۆزىنى ئېيتىپ كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويدى  ۋە ئۆزىمۇ  ئالىيەنى يۆلەيمەن دەپ ھېرىپ  كەتكەنلىكتىن ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى .



- كېرەم بارمۇ سەن ؟

-مەن بار .

- مەن بەكخۇش بولدۇم كېرەم ، كەلگىنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم ، ئەمما مېنىڭ ساڭا بۇ سەت تۇرقۇمنى كۆرسەتكىم يوقتى بىلەمسەن ، پەقەتلا كۆرسەتكىم يوقتى . .....ئامال بولمىدى . ..مەن كىمگە تېلفۇن قىلالايتتىم  ...تاغدەك دادام ئۆلدى . تىكەندەك ياغۇز قالدىم. ئاكامغىما؟!ئۇ لاتا ئاق چېكىپ پۇللىرىمنى خەجلەپ تۈگەتكەن  تۇرسا ئۇنىڭغا تېلفۇن  قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى ...ساڭا تېلىفۇن قىلىدىغان قولىرىمنى كېسىۋەتمەكچى بولغانىدىم  ئەمما مەن ساراڭ يانا ساڭا تېلىفۇن قىلدىم سېنى كەلمەسمىكىن دەپ ئويلغانتىم  ئۇغۇل بالىكەنسەن كەلدىڭ ، مەن سېنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن مانا بۈگۈن رازى بولدۇم  ....قانچىلىك ياخشى كۆرەتتىم بىلەمسەن ؟! جېنىڭنى بەر دېسەڭ بېرتتىم ،ئەمما مەن بىلىمەن سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن  مېنى يارتمايسەن ....ھېچكىم مېنى ياراتمايدۇ....ھېلىقى گۇيلارمۇ ھاراقنى ئىچىپ يەيدىغاننى يەپ ھەممىسى چىقىلماقچى بولدى ...مەن قارشلىق قىلىدىم ..ھەرقانچە بولسىمۇ كېرەم مەن تېخى تېنىمنى ساتىمىدىم ....بىلەمسەن مەن بۈگۈن بەك خارلاندىم . ..بۈگۈن قانداق كۇنلىكىنى بىلەمسەن؟ نېمە ئۈچۈن ھاراق ئىچتىم بىلەمسەن ؟..بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ يۈرگەن كۈنى .....سەن شۇ چاغدا ماڭا بىر تاغاق بەرگەن ئىدىڭ تاغاق بەك چىرايلىقتى .. ئەمما ھېلىقى گۇيلار باسقۇچىلىق قىلماقچى بولدى ..ھەتتا پۇلۇمنىمۇبۇلاپ كەتتى توت مىڭ كوي پۇلنى  ئاكامدىن يۇشۇرۇن ئاران يىغقانتىم ..ئۇنى بۇلاپ كەتتى .. كەچ بازاردا  چۈچۈر ساتاي دەپ يىغقان ئىدىم ،ھەتتا ھېلىقى قوغدىغۇچى دىگەن تۇڭگۇزلارمۇ ..چېچىمدىن تۇتۇپ سۆرەپ خۇددى ئىتنى سۆرىگەندەك سۆرەپ تاشلىۋەتتى  كەتكىلى قويمىدى ...تۆتمىڭ كوي تۆلەيسەن بولمىسا مۇشۇ يەردە مېھمان كۈتىسەن دەيدىيا تېخى ..مەن نېمە ...شۇنداق خار ئادەمما؟ كىملا كۆرسە بوزەك قىلىپ پايدىلىنىپ تاشلىۋاتىدىغان؟ شۇنداق ..پەس  ئىنسانما ....مەنغۇ سېنىڭ ئالدىڭدا پەسەندە بولۇپ كەتتىم ......مەن بۇ دۇنياغا ئارتۇق تۆرىلۈپ قاپتىمەن .... بۇ شۇنچە كەڭ دۇنيا كىچىككنەئالىيەنى سىغدۇرالمىدى .... مەن جاندىن تويدۇم، ياشىغۇم قەتئىي ياشىغۇميوق  دادامنىڭ ئانامنىڭ يېنىغا كەتسەم دەيمەن ...شۇ چاغدا ..سېنىمۇ ئاۋارە قىلمايمەن ..تېفۇن ئۇرۇپمۇ يۈرمەيمەن ....

ئالىيە يىغلاپ – يىغلاپ جىمىپ قالدى  .كېرەم بىر ھازا بېشىنى ساڭگىلىتپ ئولتۇرۇپ كەتتى . ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ياش يۇقى كۆزلىرىگە بىر دەم قاراپ تۇرۇپ تورغاندىن كېيىن ئۇنىڭ  چاچلىرىنى تۈزەپ قويدى . ئەدەيالنى  ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويۇپ ياتاقتىن چىقتى .ياتاق پۇلىنى تاپشۇرۇپ مۇلازىم قىزغا ياتاقنى سرتتىن تاقىۋېتىشى ئالىيەگە كۆز قۇلاق بولۇشىنى ئۆزىنىڭ ئەتە كېلىدىغانلىقىنى تاپىلاپ مېھمانخانىدىن چىقتى .

ئۆيگە كېلىپ خېلى ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدى . ئالىيەنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ تۇراتتى . ئۇ ئالىيەنىڭ ئۆزىنى بۇنچىلا چوڭقۇر سۆيىدىغىنىنى بۇرۇن پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى . ئۇ پەقەت ئالىيە ماڭا تېگىۋېلىش ئۈچۈنلا كەينىمگە كىرىۋالدى دەپ ئويلىغان ئىدى . ئەلبەتتە مۇھەببەتنى زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇمۇشۇ پەيتتىمۇ ئۇئالىيەنى رەت قىلىشى مۈمكىن ئەمما ھېچ بولمىسا ئۇ دوستلۇقنىمۇ تۈزۈك يەتكۈزەلمىگەنلىكىنى بىلدى . ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ تۈگەپ ئاكىسىنڭ ئاق چېكىپ تۇرمۇشنىڭ بۇنچىلىك قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى پەقەتلا بىلمىگەن ئىدى . نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭ بىلەن 3يىل ياخشى ئۆتكەن ، باشقا ھەرقانداق قىزلارغا قارىغاندا مېھر يەنىلا چوڭقۇر ئىدى . ئۇ ئەمدى ئۇنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە قاراپ تۇرسام بولمايدۇ دەپ ئويلىدى ۋە ئەتە بانىكىدن 4مىڭ يۈەن ئېلىپ ئالىيەگە << پۇلۇڭنى قايتۇرىۋالدىم >>دەپ بېرىشنى كۆڭلىگە پۈكتى . شۇ تاپتا تېلفۇن قايتا-قايتا سايراپ كەتتى . قارىۋېدى  بۇ ئېزىزنىڭ نۇمۇرى ئىدى . ئۇ بۇنى چۇقۇم ئانار ئوردى دەپ ئويلىدى . ئەمما تېلفۇننى ئالغۇسى كەلمىدى چۈنكى ئۇنىڭ ھازىر تېلفۇن ئالغۇدەك ئانار بىلەن بىللە چىقىپ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۇزگۈدەك ھەپسىلىسى قالمىغان ئىدى  .



5



ئەتىسى ئۇ سەل ۋاقچە ئورنىدىن تۇرۇپ قالدى ۋە ئاخشامقى خىيالىنى ئېسىگە ئېلىپ ، بانكىدىن پۇلنى ئېلىپ مېھمانخانىغا كەلگەندە ئاسىيە يوق بوۇپ چىقتى . مۇلازىم قىز ئاسىيەنىڭ خېلى بۇرنلا چىقىپ كەتكەنلكىنى بر پارچە خەت قلدۇرۇپ قۇيۇپ كەتكنلكىنى ئېيتپ بىر پارچە قەغەزنى ئۇنىڭغا سۇندى .

قەغەزگە ئادىيلا قىلىپ : مەن كەتتىم . ئاخشامقى يارىدىمىڭ ئۈچۈن كۆپ رەخمە ت. ئەمدى سېنى ئاۋارە قىلمايمەن .دەپ يېزىلغان ئىدى .  ئۇ خەتنى ئېلىپ بر ھازا تۇرۇپ قالدى .ئالىيەنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى . ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئويىنى  چېقىپ بىنا  سېلىپ  بولغان، يېڭ تۇرالغۇسىنى بىلمەيتتى . شۇڭا ئۇ سالپىيىپ قايتتى .ئەمدى تېلفۇن كۈتۈشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى . ئۇ بىركۈن  كۈتكەن بولسىمۇ ئەمما ئالىيەدىن  تېلفۇن كەلمىدى . كەچتە ئېزىزىدىن  تېلفۇن كەلدى . ئۇنىڭ  تۈنۈگۈن  كەلمەي  شۇنداق ياخشى پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتكەنلىكىنى ئانارنىڭ ئۇنىڭغا شۇنداق كۆپ تېلفۇن قىلىپ ئاخىرى بولماي كېتىپ قالغانلىقىنى، قىزلار ئۈچ بولۇپ قالغاچقا ئوزىلىرىنىڭمۇ <<ئىشى>> ئەپلەشمەي قىزلارنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىدىن  ۋايساپ بەردى . ئاندىن ئەتە راخمان قاتارلىق ئۈچ - تۆت ئاغىنىنىڭ قارامايغا بېرىپ ئويناپ كېلىدىغانلىقىنى  ئۇيەردە تورداش قىزلارنىڭ ئۇلارنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ،  قىزلارنىڭ  بەك  چىرايلىق نېمىلەر  ئىكەنلكىنى بىر ھازا سۆزلەپ  ئۇنىمۇ بېرىشقا ئۈندىدى. ئۇنىڭ  بارغۇسى كەلمىدى .  ئۇ ئۆزىنى ھېرىپ  قالغاندەك ھېس قىلدى . ئۇچ -تۆت كۈن جىمجىت ئارام ئالغىسى كېلىپ قالغان ئىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇكانغا مال كېلىپ قېلىش مۇمكىن ئىدى . ئېزىز ئۇنى بىللە بېرىشقا زورلاپ كۆندۈرەلمەي  ئاندىن تېلفۇننى قويدى . ئۇ ئۆزىنى ھېرىپ قالغاندەك  سەزدى .

ئەتىسى راستىنلا مال كەلدى . ئۇ ماللارنى ئەكىلىپ رەتلەپ ، بۇرۇنقى ھېساباتنى قىلىپ يۈرۈپ ئۈچ كۈننى خېلى قاتلاڭ  ئۆتكۈزگەن بولدى . تۆتىنچى كۈنى بېكار  بولۇپ قالغاندا ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ زېرىكىپ قالدى . تېلىۋىزور كۆرۈش ۋە كىتاب ئوقۇشمۇ خوش  ياقمىدى . يالغۇز ئۆي ئۇنى  چېقىپ كېتىپ  باراتتى . ئاغىنىلەر  بىلەن بىرگە قارامايغا كەتسەممۇ بوپتىكەن دەپمۇ ئويلىدى . تۇرۇپ ئانارنى خىيال قىلىپ قالدى . شۇ كۈنى ئەخمەقلىق قىلماي  ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆكۈزۈپ بەرسەم بۇ ۋاقىتقىچە زېرىكپمۇ يۈرمەيتتىم دېگەنلەرنى خىيالدىن ئۆتكۈزدى . ئانارنىڭ ئەتىر پۇرىقىسىز تېنىنى  قۇچاقلاپ ياتقاندىكى شىرىن خىيالنى قىلىپ ياتقان شۇ چاغدا خۇددى  پىيىنى تۇيۇپ قالغاندەك تېلفۇن  سايرىدى . تېلفۇندىكىسى   بىر قىزنىڭ نازۇك ئاۋازى ئىدى . لېكىن بۇ ئانارمۇ ، ئالىيەمۇ ئەمەس ئىدى  .

- ياخشىمۇ سىز مەن ئالىيە .

- قايسى ئالىيە .

- نەچچە كۈن ئۆتمەيلە ئۇنتۇپ قاپسىزدە . تانسا ئوينىماي قېچىپ كەتمىگەن بولسىڭىز ھەرگىزمۇ ئۇنتۇيالمايتىڭىز . ھېلىقى كۈنى ئېزىزلار بىللە ئولتۇرغانچۇ ؟

-ھە ، ھە ئەمدى يادىمغا كەلدىڭىز ، قانداق ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟-ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئالىيەنىڭ نازلىق تۇرقى كېلىشى بىلەن  تېنى شاپپىدە يايراپ كەتتى  .

- يامان ئەمەس ، تېلفۇن  قىلايمۇ دەپ قويمىدىڭىز  ؟

لالەنىڭ ئەركىلىگەن  چاغدىكى ئاۋازى ئۇنى تېخىمۇ بىر قىسما قىلىپ قويدى .ئۇ خۇددى لالە  ئۆزىنىڭ قوينىدا تۇرۇپ ئەركىلىگەندەك بولۇپ تېنى شۇررىدە قىلىپ قالدى.

- دۇكاننىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم . ئەمدى قىلاي دەپ تۇرغان ...سىزچۇ  نېمىش قىلىۋاتىسىز ؟

- نېمە دېگەن ياخشى . مەنمۇ دەل ۋاختىدا ئۇرۇپتىمەن- دە.

-ھە ! نەدە ، نېمىش قىلىۋاتىسىز ؟

- زېرىكىپ شۇ ، ئايلىنىپ ، قانداق مېھمان قىلاي دېگەنما ؟

-قىلمامدىغان ، ۋاقتىڭىز بولسا سىزدىن  ئايلانسۇن. قانداقراق يەرگە بارغىڭىز بار .

- جىمجىت ئادەم يوق يەرگە .

- توختاڭ مەن ئۆيلىنىپ باقاي قايسى يەر سىزگە  مۇۋاپىق ئىكىن .شىمالىي كۆۋرۈك تەرەپتە ياخشى بىر يەر بارتى . شۇيەرگە بارايلى بولمىسا ...

- ياق ئۇ يەر بولمايدۇ .ئاكامنىڭ ئۆيى شۇ تەرەپتە....

- پۇيىز ئىستانىسى تەرەپتە بىر يەر بارتى ...مۇھىتى ياخشى ..

- ئۇ يەردە ئادەم بەك كۆپ ...

- ئەمىسە ...

لالا ئۇ ئويلىغان يەرنىڭ ھەممىنى بىر بىرلەپ رەت قىلىۋاتاتتى . ياخشىراق بىر يەر دەرھال كالىسىغا كەلمىگەنلىكىدىن تىت- تىت بولدى ياخشى يەرلەرنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ ئاۋات مەركىزدە ئىدى . بەك چەت يەرلەردىكى ئۆزى بارىدىغان بەزمىخانا ياكى قاۋاقخانىنى مۇۋاپىق دەپ ئويلىمىدى .

- سىز ھازىر نەدە دېدى لالە  ئۇنى ئاخىرى  قىيىن ئەھۋلدىن قۇتۇلدۇرۇپ .

- ئۆيدە ...

- ئۆيىڭىزدە  باشقا ئادەم يوقتۇ .

- ئۇنداقتا ئۆيىڭىزگىلا  باراي ، ئورنىنى ئېيتىپ بېرىڭ .

ئۇ لالەنىڭ مۇنداق  دەپ قېلىشنى پەقەتلا ئويلىمىغانىدى شۇڭا بىردەم مەڭدەپ قالدى  .

-تۇرۇپ قالدىڭىزمۇ ئەپسىزمۇ –يا؟

- ياق، ئۇنداققۇ ئەمەس، سىزلا شۇنداق قارىمىسىىڭىزلا.

ئۇ لالەگە ئۆيىنىڭ  ئورنىنى  ئېيتىپ بەردى . لالە ئۆزىنىڭ ئون مېنۇتتا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلىفۇننى قۇيۇۋەتتى قۇيۇۋەتتى . لالەنىڭ تەلەپپۇزىدىن  قارىغاندا ئوينىشىۋاتمايدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى .<<قانداق قىزدۇ؟ بىر قېتىم كۆرۈشۈپلا ئۆيۈمگە كەلمەكچى بولسا ، ھېلىقىدەك سودا قىلىدىغان  قىزمۇ يا!؟>>  دەپ ئويلىدى ئەمما  ھېلىقى كۈندىكى تۇرقىغا قاراپ ئۇنداق دېگىسى كەلمىىدى . بىر بولسا شۇنداق ئۇچۇق قىز بولۇشىمۇ مۇمكىن دەپ ئويلىغاندا لالەنىڭ تۈزلىكىىدىن خۇشال بولدى . قىز بالا دېگىن مانا شۇنداق  تۈز  بولسا بۇمۇ ياخشى بولغىنى ، <<ئوغۇرىغا مال كەم بولماپتۇ>> دېگەندەك زېرىكىپ تۇرغاندا   ئاسماندىن چۇشكەن بۇ ئامەتتىن خۇش بولۇپ  تېنىگە بىر خىل شىرىن  سېزىم ئورناپ غۇچچىقىدە قىلغان بىر ئېقىم ئۇنىڭ ئەڭ نازۇك ئەزالىرىغىچە تارىدى .

15مېنۇتتىن كېيىن لالە دىن تېلفۇن  كەلدى .

- ھەي،  مەن كەلدىم،- ھېلىقى كۆ ك دەرۋازلىق ئىشىك شۇمۇ ؟

- ھە شۇ ، جىندەك ساقلاڭ- ھە،  ئالدىڭىزغا چىقاي .

- بولدى چىقماڭ .ئۆزەملا كىرەي ...

ينىك ئاياق  تىۋىشى  بىلەن لالە كىرىپ كەلدى . ئۇ قولىدا قارا  خاشۇ خالتا  كۆتۈرىۋالغان ئىدى  .ئۇ ئۆزى بىلەن تەڭ  خۇش  پۇراقنى ئويگە  ئېلىپ كىردى.  بۇنداق پۇراق بۇ ئويدە ئۇزاقتىن  بۇيان كۆرۈۈپ  باقمىغان ئىدى .  سالاملىشىپ بولۇپ دىۋانغا ئولتۇردى . ۋە ئوي – ئىچىگە بىر قۇر قاراپ  چىقاندىن كېيىن ئېغىز ئاچىتى .

- ئويىڭىز دەششەتكەن ھە ؟ بويتاقلارنىڭ ئۆيىگە پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن ؟

- بويتاقلىقىمنى قانداق بىلدىڭىز ،- ئۇ رازىيەنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرىۋېتىپ ھەيران بولۇپ سورىدى .

- سىز بىزنى بىلمىگەن بىلەن، بىز سىزنى  بىلىمىز ؟ سىزنىڭچە مەن سىزنىڭ ئويدە يالغۇز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەي تۇرۇپ كېلەرمەنما ؟- ئۇ شۇخلۇق بىەن شەھلا كۆزلىرىنى كېرىمگە تىكتى . كېرىم لالەنىڭ بۈگۈن ئۆتكەندىكىدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى سەزدى . ۋە ئۇنىڭ چىرايلىق يۇمۇلاق يۇزى ،ئاندىن ئاپپاق بۇيۇنلرى . شۇنداقلا ياقىسى خېلىلا ئويۇلغان  كوپتىسى ئىچىدىن ئازىراق سىرتقا تەلمۈرۈپ تۇرغان ئاپپاق كۆكسىگە مەسلىگى كەلدى .



- ۋااھ ،  نېمە دېگەن جىق   كىتاب بۇ ؟

لالە بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كىتاب جازىسى ئالدىغا كەلدى .

- مۇشۇ كىتابلارنىڭ  ھەممىسىنى سىز ئوقۇپ بولغانما ؟

- ئەلبەتتە .

- ئۇ لالەنىڭ  كەيىنىدىن  ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى . لالە  سېمىزرەك كۆرۈنگىنى بىلەن بەل، كاسا ا ۋە يۇتىلىرى قاملاشقان  بولۇپ ئارتۇق يېرى يوق ئىدى .  ئەگىلىپ  چۇشكەن ۋە ئىچىگە تارتىلغان بېلى يۇقۇرى بەدىننى تىك كۆتۈرۈپ تۇراتتى . تولغان چىرايلىق ساغرىسى بىلى بىلەن ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ،   ئاپپاق، تومراق يوتىلىرى تېزىغا كېلىدىغان قىسقا يۇپكىسى  ئىچىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. . قىسىقىسى لالەنى ئىنتايىن  تولغان  قىز دېيىشكە بولاتتى .

-يالغان ئىشەنمەيمەن،- دېدى لالە  ئارقىغا – يېنىپ شەھلا كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا سىنچى قاراپ .

- نېمىشقا ئىشەنمەيسىز؟

- چىرايىڭىزىدىن پەقەت كىتاب ئوقۇيدىغانلىقىڭىز ، شائىرلىقىڭىز چىقىمايدىكەن .



- ئەمىسە، قانداقلىقىم چىقىدىكەن

- راستنى دېسەم كۆڭلىڭىزگە  كەلمەس ھە ؟

-ياق قېنى دەۋېرىڭ .

- ئارتىسقا ياكى لۈكچەككە .- لالە ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلۈپ كەتتى .

كېرەممۇ كۈلدى  .

- لوكچەك دېسىڭىز مەيلى ھە نېمە بولسا ئارتىسقا ئوشاتماڭ .

- نېمىشقا ؟

- مەن ئارتىسقا  بەك ئۆچ . قىزلىرى ھېسياتىسىز كېسەك، ئۇغۇللىرى غىتمەك .

-ئۇنداقتا سىزنى لۇكچەك شائىر دەيمىزمۇ؟

- ئۇنداق دېسىڭىزمۇ بولغۇدەك ،ماڭا قاراڭ، بىر قىسىم كىشىلەر لۈكچەك بولالماي ،شائىر بولۇپ كېتىدۇ ، بىر قىىسم كىشىىلەرشائىر بولالماي لوكچەك بولۇپ كېتىدۇ .

- مېنىڭچە شائىرلار  ، ۋىجدانلىق غۇرۇرلۇق كېلىدىغۇ  دەيمەن . مەن لۇكچەكلەرگە بەك ئۆچ .

- ئۇنداقتا مېنى  ئىلمىي لۈكچەك دەپ بىلىڭ  .

- قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز ، نەدە بۇنداق گەپ بولسۇن ؟- لالە ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلۈپ كەتتى. ئاندىن توختاپ چىرايىغا جىددى تۈس ئېلىپ – ئەمما مەن بۈگۈن لۇكچەكنى ئەمەس، شائىرنى ئىزدەپ كەلدىم جۇمۇڭ . – دېدى

كېرەم جىمىپ قالدى  مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ شائىرلىقىدىن بەكراك لۈكچەكلىكىدىن خۇش بولۇپ يۈرەتتى . ئەمما قىزلار يەنىلا شائىرلارنى بەك ياقتۇرامدۇ نېمە ؟

- بەش مېنۇت  ئولتۇرۇپ تۇرامسىز؟- ئۇ شنداق دەپ سرتقا ماڭدى .لالە ئۇنى چاقىرىۋالدى .

-  نەگە بارىسىز ؟

- ئازىراق ئىچىملىك بىلەن يېمەكلىك ئەكىرەي .

توختاڭ، ئاۋال  جايىڭىزغا  كېلىپ ئولتۇرىڭە .- قاراپ تۇرماڭ بولۇڭچۇ ؟- ئۇ كېرىمنىڭ قولۇرىدىن تارتىپ قايىغا ئۇلتاغۇزۇپ قويدى .

لالە يېنىغا قۇيۇپ قويغان خاشو خالتىنىڭ ئىچىدىن كىچىك خالتىلارنى  ئېلىپ ئۇستەلگە بىر – بىرەلپ قويدى .  ئەڭ ئاخىرىدا بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراقنى ئېلىپ ئۈستەلگە قويدى .

-سورۇنغا قۇرۇق كەلمەيمىز - دېدى ئۇ مەنلىك كۈلۈپ .

- بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ ئوي مېنىڭ، سىز مېنىڭ مېھمىنىم تۇرسا ، -ئۇ  خاپا بولۇپ قاپىقىنى تۈردى .

يەنى  بىر  تەرەپتىن ھەر قېتىم ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ قىزغا  ھەيران بولۇپ قارىدى . بولۇپمۇ قىزنىڭ ھاراق كۆتۈرۈپ كېلىشى  تېخىمۇ ھەيران قالارلىق ئىدى .

- بۈگۈن مەن مېھمان قىلغان بولاي، كېلەر قېتىم سىز قىلمامسىز ؟ پەقەت بولمىسا چوكا  بىلەن ئىستاكاننى سىز چىقىرىڭ، –لالە ھەييارلىق بىلەن  كۈلدى . ئۇ ئىستاكانغا مېڭىۋىدى لالە ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىۋالدى .

-ئورنىنى كۆرسۈتۈپ قويۇڭ، مەن ئەكىرەي – ئەرلەر  چىنە- قاچا تۇشۇپ يۈرسە سەت تۇرىدۇ .ئۇ ئايىقى يىنىك  چىرايلىق قولى ئەپلىك بۇ قىزىدىن بىردىنلا سۆيۈۈنپ قالدى . ئەگەر ئىچمەيدىغان  ، ئەخلاقلىق قىز بولسىتى خۇتۇن قىلىپ ئېلىپ قويىدىغان ئىشكەنتۇق دەپ  ئويلىدى . تۇيۇقسىز ئۇنى  ئايالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قالدى . ئايالىدا لالەدەك نازاكەت يوق ،ھەم ئۇپا ، ئەنبەر پۇراپ تۇرمايتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇششاق ئىشلارنى  بەسكە سالاتتى . تاماق ئەتسە ئۇ، بۇ ئىشلارغا بۇيرۇپ ئۇنىڭ خورۇجىنى ئۆرلىتەتتى . بەزىدە  تاماق ئەتكىنىدىن قاچا يۇغۇنىدىن ۋايسايتتى . ياكى ئۇنى باشقىلارنىڭ ئېرىگە سېلىشتۇرۇپ نارازى بولاتتى  . ئايال دېگەن مۇنداق بولمامدۇ . لېكىن....

ھەممە  نەرسە تەييار  بولغاندا لالە << بۈگۈن مەن قۇيۇپ بېرىمەن>>ئىككى ئىستاكان قىزىل ھاراقنى قۇيۇپ ئۇنىڭغا سۇندى .

- دوستلىقىمىز ئۈچۈن – ئۇ لالەنىڭ ھاراقنى ئاستا - ئاستا ئىچىپ تۈگەتكىنىگە قاراپ تۇردى . ئىستكانىنى بوشاتقاندا  ئاندىن ئۇ ھاراقنى بىرلا كۆتۈرۈپ تۈگەتتى . لالە ھاراقنى يەنە لىقلىدى.

- ئىككىنچىسىنى نېمە ئۈچۈن ئىچىمىز – ئۇ كېرەمنىڭ كۆزىگە قارا پ  تۇراتتى .

تۇنۇشۇپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىچەيلى.

- تۇنۇشۇپ قالغىنىمىز  ئۈچۈن .

ئۇچۇنچى رومكا قۇيۇلدى .لالە رومكىنى  تۇتقان قولىنىڭ جەينىكىنى ئۈستەلگە قويۇپ شەھلا كۆزلىرى بىلەن تىكىلدى .  ئۇنىڭ تىنىق كۆكۈش  قوي - كۆزلىرى ئۇنىڭغا  قاراپ تۇراتتى .

- ئەمدىچۇ ؟

-كۆڭۈللۈك ئولتۇرىشىمىز ئۈچۈن ؟

-خوشە

خوشە –

لالە ئىىچپ بولغن قۇرۇق رومكىنى قوللىرىدا ئويناپ ئۇنىڭغا قارىماستىن سورىدى.

- سىز  قىزلارنىڭ  ھاراق ئىچىشىگە قانداق  قارايسىز ؟

بۇ سۇئالغا قاۋاب بەرمەك تەس ئىدى .ئۆز كۆڭلىدىن ئالغاندا  ئۇ قارشى ئىدى . ئەمما ئۆزى بىر قىزبىەن ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ مەن قىزلارنىڭ ھاراق ئىچىشىگە قارشى دېسە ئەسلى قاملاشمايتتى .

- ھېچقانداق قارىمايمەن . بۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ..

- ياق ، سىز ھاراق ئىچىدىغان قىزلارنى ياقتۇرمايسىز ، ھازىر مېنڭ كۆڭلىمنى ئاياۋاتىسىز .

قىز دائىم شەيتاندەك ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىلىۋاتاتتى . قارىغاندا بۇ شۇخ قىز ئ.اددىي قىز ئەمەسكەن دەپ ئويلىدى  ئۇ.

- نېمىشقا شۇنداق دەيسىز ؟

-قاراپ باقسام سىز ھەرقېتىم ، قىزلارغا ئاۋال ھاراق قۇيمايدىكەنسىز ۋە ئاۋال ھاراق ، سۇنمايدىكەنسىز . قىزلار سىزگە سۇنغاندىلا ئچىدىكەنسىز.

ئۇ قىزنىڭ سىرلىق كۈكۈش كۆزلىرىگە قارىدى ،بۇ كۆزلەر مەن ھەممە سىرىڭىزنى  بىلىمەن دېگەندەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى . ئۇ بىردىنلا ئەنسىرەپ قالدى قىز ئۇنىڭغا شۇنچىۋالا قىزقامدىغاندۇ ؟

- شۇنداق كۆڭلىمدىكىنى دېسەم  ياخشى قىزلانىڭ ئىچىىشنى ياقتۇرمايمەن . بەزىلەر بىلەن كارىم يوق .

- بەزىلەر دېگىنىڭىز مېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ ؟

ئۇ شۇ چاغدا بۇ گەپنى ئىنتايىن خاتا قىلىپ سالغانلىقىدىن  بىلىپ قالدى .  لالەنىڭ سۇئالىغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي قالدى، شۇنداق دېسە ئۇنى  كۆزگە ئىلمىغانلىق  بولاتتى . ياق دېسە ھازىر ئالىيەنىڭ ھاراق ئىچىشىنى ياقتۇرمىغان  بولاتتى .

-ئەگەر بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئىچىمىسىڭىز ۋە كۆپ ئىچمىسىڭىزلا  ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ .

- دېمەك بۇندىن كېيىنكى ئىپادىڭىزگە قارايمەن دېمەكچىكەنسىزدە ؟

- ئىنكاسىڭىز بەك تېزكەن ، مۇشۇنداق ئەققىللىق قىز بىلەن بىللە ئولتارغىنىم ئۈچۈن بىرنى كۆتۈرۋېتەي !

- رەخمەت، بىرگە كۆتۈرەيلى . مەيلى سىز قانداق ئويلاڭ مەن بۈگۈن سىز بىلەن  ئىچكىلى كەلدىم . بۇ بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ھاراق  ئىچىىشم بولۇپ قالار  كېلىشكەن ئۇيغۇر يىگىتى بۈگۈن  سىز بىلەن قانغىچە ئىچىپ قانغىچە تانسا ئوينىۋالغۇم بار . ئۇ شۇنداق  دەپ قولىدىكى  رومكىنى  كۆردى  . – لىرىك لىنتىلار بولسا قويۇپ  قۇيۇڭە – دېدى ئۇ برىدىنلا كەيپىياتىن تەڭشەپ .

كېرەم قولدىكى ھاراقنى ئىچىۋېتىپ  لالەنىڭ تەلىبىنى ئورۇندىدى بۇ ئۇ ياقتۇرىدىغان  چەتئەل لىرىك مۇزىكىسى  ئىدى .

- مەن بىلەن تانسا ئويناپلا قالسىڭىز بىر ئۆمۈر ئەستىن چىقىرالمايسىز – دېدى لالە شۇخ كۈلۈپ .

ئۇ لالەنى تانسىغا تارتتى. لالەنىڭ دېگىنى راست ئىكەن. ئۇ لالەنىڭ بىلىدىن  تۇتۇپ ماڭغان شۇ پەيىتتە بۇنى ھېس قىلدى . لالەنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى شۇقەدەر قاملاشقان ئىدىكى  خۇددى ئەڭ ئۇستا سەيپۇڭ ئولچەملىك كېسىپ قويغان دەك خۇۇش پىچىم ئىدى .  تىككىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان  كۆكسى گاھ ئۇنىڭ مەيدىسىگە سۇركۈلۈپ قالاتتى .ئۇ لالەدىن گۈپۈلدەپ ۇۇرلۇپ تۇرغان ئاياللىق ھىدنى سەزدى ۋە شۇنچە تەستە ئۆزىنى بېسىپ تانسىنى تۈگەتتى .

ئۇلار بىرىنچى قول تانسىنى توختاتقاندىن كېيىن يەن بىر ئىستىكاندىن ئىچىشىپ يەن تانسغا چۈشۈشتى . تانسا جەريانىدا گەپ بولۇشمىدى . ئۇ سەل جۈرئەتلىكىرەك بولۇپ لالەنى ئۆزىگە يېقىن تارتىپ ئوينىدى .

مەن بىلەن يېقىن ئوينىغىڭىز بارمۇ ؟-لالەئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراپ سورىدى .

- ئەلبەتتە.

- قانچىلىك يېقىن ئوينىغىڭىز بار ؟

- سىز قانچىلىك يول قويسىڭىز ،شۇنچىلىك .

-ئەمىسە مەن ئۆزەمنى سىناپ باقاي – لالە شۇنداق دەپ قوللىرىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئېلىپ بشنى ئۇنىڭ مەيدىسگە قويۇۋالدى . ئۇنڭ قوللىىر لەلەنىڭ بەللىرىدە ئىدى . لەلەنىڭ كۆكسى ، يوتىلى ئۇنىغا تېەىپ تۇراتتى . ئۇلار شۇ تەرىقىدە ئۇيارقتىن بۇيااق ماڭدى بۇنى تانسا دېگەندىن قۇچاقلىىشپ مېڭىش دېيىش بەكراق توغرا ئىدى . تانسا دېگەن نەرسىنىڭ ئاخىرقى نتىقىسى مانا شۇ ئىدى . نېمە ئۈچۈن تانسىنىڭ مەڭگۈ ئۆلەمدىغانلىقىغا كەلسەك ئۇ تۇنۇشمايدىغان يىگىت بىىلەن قىزنى ئەڭ يېقىن ئارلىقتا قانۇنلۇق ھالدا بىر يەرگە ئەكىلەيتتى. ئەممابەك يېقېن ئوينىلىنىپ ئوت تۇتۇشۇپ كەتسە ..

شۇنداق بولدى ئۇ قىسمىدىكى ئوتنى تۇسۇشقا قۇربى يەتمەي لالەنى ئەسەبىيلەرچە سۆيۇشكە باشلىدى . باشتا لالە يۇز ئېغىزلىرنى ئېلىپ قاچتى . ئەمما كېيىن ...ئۇ لالەنى يۇلۇپ ئېلىپ كارۋاتقا باستى .ئۇ ئەسەبىيلەرچە سۆيۇشتى لالەمۇ كۆزلىنىمۇ يۇمۇۋالغان خۇدىمۇ يواقاتقاندەك قىلاتتى .ئەمما ئۇنىڭ قوللىرى ھەددىن ئېشىپ ئۇنىڭ يوتىلىرى  ئەتراپدىن يوپكىسى ئىچىگە بارغاندا بىردىنلا چۆچۈپ ئويغانغاندەك ئۇنى كۈچەپ ئىتىرىۋاتتى .

-ئۇنداق قىلماڭ ، بەش مىنوتلۇق ھېسياتنى دەپ ، ھېلى بىر – بىر بىرسىمىزنىڭ يۈزىگە قارىيلمايمىز .

ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ دىۋانغا كېلىپ ئولتۇرۇپ بىرتال تاماكا چەكتى . لالەمۇ قوپۇپ كىيىملىرىنى، چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كلېىپ ئولتۇردى  .

- خاپا بولدىڭىزمۇ-دېدى لالە ئۇنىڭغا قاراپ .

-ياق .خىجىل قىىپ قويدىڭىز .

- مۇشۇنداق ئويلىغىنىڭىز ئۈچۈن رەخمەت . بىلەمسىز مەن ئۆزەمنى ئاياپ كەتكىدەك يۈزى ئېچىلمىغان قىز ئەمەس ، ئەمما دوستلىقىمىزغا تەسىر يەتكۈزگۈم يوق ،سىز بىلەن مەڭگۇ ھۆرمتلىىشپ دوست بولۇشۇپ ئۆتسەم دەيمەن . سىزنى تۇنجى قېتىم  كۆرۈپلا شۇنداق  تۇيغۇغا كېلىپ سىز بىلەن نېمىشقا بالدۇراق تۇنۇشمىغاندىمەن سەپ ئويلاپ قالغاندىم . شۇڭا ئاخىرقى  پۇرسەتتە بولسىمۇ قېلىنلىق قىلىپ سىزنى ئىزدەپ سالدىم .بەكلىم سىز ھاراق  كۆتۈرۈپ ئۇددۇل ئۆيىڭىزگە كەلسەم  تازا بۇزۇق نېمكەن دەپ ئويلاپ قالغانسىز ، مەنغۇ ساقمۇ ئەمەس ،ئەمما ئۇنداق بۇزۇقمۇ ئەمەس . 18يېشىمدا تۇقى دكيگەن يىگىتىم بۇزۇپ تاشلىۋاتتى . ئىككىىنچىسى ۋە ئۈچۈنچىسىمۇ شۇنداق قىلىدى .ئەسلى مەن بىرەر سىنىڭ پىشنى تۇتۇپ بلا تۇغۇپ ئوي ئايالى بولۇپ خاتىرىقەم تۇرمۇش كەچۈرسەم دەيتتىم . ئەمما بۇ يەردىن ماڭا بۇنداق يىگىت نىسىپ بولمىدى .دادام تەقۋادار ئادەم . ئەمما ئۆيدە تۇرمايدۇ . پاكىستانغا قاتراپ سودا قىلىدۇ . مېنى يا  ئوقۇغۇلى  يا ،ئىشلىگىلى قويمايدۇ . بېكار ۋاقىتتا كىتابلا ئوقۇيمەن . بەزىدە  ئۇ يوق چاغلاردا يۇشۇرۇن ئىچىۋالىمەن . بەزىدە ئەگەر ۋاقىتنى ئارقىغا قايتۇرغىلى بولغان بولسا دەپ ئويلاپ كېتىمەن. ئەمما  بۇنىڭ نېمە پايدىسى .  مەن يانا ئىككى كۈندىن كېيىن پاكىستانغا كېتىمەن .

ئۇ لالەنىڭ ياش تامچىلاۋاتقان كۆزىگە قاراپ ئاستا سورىدى ،

- ئۇ يەردە نېمىش قىلىسىز ؟

- دادام شۇ يەردە بىر ئادەمنى تېپىپ قويۇپتۇ.

-ئالدىراپ بارمىسىڭىز بولاتتى . ئۇيەرنى ئانچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايتتى .

- ئۇنداقتا بۇ يەردە نېمىش قىلىمەن  .سىز مېنى ئالامسىز ؟

-بۇ...

- بولدى چاقچاق قىلىپ قويدۇم .

-ھەرھالدا بۇ يەردە ئىچىپ ئويناپ يۈرگىنمدىن ياخشىمىكىن دەيمەن .ئۇ يەردە ھاراق ئىچمەيدىكەن .

- شۇنداقتىمۇ قايتا بىر ئويلىنىپ كۆرۈڭ .

بولدى بۇ گەپلەرنى دېيىشمەيلى،- دېدى لا لە كۆزلىرىدىكى  ياشنى ئېيتىپ،- سىزگە بۇ گەپلەرنى دەپ ئىچىم خېلى بوشىۋالدى  - بىر رومكا قۇيۇپ بېرەمسىز؟

- ھەراست ، ھېلىقى ئانار دېگەن قىز بىلەن ئالاقىلىشالىدىڭىزمۇ ؟- دېدى لالە ئۇنىڭ قولىدىكى رومكىنى ئېلىۋېتىپ .

-بىچارە قىز بك گېپىڭىزنى قىلىپ كەتكەن .

- نېمە دەپ ؟

- ھېلىقى كۈنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئاياقنى بەك ئەرزان بېرىپتىكەنسىز ، شۇڭا بەك ياراپسىز ؟

- دادىسىنى دەپ شۇنداق قىلغانتىم .

- ئەمەلىيەتتە ، دادىسى بەك بۇلۇمسىز  ئادەم . بۇرۇن بەك ھاراقكەشكەنتۇق ، ھازىرمۇ نەشە چېكىدىكەن .ئېتىز ئېرقنىڭ ئىشلىرىنى ئانىسى بىلەن ئانار قىلىپ كەپتىكەن . ئانارنىڭ ئۆگىنىشى بەك ياخشى ، ئەمما ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالمايدۇ . ئوتكەن يىللىقنى تۇقانلىرى  يىغىش قىپتىكەن . بۇ يىللىق پۇلنى تاپشۇرالماپتۇ. شۇڭا سىزگە ئوخشاش بايراق بىرەرسىنى تېپىپ ئوقۇش پۇلىنى غەملىۋالسام دەپتىكەن . سىز  تۇتۇق بەرمەپسىز ھە! بىچارە ئوتكەن يىلمۇ بىر تال  ئاياق  بىلەن يىلنى  چىقارغانتى . مەنمۇ ئانچە مۇنچە ياردەم قىلىپ تۇراتتىم . يېقىندىن بۇيان يوقاپلا كەتتىغۇ؟

- مۇنداق دەڭ ، من بۇ يەرلىرىنى ئويلىماپتىمەن .

-ئۇنداق قىلغاندىن ئوقۇشتىن سىرت ئىلشىسە بولمامدۇ ؟

-نەدە ئىشلەيدۇ؟ نى- نى يىگىتلەرگە ئىش يوق . قىز بالىغا تەس جۇمۇڭ .

-ئۇنداقتا سىز يەنە كۆرۈشۈپ قالسىڭىز دەپ قويۇڭ، ماڭا تېلفۇن قىلسۇن مەن  سائەتلىك ئىشلەيدىغانغا  زاۋۇتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي.

- ماقۇل . ئانارنى دەپ مېنىڭ ئىشىمنىمۇ ئۇتۇپ قالماڭ يەنە ؟

-قايسى ئىشنى ؟

- مانا ھېلىتىدىنلا ئۇنتۇپ قاپسىز ، ئوتكەندە سىڭلىمنى زاۋۇتقا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغانتىڭىزغۇ؟

- ھە ،راست ، يادىمغا سالمىسىڭىز ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ.

- مەن كەكتەندىن كېيىن ئۇنتۇپ قېلىپ چاتاق چىقامدۇ نېمە ؟

-ياق ئەمدى ئۇنداق بولايدۇ .

-يا بولمىسا ئەتە سىزنى سىڭلىم بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قۇيۇپ ئاندىن ماڭاي .

- ئۇنداق قىلساقمۇ مەيلى . شۇبانادا ئەتە سىزگە ئۇزۇتۇش چېيى بېرىۋالامەن .

-سىڭلىم بەك چىرايلىق ، كۆرۈپلا  ئاشىق بولۇپ قالسىڭىز قانداق قىلارمەن .

- ئۆزىڭىز تاشلاپ كەتكەنكىن  ئامال يوق . سىزدىنمۇ چىرايلىقما ؟

- مەن ئۇنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيمەن  . بەك ئەخلاقلىق، ناماز ئوقۇيدۇ تېخى .

-سىزدىن چىرايلىق بولىشىغا ئىشەنمەيمەن .

- ئۇنداقتا ۋاختى كەلگەندە كۆرۈڭ .

-خوش قېنى ئىچىۋېتەيلى- ئۇلار ئاخىرقى ئىستاكاننى كۆتەردى .لالە ئىستاكاننى قويۇپ ئورنىدىن قۇپۇپ ئۇنىڭ يۈزىگە بىر سۈيۈپ قويۇپ ئىشىككە ماڭدى .

- بولدى ئۇزاتماڭ. ئەتە تېلېفۇن قىلىمەن ،خوش .

ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بولغىچە لالە ئۇنىڭ كۆزىدىن يۈتتى .

  

6



ئۇ  <<تۇلۇنئاي >> قەھۋە خانىسىنىڭ ئايرىم خانىسىدا   لالە ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسىنى  كۈتكەچ  ئازىراق قىزىۋېلىش ئۇچۇن بىر نەچچە ئىستاكان پىۋە ئىچكەچ ئولتاردى .لالە دېيىشكەن ۋاقىتقا  ئۈلگۈرۈپ كەلدى .ئۇنىڭ بىلەن بى رقىز بىللە كىردى . ياق، بۇ قىز ئەمەس بىر پارچە ئوت  ئىشتىن  كىردى . قارا  ياغلىق ئۇشۇغىغىچە قارا ئۇزۇن كوينەك كىيىپ ئىشىكتىن تارتىنىپ، سالام قىلىپ كىرگەن بۇ قىز قاپقارا يىلىنجاپ  تۇرغان ئۆتتەك ئۇنىڭ كۆزىدىن كىرىپ مېڭسىدە توختاپ قالدى .ئۇ بىر دەم مەڭدەپ قالدى  .

- ھەجەپ تېڭىرقاپ قالدىڭىزغۇ ؟- دېدى لالە . ئۇنىڭغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن مەنىلىك قاراپ-قارشى ئالمامسىز ؟

- ياقەي ، قېنى مەرھەممەت  .

ئۇ شۇنداق  دېگەچ ئالدىراپ سالدىراپ  ئۇلارنى سافاغا باشلىدى . ئۇ ئەسلىدە ئۇششاق تۇرۇم بىلەن بىر نەچچە بولتۇلكا پىۋە  بۇيرۇتۇپ قويغان ئىدى .

- نېىمگە تاۋىڭلار تارتىدۇ ، سىلەر كەلگىچە ئۆزەمچە بۇ نەرسىلەرنى  بۇيرۇتۇپ تۇرغان .- سەل خىجىل بولۇپ ئۈستەلگە قاراپ قويدى . ھەم بۇيرۇتمە تېزىملىكىنى لالەگە سۇندى .

- لالە ، تېزىملىكنى سىڭلىسىغا سۇندى . سەن نېمە ئىچىسەن ؟

- ئۆزىڭىز بۇيرىتىۋېرىڭ مەن بەك بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن . مېنى بىلىسىزغۇ ؟

- ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭكىنى ئىچىۋېرىڭ.  ئىككىمىز بىر چەينەك سۈت قوشۇلغان قەھۋە ئىچەيلى .سىڭلىم مۇسۇلامانچە  بولمىغان نەرسىلەرنى ئىچمەيدۇ ، مەنمۇ شۇ . – ئۇ كېرەمگە قاراپ كۆزىنى قىىسپ كويدى ، بۇ  لالەنىڭ سىڭلىمنىڭ ئالدىدا ماڭا ھاراق زورلىماڭ دىگىنى ئىدى .

- ئاپلا ، بالدۇرراق ، دېگەن بولسىڭىز ، باشقا ئوبدانراق تاماق يەيدىغان يەرگە باشلايتىمكەن  . يۆتكىلىمىزمۇ يا ھازىرلا .

- ياق بولدى ، مۇشەمۇ  ياخشىكەنغۇ، خالىي پاكىز كەن . – دېدى لالە ئىتتىكلا .

- سىڭلىڭىزنى تۇنجى  ئەچىقىشتىلا بىر قىسما يەرگە باشلاپ سالدى دەپ ئويلاپ قالامدىكى دەپ ئەنسىرەيمەن . - دېدى كېرەم سەل خىجىل ئارىلاش . قىزغا لەپپىدە بىر قاراپ شۇ قاراش بىلەن  قىزنىڭ توم قۇيۇق قارا قاشلىرى بىلەن سايە تاشلاپ تۇرغان بولاقتەك كۆزلىرى  بىلەن قۇنچاقتەك  چىرايلىق يۈزلىرى لەپ قىلىپ  بىر ئۆتۈپ كەتتى .

- ياقەي ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئويلىمايمەن .

قىز ئازىراق جىلمايدى . بۇ جىلمىيىشتىن ئۇنىڭ خىجىل بولغانلىقى ياكى رازى بولغانلىقى بلگىلى بولمايتى .ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ قىزغا ئۇنچىلىك ئۇزاق تىكىلىپ قارىمىغان ئىدى .

- ئۇنداق ئويلىمايدۇ.  كەلگىچە  سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىپ بەرگەنتىم .سىڭلىم بەك كىتابخۇمار.

-ئۇنداقتا ياخشىغۇ ،چىقىشىپ قالغۇدەكمىز . – ئۇ لالەگە  مەنلىك كۈلدى .

- ئەمما  يامان  نىيەتتە بولىسىڭىز بولمايدۇ، جۇمۇ ، ئۇ ئاران 17ياشقا كىردى .

- ھەددىممۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇنچىلىك يامان بالىلاردىن ئەمەس ،

- شۇڭا قوقماي باشلاپ كەلدىم – دە . بولمىسا چوغنىڭ ئىچىدىكى پاختىنى   ساقلىغاندەك ساخلاپ كەلگەن ، ھېچكىمگە كۆرسەتمەي كەلگەن .

- راست دەيسىزسىڭلىڭىز  خۇددى پاختىغا ئوخشايدىكەن ھەرقانداق ، ئۇغۇللارنى كۆيدۈرۈپ كۇل قىلىۋاتقاتقۇدەك  .

-ئۇنداقتا سىزمۇ ئېھتىيات قىلىڭ .

- ماڭا ئۇنداق ئامەت نىسىپ بولماسمىكىن ، قېرىپ كەتتىم. ئۇنداق   ھېسياتلارمۇ قالمىدى .

- ئەمىىسە قانداق ھېسيات بار ؟

- دوستلۇق ۋە ئاكىلىق .

-يائاللا شائىرلارغىغۇ  گەپ بەرگىلى  بولمايدۇ . ئەمما بۇ گېپىڭىز توغرا بولدى .

- چاقچاق قىلىپ قويدۇم، ئاغزىم  ئىتتىك بولغىنى بىلەن كۆڭلۈم تۈز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىڭلىڭىز خۇددى سىزگە ئوخشاشلا لاتاپاتلىك ۋە ئوماقكەن – ئۇ لالەنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالغانلىقىنى سېزىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ سىڭلىسىنى داڭلاپ لالەنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويۇشتن ئنسېرەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسماقچى بولدى .

ۋايەي ، بولدى ياخشىچاق بولماڭ ، مەن ھەرقانچە قىلساممۇ ئۇنىڭغايېتەلمەيمەن .

-- ھەرقانداق  ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكى بولىدۇ.- ئۇ ئاغزىدا شۇنداق دەپ لالەگە تەسەللىي بەرگەن بىلەن كۆڭلىدە بۇ قىزنى لالەگىلا ئەمەس، ئۆزى مۇشۇ كەمگىچە مەيلى ئۇچۇراتقان ياكى كىنو – تېلىۋىزوردا كۆرگەن ھەرقانداق  ساھىب جاماللاردىىنمۇ چىرايلىقكەن دەپ ئويلىدى. . ئۇ قىزنىڭ گۈزەلكىگە لال بولغانىدى . . ئۇ قانچە چاندۇرۇپ قويماسلىققا تېرىشسىمۇۇ ئۆزىمۇ  بىلمىگەن ھالدا قىزغا كۆزنىڭ قۇيرىقىدا نەچچە قاراپ بولدى . قىز سۇس  قىزغۇچ چىراق نۇرىدا چۆغدەك يېنىپ تۇرغان بىر تال قىزىل ئەتىر گۈلگە ئوخشايتتى. .

- ۋىيەي ئادەمنى خىجىل  قىلىپ باشقا تېمىدا پاراڭلىشىڭلارچۇ ، بولمىسا كېتىمەن بېكار ..- لالەنىڭ سىڭلىسى ، ئۆزى توغرۇلۇق پاراڭلاردىن  مەننۇن بولسىمۇ ئەمما شۇنداق دەپ قويدى.  ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ۋە يۈزدىكى بەختىيار كۈلكسىىدىن رازىمەنلكى چىقىپ تۇراتتى .  

مۇلازىم چىرايلىق ئەينەك چەينەكتە بىر چەينەك  سۇت قۇشۇلغان قەھۋەنى ئەكىرىپ  چەينەكنى مەخسۇس قاينىتىدىغان كىچىك ئوچاق شەكىللىك شامداننىڭ ئۇستىگە قويۇپ،  ئۆت يېقىپ كىچىك پىيالىسىمان ئىستاكان قويۇلغان پەتنۇسنى ئەتراپقا قويدى . ئاندىن يەنە بىر كىچىك سېۋەتتە قوناق ئېتىلدۇرۇلمىسى . ۋە بىر نەچچە تەخسە گازىر ، ئىسلانغان قاق قاتارلىق قىزلار ئامراق نەرسىلەر بىلەن ئۈستەلنى توشقازدى .

- قېنى باققاچ ئولتۇرۇڭلار ،   

- بەك جىق  بۇرۇتىۋېتىپىسز – ئاليە شۇنداق دېگەچ چەينەكتىكى قەھۋەنى پىىيالىلەرگە قۇيۇشقا باشلىدى .

- بىلمەي بۇ نەرسىنى بۇيرۇتۇپ قويۇپتىمەن. سىلەرگە ئەپسىز بولسا باشقا نەرسە ئىچەي، بولمىسا ....

- ياقاي ، توغرا چۇشۇنىمىز ، سىڭلىممۇ توغرا چۇشۇنىدۇ ،- دېدى ئالىيەسىڭلىسىغا قاراپ، – سىڭلىسىمۇ  بېشىنى لېڭشىتتى .  

-سىز ئىچىپ ئازىراق قىزىپ ، قىززىق گەپلەرنى دەپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ ، بۈگۈن مەخسۇس سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلىغىلى كەلدۇق ، جۇمۇ ؟ ھە راست، تۇنۇشتۇرۇپ قوياي ، بۇ ياق ، مېنىڭ سېڭلىم گۈلجامال بولىدۇ . بۇياق  ساڭا گېپىنى قىلىپ بەرگەن دوستۇم كېرەم ئاكاش. داڭلىق شائىر ..

داڭلىق شائىر دېگەندە ئۇنىڭ سەل يۇزى قىزاردى . چۈنكى بۇ بۇ نامنى سېتىپ ياۋاتقىلى 10يىلچە بولۇپ قالغانىتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق گەپلەر مەتبۇئاتلاردا ئەمەس مۇشۇنداق سورۇنلاردا دېيىلدىغان بولۇپ قالغانىدى .شۇنداقتىمۇ ئۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. پىۋىنى ئىستاكانغا قۇيۇپ ئىككى گۇزەلنىڭ پىيالىسىغا سۇقۇشتۇردى . كېرەم ئازىراق ئىچىۋېلىپ قىزىغاندىن كېيىن گەپنىڭ تولىسىنى ئۇ قىلدى .ئۇلار جەمئىيەت، كىتاب قاتارلىق ئۇلۇۋار تېمىلاردىمۇ ، ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق تۇرمۇشتىكى ئاددىي پۈچەك تىمىلاردىمۇ  پاراڭلاشتى .ئۇ بۇرۇنقى  ئوقىغان  كىتابلىرى ۋە بىلىملىرىنى دەسمايىغا سېلىپ ئۇلارنى ئاغزىغا قاراتتى  . بولۇپمۇ ئۇ گۈلجامال ئۆزىگە بارغانسېرى ھەۋەس بىىلەن قاراۋاتقانلىقىنى سەزگەندە تولىمۇ خۇرسەن بولدى. سۆزلەۋاتقان  شۇ مېنۇتلاردا شائىرلىق ھايتىغا  قايىتقاندەك بىر  خىل تۇيغۇ قەلبىنى ئېگىلەپ بۇندىن بۇرۇنقى باشقا قىزلار ۋە ئاغىنىلىرى بىلەن بىللە بولغاندىكى مەنىسىز سورۇنلاغا سېلىشتۇرما قىلىپ قالدى . ئۇنداق سورۇندا مەيلى قىزلار ياكى  ئۇغۇللاردا بولسۇن بىر بولسا <<ئىشتاننىڭ ئىچىدىكى >>دىكى گەپ، بىر بولسا ئۇرۇش - تالاش ھەققىدىكى گەپ بولاتتى ، ياكى گەپ قىلماي ئىچىشكىلا تۇراتتى. مەس بولغاندا بولسا مەيلى سەت چىرايلىق بولمىسۇن سەت پاھىشىلەر،  ئېشىندى نېمىلەر  بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قالاتتى . مانا بۈگۈن  بۇ  ئىككى پەرىزات  بىلەن بىللە  ئولتۇرۇپ قەلبىنى  ئالىي مەكتەپتىكى قايناق  ھاياتىغا  قايتقاندەك بىر خىل شىرىن تۇيغۇلار ئېگىلدى .بۇ خىل تۇيغۇ ئۇ گۇلجامالنىڭ ئەۋرىشىم بىلىدىن تۇتۇپ ئۇنىڭ يۈزىگە ئەڭ يېقىن ئارلىقتا تۇرۇپ تانسا ئوينىغاندا تېخىمۇ بەك ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى .

ئۇلار بەزمىخانىدىن تۈن پەردىسى يېيىلغاندا ئاندىن قايتتى .ئۇ ئىككى قىزنى لالەنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ خۇشلىشىدىغان ۋاقىتتا لالە :<<سىڭلىىمنىڭ خىزمەت ئىشىنى ئنۇتپ قالماڭ >>دەپ  قايتا جېكىلىدى.   



7



  لالە  كەتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ ماڭغانلىقىنى تېلفۇندا ئۇنىڭغا خەۋەر قىلدى .ئەمما ئۇنىڭ ئۇزۇتۇپ قۇيۇش تەلبىنى رەت قىلدى . بۇ سىرلىق  ۋە ئۆزگىچە قىزنىڭ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق تېز باستۇرۇپ كىرگەن بولسا شۇنداق تېز غايىب بولغان بولدى   .ئەمما ئۇ يەنە بىر قىزنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى . بۇ قىز لالەدەك شۇخ ئەمەس ئىدى .ئەمما  لالەدىن نەچچە ھەسسە گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك ئىدى  .ئۇ لالەنى دوستلۇققا يارايدىغان  ئەقىللىق قىز بولغىنى بىلەن خوتۇنلۇققا يارايدىغان ۋاقىتتىن ئۆتۈپ كەتكەن، بالدۇر ئېچىلىپ كەتكەن گۈل دەپ قارىدى . لالە  ئۆزى دېگەندەك ھاراق ئىچىلمەيدىغان ، مەينەتچىلىك ۋە بۇزۇقچىلىقتىن خالىي يەرگە كەتكەنىدى . ئۇنىڭ يېڭى ھاياتى باشلىنامدۇ، ۋە ياكى  يېڭى كۈلپەتلىرى باشلىنامدۇ  بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ پەقەت لالەگە بەخت تىلىدى .ئەمما گۈلجامال ئۇنىڭ ئېڭىدا لالەگە ئوخشىمايتتى . ئۇ ئەمدى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر تال غۇنچە ئىدى . ئۇ لالەدەك ئەقىللىق ۋە سەزگۈر بولمىسىمۇ ، ياخشى پەرۋىش قىلسا ۋە ئوبدان باغۋەنگە ئۇچۇرسىلا خۇش پۇراق چاچىدىغان ئائىلە گۈلىگە ئايلىنالايتتى . ئۇ ھەربىر قېتېم گۈلجامال بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ نوقتىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلماقتا ئىدى . گۈلجامالنىڭ ئەڭ ئۇستا رەسسام سىزغان رەسىمدەك گۈزەل رۇخسارى ، ئەڭ ئۇستا ھەيكەلتاراش تاراشلىغان ھەيكەلدەك قاملاشقان بەدىنى ، كەمسكۆز ، خىجىل بولۇشقا ئارانلا تۇرىدىغان مىجەزى ، بولۇپمۇ ئۇ نېمىلا دېسە ماقۇل دەپ ئەرلەرنى ھۆرمەت قىلدىغان رايىش خۇيى ..ھەممىسى قۇشۇلۇپ ئۇنىڭ ئەقلىنى لال قىلىپ  ئۇنىڭ قەلبىدە ئۇ ھازىرغىچە تۆنۇشقان قىزلار ئىچىدىكى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە قىلدى . شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قىزغا  بولغان كۆڭلى  بارغانسېرى بۇقىزنى ئاۋايلاپ پەرۋىش قىىپ،  ئۆ ز بېغىدا ئېچىلدۇرش ئىستىگىگە ئا يلىنشقا باشلىدى . ئۇ ئۆمرىنىڭ 35 ياشقا كىرگەن مۇشۇ مەزگىلىدە  ئۆزىدە ياشلىق ئۇچقۇنلىرىنىڭ قايتا يېنىۋاتقانلىقىنى، ئالىي مەكتەپتىكى شائىرلىق دەۋرىگە قايتا – قايتقاندەك بولدى . دېمەك ئۇ گۇلجامالغا  ئاشىق بولغان ئىدى . گۇلجامال ئۇنىڭ تېخى ئۆچۈپ قالمىغان، ھامان بىر كۈنى ياندرۇرىمەنغۇ دەيدىغان خىيالىنى يەنى ئايالى  بىلەن يېنىشىۋېلىش خىيالىنى پۇتۇنلەي بەربات قىلدى . ئۇ گۈلجامالىنى مەن بۇرۇن ئىزدىگەن ۋە خۇتۇن قىلىپ ئېلىشنى مەخسەت قىلغان قىز دەل ئۆزىكەن دەپ ئويلىدى . ئۇ  بۇ قىزغا شۇنچىلىك ئاشىق بىقارار بولغان ئىدىكى ھەتتا دوستلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكىسى كەلمەس كۆرۈشسىمۇ بالدۇرلا قايتىدىغان بولۇپ قالدى .  گۈلجامال ئەمدىلا 17ياشقا كىرگەن ئۇنىڭدىن كۆپ كىچىك ئىدى . ئۇ  پەقەت  مۇشۇ  ئىشتىنلا ئەنسىرەيتتى . ئەمما  گۇلجامالنىڭ ئىپادىسىدىن  گۇلجامالىنىڭ بۇ نوقتىغا  ئانچە پەرۋا  قىلىپ كەتمىگەنلىكىنى سېزىۋاتاتتى  . چۈنكى ئۇ گۇلجامالنى قاچان چارىسا چىقىۋاتاتتى . ئامىمىۋى سورۇنلاردا ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچمايۋاتاتى شۇنىڭ ئۈچغن ئۇنىڭ كۆڭلى خاتىرىجەم ئىدى .

ئۇ گۇلجامالنى لالە مېڭىپ ئەتىسىلا دادىسىنىڭ زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى . ۋە خۇجىدارغا     ئۇنى ئاسانراق ۋە مۇئاشى يۇقۇرى خىزمەتكە قويغۇزدى .شۇنغىمۇ گۇلجامال ئۇنىڭدىن بەكلا رازىدەك قىلاتتى . شۇندىن كېيىن ئۇلار ھەپتىدە نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ بىللە تاماق يىيىشتى، پاراڭلىشىپ ئايلىنىپ كېلىشتى . ھەتتا بىرگە رەسىمگە چۇشۇپ ئايلىنىپمۇ كەلدى . ا ئۇ ا قىزنى چۇچۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالدى .

ئۇ ئۆيدە گۈلجامالىنىڭ رەسىمىگە قاراپ شىرىن خىيال سۈرۈۋاتقان شۇمەزگىلدە گۈلجامالدىن  تېلفۇن كەلدى  .

- كېرەم ئاكامما ؟-  گۈلجامالىنىڭ يۇمران  ئاۋاز ئاڭلىشى بىلەن  تېنى يايراپ كەتتى .

-ھە مەن شۇ.

- قاياقتىن كۈن چىقىپ تېلفۇن قىلىپ سالدىڭىز ؟- ئۇ ئادەتتە گۈلجامالغا ئىزچىل ئۆزى تېلفۇن ئۇرۇپ كېلىۋاتاتتى . شۇڭا باشقىچىلا خۇش بولۇپ كەتتى .

- سىز تەرەپتىن چىقىپ  .

-يائاللا ، مۇشۇنداق كۈنلەرمۇ  كېلىدىكەن ، ھە،

- ياخشىلىقىڭىزغا جاۋاپ  قايتۇرمىسام بولماس .

- ياخشىغۇ ، قانداق قايتۇراي دەيسىزكىن ؟

- سىز قانداق قايتۇرۇشىمنى خالايسىز ؟

-ئەمدى، ئىلتىپاتنىڭ چوڭ – كىچىكى يوق .

- بۈگۈن مائاشىمنى ئالغان ، شۇڭا سىزنى بىر مېھمان قىلاي دەيمەنغۇ ؟

- ۋاي  ، مۇبارەك بولسۇن ، ئۇنداقتا  تۈززۈت قىلمىدىم .نەدە كۆرۈشىمىز ؟

- سىز بىر يەرنى دەڭ مەن ،باراي .

ئۇلار  سائەت ئالتىدە << بىدار>> ئاشخانىسىنىڭ  ئىككىنچى قەۋىتىدە كۆرۈشمەكچى بولۇپ كېلىشتى . ئۇ سائەتكە قارىۋىدى يەنە بىر  سائەت بار ئىدى .شۇڭا ئەتىگەندە مۇنچىغا چۈشۈپ ساقال- بۇرۇتلىرىنى ئالغىنىغا قارىماي يەنە  مۇنچىغا چۈشۈپ ساقال بۇرۇتلىرىنى  پاكىز قىردى . ئىشىلىرىنى  تۈگۈتۈپ  بالدۇرلا دېيىشكەن جايغا  كېلىۋالدى .

ئاشخانىدا  ئادەم ئاز ئىدى . ئۇ ياقىدىكى بىر ئەپلىك ئورۇننى ئالدى . ياندىكى تام ئەينەك  بولۇپ  سىرتنى كۆرۈپ تۇرغىلى بولاتتى .ئۇ جايلىىشپ بولۇپ تاماقلارنى بۇيرۇتۇپ قويدى  . ھەممىسى  گۈلجامال ياخشى كۆرىدىغان قۇرۇمىلار ئىدى  . ئاندىن بىر تال تاماكا چەككەچ ئەينەكلىك  دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى . ئىشتىن چۇشۇدىغان  مەزگىل بولغاچ ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئىدى .  ھەممە قىستاڭچىلىقتا ئۇيەر ، بۇيەرگە ئۆتۈشۇپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاشخانىنىڭ ئالدى كەچ بازار بولىدىغانلىقى ئۈچۈن يايمىچىلار ، كاۋاپ ، ئوپكە – ھېسىپ ، كاۋاب، راڭپىزا ساتىدىغان دۇكانچىلار ئۇچ چاقلىق ھارۋىلىرى بىلەن نەرسىلىرىنى چۇشۇرىۋاتقاچقا تېخىمۇ قىستىچىلىق  ئىدى . ئۇ ئۇلارغا قاراۋېتىپ تۇيۇقسىز بىرسىنى ئىلغا قىلغاندەك بولدى . ئوبدانراق قاراپۋىدى  ھارۋىدىن ئۇستەل- بەدىڭلەرنى چۈشۈرىۋاتقان بۇ ئايالنى تۇنۇۋالدى . بۇ دەل ئالىيە ئىدى . ئۇنىڭ يۈرۈگى جىغغىدە  قىلىپ قالدى .ئورنىدىن تۇرۇپ بۇيۇنداپ قاراپ راستىنلا  ئالىيە ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلىدى . ئالىيە  ھېلىقى كۈنى يوقاپ كەتكەنچە ئۇنىڭ قايتا ئۇچۇرىنى ئالالمىغان ئىدى . چۈشۈپ  ئۇنىڭ بىلەن  ئەھۋالىشىپ قويۇشنى ئويلىدىيۇ-  توختاپ قالدى. <<ئالىيە يەنە باش ئاغرىقى تېپىپ بېرەرمۇ>> دېگەن خىيال كاللىسىدىن  لىپ قىلىپ ئۆتكەندە بۇ نىيتىدىن ياندى. باشقا كۈنى ئىزدەرمەن دەپ ئويلىدى .

- مېنى ئىزدەۋاتامىسىز  ؟

ئۇ  بېشىنى كۆتەردى . توزدەك ياسانغان گۈلجامال ئۇنىڭ ئالدىدا كۈلۈپ تۇراتتى .

- ياق .. ھە ...شۇنداق ...

- بەك ساخلاپ كەتتىڭىزمۇ ؟- گۈلجامال  قولىدىكى كىچىك سومكىسنى ئۈستەلنىڭ بىر يانغا قويغاچ  ئۇنىڭغا ئۇددۇل كېلىپ ئولتاردى . گۈلجامالنىڭ ئولتۇرىشى بىلەن تەۋرەنگەن ھاۋا ئېقىمىدا  كۈچلۈك بىر تاتلىق پۇراق ئۇنىڭ دىمىغىغا ئۇرۇلدى . گۈلجامال بۈگۈن بېشىغا ياغلىق سالمىغان بولۇپ،  قۇندۇزدەك  پاقىراپ تۇرغان چاچلىرىنى يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى . بەدىنىگە چىپپىدە كەلگەن قىزىل مايكىسى . پىيالىدەك كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كۆكسى ئۇنىڭ كۆزدىن لىپ قىلىپ ئۆتتى .گۈلجامال شۇ تۇرقىدا كىنو ئارتىلىرىغا ئوخشاپ قالغانىدى.

- ھەجەپ  قاراپ كەتىتىڭىزغۇ، سەت بولۇپ قاپتىمەنما ؟

- ياق ، شۇنداق ئېچىلىپ كېتىپسىز ، خۇددى بىر تال گۈلدەك ..

- سىزگە يارىغان بولسىلا مەيلىغۇ ؟

يارىدى . چىرايلىق ئادەمگە تاغارنى كەيدۈرۈپ قويسىمۇ يارشىۋېردىكەن . بۇرۇنقى كىيىممىڭىزمۇ بەك يارىشاتتى .

- ئەمىسە بۇندىن كېيىن ئاشۇ كىيمنى كىيىپ كېلەي .

-  بۇمۇ بەك يارىشىپتۇ .

-مىڭ ياسانساقمۇ سىىزگە يېتەلمەيمىز .

كىيىمنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن گەپ سۆزلىرىمۇ ئۆزگۈرۈپ ، شۇخلىشىپ قالغانىدى.

. ئۇلار بىر ، بىرلىرىنىڭ كۆزلىرىگە قارىشىپ غىزالاندى .ئاشخانىدا ئادەم كوپ ئەمەس ئىدى .ئۇدۇل تەرەپتە بىر كېلىشكەن يىگىت بىلەن بىر سەت قىز بىللە غىزالىنىۋاتاتتى . يىگىت ھە دەپ قىزغا چاقچاق قىلىپ خۇشامەت قىلىۋاتاتتى .ئۇ قىزغا سېلىشتۇرغاندا  ئايجامالنى ھور پەرى دېيشكە بولاتتى . شۇڭا ئۆ ئۆزىنى  شۇنداق بەخىتلىك ھېس قىلدى . ئەمما  ياندىكى بىر نەچچە 20نەچچە ياش چامىسىدىكى بىىر نەچچە يىگىتنىڭ ئايجامالغ  پات – پات قاراپ ئوز- ئارا  بىر نەرسىلەرنى دېيىشىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ خۇرۇجىنى ئورلەتتى . يا بەدىنى يوق ، ياكى چىرايىدا خۇنى يوق سالپا - سۇلپاڭ كىيملەرنى كىيىۋالدىغان بۇنداق <<ماڭقىلار>>نى  ئۇ بەكمۇ ياقتۇرمايتتى .  ئۇ يىلدىن يىلغا مۇشۇنداق بالىلار كۆپيۈپ كېتىپباراتتى . ئۇلار خۇددى بىر توپ سۈۋەرەككە ئوخشاش ھەممە يەردە قىمىرلاپ يۈرەتتى . ئۇ ئۇلارغا بەكراق قاراپ قويىۋىدى .ئۇلار قايتا قاراشمىدى .شۇنداقتىمۇ  كەيىبسىز بولۇپ بالدۇرراق چىقماقچى  بولدى .تاماق پۇلىنى ئارلىقتا تۆلىۋەتكەن ئىدى. بۇنىڭدىن گۈلجامال خېلى نارازى بولۇپ ئاندىن ماڭدى .   ئۇ گۈلجامالنى كەچ بازار بولىدىغان كوچا بىلەن ئەمەس بەلكى ئارقا كوچا بىلەن ئەگىلدۈرۈپ تىياتىرخانىغا ئېلىپ باردى .ئۇ ماڭغاچ ئارقىغا نەچچە قېتىم قاراپ  قويدى . ئەمما  قىستا – قىستىلاڭ ئادەملەر ئىچىدىن ئالىيەنى ئىلغا قىلالمىدى .

كىنو خېلى قىزدى .راستنى ئېيتقاندا  ئۇيۇندىن بەكراق ، گۈلجامالدىن  گۈپۈلدەپ ئۈرۈلۇپ  تۇرغان ئەرتىنىڭ خۇش ھېدى ۋە تېگىشىپ تۇرغان قول بىلەكلىرىدىن ئۆتۈشۈپ تۇرغان ، ئىسسىق  ھارارەت ، گاھىدا پاراڭلىشىش ئۇچۈن باشلىرىنى  يېقنراق  ئەگەلگەندىكى گۈپپىدە تەككەن ئوتلۇق تىنىق كېرەمنى بەكراق قىزىتىپ تۇراتتى . ئۇيۇن تۈگەپ تارقالغاندا  گۈلجامال ئېغىز ئاچتى .

- ئەمدى  نۆۋەت ماڭا  كەلگەندۇ؟

- نېمە نۆۋەتنى دەيسىز ؟

- مېھمان قىلىش نۆۋىتىچۇ ؟ ئەسلى بۈگۈن سىزنى مەن مېھمان قىلىدىغان بولغان .

- ئۇغۇ ، شۇنداق . ئەمما مەن بىر پۇتۇنسۈرۈك ئۇغۇلبالا تۇرۇپ سىزنى پۇل خەجلەتكىلى سالسام قانداق بولىدۇ؟

- مېنى ئۆز كۆرمەيدىكەنسىز- ھە!

-ياق ،..ئۇنداق ئەمەس .

- ئۇنداقتا ...ئۆز كۆرسىڭىز ئۆزىڭىز  بىر يەرنى دەڭ ، مەن مېھمان  قىلىمەن .

ئۇ گۈلجامالنى ئۇيۇن تۈگىسە كېتىشكە ئالدىرايدۇ دەپ ئويلىغانتى . بۇنداق دەپ قېلىشى ئۇنىڭغىمۇ خوش ياقتى .

–  ئالدىمىزدا بىر سوغۇق ئىچىملىكخانا بار شۇ  يەردە مېھمان قىلىڭ .

ئۇلار سوغۇق ئىچىملىكخانىغا كىرىپ جايلاشقاندا  سائەت ئالاقاچان 10دىن ئاشقانىدى.

- مەن ، مىۋە شەربىتى ئىچەي، سىز نېمە ئىچىسىز ؟

- مەنمۇ مىۋە شەربىتى ئىچەي .

- ئاران مېھمان قىلغاندا قىممەترەك ، نەرسە بۇيرىتىڭە ، كۆڭلىڭىزدە قالغۇدەك مېھمان قىلىۋالاي ، نېمە ئىچكىڭىز كەلسە دەۋېرىڭ مەن باشقىچە ئويلىمايمەن .

ئايجامالنىڭ <<نېمە ئىچكىڭىز كەلسە دەۋېرىڭ>> دېگىنىدىن ھاراق ئىچسىڭىزمۇ مەيلى دېگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇرۇنقىدىن شۇخلىىشپ قاپتۇ . مۇشۇنداق بولغىنىمۇ بىر ھېساپتا ياخشى . ئارىلىق قۇيۇپ كەتسىمۇ يېقىنلاشماق تەس بولىدۇ . ئۇ ئەمدى  ئىتى – مىتى دەپ  يانا تارتىشىپ تۇرۇشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى بىلىپ بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراق بۇيرۇتتى .  ئازىراق قىزىسا ئېچىلىپ ئولتۇرۇشقا پايدىسى تېگەتتى .شۇنداق بولدى . ئۇلار خېلى ئۇزاق ئېچىلىپ ئولتۇرۇشتى . بەك ئېچىلىپ كېتىپ ۋاقىتنى ئۇنتۇپم قالدى . گۇلجامال  چۆچۈپ سائىتىگە قارىغاندا سائەت ئون ئىككى يېرىمنى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى .  ئۇلار ئالدىراپ تېنەپ تاكسى بىلەن گۈلجامالنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە سائەت بىرلەرگە ئۇلاشتى . ياتاق زاۋۇت قوراسىنىڭ ئىچكىرىسىدە . زاۋۇتنىڭ چوڭ دەرۋازىسى تاقاق ئىدى .

-ئاپلا ، دەرۋازىنى ئوندا تاقايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . كەچتە ھېچكىمنى كىرگۈزمەيتتى ئەمەسمۇ ؟

ئۇ قاراڭغۇدا قىزنىڭ تىت – تىت بولىۋاتقانلىقىنى سېزىپ بىئارام بولدى .

- دەرۋازىنى ئۇۇرپ باقامدۇق، دەرۋازىۋەن مېنى تۇنۇيدۇ.

- ئۇنداقتا تېخىمۇ بولماس . يېرىم كېچىدە سىز بىلەن يۈرگىنىمنى زاۋۇتىكىلەر بىلىپ قالسا  قالسا  ،  سۆز – چۆچەك بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن .

-ئۇنداقتا يۈرۈڭ  قايتىمىز .

- نەگە ، ماشىنا توسۇپ شەھەر ئىچىدىن سىزنى ياتاق ئېلىپ بېرەي .

- مەن يالغۇز ياتاقتا يېتىشتىن قورقىمەن .

ئۇ بىر دەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى .

- ئۇنداقتا  ،  باشقىچە ئويلىنىپ قالمىسىڭىز ، بىزنىڭ ئۆيگە كېتەيلى .

- ئەپسىز بولۇپ قالارمۇ ؟- ئۇ قاراڭغۇدا قىزنىڭ قانداق چىراي ئىپادىسىدە بولىۋاتقانلىقىنى كۆرەلمەيتتى .

-سىز ئۇنداق ئويلىمىسىڭىزلا ، ئۇنداق  بولمايدۇ.

- مەيلى..

گۈلجامال ئۇنىڭغا  ئەگەشتى ، ئۇلار چوڭ يولغا چىققۇچە  ئۇڭغۇل - دوڭغۇل يولدا مېڭىشتى . گۈلجامال بىرنەچچە قېتىم يىقىپ كېتەي دېگەندە ئۇ يۆلىۋالدى . ۋە قىزنىڭ  ئۆتتەك قىززىق قوللىرىدىن  تۇتۇپ ماڭدى .ھاراقنىڭ قېنىنى قىزىتىشى بىلەن قىزنىڭ ئوتتەك قوللىرىنىڭ قزىتىشى بىرلىىشىپ تومۈر- تۆمۇرلىرىدا بىردىنلا بىر پارچە ۋە ئوتنى كۆيدۈردى  . بۇ ئوت ئۆيگە كەلگەندە تېخىمۇ كۈچەيدى .

گۇجامال كىتاب جاھازىسى ئالدىدا كىتاپ تاللاۋاتاتتى . ئۇ ئۇنىڭ  تال چىۋىقتەك ئەۋرىشىم . بويىغا چۈشۈپ تۇرغان قۇندۇزدەك دولقۇن چاچلىرىغا ھەۋەس بىلەن تامشىپ تۇرغاندا قىز ئۇنى غايىبتىن چاقىرىپ سالدى .

- ماۋۇ كىتاب قانداق  كىتابتۇ؟

-قايسىسى؟-  ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كەلدى . ئەمما كۆزى كىتابقا ئەمەس قىزغا تىكىلگەن ئىدى . قىزنىڭ تېنىدىن  تارقالغان خۇش پۇراق ئۇنىڭ دېمىغىدىن كىرىپ پۇتۇن بەدىنىنى غىدىقلاپ ئوتتتى . ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتتى.  قىز ئۇنىڭغا قايرىلىپ قارىدى، قايرىلغاندا ئۇچقان چاچلىرى ئۇنىڭ يۈزنى سىپاپ ئوتتى .ئۇ قىزنىڭ ئۆزىگە بۇلاقتەك كۆزلىرى بىلەن تەلمۇرۇپ تۇرغانلىقىنى سەزدى- دە ، قىزنى ئالدىغا  تارتتى . قىز خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك  ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپلا كەتتى . ئۇ قىزنىڭ ئەتىر پۇراپ  تۇرغان بۇيۇنلىرىدىن لەۋلىرىدىن سۆيدى .  قىزنىڭمۇ قوللىرىنىڭ     غۇللىرىنى يىنىك سىيلاۋاتقانلىقىنى لەۋلىرىنىڭ  ئۆزىنىڭ لەۋلىرىنى شۈمەۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئۇ قىزىدىن قانچە ئۇزاقتىن كېيىن ئاجرىغانلىقىنى بىلمەيتتى . ئەمما بۇ ۋاقىت ئۇنىڭغا شۇنچىىك قىس بىلىندى .

- ئۇيقۇم كەلدى- دېدى قىز ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرغان شۇ پەيىتتە. ئۇ قىزىدىن ئاجىراپ ياتاق ئوينى قىزغا كۆرسەتتى .

- ئەمىسە سىز  ياتاق ئويدە يېتىڭ .

- سىزچۇ ؟

- مەن سافادا ياتاي ..

قىز كىرىپ كەتتى . ئۇ خېلىغىچە  ئۇيان ئورۈلۈپ ، بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدى . ئارىدىن ئۇزاق ئوتمەي قىز ئۇنى چاقىردى .

- كېرەمكا .

- ھە ،

- قورقىۋاتىمەن.

- نېمىدىن؟

ياتاق ئوينىڭ بۇلۇڭىدا بىرسى تۇرغادەكلا ..

ئۇ كارۋاتتىن چۈشۈپ ئالمان تالمان  ياتاق ئۆيگە يۈگەردى .چىراقنى ياندۇرماقچى بولدى .چىراق كارۋاتنىڭ بېشىدا ئىدى .

- بولدى ياندۇرماڭ .

-نېمىشقا؟

- مەن يالىڭاچ ...

- ئەمىسە مەن ..

-كەتمەڭ قورقىدىكەنمەن ..

قوللىرىنى بىر نازۇك قول توتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۆزىنى  تۇتىۋالغۇدەك  ئەڭ ئاخىرقى  كۈچىمۇ  تۈگىگەن  ئىدى . ئۇ قىزنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتى، قىز ئۇنىڭ ئاستىدا نېمدۇر ھەسىرەيتتى . ئۇ قىزنىڭ قوللىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇيۇنلىرىنى، دۇمبىلىرىنى  سىيلاۋاتقانلىقىنى، كۆينەكلىرىنى تارتىۋاتقانلىقىنى  سەزدى . ۋ ەكۆينىكىنى سېلىپ تاشلىدى . قىز ھە دەپ ئۇنىڭ بۇيۇنلىرىدىن تاكى كدىكلىرىگىچە سۆيۈپ چىقتى  ،  قوللىرى ئۇنىڭ كاسىلىرى ۋە بەللىرىدە مىدىرايتتى . ئۇ قىزنىڭ بۇيىدىكى  ئەڭ ئاخىرقى كىيمىنى  سالدۇرغاندىمۇ بىرەر قارشىلىقىنىڭ بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغانتى. ئەمما قىز ھېچقانداق  قارشىلىق كۆرسەتمەي شەھەرنى ئۇنىڭغا تاشلاپ بەردى ...

ھەممە ئىش شۇنداق تېز، شۇنداق شېرىن ئاياقلاشتى .ئاياقلاشتىيۇ – ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئوت  ئۆچۈپ قالغاندەك بولدى . ئۇ ئەقلىنى تاپقاندا  لاسسىدە بوشۇشۇپ كەتتى ھەم  قاراڭغۇدا كىيىملىرىنىچالا- بۇلا كىيىپ دەز چۈشكەن كۆڭلىنى سۆرەپ ئۆزىنى سافاغا تاشلىدى.

ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى.  تاڭ سۈزۈلگەندە گۈلجالنىڭ  ئورنىدىن قوپقانلىقىنى سېزىپ كۆزلىرىنى  يۇمۇۋالدى . ئۇ قىزنىڭ ئوي ئىچىدە خېلى ئۇزاق مىڭىپ يۈرگەنلىكىنى سەزدى.ئاخىرى قىزىدىن زۇۋان كەلدى.

- كېرەمكا . مەن ،ماڭاي...

ئۇ بېشنى كۆتۈرۈپ اقارىدى . گۈلجامال  ئاۋالقىدەك گۈزەل ئىدى .

-  تاماق يەپ ...

- ئىشقا كېچىكىپ قالىمەن .

- مەن ئاپىرىپ قوياي ...

ئۇ ئورنىدىن تۇرماقچى بولىۋېدى ئۇ ئۇنىمىدى .

بولدى يېتىۋېرىڭ، مەن ئۆزەم كېتىۋېرەي  . تېلېفۇن قىلىمەن.

قىز چىقىپ كەتكەندە  ئۇ ئورنىدىن تۇردى .ياتاق ئۆيگە كىرىپ چىراقنى ياندۇردى . ئاپپاق پۇرلەشكەن كىرلىك ئۈستىدە بىرنەچچە تامچە قىزىل قان ئۇيۇپ قالغان ئىدى . شۇتۇرقىدا ئۇ كىرلىككە  ئىشىنىش ياكى ئۆز سەزگۈسىگە ئىشىنىشنى بىلەلمەي قالدى . قىزنىڭ ئاخشامقى <<ئىپادىسى>>دىن قارىغاندا ئۇ تولىمۇ ئىش كۆرگەن قىز ھېساپلىناتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مۇشۇ كەمگىچە  ئىككى <<ھەققىي قىز>> بىلەن بىرگە بولۇپ باققان ، قىز دېگەننىڭ، قىزلىق يەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى . ئەمما قانچۇ؟ ئۇ رېئاللىق بىلەن تۇيغۇسى  ئارىسىدا خېلى ئۇزاق  ئىككىلىنىپ قالدى.

داۋامى:



ئۇ چۇشكىچە خامۇش ھالەتتە يۈردى . كاللىسىنى خىلمۇ – خىل خىياللا ر قوداڭشىپ كەتتى . پۇچۇلۇنۇپ ئولتۇرغاندا ئېزىزدىن تېلېفۇن  كەلدى .

- جان بارمۇ، ھوي!

- بارغۇ؟

- نەدە ؟
-ئۆيدە .

-مەن ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدا چىقامسەن ، كىرەمدىمەن  .

- سەن كىر .

ھايال ئوتمەي ئېزىزنىڭ كېلەڭسىز گەۋدىسى ئۆيدە پەيدا بولدى. ئۇ كىرىپلا ئۆزلىرىنىڭ قارامايدا قانداق ئوينىۋاتقانلىقىنى ،  ئۇ يەردىكى قىز تورداشلىرىنىڭ قانچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كېرەمنىڭ بىللە بارماي، بەك نادانلىق قىلغانلىقىنى، ئۇيان- بۇيانغا مېڭىپ، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ - سۆزلەپ كىتاب ئىشكابىنىڭ  ئالدىغا كېلىپ توختاپ قالدى .

- ماۋۇ ، پاسكىنىنىڭ رەسىمى بۇ يەردە نېمىش قىلىدۇ؟

- قاۋۇ پاسكىنىنىڭ .

- گۈلجامال دېگەن پاسكىنىنىڭچۇ ؟

- ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . مۇشلىرىنى تۈگۈپ  بولۇپ تۇختاپ قالدى .ئالدىدىكى  ئاغىنىسى بولمىغاندا ئىدى . شۇ تاپتا تىشلىرىنى تۈكۈپ تاشلىغان بولاتتى . لېكىن ئېزىز رەسىمگە قاراپ ئۇنىڭغا ئارقىنى قىلىپ سۆزلەۋەتقان بولغاچ بۇنى بايقىمىدى.  

- تۆۋە خۇدايىم ، بۇ پەسەندى . نەگىلا بارسا كېلىشكەن، پۇلدار يىگىتلەرگە تور تارتىپ يۈرۈيدىكىنا .

-خەقنىڭ بالىسىغا ئۇنداق  ھاقارەت قىلما .

- ۋاھ،- ئېزىز ئارقىغا بۇرۇلۇپ سەت ھىجايدى ، –سەن گۇيمۇ بوش ئەمەس ، نېمە رەسىمىنى چاپلاپ قويۇدىكىن دېسەم سەنمۇ <<تېتىپ>> بوپتىكەنسەن -دە . ھەر قانداق ئۇغل بالىنىڭ  ئۆمرىدە بىر قېتىم تېتىغۇچىلىقى بار  بولمىسا بۇ نېمىنىڭ ، ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ ئەمەسمۇ ؟ كاساپەتنىڭ ھەركەتلىرى دەششەت ئەمەسمۇ ، ئاپلا بىر تۈشۈككىغۇ سىيىپ يۇرمىگەندىمىز- ھە ؟

- سەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىش ..

- بىر قېتىملا شۇنداق پۇرسەت كېلېپ قالغان دېگىنە . – ئېزىز رەسىمگە قاراپ ئاغزىنى چاكىلداتتى . لېكىن زە – كېيىن پەقەتلا تۇتۇق بەرمىدى ....

ئۇ ئېزىزنىڭ  مۈرىسىدىن قاماللىدى .

- ئاغىنەم بولساڭ راست گەپ قىل – راست شۇنداق  ئىش بولغانمۇ ؟

- ۋاي نېمە بولدى ساڭا ، مۇرەمنى ئاغرىتىۋەتتىڭ .

-قېنى ئېيتە، راست شۇنداق ئىش بولغانمۇ ، يوق؟

- مەن ساڭا قاچان  يالغان سۆزلەپ باققان ، بولمىسا ياسىندىن  سورا ، ئۇمۇ بىللە يېتىپتىكەن ..

ئۇ ئېزىزنىڭ مۇرىسىنى  قۇيۇۋېتىپ  ھالسىز مېڭىپ ئۆزىنى سافاغا تاشلىدى . چىرايى ئۈڭۈپ  تاتىرىپ كەتكەن .تاماكا تۇتقان قوللىرى تىتىرەيتى .

- نېمە بولدۇڭ ھوي، نېمە بۇ ئىشنى سوراپ يۈرۈيسەن، سەن ئۇنىڭ بىلەن ..

- ياق، بىر تۇنۇشۇمنىڭ ئوغلىغا ئېلىپ بەرمەكچىكەن شۇڭا ...

- ھە ، مۇنداق دېمەمسەن، ئادەمنى قورقاتماي ، تۈشۈك مۇنچاق يەردە قالماپتۇ دەپ بۇ نېمىگىمۇ ئەر چىقىپتۇ- دە، ئاخىر.

-چۇقۇم يۇۋاش، موللا پوك -پوك بالا دېگىنە.  شۇڭىچۇ جەمئىيەتتە سەن بىلەن بىزدەك ئويناپ قويغانغىمۇ يەتمەيدۇ . بولمىسا . مانتا كۆرمىگەن قەلەندە ر قاسقانغا دۈم چۇشۇپتۇ دېگەندەك ..

- بولدى قىلغىن !

- كەيپىڭ تازا  ئەمەس   ئايلىنىپ  كېلىمىزمۇ –يا.  <<توشقان>> دىن ئىككىسى ئۇچىراپ  قالسا <<يەپ >>كەتمەيمىزمۇ !؟

- مېنىڭ تاۋىم يوق، ئۆزەڭ چىقىۋەر ...

- ۋاي ، ماڭساڭچۇ ؟

تاۋىم يوق دېدىمغۇ – ئۇ ئېزىزغا قاتتىق ۋارقىرىدى .ئېزىز ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ  بىر دەم قاراپ تۇرۇپ سىرتقا ماڭدى.

– بولدى ئەمىسە،  ئۇ كەيپىڭ ياخشىلىنىپ، زېرىككەندە تېلېفۇن قىلارسەن

ئۇنىڭ ئىچىنى ئالاقانداق بىر نەرسە سىقىپ تۇراتتى.  بۇ نەرسىنى چۇقۇم چىقىرىۋېتىش كېرەك ئىدى . ئۇ بىرلا ۋاقىراپ ئالدىدىكى شىرەگە  بىر موش ئۇردى . شىرە قېلېن تاش ئەينەكتىن ياسالغان بولغاچقا چېقىلمىدى. پۇخادىن چىقماي  تامنى بىر نەچچىنى تەپتى يەنە پۇخادىن چىقالماي تۇرغاندا گۈلجامالنىڭ رەسىمىگە كۆزى چۈشتىدە  رەسىمنى يىرتىپ پارە - پارە قىلىپ تاشلىدى . ئاندىن كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ كۆزلىرىنى يۇمدى . گۈلجامالنىڭ ئاخشامقى كارۋاتتىكى قىزغىن ھەرىكەتلىرى كۆز ئالدىد،ا  ئېزىزنىڭ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىدە ئىدى . ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالماي ئاخىرى خۇتۇنى بۇرۇن ئۇخلىيالمىغاندا ئىچىدىغان ئويق دورىسىنى تاپتى .

ئەتىسى ئۇ چۈشكە يېقىن ئويغاندى . پۇت -قولى ھالسىز، كاللىسى گاراڭ ھالەتتە ئىدى. چىمچىلاق قولى  ئىشىپ كەتكەن بولۇپ قاتتىق ئاغرىپ تۇراتتى . يۈزىنى يۇيۇپ،  بىرتا ل تاماكا چەكتى . يەردە گۈلجامالنىڭ يىرتىلىپ تاشلانغان رەسىمى چېچىلىپ ياتاتتى  . ئۇ رەسىم پارچىلىرىنى تېرىپ ئېلىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ جىسسىلەشتۈردى . ئۈستەل يۇزىدە  ئەگرى – بۈگرى ئاق سىزىقچىلار پەيدا بولغان داغ چۇشكەن بىر چىراي پەيدا بولدى  ئەمما بۇ چىراي شۇنچىلىك ئوماق، شۇنچىلىك سەبىي ئىدى . ئۇنىڭ تۇرۇپلا گۈلجامالنى كۆرگىسى كېلىپ قالدى . ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئېزىزنىڭ دېگەنلىرىنىڭ  پۈتۈنلەي يالغان بولىشىنى  شۇنداق ئارزۇ قىلدى . بەرھەق ،ئېزىزنىڭ  دېگەنلىرى يالغان بولۇپ قالسىچۇ ؟ ئۇ ئېزىزنىڭ  پات –پات يالغان، ياكى ئاشۇرۇپ سۆزلەپ قويىدىغانلىقىنى  بىلىدىغۇ ؟ ئەمما قىزنىڭ بىرگە بولغان ۋاقىتتىكى  قىلىقلىرى بىلەن قىزلىق يېرى ...

بەلكم بەزى قىزلارنىڭ شۇنداقمۇ بولىدىغاندۇ؟ بەلكىم گۈلجامال ئۇنى ياىشى كۆرگەنلىكتىن .شۇنسدق ھېسياتلىنىپ كەتكەندۇ؟

ئۇ يەنە  تال تاماكا چەكتى . كاللىسى بارغانسېرى سەگەكلىشىپ كېتىۋاتاتتى . ئاخىرى  بۇنداق ئۇيان ئويلاپ -بۇيان ئويلاپ، ئۆزىنى قىيناپ  ئولتۇرغاندىن مەسىلىنى بىراقلا ھەل قىلىۋېتىش نىيىتىگە كەلدى . شۇنداق قىلىش كېرەك!  ھازىر دەرھال گۈجامالنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆزىدىنلا سوراش كېرەك . ئۇنىڭ گەپ- سۆزىگە قاراپ ئۆز ئەقلى  بىلەن  ھۈكۈم چىقىرىش كېرەك .ئۇ شۇلارنى ئويلاپ گۈلجامالغا تېلېفۇن قىلىدى. ئەمما تېلېفۇن ئېتىك ئىدى . سائەتكە قارىۋىدى، چۈشكىمۇ يېقىنلىىشپ قاپتۇ . ھازىر بارسا دەل گۈلجامالنىڭ چۈشلۈك ئارام  ئېلىش مەزگىلىگە توغرا كېلەتتى .ئۇ كىيىملىىرنى كىيىپ ئىشكىنى تاقىدى .

قېرى دەۋۋازىۋەن ئۇنى ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى .چۈنكى ئۇ زاۋۇتقا كوپ كەلمىسىمۇ ھەمەيلەن ئۇنى كىچىك خۇجايىن دەپ تۇنۇيتتى .

- ۋاي ،  كېرەمجان  كېلىپ قاپتىغۇ ؟

- گۈلجامالنى ئىزدەپ كەلگەن – ئۇ يۇشۇرماي ئۇدۇللا ئېيتتى .

دەرۋازىۋەن بىر دەم ھەيران بولۇپ ئاندىن ئېغىز ئاچتى .

-تېخى ئىشتىن چۈشمىدى .

- ياتىقى قايسىدۇ.

- بوۋاي ئىككى قەۋەتلىك ئوينىڭ كەينىدىكى  ئايرىم بىر خىش ئوينى كۆرسەتتى .

- ياتاقنىڭ ئاشقۇچى سىلىدە بارمۇ ؟

ئۇبۇ يەردە تۇرغاندىن ياتاققا كىرىپ تۇرۇشنى لايىق تاپتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرىم ياتاق بولغاندىكىن باشقىلار بىلەنمۇ دۇقۇرۇپ قالمايتتى .ياتاق تاقاق بولۇشى مۇمكىن ئەمما ئادەتتە بىر تالدىن  زاپاس ئاشقا دەرۋازىۋەندە بولاتتى .

-ياتقانى ئېىچىپ بېرەملا ، ئالدىغان نەرسە بارتى .

بوۋاي دىگۇسلاپ يۈرۈپ دىجۈرنى خانىسدىن قاتار ئاشقىلار ئېسىلغان يۇمۇلاق چەمبەرنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭدى .ئۇ ماڭغاچ چۇشەندۈرۈشكە باشلىدى .

- باشقىلار  ئاۋۇ قەۋەتتىكى ئوپچا ياتاقتا . غۇجىدار گۈلجامالنى ئۆزلىرىنىڭ تۇققىنى دەپ دەپ ئاشۇئايرىم ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ..بوۋاي چۈشەنچە بەرگەچ ئاچقىنى تەستە تېپىپ ئىىشكنى ئاچىتى . ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن بىر تۇنۇش يېقىملىق پۇراق ئۇنىڭ دىمىغىغا گۈپپىدە ئۇرۇلدى . بۇ بۇ خىل پۇراقنى ھېلىقى كۈنى كەچ ئۇنىڭ بۇيىدىن قانغىچە پۇرىغان ئىدى . بۇ خىل پۇرقاقنىڭ غدىقلاش كۈچىگە چىداپ تۇرغىلى بولمايتتى. ئۇ <<مۇشۇ يەردە گۈلجامالنى بىر دەم ساقاي >>دەپ  بوۋاينى چىقىۋېتىپ ياتاق ئىچىگە سەپ سالدى . ياتاق ئوبدان جايلاشتۇۇرلغان بولۇپ تامنىڭ يەرنىڭ ئاستىغا قىزىل شىرداق سىېلىنغان ، ئوتتۇرىسىغا قوش كىىشلىك كارۋات قويۇلۇپ  كارۋاتنىڭ ئۈستى قىزىل ياپقۇچ بىلەن يېپىلغان ئىدى . تامنىڭ بىر تەرىپىگە ئىككى دانە يالغۇز كىلشىك سافا قويۇلغان ئىدى . مۇش تۇرقىدىن ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ياتىقى ئىكەنلىكى چىقىپ  تۇرمايتتى . قارىغاندا غوجىدار ئۇنىڭ <<تۇققىنىمى  ئوبدانراق ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭ >> دېگىنىنى ناھايىتى بەك ئەتراپلىق ئورۇندىغاندەك تۇراتتى. ئۇ سافادا ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكا چەككەچ ئوينىڭ تاملرىغا سەپ سالدى . تاملاردا ساپلا ھوللۇۋۇتنىڭ ەر كىنو ئارتىسلىرى بىلەن ھېدىستاننىڭ ئەر ئارتىسلىرنىڭ رەسىمىلىرى ۋە گۈلجامالنىڭ رەسىملىرى ئارىلاپ ئېسىلغان ئىدى . ئەگەر ئۇ گۈلجامالنى تۇنۇمىغان بولسا ئۇنىڭ رەسملىرىنى چەتئەللىك كىنو ئارتىسلىرنىڭ رەسىمىكەن دەپ ئويلاپ  قېلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى ئۇ بۇ  رەسىملەرگە قاراپ ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى . رەسىملەردىكى گۈلجامال ساپلا يېرىم  يالىڭاچ  كىيىنگەن بولۇپ ئۇ دائىم كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بېشىدىن ياغلىق چۈشەرمەيدىغان گۈلجامالغا پەقەتلە ئوخشىمايتتى . پەقەت ئەرلەرنىڭ جىنسىڭ  ھەۋىسىنى قوزغىتىشنى كۆزلىگەن بۇنداق رەسىلەرنى پەقەت  ئەڭ ناچار قىزلارغىلا مەنسۇپ دەپ ئويلاتتى . ئەجىبا گۈلجاما ل ..قارىغاندا ئېزىزنىڭ دېگەنلىرى ۋە ئۆزىنىڭ تۇيغۇسى راست ئوخشىمامدۇ .ئۇ ئاچچىق بىلەن تاماكىنى ئۈستىگە بېسىپ ئۈچۈرمەكچى بولغان شۇ ۋاقىتتا ئۇستەل ئۇستىدە بىر بىر پاپىيونىڭ قەغىزىگە كۆزى چۈشتى . قولىغا ئېلىپ قاراپ چۆچۈپ كەتتى . قايتا – قاراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . بۇ پاپپىيونىڭ ئۈستى تەرىپىگە خەنزۇچە  گۈلجامالنىڭ تېگىدىكى << قىزلىق ئاپراتسىيە>>دېگەن خەنزۇچە خەتكە كۆزى چۈشكەندە كۆزلىرى چەكچىيىپ   ،  مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . ئۇ قايتا- قايتا ئوقىدى خاتالىق يوق ئىدى . ئۇ بۇنداق ئىشنىڭ  بارلىقىنى ئاڭلىغان  ئەمما ...

ئۇ بىردەم  تۇرۈپ قالدى . ئاندىن دەرھال تالۇننى يانچۇقىغا سېلىپ تامدىكى گۈلجامالنىڭ رەسىمىنى شاققىدە تارتىپ ئالدىدە  كانەيچە قىلىپ تۈرۈپ قولىدا تۇقانچە سىرتقا ماڭدى . دەرۋازىۋەننىڭ<< بىردەم تۇرسىڭىز ئىشىتن چۈشەتتى >>دېگىنمۇ قۇلىقىغا كىرمىدى . سىرتقا چىقىپ تاكسى تۇسۇپ تالۇنغا يەنە قارىدى.  تالۇننىڭ ئۇستى قىسمىدا دوختۇر خانىنىڭ ئادېرىسى بار ئىدى . تاكى شوپىرىغا ئېيتىپ بېرىۋېدى . بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى .  ئۇ بىلمەيتتى شۇ چاغدا كالىسىغا بىر ئەقىل كەلدى –دە . تېلفۇندىن  سەھىيە ئىدارىسىدىكى دوستى ياسىىننىڭ نۇمۇرىنى تېپىپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدى .

- ۋەي ، ياسىنما ؟

- ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم . مەن شۇ .

مەن . كېرىم  ، كېرەم  يۈسۈپ ..

- ۋاي بارمۇ  سەن يوقاپلا كەتتىڭغۇ ؟

-بار ، سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم . سەندىن مۇنداق بىر ئىشنى سورىماقچىتىم . سەن ش<<اتلىق دوختۇخانىسى>>نى  بىلەمسەن ؟

-- بىلىمەن . ئۇ شەھەر سىرتىدىكى بىر كىچىك شەخسىي دوختۇرخانا ...

-ئۇ يەر دىكىلەرنى تۇنۇمسەن ، تۇنۇيمەنغۇ دەيمەن  ، تۇنۇساق- تۇنىمىساق بىز باشقۇرىدىغان يەرلە ئۇ .

-ئۇنداقتا ..سەن ھازىر نەدە ؟

- ئىشخانىدا .

- جىددىي ئىشىڭ يوقتۇ.

- ھازىرچە يوق .

- ئۇنداقتا ئىشخاننىڭ  ئالدىغا چىقىپ تۇر .ھەرقانداق  ئىشىڭنى قويۇپ ماڭا شۇ يەرگە بېرىشىپ بەر، بەش مېنتلۇق بىر ئىش بار . كۆرۈشۈپلا يېنىپ كېلىمىز . مەن يەنەئون مىنۇتقا قالماي  سېنى ئالغىلى بارىمەن .

ئۇ ئۆزىنىڭ قايسى خىل ھالەتتە دوختۇرخانىدن چىقانلىقىنى  بىلمەيتتى . قولىدا گۈلجامالنىڭ رەسىمى بىلەن ھېلىقى تالۇ تۇراتتى  .

- چىرايلىقمۇ قىزكەنتۇق . ئۇچ قېتىم ئاپراتسىيە قىلىپتۇ دېسە كىم ئىشىندۇ ، ھەي، ھازىر جاھان بۇۇزلۇپ كەتتى ...ھەراست ،ئۇ سېنىڭ نېمەڭتى .

- بىر تۇققۇنىمىزغا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان قىز.

- نېمە بولدۇڭ چىرايىڭ ئۆزگۈرۈپلا كېتىپتىغۇ ؟

- ھېچنېمە .، ياردەم قىلغىنىڭغا رەخمەت ، مەن قايتاي ساڭا ئايرىم تېلېفۇن قىلىمەن .  

ئۇ شۇنداق  دەپ ياسىن بىلەن خۇشلاشلاشتى. قولىدىكى سۈرەت  ۋە تالۇننى پۇرلاپ- پۇرلاپ ياندىكى ئەخلەت توڭىغا تاشلىۋاتتى . ئاندىن ئېزىزغا تېلېفۇن ئۇردى .

-ئاغىنىىلەرگە تېلېفۇن قىل ، مەن مېھمان قىلىمەن .

-نەگە بارىمىز ؟

- كونا جايغا بېرىپ تازا چىلاشقۇدەك ئىچەيلى .



8



ئۇ ئەتىسى چۈشكە يېقىن گاراڭ ھالەتتە ئورنىدىن قوپتى . ئاخشام ھەددىدىن  ئارتۇق ئىچىۋەتكەنلىكتىن بېشى ئاغرىپ تۇراتتى . قاراپ بېقىۋىدى . يېنىدا قارا مۇتۇق بىز قىز سۇنايلىنىپ يېتىپتۇ . شۇندىنلا ئۇ ئاخشام بىر قىز بىلەن <<جەننەت ئارامگاھى>>نىڭ ئۈچۈنچى قەۋىتىدىكى ياتاقتا يېتىپ قالغانلىقىنى سەزدى . ئەمەلىيەتتە بۇنى ياتاق دېگىلىمۇ بولمايتتى .  كېچىلىرى مەست بولۇپ كېتەلمەي قالغانلار ياكى مۇشۇ يەردىكى <<ئوقەتچى>> قىزلار بىلەن بىللە يېتىپ قالىدىغانلار ياكى ۋاقىتلىق ئىش بىجىرمەكچى بولغانلار يېتىپ قالىدىغان ياتاق شەكىللىك –كىچىك كىچىك ئۆيلەر ئىدى. يېنىدىكى قار امۇتۇق قىز بىر خىلدا ئۇخلاۋاتاتتى . بۇنداق ئۆيلەرنىڭ ئادەتتە دېرىزىسى  يوق ئىدى.  شۇڭا ئۆي ئىچى غۇۋاراق ئىدى . ئۇ ۋاقىتنىڭ قايسى چاغ  بولغانلىقىنى  بىلمەك بولۇپ تېلېفۇننى ئىزدىدى. يەردە پۈرلىشىپ ياتقان ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن تېلېفۇننى تاپتى  . تېلېفۇن ئىتىك  ئىدى . ئۇ تۈنۈگۈن سورۇن باشلىنىش بىلەنلا تېلېفۇننى ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ تېلېفۇننى ئېچىپ تۇرۇشىغا تېلېفۇن سايراپ كەتتى .

- ئۇكام بارمۇ سىز – بۇ موسا قارىمنىڭ  ئاۋازى ئىدى . نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ ئاۋازى ئەنسىز ئىدى .

- ۋاي، نېمىشقا   تېلېفۇننى  ئېتىۋاتىسىز جېنىم ئۇكام ، بىىر كۈن  تېلېفۇن قىلىپ ئالالمىدىم  . دادىڭىز....  

ئۇنىڭ يۈرىگى جىغغىدە قىلىپ قالدى .

- دادىڭىز كېتىپ قالدى ئەمەسمۇ ؟

- نەگە كېتىپ قالدى .

- ئەستا ما بالىنى  دادىڭىز تۈگەپ كەتتى .

- چاقچاق قىلمىسىلا - ..ئۇ شۇنچىلىكلا دېيالىدى .

-بۇنداق ئىشنى چاقچاق قىلغىلى بولامدۇ ئۇكام . تۈنۈگۈن چۇش بىلەن ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچۇراپتىكەن ، سىز بىلەن ئاقىلىشىپ بولالماي، ساخلاپ بېقىپ بامداتقا ئەچىقىپ ساي قەبرىستانلىققا قويۇۋەتتۇق ...ھازىر  مەن شۇ يەردە  ...سىز نەدە؟....ھەي گەپ قىلىڭە ...

- موسا قارىمنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ قۇلۇقىغا كىرمىدى . شۇتاپتا ئۇنىڭ سەگىپ كەتمىگەن كاللىىسى تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىپ قالدى ئۇ بىر دەم تېڭىرقاپ ئولتۇرۇپ ئارقىدىن  ئالمان - تالمان كىيملىرىنى كىيشكە باشلىدى .كارۋاتتىن چۈشۈشىگە بىرسى ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلدى .

- نەگە؟

ئۇنىڭ شۇ تاپتا گەپ قىلىشقىمۇ مادارى يوقتى . قولىنى تارتىشتۇرۇپ ئالدىغا مېڭىۋىدى ھېلىقى قول ئۇنىڭغ تېخىمۇ كۈچلۈك ئېسىلدى .

- قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ ، بېكارغا ماڭدىغان دادىڭىزنىڭ سامانلىقى  ...

ئايالنىڭ  گېپىنىڭ  يېرىمى ئاغزىدا قالدى . چاڭڭىدە تەككەن بىر شاپىلاق بىلە ن ئايال  ئارقىغا ئۇچۇپ كېتىپ ئۇنىڭ قولى بوشىدى. ئۇ يۈگەرگەنچە  ئۆزىنى ئىشىككە ئاتتى .



9



.ئۈچ  نەزىر ۋە يەتتە نەزىر ناھايىتى ئاددىي ئۆتتى . پەقەت مەچىت قوۋمى بىلەن مەھەللىدىكىلەر ئانچە- مۇنچە كېلىشتى . يىغا - زارە بولۇنمىدى. پەقەت  تولۇق گىرىمىنى ياغلىق ئىچىگە يۇشۇرۇۋالغان ياش ئۆگەي ئانىسىنىڭ مېھمانلار كەلگەندە ئاندا – ساندا يىغلاپ قويۇشىلا بۇ نەزىردىكى بىردىن بىر قايغۇنى ئىپادىلەش شەكلى بولدى . دادىسنىڭ  ئۇرۇق- تۇقانلىرى  يوق بولۇپلا قالماي تۈززۈك  ئەل- ئاغىنىلىرىنىڭ يوقلىقى بىلىنىپ قالدى . دادىسى گەرچە  زاۋۇت قۇرۇپ پۇل تاپقان  بولسىمۇ يۇز تاپمىغانلىقىنى پەقەتلا پۇل تاپقانلىقى ئاشكارە بولدى .   پۇل تېپىش بىلەنلا بولۇپ ئەل جامائەتكە ئارىلاشمايدىغان ھېچكىمنى ياراتمايدىغان بۇ ئادەمنىڭ ئۆلىمىمۇ ، ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمۇ ئىنتايىن قەدىرسىز ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى . ئۇ تۇرۇپلا  ئۆزىنىمۇ دادىسى بىلەن ئۇخشاشتەك  سېزىپ قالدى . ئۇ بۇرۇن ئۆزىنى دادىسىغا قارىغاندا  دوست تاپقان، ئاغىنىلىرىم جىق  دەپ ئويلايتتى .  ئەمما بۇ جانجىگەر دوستلىرى ئۇنىڭ بلەن ھاراق سورىنىدا، قىزلار سورىنىدا بىللە  ھە - پە دېيىشىپ ئولتۇرشقىلا يارىغان بىلەن ھالقىلىق ۋاقىتقا  كەلگەندە  تۇتامغا چىقماي قالدى . ئۇ  يۇزۇم بار ھۆرمىىتم بار دەپ ئويلايتتى .ئەمما ئۇزىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئورنىنىڭ بەك پۈچەك كىشىلەر ئارىسىدىلا ساخلىنىپ قالغانلىقىننى سەزدى .

ئېزىز قاتارلىق بىرنەچچىسى  سائەت توققۇزلارغا كېلىپ ھاراقتىن قىزارغان كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ    پولۇ يىيىشكەندىن كېيىن   <<ياسىننىڭ غۇلجىدىن  قىز دوستلىرى  كېلىپتىكەن ،دىككىدە شۇلارنىڭ ئالدىغا بىر چىقىپ  كېلىلى>> دەپ  بىر كېتىپ قالغانچە يوقاپ كېتىشتى . راخمان توخماقتىن رەنجىگىلى بولمايتتى . مۇشۇ كۈنلەردە  ئۇ يەنە تۈرمىدە ئىدى .ئۇ باشقىلاردىن راخمان قارا  گورۇكتىكىلەر بىلەن ئۇرۇۇشۇپ قېلىپ  بىر ئادەمگە پىچاق تىقىۋېتىپ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى چالا- پۇچۇق ئاڭلىغان بولدى  . ئۇنىڭ ھەر- ھالدا ئۇغۇلبالا دارچىلىقى بار ئىدى. تۈرمىدە بولمىغان بولسا  كېلىپ ئۇنىڭ پۇتىغا پۇت، قولىغا قول بولالمىسىمۇ يېنىدا تۇرۇپ بەرسە كۆڭلىگە تەسكىن تاپاتتى . ئۇ شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىكى  ئەل- ئاغىنە، دوست بۇرادەر دېگەن ئويناپ كۈلۈپ يۈرگەندە  ئەمەس، بېشىغا كۈن چۈشكەن، قايغۇرغان چېغىدا ئەڭ بەك كېرەكلىك ئىكەن. ئۇ بۇرۇن  چۈشەنمىگەن ، دوستلىرىغا ئۇ كېرەك بولغاندا  ئۇلارنىڭ يېنىدا بولالمىغان، ئۇلارنى يۇۋاش، ئۇيۇن ئويناشنى ئوقمايدۇ دەپ تاشلىۋەتكەن ئىدى .  ئاشۇ دوستلىرىنىڭ ئىچىدىن بىرنەچچىسى ئۇنىڭ يېنىدا باشتىن ئاياق تۇردى .ئۇ ئۇلار بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى كۆڭلىنىڭ  بۇۇندقىدەك ئۇنداق بەك يېقىن ئەمەىسلىكىنى  ئارلىقىنى ئەسلى ئۆزى  ئۇزارتىۋەتكەنلكىنى ھېس قىلدى. غايىلىك ، قائىدىلىك ،مۇھەببەت - نەپرىتى ئېنىق بۇ <<يۇۋاش >> ئاغىنىلىرنى ئارلىقتا ئۇ كەمستىكەن ئىدى . ھالا بۈگۈنكى كۈنگە  كەلگەندە  مۇشۇ <<يۇۋاش >>ئاغنىلىرىنىڭ خېلىلا ئىش ئۇقىدىغانلىقىنى  بايقاپ قالدى .   بولۇپمۇ  ئۆزى يامان كورگەن موسا قارىم ،  ئىچ ئاغرىتىپ ئاندا ساندا ياردەم قىلىپ قويغان ئايشەمخان ،  ئۆزى ھەيدىۋەتكەن ئايالىدىن ئالەمچە خۇش بولدى . ئۇلار باشتىن -ئاخىر ئۇنىڭ بىلەن بىللە  بولدى. بولۇپمۇ ئايالى  قاردەك ئاپپاق ياغلىق ۋە  ئۇزۇن كۆڭنەك بىلەن ئۈچ نەزىردە پەيدا بولغاندا  ئىشلارنى  رەت -رېتى بىلەن جايلاشتۇرۇپ يۈگۈرەپ يۈرگىنىدە ئۇنىڭغا  خۇددى پەرشتىدەك بىلىندى . ھەم قىلغان ئەتكەنلىرىدىن خىجىل بولدى . ئۇ مۇشۇ كەمگىچە شۇنچە كوپ قىزار بىلەن ئارىلاشقان بولسىمۇ بىرىدىنمۇ تېلېفۇن  كېلىپ قويمىدى . ئۇ ھاتتا ئاشۇ كۈنلەردىمۇ گۈلجامالدىن تۇيۇقسىز تېلېفۇن  كېلىپ قېلىشىنى كۈتتى . ئەگەر شۇنداق  بۈلغاندا ئۇلار  ئەر خۇتۇن بولمىسىمۇ دوستلىقنى  ساقلاپ قلېىشى مۇمكىن  ئىدى . ئەمما ئۇ ئالتىنچى ئاينىڭ پاقىسىدەكلا يوقاپ كەتتى . ئۇ بۇ يەتتە كۈن جەرييانىدا تۇرمۇشنى قايتا چۈشەنگەندەك بولدى ھەم  ھەممە ئشىنى كۆڭلىگە سېلىپ دىتلاپ قويدى . بۈگۈن يەتتىسىنى بېرىپ بولۇپ ئۆيدە  يالغۇز قالدى . ئايالىمۇ كەتكەنىدى .  ئۇ ئەينەك  ئالدىغا كېلىپ يەتتە كۈندىن بۇيان  تۇنجى قېتىم ئەينەككە قارىدى . ئۆزىنى  تۇنۇيالمىغىلى تاس قالدى . ئەينەك يۈزىدە چاچ -ساقاللىرى ئۆسكەن، كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان بىر كىشى ئۆزىگە قاراپ تۇراتتى .ئۇنىڭ تۇرقى خۇددى ھېكايە -چۆچەكەلەردىكى ئاشىق -دىۋانىلەرگە ئوخشايتتى . مۇشۇ تۇرقىدا  ئۆزىنى يەتتە  ياش قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ گېلى قىچىشىپ بىر تال چەككىسى كېلىپ قالدى . بىر ھەپتىدىن بۇيان  تاماكىنى ئاغزىغا ئالمىغان ئىدى . سىرتقاق چىقىپ  تاماكا سېتىۋېلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدى . تۇيۇقسىز ئىشكاپ ئىچىدە تاماكا بارمىدۇ دېگەن خىيال بىلەن ھەممە ئشكاپنى ئاختۇرۇپ چىقتى . ئۇ ئادەتتە يېرىم كېچىدە تامكا تۈگەپ قالسا چېكىش ئۈچۈن بىرەر قاپنى كۆزدىن نېرى قويۇپ قوياتتى . تاماكىنىمۇ تاپتى . تاماكا بىلەن تەڭ يەنە بىر نەرسە قولىغا چىقتى . ئۇ بىرتال چەككەچ  بىر پارچا كىچىك رامكىغا ئېلىنغان سۈرەتنى  قولىغا ئېلىپ ئۇزاق قارىدى . ئەينەكنىڭ ئىچىدە بىر ئەر بىلەن بەش - ئەلتە ياشلىق بىر ئوماق بالا قۇچاقلىشىپ تۇراتتى .

مانا مۇشۇ ئەينەكتىكى  ئۇرۇق، ئىگىز، قارا قاشلىق كۆزلىرى  چوڭ  ئادەم ئۇنىڭ ئاتىسى ئىدى . تۇيۇقسىز يەتتە كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن  تۇنجى قېتىم ياشلار تاراملاپ چۈشتى. ئۇ دادىسسىنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى ئاڭلىغاندا ، تۇپراق بېشىغا چا لا مەست –مەينەت پېتى يۈكۈنگەندە كۆزىدىن ياش ئاقمىغانىدى .  چۈنكى ئۇنىڭ دادىسىغا بولغان ھېسياتى بىر خىل مۇرەككەپ ھېسسيات ئىدى . يېقىنلىقتىن بەكراق ئارىلىق ساقلانغان ، مۇھەببەتتىن بەكراق نارازىلىق ئورناپ كەتكەن ھېسسيات ئىدى . ئۇ مۇشۇ رەسىمدىكى كىشىنىڭ   ئۇنىڭ مۇشۇ دۇنيالىقتىكى بىردىن يېقىن كىشىسى ئىكەنلىكىنى بۇرۇن پەقەتلا ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدى . ئۇ ئاتىسىنى يۆلەنگەن  تېغى دەپ  ھىس قىلمايتتى . ئۇ  ئاتىسىنى ئىزچىل ياقتۇرماي كەلگەنىدى .  قاچان ئەقلىنى تاپقاندىن بۇيان  دادىسى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۈركۈلۈش تۈگىمىدى.  ئۇ ئىزچىل دادىسىنى ئەيىبلەپ كەلدى.  يۇز، تۇرانە  گەپ قىلمىسىمۇ ئانامنىڭ  ئۆلىمىگە  دادام سەۋەبچى  دەپ ئىچىسە غۇم ساخلاپ كەلدى . بەزى چاغدا دادىسنىڭ ئانىسىغا سالغان كۈلپەتلىرىنى  ئويلاپ ئاچچىقتا  دادىسىغا ئۆلۈم تىلەپمۇ سالغان ئىدى  . مانا ئەمدى دادىسى  ئۇنىڭ كۆزىدىن مەڭگۈ غايىپ بولغاندا  شۇنچىلىك قەدىرلىك بىلىنىشكە باشلىدى . ئۇ خۇددى ئۆزىنى دۇنيادا  تىكەندەك يالغۇز ھېس قىلدى .  ئۇ مۇشۇ كەمگىچە دادىسى بىلەن بىللە ئۇزاقراق  مۇڭدىشىپ باقمىغانلىقىنى ئويلاپ ئۈگۈندى .ئۇ  ھەتتا دادىسنىڭ چىرايىنىمۇ ئاخىرقى قېتىم كۆرەلمىگەنلىكىنى ، جىنازىسىنى كۆتۈرۈپ   ھازا ئېچىپ ماڭالمىغانلىقىنى ئويلىغاندا ئۆز – ئۆز ئۆزىدىن قاتتىق نۇمۇس قىلدى . دادا دېگەن مەيلى قانچىلىك ئەسكى، بۇلۇمسىز بولسۇن يەنىلا ا بولسىمۇ ھايات تۇرۇپ بەرسە شۇنىڭ ئۆزى كۇپايىكەن ئەمەسمۇ ؟

تېلېفۇن سايراپ كەتتى .

- ئەسسىلامۇ ئەيكۇم .كىممۇ ؟-ئۇئۆزىنىڭ ئاۋازىنى يىغلامسىرىغاندەك چىقتى. قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىدن بەكراك ئەنسىز ئاۋازى كەلدى .

- كېرەمكا . مەن ئاينۇر ، ئۇلار دۇكاننى پىچەتلەيمىز دەيدۇ.

- نېمە ؟ نېمېنى پېچەتلەيدىكەن ؟

- مەنمۇ ئۇقمىدىم ، بانكىدىن بىر نەچچە ئادەم كېلىپتۇ . سىز دەرھال كېلەمسىز.

- ئۇ كۆزلىرىدىكى ياش يۇقىنى يېڭى بىىلەنلا سۈرتۈپ ئۆزىنى ئىشىككە ئاتتى .

- دۇكاننىڭ ئەتراپىنى ئادەملەر ئورىۋالغان بىر نەچچە ھۆكىمەت خىزمەتچىسى تۇرقىدىكى ئادەملەردۇكاننىڭ ئىچىى تېشىغا  قاراپ بىر نەرسىلەرنى يېزىۋاتقان ئىدى . ئاينۇر بىر بولۇپدا سالپىيىپ ئولتۇراتتى.

- نېمە ئىش بولدى –دېدى ئۇ ئۇلارغا قاراپ

- دۇكاننى پىچەتلەيمىز دېدى ئارىدىن بىرى ياش ئايال قوپاللا قىلىپ .

- نېمىشقا پىچەتلەيسىلەر ؟

-خاتىرە يېزىۋاتقان ، ئايال بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆز ئەينىكى ئىچىدىن ئۇنىغا باشتىن –ئاياق بىر ھۆمىيىپ قارىۋاتقاندىن كېيىن ئېيتتى .

- پېچەتلەپ ساتىمىز ، قانداق نېمىسەن خىزمەتكە توسقۇنلۇق قىلماي بۇ يەردىن چىقىپ كەت .

- بېشىم ،يۇمۇلاق ، پۇتۇم ئاچىماق ، ساڭا ئوخشايدىغان نەرسىمەن . مېنىڭچە چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ئادەم سەن . سودىىنى بۇزماي دەرھال چىقىپ كەت . – كېرەم شۇنداق دەپلا دەرھال ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپلا سىرتقا ئىتتىىرىۋەتتى.

- سەن تېخى ئادەم ئۇرماقچىما ، قېنى ئەمدى ئۇرۇپ باقە لۇكچەك ، قەلەندەر –ئايال ئۇنى ھە دەپ تىللايتتى .

-  مانا ئۇرۇش دېگەن –كېرەم ئايالنىڭ گېپىگە چىدىماي ئالدىغا ئېتىلىىۋىدى بىر نەچچە ئايالنىڭ بىرنەچچە خىزمەتچلىىرى ئۇنى توسىۋالدى .

- بولدى قىلىڭ ،ئۇكام ئاچىققىڭىزغا ھاي بېرىڭ،- ئارىدىن بىر سېمىز ياشانغان خىزمەتچى ئۇنى سورەشتۇۈرۈپ كېلىپ ئۇرۇندۇقتا ئولتارغۇزۇپ قويدى .ھەم ئۇنىڭ بېلىدىى ئاققا بىر قارىۋېتىپ ئېيتتى .

- ئايال كىشى بىلەن تەڭ بولماڭ ، ئۇنىڭ مىجەزى  شۇنداق ؟

- ، ئۇنىڭ مىجەزى ئۇنداق بولسا مېنىڭ مىجەزىم ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ؟

-ئۇناق دېمەڭ ، ھۆكىمەت خىزمىتىنى تۇسقۇنلۇق قىلسىڭىز قامالشماس .

ئۇنىڭ ھۆكىمەت خىزمەتچىسى  بولۇشقا لايىقمىكەن ؟ مېنىڭچە ئۇ ئۇبۇرنا تازلىسا بولغىدەك .

- ماڭا قاراڭ ، قارىسام جىق ئوقۇمىغاندەك تۇرۇسىز، نېمە قىلىسىز يوقىلاڭ ئىشلارغا ئارىلىشىپ زىيان تارتىپ قالغىچە گېپىمنى ئاڭلاپ كېتىڭ بولامدۇ . ھېلى ساقچى كېلېپ قالسا ..

-شۇنداق مەن ئوقۇمىغان ئادەم ،ئەمما قايسى قانۇندا ئوقۇمىغان ئادەم ئۆز مال مۈلكى دەخلى تەرۇزغا ئۇچىرىسا ئۇنىڭ قوغداش ھوقۇقى يوق دەپ يېزىلغانكەن سىز ، ماڭا دەپ بېرەلەرسىمۇ ئوقۇغان ئاكا .- كېرەم ئۆزنى تۇتۇۋېلىپ تەئەددى ئارىلاش بۇ سالاپەتلىك كىشگە قارىدى .

سېمىز ئادەم ئۇنىڭ  ئۈستى –بېشىغا بىر قۇر نەزەر سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ھەيرانلىق بولۇپ سورىدى .

- سىز بۇ دۇكاننى  ئىجارىگە ئالغان كىشىمۇ ؟

-نېمە ئىجارىكەن بۇ دۇكان مېنىڭ .

- ياق ، خاتالاشتىڭىز بۇ دۇكان ئەسلى ، <<يالقۇن>>باسما زاۋۇتى باشلىقى يۈسۈپ ئەپدىنىڭ ، لېكىن ئەمدى بۇ دۇكان بانىكىنىڭ بولۇپ كەتتى ؟

- بۇ نېمە دېگىنىڭىز ، مەن يۇسۇپنىڭ ئوغلى بۇ دۇكان مېنڭ .بۇ دۇكاننى دادام مېنىڭ نامىغا يازدۇرۈپ بەرگەن .

- شۇندااقمۇ دەيلى ئەمىسە قولىڭىزدا ئىسپات بارمۇ؟ يەر ئىگە دارچىلىق ھوقۇقىكىنىشكىسى بارمۇ ؟

ئۇ لەسسد بوشۇششۇپ كەتتى .كىنىشكىنى 6ئايبۇرن دادىسى ئىشلىتىمەن دېسە ئاپرىپ بەرگىنى يادىدا ئىدى . شۇچاغدا زاۋۇت خوقىدارى ئالىم پەيدا بولۇپ ئۇنى بر يانغا تارتتى .

- بۇ مۇناق ئىش كېرەمجان سىزگە دەپ قوياي دەپ ئويلىغان لېكىن قارىلىق بولغاچقا نەزىر ئۆتكەندىن كېيىن دەپ دەپتىمەن . بۇلارنڭ بۇنداق بالدۇر كېلىۋېشىنى ئويلىماپتىمەن . دادىڭىز 6ئاۇ بۇرۇن ئىچكىرىسىدىكى ياڭ ئاتلىق بىلەن سودىگە ر بىلەن بىرلىىشپ زاۋۇت قۇرماقچى بولۇپ بانكىدىن زاۋتنى ۋە مۇشۇ دۇكاننى رەنىگە قويۇپ 10مىليۇن قەرز ئالغان . ھازىر ئۇ پۇلنىڭ ئورنى يوق .بۇنى ھېچكىم بىلمىدى . زاۋۇتىڭ كىنىشكىسى بىلەن دۇكاننىڭ كىنشىكىسى قەزز ھېسابىدا باكىنىڭ قولىدا رەنىگە قويۇلغان شۇڭا قانۇنىي جەھەتتىن دۇكان ۋە زاۋۇت شۇلارنىڭ ئىلكىدە .

كېرەم لاسسدە بوششۇپ  كەتتى .

- ئەمما دۇكان كىنىشكىسى مېنىڭ نامىدا ئىدىغۇ؟

-كىنىشكىنى دادىڭىز ئۆز نامىغا يۆتكەپ ئىشلەتكەن .

ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدى . ئالىم ھلىقى سىمىز ئادەم بىلەن قىسقىچە  پاراڭلاشقاندىن كېيىن ھېلىقى ئادەم ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى .

-ئۇكام ، بۇ ئىشنى دەل كەينىگە سۈرۈپ تۇرايلى  ، ئەتىگىچە ئاچىققىڭىز يانغاندا ئىشخانىغا بېىڭ ، شۇ يەردە  دېيىشەيلى .

ئۇ ئۆيگە قانداق ھالەتتە كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ياشناتقان ھۆكىرەتكەن بىرىدن بىر مۈلكى ۇشۇ دۇكان ئىدى . دۇكدن بولغانلىقلا كۆڭلى توق ، قولى ئۇزۇن ئىدى ، ئەمدى بۇ دۇكدندىن مۇشۇنداقلا ئايرىلىپ قالدىمۇ ؟ ئەجىبا دادىسى ئۇنىغا مۇشۇنچىلىك نەرسىمۇ قويماي ، سۆرەپكەتتىمۇ ؟ شۇ تاپت ائۇ دادىسىدن قاتتىق نەپرەتلەندى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى ئايالنىڭ ئۇنىڭغا مەڭسىتمىگەنلەرچە قىلغان مۇئامىلىسى غەزىپىنى قوزغاپ تۇراتتى . ئۇ تاماكا چېكىپ ئولتۇرپ تۇيۇسىز تىكلىمە ئەيننەك ئالدىدىكى تۇرقىغا قاراپ قالدى . ساقاللىرى ئوسكەن ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان ، بىشىغا  كىرلەشكەن دوپپا ، ئۇچىسىغا كېلەڭسىز كونا پەلتونى كىيىپ يىپ بىلەن باغلىۋالغان بىرسى ئۇنىڭغا تىلەمچىدەك  قاراپ تۇراتتى. ئسلى ھلېقى ئايالنىڭ ئۇنى كۆزگە ئىلمىغنى راستكەن . دادىسى تۈگەپ كەتكەن شۇ چاغدا  ئۇ قارىلىققا كىيىدىغان كىيىم تاپالماي  تىپپىرلاپ يۈرگەندە بۇ كىيملەرنى موسا قارىم تېپىپ ئۇنىڭغا كەيگۈزۈپ قويغاندى . شۇنىڭدىن بۇ كىيمنى ئۇچۇسىدىن ئالمىغان ئىدى . ئۇ ئكزنى تۇيۇقسىز راستلا قەلەندەردەك ھېس قىلىپ قالدى . شۇ پەيىتتە تېلېفۇن سايراپ كەتتى .

- جان بارمۇ؟

- يوق !

- چاقچاق قىلماي دەرھال كونا جايغا كەل . چىرايلىق قىزلار بىلەن بىرلىشىپ قارىقىڭنى ئۇشتىۋېتەيلى .

ئۇ غەزەپتە يېرىلىشتىن ئوزىنى ئاران تۇتۇپ قالدى .

- ئاداش مەن تاغدەك بىر ئادەمنى توپىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغىلى ئاران يەتتە كۈن بولدى . خىجخل بولماي شۇ گەپنى دەۋاتامسەن ؟

ئۇ شۇنداق دەپلا تېلېفۇننى قويىۋېتىپ ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى . ئۇ ئۆرە تۇرغۇدەك مادارىنىڭ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى .



10



ئۇ ئۈچ  كۈندىن بۇيان ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ سرتقا چىقمىدى . ئۇ ئۆزىنى ھاياتتا ھېچ نېمىسى قالمىغاندەك سەزدى . ئادۇكات يالاپ ھېساباتنى ئېنىقلاش ، ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ياڭ دېگەن كىشنى تېپىش ،سوت ۋە شىرەتىكەلر بىلەن كۆرۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىلگىر كېيىن بولۇپ 2ومىڭ يۈەن خەجلىگەن بولسىمۇ بۇ پۇللار ئاخىرى نەتىجىسىز ھاۋاغا تۇزۇپ كەتتى . دۇكان ۋە زاۋۇت بانىكىغا ئۆتكۈزۈلۈپ سېتىۋېتىلدى. زاۋۇتتىىغۇ ئەزەلدىن تامايى يوق ئىدى. ئەمما دۇكىنى سېتىۋېتىلگەندە ئۇ  ئۆزىنىڭ ھاياتى ، قىممىتى ۋە بۇندىن كېيىنكى تەغدىرىنىڭ دۇكان بىلەن تەڭ قۇشۇپ سېتىۋېتىلگەندەك بولۇپ قالدى .دادىسىدىن  تۈگەپ كەتكەندە ئۇ ئۆزىنى يەككە – يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلغانىدى . دوكىنىدىن ئايرىلغاندا  بولسا ئۆزىنى ئەڭ بىچارە سەزدى .

ئۇ ئىگىسى ئويدىن قوغلىۋاتقان مۇشۇكتەك تۈگۈلۈپ ياتقاندا ئىشىك چېكىلدى .

- بارمۇسەن. ھەي ئۇكا.

ئىش تۈۋىدە موسا قارى نۇر چېچىپ تۇراتتى .

يائاللا ، نېمە دوزاقتەكلا  قاراڭغۇغا بېكىنىۋالدىڭ ، ئوت كەتكەنمىكىن دەپتىمەن ئۆيىڭگە نېمە ئىس بۇ ؟ ئۆھۆ..ئۆھۇ..- موسا قارىم كىرىپلا تامكىنىڭ ئىسىدا يۆتۈلپ كەتتى،.

- بولە ،بول ئىىشك دېرىزىلەرنى ئاچە ؟ - ئولتۇرۇپ قالغان قېىر قىزدەك ئىسالپ ئولتۇرماي، ئەستا ، شەيتان ئاغزىمنى بۇزۇۋتتىمما ماۋ بالىنىڭ قىلغان قىلىقىنى؟

-موسا قارىم سۆزلىگەچ ئۆزى پەردىلەرنى قايرىپ دېزىزىلەرنى ئېچىۋەتتى . ئادەم دېگەننىڭچۇ ، ئەتراپى يۇرۇق تۇرمىسا ، كۆڭلى قاراڭغۇدا قالىدۇ .پاھ ، پاھ  ماچۇ مەينەتچىلىكنى ، مەينەت يەرگە شەيتان ئامراق ، پەرىشتە كەلمەيدۇ دېگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭ .قوپە  ئۆيگە شامال ئۆتكىچە بىزنىڭكىگە چىقايلى ، قۇرنەم ھەدەڭ ئوخشىىتپ قويغاش  قىلدى .

- تاماق يىگىم يوق .

- نېمە دەيدۇ ما بالا ،تاماقنىمۇ يىگىم بار ، يىگىم يوق دەپ يەيدىغان نەرسىما ، ئۇغۇل بالا بولغاندىىكىن ئۆلسەڭمۇ قوسىقىڭنى توقلاپ ئۆلىدىغان .بولە ..

موسا قارىم ئۇنىڭ قولىدىن سۆرەشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۆيىگە ئەچىقتى . ئايالى داستىخان سېلىپ قويغاشنى  ئەكىردى .ئاشنى مېزىلىك پۇرۇقى دېمىقغا ئۇرۇلدى. ئىككى كۈنددىن بۇيان قۇرق چۆپنى سۈقاش قىلىپ ئىچىپ يۈرگەنلىكتىن ئاش كۆزىگە ئوت كۆرۈندى . ئاش ئوخشىغان ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە موسا قارى ئۇنى دەپ بۇنى دەپ يۈرۈپ جىق يىگۈزىۋەتتى . قىززىق چاي ۋە ئىسسىق ئش ئۇنىڭ تېنىگە ئازىراق مادار قوشقاندەك بولدى .

- ھە ، ئەمدى گەپكە كېلەيلى ، قانداق پىلان بار ئۆزەڭدە – موسا قارىم تاماقتىن كېيىن قولىنىسۈرتۈپ بولۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى .

- ھېچقانداق ..قانداق پىلان بولماقچىتى ..

- چۈمىلە چېغىدا بىر پىلان بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ . ئادەم تۇرۇپ پىلان بولمىسا قانداق بولىدۇ .

- ئۆلىۋالماقچىمۇ ، ياشىماقچىمۇ ؟ شۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆزى بىرەر پىلان قۇرغاندىمىز ؟

ئۇ جىمجىت بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇراتتى .

- خوش ئۆلىۋېشلىشقۇ نىيەت يوقتۇ؟

- ياق ، تېخى . ..

-ئۆلۈشقۇ ئاسان ئۇكا ، ئەمما ئۇ يارىماسنىڭ ئىشى .ئىگسىمۇ راۋا كۆرمەيدۇ ،قارا يۈز بولۇپ كېتىدىغان ئىش . - خوش ئۇنداقتا ،  ئۆلۈشكە بولمايدىكەن ياشاش لازىم . ياشاش ئۈچۈن تىرىكچىلىك قىلىش كېرەكتە . بۇندىن كېيىن قانداق تىرىكچىلىك قىلاي دەيسەن ؟

- بىلمىدىم .

- كونىلاردا خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تات دەيدىغان گەپ بار .چوڭ گەپنى بۇدنىن كېيىن قان بېقىشىڭغا ئەست قاتقىدەك قايسى ھۈنەرنى بىكلىسەن بۇنى دەڭسەپ باقتىڭمۇ؟

ئۇ ئويلاپ قالدى . بندىن بۇرن پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان بى رئىشنى سوراۋاتاتتى . ئۇ مۇشۇ كەمگىچە شېئىر يېزىپ ،دۇكان ئ.ېچىپ كەپتۇ . شىائىرلىقنى سنۈر دېگىلى بولمايتتى شائىلرلىق قىلپ قان بېىقىشنى شائىرلارلا ئەمەس چكىك بالىلارمۇ بىلىدىغان ئەققەلىي قائىدە . دۇكان ئېچشقا كەلسە ئەمدى ..نېمىنى ئاچىدۇ ..

-ياق تېخى ..

- كۆڭلىڭ ئەمەس ، كۆزىڭ يېتىغان ئىشنى – دە . نېمە قىلساڭ بەك ماڭدۇۇرپ كېتەلەيدىغاندەك قىلىسەن ؟

- مۇشۇ كەمگىچە دۇكان ئېچىپ كەپتىىمەن . شۇنى ئوبدان قىلالامەن .

- ھەببەللى مانا ئەمەسمۇ ؟ ئۇنداتا يەەن شۇنى قىل !

- ئۇ ېيىقىا كۈلۈپ قويدى . ئەمدى نېمىگە ئاچىمەن .دۇكانمۇ ، دەسمىيمۇ يوق ؟

- خوش قولدا برى تىيىنمۇ يوق دېگىن .

-بولىشىغۇ بار ، 5مىڭدەل بار .

- بەش مىڭما ئاز پۇل ئەمەس . كوچىدا  ئاياق مايلاپ يۈرگەنلەر بىر يىلدا تاپالمايدۇ . ئۇنى ..

ئاندىن موسا قارىم ئايالىنى توۋلىدى .

-ھاي قۇرنىخان ئاچىقىڭلا شۇ نەرسىنى ؟

ئايالى بىر ياغلىقتىكى نەرسىنى ئەچىقىپ موسا قارىمغا سۇندى .

- سىلىمۇ ئولتۇرۇڭلار ، - موسا قارى ئايالىغا شەرەت قىلىپ ياغلىقنى يەشتى . ياغلىقتىكى 50تەڭگە ۋە يۈز تەڭگىلىكتىن باغلانغان پۇل ئىدى .

- ئۇكام ،ئەمىسە ماۋۇ پۇللار ھەدەڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ھالادىن يىققان پۇللىرى بۇنى ساڭا قەرز بەرگەن بولىمىز . يىل ئاخىرىدا ساق قايتۇرساڭلا بولدى . بۇنى يېنىڭدىكى بىلەن قوشۇپ ئۇرقلۇق قىلغىن . دۇكانغا كەلسەك كىچىك،  كۈرۈمسىز بولسىمۇ ، دوخىمۇشتىكى دۇكاننى بىلىسەن شۇلاردىن بىرسى ھازىر بېكار تۇرىۋاتىدۇ .شۇنى ئوڭشاپ تىرىكچىلىك قىلامسەن ؟

- ئىجارىسىنى يىل ئاخىرىدا بىرەمسەن ياكى تاپقانچە بېرەمسە ن ، بەرسەڭلا بولدى . كۆزىڭگە  كىرىۋالمايمىز . ئۇغۇلبالا دېگەن يىقىلغان ئورنىدن دەس تۇرۇپ ، درۈڭ دۈرۈڭ مېىڭىپ تۇرسا ئاندىن يەرمۇ كۆتۈرگىنىگە خۇش بولىدۇ .قېنى ئالاھ ا قولىڭغا بىر ...ياپىر دەپ بىر  ئورنىڭدىن بىر  تۇرە..

ئۇموسا قارىمنىڭ گېپى بويىچە ياپىر دەم ئورنىدىن دەس تۇردى. تۇرىدىيۇ ،تاماقنى بېشى قېيىىپ سەل مەڭدەپ  قالدى.



11



بۇ بىر چوڭ شەھەر ، بۇ  خىلمۇ –خىل ئادەملەر بىلەن تولغان  شەھەر. بۇ شەھەردە خۇددىي دۇنيانىڭ ئۆگزىىسنى  تىرىۋالماقچى بولغاندەك قارىسىڭىز دوپىپىڭىز چۈشۈپ قالىدىغان ،، يالىسىڭىز تىلىڭىزغا كىر قونمايدىغان بىنالار،داچىلار، رەستىلەر دۇكانلارمۇ، مەينەتلىكىدىن ئەخلەتلەر ئاي - ئايلاپ چىرىپ تۇرىدىغان ئارقا كۆچىلار ، سۈيدۈك  پۇراپ تۇرىدىغان بۇلۇڭ پۇشقاقلار ،ئايىقى چىقمايدىغان  خالتا كۆچىلارمۇ بار .  يەنە  كىىشلەرنى ئىبادەتكە چاقىرىپ تۇرىدىغان  مەچىتلەر،چېركاۋلار ، ئىلىمگە چاقىرىپ تۇرىدىغان مەكتەپلەر ، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە جەلب قىلىدىغان ، مەيخانا، بەزمىخانىلارمۇ تەڭلا مەۋجۈد . بۇ ھەرگىزمۇ 19  ئەسىرىدىكى پارىز ، ياكى پېتىربورىگ ئەمەس ،   بۇ يەردە  نىۋا كۆچىسىمۇ يوق . ئەمما شۇنىڭغا ئوخشايدىغان كۆچىلار، ئادەملەر بار ، بۇ يەر ھەتتا ئۇ يەرلەردىىنمۇ قېلىشقۇسىز قايناق ، بىر قارىسىڭىز ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ . پاكىز ، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان، قاسماق، ئەبگا، چىرايىدىن  مىسكىنلىك چىقىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ دائىم ئۇياقتىن – بۇياققا ئۆتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرەلەيسىز . ئەمما سىز زادى قايسىسىنىڭ پاك ، قايسىسىنىڭ ناپاك  ئىكەنلىكىگە بىر نېمە  دېيەلمەيسىز .  پاكىزلىق بىلەم مەينەتچىلىك ئەزەلدىن بىرلا ۋاقىتتا تۇغۇلغان . شۇڭا كۆپۇنچە ئارىلىشىپ كېتىدۇ .   سىز بۇلارنى بىلىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .  قۇمدەك كوپ ئادەملەر ئىچىدە قايسى بىرىنى بىلىپ بولالايسىز ؟ ھەممىسى ئۆز قاياشى، تىرىكچىلىكى بىلەن ئۆز پۇتىنى كۆزلەپ مېڭىشقان . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ پۇتىنى كۆزلەپ ماڭمىسىڭىز چۇقۇم پۇتلىشىپ كېتىسىز  . بۇنداق شەھەردە ياشاپ قېلىشنىڭ بىردىن بىر-  بىر ئامالى ئۆزىگىزگە تەۋە بولغان بىر ئىزنى بالدۇرراق تېپىۋېلىش . بالدۇرراق ئەمەس دەرھال تېپىۋىلىش . بولمىسا باشقىلارنىڭ ئىزىدا  مېڭىپ قالىسىز .  باشقىلارنىڭ ئىزىدا مېڭىش ئوڭاي بولسىمۇ ، سىز ئوڭاي ئىشنىڭ تېزلا  ئاياقلىشىدىغانلقىنى بىلەمسىز؟ باشقىلارنىڭ ئىزىدا شەيتاننىڭ ياكى پەرىشتىنىڭ سەيلە قىلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرەلەمسىز ؟ ئەلبەتتە كۆرەلمەيسىز  چۈنكى سىز ئىزىڭىزىدىن چىقىپ بولغاندا ئالىقاچان ئەقىلىڭىز گال ، كۆزىڭىز كور بولۇپ قالىدۇ . چۈنكى بۇ چاغدا شەيتان  قوينىڭىزغا كىرىۋالغان بولىدۇ . سىز ئاۋات، چوڭ شەھەردە شەيتاننىڭ بەك كۆپ بولىدىغانلىقىغا چۇقۇم ئىشىنىڭ . ئەسلى بۇيەردە ، شەيتانمۇ، پەرىشتىمۇ يوق ئىدى . ئۇلار بۇ شەھەرگە  كىشىلەر تىرىكچىلىك قىلىش ۋە ياخشى كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەرەپ - تەرەپتىن يىغىلغان بولسىمۇ  ئەمما تۇتقان يولى ئوخشاش ئەمەس ، بەزىلەر پەرشتىىنڭ يولىنى تۇتقان بەزىلەر شەيتاننىڭ ..

دەل مۇشۇ شەھەردە ، چوڭ يولنىڭ ياقىسىدا، خىلمۇ – خىل ئادەملەر ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇرىدىغان پىيادىلەر يولى ياقىسىدىكى ئادەم بويى كېلىدىغان قاتار – قاتار كىچىك سان -ساناقسىز دۇكانلارنىڭ بىرىدە بىر يىگىت ئۆز تىرىكچىلىكىنى قايتا باشلىغىلى  مانا توپ- توغرا يېرىم يىل بولدى. سىز ئۇنى تۇنۇيسىز ئۇ - كېرەم .  ئۇ ھازىر بۇرۇنقى كېرەم ئەمەس. ئۇ ئەمدى ھاراق  ئىچمەيدۇ، دۇكانغا كىرگەن، يولدىن ئۆتگەن گۈزەل قىزلارغا ھەۋەس بىلەن قارىمايدۇ . كالتە كۆسەي ئاغىنىلىرى بىلەن ئارىلاشمايدۇ ، رەڭلىك ئولتۇرۇشلارغا بارمايدۇ. كۆنا ئوۋىسى <<جەننەت ئارامگاھى>> نىمۇ  ئۇنتۇپ كەتكەن . ئۇنىڭ پۇتى دۇكان ، ئوي ۋە كىتابخانىلا ئەتراپىدا  چۆرگىلەيدۇ . بۇ ئەسلى ئۇنىڭ  ئىزى ئىدى. كېيىن يۈتتۈرۈپ قويۇپ ئەمدى  قايتا تېپىۋالدى . ھازىر ئۇنىڭ كۈنلىرى بۇرۇنقىدەك قاينام تاشقىنلىققا تولغان ئەمەس، ئۆيىدە <<شىر >>، لالە ، گۈلجامال ئوخشاش قىزلارنىڭ ھىدى يوق .ئۇ وينى اپكىز تازلىۋەتكەندىن كېيىن  ئايالىنى ئەكىۋالغان ،  تۇنساگۈل ھازىر ئۇنچە كوت –كۆت ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئېرى ئەمدى قالايمىقان يەرلەردە  يۈرمەيدۇ  . كېرەم  ھازىر  كۈندىزى دۇكان ئاچىدۇ،  كەچلىگى يېزىقچىلىق قىلىدۇ . ئۇ ئەمدى بۇرۇنقىدىنمۇ  كوپ پۇل تېپىپ  تاشلىنىپ قالغان  غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى . ئۇ ئەمدى بۇرۇنقىدىنمۇ  بەكراك يۈز تېپىپ ئارلىقتا  يۈتۈپ كەتكەن يۈزىنى قايتۇرۇپ  ئەكەلمەكچى.  ئۇنڭ تۇرمۇشى مانا شۇنداق ئاددىي ، ئەمما ئۇ مۇشۇ ئاددىيلىقتىن ھۆزۇر ئالىدۇ . ھەم ئۆزىنى  ئەركىن - ئازادە سېزىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قايتا تەرتىپكە سالغاندەك  ئۇ ئۆزىنى پاكلانغاندەك  ھېس قىلىدۇ . ئەمما ......

كېرەم  دۇكاندىكى ئاخىرقى خېرىدارنى يولغا سالاي دەپ تۇرغاندا خۇتۇنىدىن تېلفۇن كېلىپ قالدى .

- دۇكاننى تاقىدىڭىزمۇ ؟

- ياق ، تېخى .

-بالدۇرراق تاقاڭە سىزگە ئېيتىدىغان خوش خەۋەر بارتى .

- قانداق خۇش خەۋەر ؟

- كەلگەندە دەپ بېرىمەن.

ئۇ ئۆيگە كەلگەندە ئايالنىڭ باشقىچىلا خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكنى ھېس قىلدى. قايتا يېنىشقاندىن  بۇيان ئايالىنىڭ قوپاللىقى ۋە كۆتلىقى خېلى تۈگەپ قالغان ئىدى .

- نېمە خوش خەۋەر ئىدى .

- ئەگەر ئېيتىپ بەرسەم نېمە قىلىپ بېرىسىز ؟

- تۇتامغا چىققىدەك خۇش خەۋەر بولسا، راۋۇرۇس بىر نەرسە ئېلىپ بېرىمەندە .

- گېپىڭىزدە تۇرۇسىز- ھە ؟

- يېنىۋالغىچە تېز دەۋىتىڭ ئەمىسە .

- بۇيۇمدا قاپتۇ .

- نېمە ؟

-بۇيۇمدا قاپتۇ ، دەيمەن . ئاتا بولىدىكەنسىز ...

ئۇ خۇشاللىقتىن خۇتۇننى كۆتۈرۈپ بىر پىقىرىتىپ يەرگە قويماقچى بولدى. ئەمما خۇتۇنىنى يەرگە قويۇپ بولغىچە ھاسىراپ بۇژ- بۇز تەرلەپ ئولتۇرۇپ قالدى .

- نېمە بولدىڭىز،-  دېدى تۇنساگۈل ئۇنىڭ تەرلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ .

-زۇكامداپ قاپتىمەن . ئىككى كۈن بولدى ھېچ پۇت قۇلۇمدا كۈچ يوق .

-  كۈندىزى دۇكان ئېچىپ،  كەچلىگى كىتاب يازىمەن دەپ بەك چارچاپ كەتتىڭىز تامىقىڭىز مۇ ئازلاپ كەتتى . تېنىڭىز ئاجىلاپ كەتكەن ئوخشايدۇ .  دوختۇرغا كورۈنۈپ  باقامدۇق –يە؟

- ھازىر كەچ بولۇپ كەتتى. ئەتە كۆرۈنەي  ...مەن ھېچنېمە بولمايمەن.  سىز ئەمدى ئۆزىڭىزنى بەكرەك  ئاسراڭ بالىمىزغا بىر نەرسە بولۇپ  قالمىسۇن- يانە . ھە راست ، كۆڭلىڭىز نېمىنى خالايدۇ ؟

- سىزنى ...- ئايالى نازلىق ئەركىلىدى .

- مېنى يە يىگىلى ، يا كەيگىلى بولمىسا ....

- سىز بىر ئۆمۈر يېنىمدا بولسىڭىز ، يىمىسەممۇ ، كەيمىسەممۇ مەيلى .

ئۇ  ئايالىغا بىر ئۆمۈر يېنىدا بولدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى . ئەمما  كېچىچە ئۆتتەك  قىزىپ  ۋە تەرلەپ ئاتا بولۇش خۇشاللىقىنىڭ تاتلىق ئويقىسنى ئۇخلىيالمىدى .ئۇ بۇنى باشتا كىچىكىنە  زۇكام  بىرلا ئۇكۇل بىلەن ساقىيىپ كېتىمەن دەپ ئويلىغان ئىدى . ئەمما بۇ <<زۇكام>>  كۇندىن- كۇنگە ئاينىپ ھالسىزلىنىشقا باشلىدى . تاماق سىڭمەي  ئىچى سۈرۈپ كېتىۋاتاتتى .

- قانداق ئالامەتلەر بار؟- دېدى ئاقباش دوختۇر ئۇنىڭ چىرايىغا گۇمان بىلەن قاراپ .

- باشتا زۇكامداپ قالغان ، كېيىن كېچىچە قىزىيدىغان  بولدۇم. ھازىر ئىچىممۇ تەڭ سۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ .

- تامىقىڭىزچۇ؟

- تاماق يىگىم كەلمەيدۇ . ھېرىپ قالغاندەك  ھالسىزلىنىمەن .

- ئۇكۇل ئۇردۇردىڭىزمۇ ؟

- بىر ھەپتە ئۇرغۇزدۇم . ئۇ دوختۇرغا ئۇكۇل قەغىزىنى سۇندى .

-ئەمىسە تەرەت  ۋە قاننى  تەكشۈرۈپ بۇيەرگە چىقىڭ  . تەكشۈرىدىغان يەر ئۈچۈنچى قەۋەتتە .

ئۈچۈنچى قەۋەتتە ئادەم بەك كوپ ئىدى. تەكشۇركۈچىلەر ئۇنىڭدىن قان ۋە سۈيدۇكىنى ئالغاندىن  كېيىن نەتجىسى چۈشتىن كېيىن چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى .

ئۇ چۈشتىن كېيىن  بالدۇرلا  دوختۇرخانىغا تەكشۈرۈش قەغىزنى ئېلىۋالدى . قەغەزنى بەرگەن چىرايلىق قىزنىڭ ئۆزىگە كىچىك تۈشۈكچىدىن بەك قاراپ كەتكەنلىكىنى ۋە بېشىنى چايقاپ قويغانلىقىنى غىل- پال  كۆرۈپ قېلىپ:<< بۇ قىز بۇرۇن مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ قالغان  قىز ئەمەستۇ؟>>  دەپ تەشۋىشلىنىپ قالدى .ئۇ مۇشۇ كەملەردە  بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلاپلا  قالسا ياكى تاسادىپىي بۇرۇن رەڭلىك سورۇندا بىللە ئولتۇرغان بىرەر قىز ئۇچۇراپ ، قالسا ياكى بىرسىنى شۇ قىزلارنىڭ بىرەرسىگە ئۇخشۇتۇپ قالسا  تېنى سەسكىنىپ، خۈدۈك بولۇپ قالاتتى . ئۇ بۇ نۆۋەتمۇ شۇنداق بىر تۇيغۇدا باش دوختۇرنىڭ  يېنىغا چىقتى .

دوختۇرنىڭ ئۇنىڭ قولىدىن تەكشۇرۈش نەتىجىسىنى ئېلىپ بىردەم قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن بېشىنى چايقىغانچە بېرىپ ئىشكىنى يېپىپ قويدى . ھەم ئۇنىڭ چىرايىغا بىر دەم  قارىغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى.

-قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟

- 32گە .

- قاملاشقانمۇ ، مېھىرى  ئىسسىق بالىكەنسىز ، نېمىشقا ھايتىڭىز بىلەن ئويناشقانسىز -ھە !

- بۇ نېمە دېگىنىڭىز،  كېسىلىم ئېغىرمىكەن؟

- شۇنداق ، بەك ئېغىر ؟

-ئېيتىڭچۇ دوختۇر نېمە كېسەلكەنمەن .

- يامان كېسەل،

-قانداق  يامان كېسەل، ئېنىقىنى دەڭە، – ئۇنىڭ چىرايى ساغىرىپ كەتكەن ئىدى .

- ئەيدىس- دوختۇرنىڭ ئاۋازى بوش ئەمما سالماق چىقتى .

- نېمە ؟- ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى . – ساراڭ بوپسىز، مەن قانداقىسىگە ئۇ كېسەل بولۇپ قالىدىكەنمەن ؟

-   تەكشۇرۈش نەتىجىسى شۇنداق، بۇنىڭغا ئامال يوق .

- ياق سىز قېرىپ ئالجىپ قاپسىز ، يالغان  سۆزلەۋاتىسىز.

- ئۇ ئۈستەلگە كۈچەپ بىرنى سالدى . پۇت – قوللىرى تىترەپ تۇراتتى .

- شۇنداق بالام ، مەن ئالجىپ قالغىلىۋاتىمەن . ھەركۈنى سىزگە ئوخشاش چىرايلىق يىگىت  قىزلاردىن  نەچچىسى كىرىدۇ،بەزىلىرى يىغلايدۇ ، بەزىلىرى سىزگە ئوخشاش ۋاقىرايدۇ ، ياقامغىمۇ ئېسىلىدۇ . سىزنىڭچە مېنىڭ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى<< ساقكەنسىز>> دەپ چىقىرىۋەتكىم يوقما ؟ ئەمما بۇ دېگەن رېئاللىق. مۇشۇ كۈندە ماڭا ساق ئادەم قالمىغاندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ كەتتى، بىلەمسىز ؟  ئالجىپ قالغىنى مەن ئەمەس سىز ،سىزگە ئوخشاش ئۇچۈشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمەيدىغان ياشلار .  ئەجىبا سىز مەن زەھەر ئۇرغۇزمىدىم ، ياكى زىنا قىلىمىدىم دەپ بېقىڭە ؟ قېنى دىيەلەمسىز ؟

ئۇ لەسسىدە بوشۇشۇپ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدى . كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش يۇزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى .دوختۇر قاتتىق  سۆزلەپ سالغىنىنى ھېس قىلدىمۇ قانداق  سىلىق قىلىپ قوشۇپ قويدى  .

-خۇتۇن ، بالىلىرىڭىز بولسا،  ئۇلارمۇ كېلىپ تەكشۈرتۈپ باقسۇن. ۋاختىدا داۋالانسىڭىز يەنە ئۈچ – توت يىل ياشىيالىشىڭىز ۇمكىن ..مەن سىزگە ئۇكۇل، دارا يېزىپ بېرەي ....

دوختۇرنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى . ئۇ ئېغىر پۇتلىرىنى سۆرەپ  ئورنىدىن قوپتى .  قانداق مېڭىپ قانداق ئۆيگە كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى . ئايالى ئىشىكنى ئاچقاندا ئۇ ھالسىز ھالدا ئىشككە يۆلىنىپ قالدى .

- نېمە بولدىڭىز مىجەزىڭىز يوقما ؟

ئۇ ئايالىنىڭ يۈزىگە قارىيالماي  ئۆزىنى ياتاق ئۆيىدىكى كارۋاتقا ئاتتى .

- تاماق ،يىمەمسىز ؟

-بايا يەۋالغان .

- دوختۇرغا باردىڭىزمۇ ؟

-  چارچاپ كېتىپتىمەن ، ئۈچ- توت كۈن ئارام ئالسام ساقىيىپ قالغۇدەكمەن  .

شۇتاپتا ئايالىنىڭ چىرايىغا قاراش سۇئالىرىغا جاۋاپ بېرىش تاغدىن قاتتىق تۇيۇلدى.  پەقەت يالغۇز قالغۇسى بار ئىدى.  شۇڭا ئايالىنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا دۇكانغا ماڭغۇزۋېتىپ ئەينەك ئالدىغا كەلدى . كۆزى سەل قىزىرىپ قالمىغاننى ھېسابقا  ئالمىغاندا چىرايى يەنە بىر ئوبدان تۇراتتى . بەلكىم ئۇ قېرى راستلا ئالجىپ  قالغان ئوخشايدۇ .مانا بىر ئوبدان تۇرىمەنغۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە  چۇشتىن بۇرۇن دوختۇرخانا قالايمىقان،  دىياگۇنۇز خاتا قۇيۇلۇپ ياكى باشقا بىرسىنىڭكىگە ئالمىىشپ قالغان  بولۇشىمۇ مۇمكىنغۇ ؟   شۇلارنى خىيال قىلغاندا كۆڭلىدىكى قورقۇش ئازىراق بېسىقىپ   كىچىك يېرىدىن پىللىدە بىر يۇرۇقلۇق كىرگەندەك بولدى . بۇ يۇرۇقلۇق شۇنچىلىك ئاجىز شۇنچىلىك شۇنچىلىك نۇرسىز بولسىمۇ ئۇنى بىر كېچە بەزلەپ چىقىشقا يېتەرلىك ئىدى .

ئەتىسى سەھەردە شەھەر سىرتىدىكى بىر دوختۇرخانىغا باردى . بۇ يەردە مەخسۇس شۇ كېسەلنى تەكشۈرۈش بۆلىمى بار ئىدى  .ئۇ  ئېلىنغان قان ۋە سۈيدۈكى  قويۇلغان كىچىك قۇتىنى ئەينەك تۈشۈكتىن دوختۇرغا بېرىپ بىر ياندىكى ئۇرۇندۇققا چۆكتى. كارىدوردا  ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى ، ئوتتۇرىدىكى ئۇرۇندۇقتا چېچىنى غەلىتە ياسىۋالغان ۋە غەلىتە كىيىنىۋالغان ئۇچ قىز ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئەپتىگە قارىغاندا  بىرەرسەتراشخان ياكى مەيخانىدا  <<ئوقەتچىلىك  >> قىلىدىغان قىزلاردەك قىلاتتى . بۇلۇڭدا يەنە بىر قىز بولۇپ ، بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغاچقا ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرگىلى بولمايتتى .  بىر دەمدىن كېيىن تەكشۈرۈش ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ بىر ئايال دوختۇر بىرسىنىڭ ئىسمىنى چاقىردى . ھېلىقى قىزلار بىرسى دوختۇرنىڭ يېنىغا باردى. دوختۇر ئۇنىڭغا بىر نەرسىلەرنى دېۋىدى قىز خۇشاللىقتىن تاقىلداپ سەكرەپ كەتتى . دېمەك ئۇ ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئىدى . بۆلۈمچىنىڭ كارىدورىدا ئەمدى پەقەت ھېلىقى بېشىنى سېلىۋالغان قىز بىلەن ئىككىسىلا  قېلىپ قالدى  .

، - ئانار،.. ئانار دېگەن قايسىڭلار ؟

ئىككىلىسى چۆچۈپ قارىدى. قىز دوختۇرغا، ئۇ ئانار ئىسىملىك قىزغا قارىغان ئىدى .  بۇ ئىسىم ئۇنىڭغا ناھايىتى تونۇش تۇيۇلغانتى . قارىدىيۇ تاققىدە قېتىپ قالدى . بۇ دەل ھېلىقى ئانار ئىدى . ئۇنىڭدىن ئاياق سېتىۋالغان ھېلىقى كۈنىدىكى رەڭلىك سورىندا بىللە ئولتۇرغان ئۇ تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان  ئانار ئىدى. . ئەممە قىز ئۇنىڭغا قارىمىدى . ئۇ دوختۇرنىڭ ئالدىغا سۆرۈلۈپ دېگەندەك باردىدە – لاسسىدە   بوشۇشۇپ يەرگە زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ قالدى . دوختۇر ئۇنى <<قوپ>>،<<<قوپ>> دەيتىيۇ  يېقىن يولىمايتتى . شۇ چاغدا ئۇنىڭغا  دوختۇر بىر ئىتنى ياكى تۇتۇشقا بولمايدىغان مەينەت ھايۋاننى<< قوپ>> دەپ ۋاقىراۋاتقاندەك تۇيۇلدى . ئانار ئاران قوپۇپ دەلدەڭشىگىنىچە سىرتقا ماڭدى . ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە سەلتۈرۈلۈپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى . ئۇ قوللىرىى سوزۇپ بولپ توختاپ قالدى .ېاستنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئانارنى يۆلىۋالغىدەك قۇدرىتى يوق ، قوپسىلا يىقىلىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى . ئانار ئۇنىڭ يېنىدىن ئۇنى كۆرمەي  ئۆتۈپ كەتتى .

ئەمدى ھەممە نېمە ئاياقلاشتى. ئۇ ئېغىر پۇتلىرىنى سۆرەپ دوختۇرخاندىن چۈشتى . ئىككىنچى قېتىملىق نەتىجىمۇ .ئوخشاش چىققان دوختۇر خۇددى ئۇنىڭغا ئەرزىمەس بىر نەرسىگە قارىغاندەك قاراپ نەتىجىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىچىككە ئارزۇسىمۇ يوققا چىقتى .

مانا يولدا كېتىۋاتىدۇ. ئۇ كىملەرگىدۇ سۇقۇلۇپ، مۆدىرىپ مېڭىۋاتىدۇ . سۇقۇلغان كىم؟ ئەتراپتا كىملەر؟   ئەمدى ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن پەرۋايى پەلەك . ئەمدى بۇرۇنقىدەك سەزگۈر ئەمەس. سەزگۈر بولۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ،ئۇنىڭ  ئۈچۈن ئەمدى ھەممە نېمە قىممىتىنى يوقاتقان ئىدى . ئۈمىد ، ئارزۇ ، غايە پەرزەت ،ئۆي پۇل ..ھەممىسى ئەمدى شۇ بىر مېنۇت ئىىچىدە ئاياقلاشتى . ئەمدى بۇنداق نەرسىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلچە قىممىتى قالمىدى . تۇرمۇز قىلغان تاكسىنىڭ ئالدى ئۇنىڭ تېزىغا سۈركۈلەپ دېگۈدەك توختىدى .

--ئۆلۈمتۈك ، جاندىن تويدۇڭمۇ ؟

- شۇنداق،

تاكسى شوپىرى ئۇنىڭ ئۈستى- بېشىغا قاراپ بىر دەم تۇرۇۋاتقاندىن كېيىن گەپ قىلماي ماشىنىسىنى قوزغاتتى.  . ئۇ بىرەر ئىككى سائەت ساراڭدەك  يۈردى .ئاخىرى پۇتلىرى يەنە ئۆيگە سۆرەپ كىردى  . ئۆيگە كىرىپ كارىۋاتقا  ئۆزىنى تاشلىدى . ئايالى ئەتىگەن چوڭ ئويىگە ئانىسىغا قارىغىلى كەتكەن ئىدى . شۇتاپتا ئۇ ئايالىنىڭ مەڭگۈ قايتىپ   كەلمەسلىكىنى تىلىدى . تېلفۇن قىلىپ تۇيۇقسىز گۇۋاڭجۇغا مالغا ماڭدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ، ھازىر ئايرىپىلان ئىستانىسىدا ئىكەنلىكىنى   ، شۇڭا ئۈچ – تۆت كۈن چوڭ ئويدە تۇپتۇرىشى ئېيتتى . ئۇنىڭ ئەمدى يەنىمۇ ئارتۇق ئىشلارنى ئويلانغۇسى يوق . پەقەت يالغۇز جىمجىت تۇرغۇسىلا بارتى .

ئۇ توپ- توغرا ئىككى كۈن  خۇددى تاشلىنىپ قالغان ئەسكى  كىگىز پارچىسىدەك قەدىرسىز ھالەتتە ياتتى .،  .ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ  ئارام ئېلىش ئەمەس. ئۇ چەكسىز ئۆكۈنىش ، نۇمۇس ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە يېتىش ئىدى . كاللىسىغا كەچمىگەن ئوي قىلمىغان خىياللار كەچتى .يۇم،-يۇم يىغلاپ ، چاچلىرىنى   قاماللاپ يۇلدى. ئۇ تۇنجى سۆيىگىدە ئۇڭۇشسزلىققا ئۇچۇرىغاندا  ئۆزىنى تەلايسىز سەزگەندە غەزەپ ئۇنىڭغا كۇچ بەرگەن ،  ئانىسىدىن- ئاتىسىدىن ئايرىلغاندا  ئۆزىنى تىكەندەك يالغۇز قالغاندىمۇ   تىرىكچىلىك غېمى ئۇنى مىدىرلاتقۇزغان،  ئىگلىكى ۋەيران بولۇپ ھاياتتتىن ئۈمىدسىزلەنگەندە  ئورنىدىن قايتا دەست تۇرغان ئىدى .چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا يەنە پۇرسىتى ، غەزەپلىنىش ، تىرىكچىلىك قىلىش ،ھەتتا ئۈمىدسىزلىنىش ھوقۇقى بار ئىدى . لېكىن بۇ نۆۋەتتكى  ھېچقايسىغا ئوخشىمايدۇ ئەمدى ئۇ بۇ ھوقۇقلاردىن  پۈتۈنلەي ئايرىلدى .   ئۇنى ئەمدى ئايالىمۇ ، دوختۇرمۇ ،موسا قارىممۇ ھېچكىم ئۇنى ئورنىدىن  تۇرغۇزالمايتتى . ھەتتا ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك مېھرىبانلىق ، دوستلۇق قولىنى سۇنماسلىقى ئۇنىدىن ۋابادىن قاچقاندەك قېچىشى مۇمكىن . چۈنكى ئۇ ئەمدى بىر ۋابا ئىدى.  ئەتىگەنكى تاكسى ماشىىنىنىڭ گاچچىدە دەسسەپ مىجىۋەتكەن بولسىچۇ دەپ ئويلىدى.  ئۇ چاغدا كىشىلەر ھېچ بولمىسا <<ھېلىقى كېرەم دېگەن بالىنى تاكسى بېسىۋېتىپ تۈگەپ كېتىپتۇ>> دەپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتاتتى.  ئۆلىمى گەرچە شەرەبلىك بولمىسىمۇ ، رەسۋا بولمايتتى . ئەمما بۇ تەلەي ئۇنىغا نىسىپ بولمىدى . مانا ئامدى ئۇ چىرىىپ ئۆلىدۇ . ئەخلەتتەك  قەدرىسىز چىىچپ ئۆلىدۇ.  ئاھ ،خۇدا نېمە ئۇچۇن شۇنداق  بولىدۇ ؟  ئازىراق ئازغۇنلۇققا مۇشۇنداق تارتقۇلۇققمۇ ؟  ئۇ بۇ دۇنيادا ھېچكىمگە يامانلىق قىلمىغان ئىدىغۇ ؟ ئازىراق ئوينىۋالاي، ياشلىقنىڭ پايزىنى سۈرۈۋالاي دېگە ن ئىدىغۇ ؟ ئۇا ئەمەس ھەممە كىشى ئويناۋاتىدىغۇ ؟ نېمىشقا ئۇلا ...

ئۇ ئاھ ، ئۇردى ، يىغلىدى ، ئۆزىنىڭ  تەلەيسىزلىكىدىن تەڭرىنىڭ ئۆزىگە ئادالەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن رەنجىدى، دوست تۇتتۇم دەپ قازاننىڭ كۈيىسىگە يولۇقانلىقىدىن  پۇشايمان قىلدى . ئۆزىنى شۇ چاغدا بۇ يولدىن تۇسمىغان  كىشلەرگە بولۇپمۇ دادىسىغا نەپرەتلەندى . ئەگەر ئاتام  پۇل تېپىش بىلەنلا بولماي ، تېنچ بەخىتلىك ئائىلىنى بۇزمىغان ، ئانىسى تۈگەپ كەتمىگەن ، ئۇ يالغۇز ياشىماي،  ئىللىق ئائىلىنىڭ مېھىر –شەپقىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان بولسا ، دەسلەپتىلا  ئاتام ھېچ بولمىسا  بىرەر شاپىلاق ئۇرۇپ ياندۇرۇپ كەلگەن بولسا بەلكىم بۇنداق بولماستىم دەپ ھەسرەتلەندى .كۆز ئالدىدىن  ئۆز ئېرىگە  خىيانەت قىلىپ ئۇنى ئۆيىدە قوندۇرۇپ قالغان چوكاندىن باشلاپ ،  <<جەننەت ئارامگاھىدىكى >>ئىشلار بىر – بىرلەپ ئۆتتى . شۇنچە ئويلاپمۇ  قايسسىدىن بۇ مەرەزنى  تاپالمىدى .  بەزىلىرىنىڭ ھەتتا چىرايىمۇ ئېسىدە قالمىغان ئىدى .

ئۇ بىر كۈن قاقشاپ ، رەنجىپ بولۇپ ئوپكىسى بېسققاندا ،ئۆزىنى تۇۋالغاندا ۋە رېئالىقىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزى ھەققىدە  ئويلىنىپ  قالدى.

ئۇ  ھاياتنىڭ  خۇددى كوپىيوتۇرغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ سېستىمىسى  تولۇق قاچىلانمىغان ياكى ۋېرۇسلانغان كوپتۇرغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى سەزدى. ئەسلى ئۇنىڭ ھايات قارىشى سېستىمىسىدىن چاتاق چىققان،  ئۇ نىجىز كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن بۇرۇنلا ئالاقاچان ۋېرۇلسىنىپ بولغانىكەن  ئۇ ئاشۇ مەكتەپتىكى قاينام- تاشقىنلىققا ، ۋە ھاياتى كۈچكە تولغان ۋاقىتلىرىنى ئەسلىدى . چاغدا ئۇنىڭدا  مۇھەببەت نەپرەت ئېنىق ئىدى . يامان ئىشلاردىن نەپرەتلىنەتىكەن ، ياخشىلىققا مۇھەببەت قوياتىكەن  سۆيگەن ۋە ئىنىتلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى  ئۇنىڭ غايىسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن گۈزەل نەرسىلەر ئىكەنتۇق . ئەمما ئۇنىڭدا بىرلا بوشلۇق، بىرلا سسېتىما كام قالغان ئىكەن.  تۇيغۇ بىلەن ھېسسىياتنى نەگە قويۇش، قانداق سېستىمىغا كىرگۈزۈشنى ئۇنىڭغا ھېچكىم ئۆگەتمىگەن ئىكەن . چۈنكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر كۆپۈنچىسى دەل شۇنداق كىشىلەر ئىكەن . شۇڭا ئۇ ئەقىللىق ،قابىلىيەتلىك ، غايىلىك  بولسىمۇ ، پىشپ يېتىلمىگەن ئىكەن . شۇڭا ئۆزى ياخشى كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپتۇ. ئۇنىڭدىن ئازار يەپ  قېيداپ ئۆز پاكلىقىنى يوقۇتۇپتۇ . پاكلىقىنى يوقاتقان شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ تېنىگە ۋېرۇس كىرىشكە باشلاپتۇ . ۋېرۇس ئۇنىڭ ھاياتلىقىدىكى ئەڭ چوڭ سېستىمىنى –تىرىكچىلىك قارىشىنى كاردىن چىقىرىپتۇ. ئۇ بارا –بارا ئۆزى بۇرۇن ياخشى كۆرگەن نەرسىىلەردىن گۇمانلىنىپتۇ .خىزمەتكى ئۇڭۇشسىزلىق ۋە تۇرمۇشتىكى بەزى ئۇششاق – توسالغۇلارغا بەرداشلىق بېرەلمەپتۇ .   ئۇ ئۆزىگە تەۋە بولمىغان باشقا بىر تۇرمۇش شەكلىنى تاللىغان شۇ مەزگىللەردە روھنىڭ ئەمەس تەننىڭ ھوزۇرىدا تىپىرلاپ كەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۆز ئىزىنى يوقۇتۇپتۇ . ئۆزىنىڭ تۇيغۇسى بىلەن ئەمەس، باشقىلارنىڭ تۇيغۇسى بىلەن ياشاپ كەپتۇ . بۇ نىجىس كېسەلنى ئۇنىڭغا باشقا بىرسى ئەمەس ئۆزى يۇقتۇرۇپتۇ . ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىنىڭ تامامەن ئۆزىنى ئالداش ۋە بەزلەش بىلەن ئۆتۈپتۇ . ئۇ ئەسلى شائىر ئىكەنتۇق ، ئەمما لۇكچەك بولۇشقا ھەۋەس قىپتۇ .  ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلماي ئىنتايىن ياخشى ياشاۋاتىمەن، پىشىپ يېتىلگەن يىگىتمەن دەپ ئويلىغا ن شۇ مەزگىللەردە  ئۆزىنىڭ تېخىچە بىر بالا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماپتۇ. ئەقىل ئەمەس ھېسيات بىلەن  ياشاش ۋە قېيداش ئۇنىڭغا ھەمرا بوپتۇ .  ئاچچىقى كەلسە ياكى خۇتۇنىدىن رەنجىسە ھاراقتىن ياكى باشقا قىزلاردىن  چىقىرىپتۇ . ئۇ شۇ چاغدىلا  ئادەمنىڭ   ئۆزىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەسلىكىنىڭ كېرەكلىكىنى ھەربىر ئادەمنىڭ  ئۆزىگە  خاس ياشاش ئۇسۇلى بىلەن ياشىشىنىڭ لازىملىقىنى  ھېس قىلدى .

شۇنداق  ئادەمنىڭ ھەقىقەتنى چۈشۈنۈپ يېتىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ . بەزىلەر بالدۇر چۈشۈنۈپ ئۆزىنى ئوڭشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ .بەزىلەر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا چۈشۈنىدۇ ، چۈشۈنۈشنىڭ ئۆزى بۇندىن كېيىن خاتالىق سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر كېرىم ئۆزىدە ئۇنداق پۇرسەتنىڭ پەقەتلا قالمىغانلىقىنى  ئۆزىنىڭ ئالدىدا پەقەت  ئىككىلا  يولنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى . بىرى كۈننىڭ سېرىقىنى ئۇزۇنراق قانچىلىك ياشىيالىسا شۇنچىلىك ياشاش ،ئەمما ئۇ بۇنداق ياشىغاندا ئىتتەك خارلىنىپ ، ئازابلىنىپ ، ھەم باشقىلارنىمۇ ئازابلاپ ، ئەخلەتتەك چىرىپ تۈگەيدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا  بۇنداق ياشاپ ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەندىن ياخشى ئىت ئۆلىگىنى كۆرسەتمەپتۇ  دېگەندەك ئەڭ ياخشىسى ، ۋاختىدا  قەدىر قىممىتىم  بىلەن ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشۇم كېرەك دەپ ئويلىدى  . ئالدى بىلەن يۇ

ئۇ نىيەت قىلىپ ئورنىدىن تۇرغاندا تاڭ سۈزۈلگەن ئىدى . ئىسسىق سۇ ئانىسنىڭ مېھىرلىك  قۇلىدەك ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى سىيلاپ  چۇشەتتى . ئانىسى كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ بەدىنىدىكى كىرلەرنى چىقىرىش  ئۈچۈن ئەنە شۇنداق يۇيۇپ قوياتتى . مانا ئەمدى ئۇ قانچە قېتىم يۇيسىمۇ قېنىدىكى ئىپلاس <<كىر>نى مەڭگۈ چىقىرالمايدۇ . ئۇ پاكىز يۈرۈشكە ئامراق ئىدى . بەدىنگە ، ۋە كىيمىگە كىر قوندۇرمايتتى . ئەڭ مەينەت كېسەل تۇپەيلى كەتكىلىۋاتىدۇ . ئۇ تاكى  مۇنچىنىڭ سۈيى تۈگەپ كەتكىچە يۇيۇندى . ئاندىن ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان  ئاق كوينىگى بىلەن  قارا  ئىشتىنىنى كەيدى. بۇرۇنقىدەك ئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ  چاچلىرىنى  تارىدى . ئەمما ھەركەتلىرى ئۇنداق تېز ، روھلۇق ئەمەس ، چېچىنى تاراۋاتقاندا قوللىرى تىترەپ كەتتى . ئەينەككە قاراپ  قۇلاقلىرى ۋە بۇيۇنلىرى ئەتراپىدا  دانە خورەككە ئوخشايدىغان قىزغۇچ نەرسىدىن بىرنەچچىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى سەزدى .  تېنىم سېسىسقا باشلاپتۇ دەپ ئويلىدى. بۇرۇن ئۇ پۇتۈن بەدىنىنى يارا قاپلاپ كەتكەن بىر مۇشۇ نىجىز كېسەل بىلەن ئاغرىغان بىرسىنى كۆرگەن ئىدى . ئۇ سېسپ باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ ئايالىنىڭ بىلىپ قېلىشىتىن بۇرۇن <<غىپپىدە كېتىۋىلىشىم>> كېرەك دەپ ئويلىدى . ئاندىن ئۇستى بېشىغا ئەتىر چاچتى . ھەم ھايتىدىكى بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندە قىلىشقا تېگىشلىك بىرنەچچە ئىشنى كۆڭلىگە پۈكتى .

ساقچى راخماننى ئېلىپ چىققاندا  ، ئۇ راخماننىڭ بىر ئاي بۇرۇن يوقلاپ كەلگىنە قارىغاندا تېخمۇ بەك تۈگۈشۈپ كەتكەنلىكىنى سەزدى . راخمان پاكار بولغاچقا ئۇرۇقلىغاندىن كېيىن بوي -بەستى كىچىك بالىدەكلا بولۇپ قالغانىدى . ئۇ  پۇتىدىكى ئېغىر ئىشكەلنى سۆرەپ كېلىپ، ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدىكى  ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردى . ئۇلارنىڭ ئارلىقىنى بىر ئۈستەل توسۇپ تۇراتتى . راخماننىڭ كۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كەتكەن ، ياغاق سۆھەكلىرى پولتۇيۇپ چىقىپ قورقۇنۇچلۇق تۇسكە كىرىپ قالغان ئىدى .

- قانداق  تۇرۇۋاتىسەن ؟

-مانا مۇشۇنداق ؟ ئۆزەڭچۇ؟

ئۇ خاتا سۆزلەپ سالغانلىقىنى بىلىپ كەينىدىن  قوشۇپ قويدى .

بۇ ئاخىرقى قېتىم كېلىشىم  بولۇپ قالىدۇ. بىرەر نەرسە لازىم بولسا دېگىن مەن تەييار لاپ بېرەي ...

- بىلىمەن .يەنە 15كۈلۈكلا ۋاختىم قالدى. ئەمدى ھېچنېمىگە ھاجىتىم چۇشمەيدۇ.   بۇدنىن كېين ھېچنېمىگە ھاجىىتم چۇشمەيدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە سەندىن بەك خۇش بولدۇم، مېنى تاشلىۋاتمىدىڭ. سەن  بىلەن بولغۇنۇمدىن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن-  راخمان خۇددى ئۆزىگە پىچىرلاۋاتقاندەك سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ بۇۇرنقى كۈلۈپ تۇرىدىغان چىرايدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى . ئۆزىنى شۇچە تۇتۇۋېلىشقا تىرىشسىمۇ شۇ ەەپەرنى قىلغاندا كالپۇكلىرى سۇس تىتىرەپ كەتتى .

- تاماكاڭ بولسا بىر تال بەرسەڭ مەيلى   ؟

ئۇ راخمانغا ئاتاپ ئىككى يۇرۇش تاماكا ئەركىرگەنىدى  . شۇنىڭدىن بىر قاپنى  بۇزۇپ  بىر تال تاماكىنى ئۇنىڭغا تۇتاشتۇرۇپ بەردى . راخمان تاماكىنى ھۆزۇر بىلەن شوراپ ئىسنى ئاسمانغا پۈۋلىدى . ئىس بوشلۇقتا كىچىك چەمبىرەك بولۇپ ھاۋاغا سىڭىپ كېتەتتى .

- ، ئادەمنىڭ ھاياتى مۇشۇ تامكىغا ئوخشايدىكەن . بىز ئاز – ئازدىن چېكىپ تۈگۈتىۋاتىدىكەنمىز . چەككەن چاغدا بەك ھۇزۇرلىنىدىكەنمىز . تاماكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يېرى تاتلىق بولغاندەك ،ھاياتنىڭمۇ ئەڭ ئاخىرى بەك تاتلىق بولىدىكەن .ئەمما مەن ئۆمرۈمنى بەك ئىتتىك چېكىپ تۈگۈتىۋاتتىم . بىلەمسەن مېنىڭ يەنە 15كۈنلۈكلا ئومرۈم قالدى . شۇ تاپتا مېنىڭ مۇنداقلا  ئۆلۈپ كەتكىم يوقتى  ..نۇرغۇن ئشىلارنى قىلغۇم بارتى ..ھېچقايسىنى قىللالمىدىم . جىمى ئەسكىلىكنى قىلىپتىمەن . بىرەر ياخشلىق قىلالماي خۇن قەرزى بولۇپ كېتىدىغان بولدۇم ئەگەرقايتىدىغان ياشايدىغان پۇرسەت بولسا مەن ھەرگىزمۇ بۇنداق ياشىمايتىم - راخمان كۆزىدىكى  ياشنى چىقىرىۋەتمەسلىككە تىرىشىپ بېشىنى يۇقىرىغا قىلۋالدى . شۇنداقتىمۇ بىر نەچچە تامچە ياش ئۇنىڭ ئۆڭكۈردەك چوڭقۇر كۆزدىن ياغاق سوھىكىگە ئېقىپ چۈشتى . ئۇ تاكىنى تاشلىۋېتىپ كۆزدىكى ياشنى سۈرۈتتى . ئاندىن خىجىل بولدىمۇ قانداق ئۇنىڭغا قاراپ كۈلمەكچى بولدى.ئەمما گوش يوق يۇزىنىڭ تېرىلرى تاتىشىپ كۈلگەن باشقا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمىدى.  

-  بىلەمسەن مەن سەن بىلەن نېمىشقا ئارىلىشاتتىم ؟ مەن ئوقۇمىغان ، قارا قوساق بولغۇنۇم بىلەن بەك  ئوقۇغۇم بارتى . شۇڭا ساڭا بەك  ھەۋەس قىلاتتىم  . سەن بىللە بولسام مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىۋالارمەن، بەزى يامان ئىشلاردىن ۋاختىنچە بولسىمۇ تۇسۇلۇپ قالارمەن دەپ ئويلايتتىم . ئەمما بەك كوپ يامان ئىش قىلىپ كەتتىم سېنىمۇ  بەزى يامان ئىشلارغا سۆرەپ سالدىم . شۇلارنى ئويلىسام بىر تۇرۇپ ئۆكۈنمەن-راىمان بىردىنلا ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلدى  –قېنى دېگىنە،  ئادەم راستىلا ئۇ دۇنياغا بارغاندا جەننەت، ياكى دوزاققا كىرەمدىغاندۇ ؟ - راخمان ئۇنىڭغا خۇددى كىچىك بالا ئانسىدن سۇئال  سورىغاندەك تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى . بۇ خىل قاراشقا بىچارىلىك ، قورقۇش ئارلىشپ كەتكەن ئىدى .

كېرەم بېشىنى چايقىدى .چۈنكى ئۇ نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلمەيتتى. ۋاقىت توشۇپ قالغانىدى. ساقچى راخماننى ئېلىپ چىقىپ كەتتى . راخماننىڭ ماڭغان چاغدىكى بىچارە قىياپىتى،   قىيالماي قايرىلىپ قارىغان ۋاقىتتىكى  كۆزلىرى، سۇئاللىرى ۋە گەپلىرى ئۇنىڭغا ھەمرا ئىدى . راست ئادەم ئولسە جەننەت ۋە دوزاققا كىرەمدىغاندۇ ؟ مەن قايەرگە كىرەرمەن ، بۇنداق ئىپلاس كېسەل بىلەن ئۆلگەن ئادەمگە جەننەتتىن ئورۇن بارمىدۇ ؟ ئۇ بۇلارنى بىلمەيتتى. ئەگەر بۈگۈن كەچ ئۆلگەندىن كېيىن بىلەلىسە، ئەگەر پۇرسەت بولسا راخمانغا كېلىپ ھەممىنى دەپ بەرگىسى ، ھەتتا راخمانلا ئەمەس باشقا بىخۇتلاشقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە دېگىسى بارتى. چۈنكى ئۇ بۇرۇن ھېچكىمگە بۇنداق دەپ باقمىغانلىقىن ئېسىگە ئالدى . ھەتتا راخمان چېغىدا ئۇنىڭ ئۆزىنى  بىرەر يامان ئشىتىن توسىشىنى ئۈنسىز كۈتۈپتۇ .‹‹ ئەمما مەنچۇ ؟ ئوقۇغان ئەقىل ئىگىسى  بولغاندىكىن ئاق – بىلەن قارىنى باشقىلارغا ئۇقتۇرۇش مەسۇليىتىم بارتىغۇ! ئەمما مەن ھەتتا ئۆزەمنىمۇ  توسالمىدىم  . يامانغا يانتاياق بولدۇم ، كورسىمۇ كورمەسكە سالدىم. باشقىلارنىڭ ھاياتىنىڭ  ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوقتەك جىمجىت تۇرۇۋالدىم . نېمە ئۈچۈن ئەرلىك چوكان ئويىگە ئەكىرگەن چاغدا ئۇنىڭغا ئېرىڭىزغا خىيانەت قىلماڭ دېيەلمىدىم ؟    نېمە ئۈچۈن ئانارنىڭ قولىدىن رومكىنى تارتىپ ئۇنى   ئىشقا  ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇتقۇزۇپ قالالمىدىم ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن لالە ئۆيۈمگە  ھاراق كۆتۈرۈپ كەلگەندە ئۇنى توسىماقتا يوق بىللە ئىچىشتىم ؟ ئەجىبا بۇ ئىشلار مېنىڭ  قولىمدىن كەلمەيدىغان ئىشلارمىتى ؟ ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئۆزىگە سۇئال قويغاندا ئۆزىنى ئىنتايىن مەسۇلىيەتسىز شەخسىيەتچى ئادەمدەك سەزدى . بۇ شەخسىيەتچىكىنىڭ مەنبەسى نەپسانىيەت ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە نەپسىنى دەپ ئۇلارنى توسىمىغانلىقىنى، يامان ئىشلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يول قويغانىدى پەقەت ئاشۇ قىزلار ھاراق ئىچسە ياكى يامان يولغا ماڭغاندىلا ئاندىن ئۇ نەپسىنى قاندۇرۇش ئىستىگىگە ئېرىشەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئەتراپىغا قارىدى. بۇنداق قىلىدىغانلار يالغۇز ئۇلا ئەمەس ئىكەن . بۇ شەھەر سانسىزلىغان شۇنداق ئادەملەر بىلەن تولغان ئىكەن. نۇرغۇن ئۆزىنى ياخشى سانايدىغانلار بولسا ئۆزىگە پۇختا بولۇپلا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغانىكەن.   شۇڭا يامانلىق ناپاكلىق ھەممە يەردە باش كۆتۈرۈپتۇ. يامانلار  ئۆزنىڭكىنى توغرا دەپ ئويلايدىغان، خاتىرىجەم، ئۇچۇق- ئاشكارە ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپتۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆپۈيىشى بىلەن ئۇمۇ ئاخىرى شۇلارنىڭ سېپىگە كىرىپ كېتىپتۇ. باقىي دۇنيادا دۇرۇس ياشىيالمىغان ئاەم ، پانىي ئالەمدە ياخشى كۈن كورەلەمۇ ؟ چۈنكى ئادەم باقىي دۇنايدىكى قىلمىشلىرى ئۈستىن پانىي ئاالەمدە ھېسابات بېرىدىغان تۇرسا؟

ئۇ ئۈكۈنۈش ۋە خىياللار تولغان كاللىسىنى سۆرەپ كىتابخانىغا كەلدى. نەچچە كۈن ئاۋال نەشىرياتتىن ئۇنىڭ كىتابىنىڭ  باسمىدىن چىققانلىقىنى مۇشۇ بىر  نەچچە كۈن ئىچىدە كىتابخانىغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئۇختۇرغان ئىدى .

ئۇ ئارىلاپ قااپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ كىتابىنى  تېپىۋالدى. مۇقاۋىسىمۇ ياخشى ئىشلەنگەن، كىتاب  ئىچىگە رەسىم بىلەن تەرجىمالىمۇ بېرىلگەن ئىدى . لېكىن  خۇشال بولالمايتتى ، ئەمدى ئۇنىڭغا  كىتاب چىقىرىش نام ئاتاق قازىنىشنىڭ  ھېچقانداق ئەھمىيتى يوقتى. شۇنداقتىمۇ بىرنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە كەلدى . ۋە ئايالىغا ئاتاپ ئۇزۇن  خەت يازدى . ئۇ ئۆزى زىيانغا ئۇچۇراتقان ئادەملەر ئىچىدە ئەڭ بەك زىيانلانغۇچىنىڭ  بىچارە ئايالى ئىكەنلىكىنى ئويلىدى. شۇتاپتا ئايالىنى بىر كۆرۈۋالغۇسى ئۇنىڭ ئادىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۆزگۇناھىنى  تىلىۋالغۇسى بارتى .ئەمما ئەمدى ئۇنىڭ ئايالىغا قارىغۇدەك يۈزى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالى بىلەن  كۆرۈشۈپلا قالسا پىلانلىرى بەربات بولۇشىدىن ئەنسىرىدى. شۇڭا پەقەت خەتلا ئەڭ ياخشى ۋىدالىشىش شەكلى ئىكەنلىكىنى ئويلىغاندا ئايالىغا ئۇزۇن بىر پارچا خەت يازدى .خەتنى يېزىپ تۈگەتكىچە ياشلىرى تارام- تارام تۈكۈلدى . خەتنى يېزىپ بولۇپ  كىتابنىڭ ئىچىگە قاتلاپ تىقىپ قويۇپ كىتابنى ئۈستەلگە قۇيۇپ قويدى . ئوي ئىچىگە ئاخىرقى قېتىم قارىۋەتكەندىن كېين درەۋازىنى تاقاپ ئاچقۇنى ھويلىغا ئېتىۋەتتى .

- قانداق تۇرۇۋاتىسەن ؟

بېشىغا  قارا ياغلىق، ئالدىغا پەشتام تارتىۋېلىپ ھەدەپ لېگەندىكى چۆچۈرىنى قازانغا سېلىۋاتقان ئالىيە ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولغان كېرەمگە قاراپ بىر دەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى . چىرايى بىر ئېچىلىپ،  كېيىن قاپقىنى تۈردى .

-    مانا مۇشۇنداق ،  ھەجەپ كەپ قاپسەنغۇ ؟

- كۆرۈشىۋالاي دەپ كەلدىم .

- شۇنداقمۇ ؟ ئەگەر مازاق قىلغىلى كەلگەن بولساڭ دەرھال  كۆززۈمدىن يۈت، - ئالىيە شۇنداق  دەپ قاپىقىنى تۈرۈپ  قازاندىكى چۆچۈرىنى كۈچ بىلەن ئېلىشتۇرۇشقا باشلىدى .

- ساڭا ئىككى ئېغىز گېپىم بار. دەۋىلىپلا كۆزۈڭدىن  يۈتىمەن،-   ئۇ  شۇدناق دېگەچ تەككەلۈپسىزلا خېرىدارلار  تاماق يەيدىغان يۇمىلاق  ئۇستەلنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا چۆكتى. ئالىيە ئۇنىڭ  قارشىسىدا ئۇنىڭغا يانچە بولۇپ ئولتاردى .

-مەن سەپەرگە چىققىلىۋاتىمەن .  ساڭا ئازا بەرگەن ، سېنى قاقشاتقان بولسام مېنى كەچۈرۋېتىىشڭنى ، رازى بولۇپ كېتىشىڭنى تىلەيمەن . بۇنى ئېلىپ قوي،- ئۇ قولىدىكى  كۆنۋېرتنى ئالىيەنى ئالدىغا  سۈرۈپ قويۇپ ئورنىدىن  تۇردى .

-توختا ،بىرەر چىنە  چۆچۈر ئىچىپ ماڭ .

  -ياق بولدى ئىچمەي .

-ئىچىپ قوي ، خۇتۇنىڭ ئەتكەنگە ئوخشىمايدۇ . ئۆيۈڭدە تاماق ئېتىپ بېرىشكە يارىمىساممۇ ، مۇشۇ يەردە  بولسىمۇ تېتىپ باق .

ئۇنىڭغا شۇ تاپتا چۆچىرىنىڭ ئوخشىغان ئوخشىمىغانلىقىى بەك مۇھىم ئەمەس ئىدى . ئەمما چۆچۈرىنى چايناۋاتقان شۇ مەزگىلدە تۇيۇقسىز ياشاپ قېلىش ئىستىگى لاپپىدە  ياندى.بۇ ئىستەك گەرچە شىىرىن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى قورقۇنۇچلۇق ئىدى. ھەم دەرھال ماڭمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى  چۈنكى ھەرقانداق  بىر ئاددىي سەۋەپ  ئۇنى ئىتتەك ياشاشقا تۇتۇپ قالالايتتى .

ئالىيە كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ ئۇنىڭ ئارقىدىن  قاراپ قالدى . ئۇ ئارقىغا قارىمىسىمۇ ئۇنىڭ ھېلىھەممۇ ئۇنىڭ شۇنداق قاراپ تۇرغانلىقىنى ھېزىپ تۇراتتى .ئۇ  تۇنجى قېتىم ئۇ ئالىيەنى رەت قىلغان ۋاقىتتىمۇ ئالىيەنىڭ  كۆزلىرىگە شۇنداق ياش ئالغانلىقىنى ئەسلىدى.  ئۇ شۇچاغدا قانچىلىك ئوماق ۋە سەبىي قىز ئىدى- ھە! مانا ئەمدى شۇنچىلىك بىچارە ، كېيىن يەنە قانچىلىك بىچارە بولار؟ ئۇ مۇشۇ ئۆمرىدە ئىزچىل قىزلارنىڭ مۇھەبىتىگە ئېرىشىپ كەپتۇ. ئەما ئۇلارغا ئىزىچل زىيانكەشلىك قىلىپتۇ. ئۇ شۇتۇرقىدا ئالىيە ،ئايالى  ،گۈلجامال ، ئانار مانا بۇلارنىڭ ھەمىسىگە ئۇ زىيانكەشلىك قىلدى . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىغا مۇھەببەت بەرگەن ئىدى .ئەمما ئۇ ئۇلارىدن پايدىلاندى ئەسلى ئۇنىڭ قەلبىدە ئەسلا مۇھەببەت يوق ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئى ئاللاھ بۇ نىجىز كېسەل بەلكىم سىزنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت قالمىغان كىشىلىرىڭگە بەرگەن جازايىڭمىدۇ ؟

تېخى قاراڭغۇ چۈشمەستىنلا ، كوچىلارنىڭ ، بىنالارنىڭ ھەممە يەرنىڭ چىراقلىرى بىر- بىرلەپ يېنىشقا باشلىدى . ئىگىز  بىنالار  بىلەن قورشالغان بۇ ھەيۋەت شەھەردە كىشىلەر كېچىسى ھەققىي يۇلتۇزنى كۆرەلمىگەچ ، يۇلتۇزلارنى ياسىشىپ ئوي – ئويلەرگە ، يول- يوللارغا ئورنىتىۋەتكەندەك بولۇشى مۇمكىن  . يولدا ئادەملەر ئۈزۈلمەيدۇ . ئۇ ياقتىن- بۇياققا ئالدىراش مېڭىپ يۈرگەن ئادەملەر ، ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلار.... ئىشقىلىپ جىمىيكى ھالەت بۇ شەھەرنىڭ كۈندۈزدىن بەك كېچىسى چىرايلىق بولۇپ كېتدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى . راست بۇ شەھەرنىڭ كۈندۇزدىن بەكراق كېچىسى قايناق، يېزىلاردا قىشلاقلاردا قۇياش بىلەن تەڭ باشلىنىدۇ. ئەمما بۇنداق چوڭ شەھەرلەردە ھاياتلىق كۇن ئۆچكەندىن كېيىن باشلىنىدۇ . بۇ دەل شەيتاننىڭ ئەڭ ياخشى ھەرىكەت قىلىدىغان مەزگىلى شۇڭا بۇنداق  ئاۋت شەھەردە شەيتان كوپ  بولىدۇ .

مانا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان 16-17ياشلاردىكى ئۇچ قىزمۇ شەيتاننىڭ ئىزىغا دەسسەپ سالدى .

- ھەي ، بىز ئۈچ جۇمۇڭ ،سىلەر قانچە؟   ئاغىنىلىرىم بەك  چىرايلىق جۇمۇڭ،  چېنىپ قالماڭلار  يەنە.

تېلفۇن تۇتقان دومبىلاق ئوماق قىز  پەرىشتىدەك چىرايلىق ئىككى دوستى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدىلا  تاكسى توسۇپ كېتىپ قالدى . ئۇ بۇ قىزلارنى  توسۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدى . شەيتان ئۇلارنى ماشىنىغا سېلىپ  ئۇچقاندەك ئۆز ئوڭكىرىگە ئېلىپ كەتتى . ئاۋۇ يىگىتچۇ ئۇمۇ تېلفۇندا كىمدۇر بىرسى بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتىدۇ . چىرايىدىكى مەننۇنلۇق ، گەپ سۆزلىرىدىكى شوخلۇقتىن قارىغاندا ئۇمۇ بىرەر ‹‹ئىش›› توغۇرلىغاندەك قىلىدۇ . ئۇنىڭ تۇرۇپلا يولدىن ئۆتكەن ئاشۇ ئادەملەرگەۋاقىرغۇسى،‹‹ ھەي ئادەملەر پەخەس بولۇڭلار دېگۈسى كەلدى، ئەمما دېيەلمىدى. ئۇ دېگەن بىلەنمۇ  ھېچكىم گېپىنى ئاڭلىمايتتى چۈنكى بۇ ئىگىز بىنالار بىلەن قورشالغان شەھەردىكى ئادەملەر يۈرۈگىگە ئەمەس ، بۆرىگىگە ئەگىشىپ قەدەم تاشلايتتى . ئۇلار خۇددى خوتتىن چىققان ماشىنىدەك گۈلدۈرلەپ كېتىۋاتاتتى .  

ئۇ ‹‹جەننەت بەزمىخانىسى ››ئالدىغا كېلىپ تۇرۇپ قالدى . مانا مۇشۇ ئۈچ قەۋەتلىك بىنا ، ئەڭ كونا ، ئەڭ قېرى ،ئەپ پەسكەش شايتانلارنىڭ  يىغىلغان جايى ئىدى. مانا ئۇ بۈگۈن بۇ يەرگە ئوت قويماقچى ،ئۆزىنى قوشۇپ كويدۈرمەكچى . بىر چاغلاردا موسا قارىم ئۇنىڭغا : ئۆلۈۋالغان ئادەم ، دوزاق ئوتىدا كۆيىدۇ دېگەندەك قىلغانىدى .ئۇ ئەمدى ئىككى دوزاقنىڭ ئكتىدا كۆيۇشكە تەييارلىنىپ بولغانىدى .

شۇ كۈنى كېچىسى كىشلەر جەننەت ئارامگاھىنىڭ لاۋۇلداپ كۆيۈۋتقانلىقىنى سەزدى . ئوت باشتا ئاجىز كۆيۈپ كېيىن بىردىنلد ئۇلغۇيۇپ كەتتى . بۇ ئوت خۇددى بۇ شەھەردىىكى بارلىق مەيەنتچىلىكلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىماقچى بولغاندەك لاۋۇلداپ كۆيەتتى . ئەمما بۇ ئوت تولىمۇ كېچىكىىپ قويۇلغان ئىدى .

  ئاپتورى: ئەمەتجان مۇھەممەت كۆنچى

تەھرىر: مەقسەت